بلوگ ھەققىدە: سىياسى نەزىرىيە، مەدەنىيەت تارىخ بىلىملىرىگە قىزىقامسىز؟ بۇ ھەقتە مول بىلىملەرگە ئىگە بۇلۇشنى ئارزۇ قىلامسىز؟ ئويۇلىغانلىرىڭىز، كۆڭۈل سۆزلىرىڭىز، تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بارمۇ؟ قېنى مەرھەمەت!

  • 2011-04-04

    پارتىيە رەھبەرلىكىنى تۈپ كاپالەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك - [نــەزەرىـيــە]

    مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى ۋۇ باڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ ئەڭ مۇھىم تەجرىبىسىنى خۇلاسىلىگەندە، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنى مۇھىم تەجرىبە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىغا بولغان رەھبەرلىك رولىنى قانۇن چىقىرىش نۇقتىسىدىن كۆرسەتتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشتا، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇشنى، ھەر قانداق چاغدا تەۋرىنىشكە بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى.

    ئېلىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا: جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ماددىي مەدەنىيلىك، سىياسىي مەدەنىيلىك ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىكنىڭ ماس تەرەققىي قىلىشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىدۇ، دېيىلدى. بۇنىڭ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدىكى رەھبەرلىك ئورنى دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنىدىن ئىبارەت ئالىي قانۇنىي شەكىل ئارقىلىق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇشى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ تۈپ كاپالىتى شۇنداقلا دېموكراتىك قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلەشنىڭ تۈپ كاپالىتى.

    جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ تۈپ تەدبىرى ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىشى، جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ۋە ئۇلۇغ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشى جەريانىدا تەدرىجىي شەكىللەنگەن بولۇپ، نەچچە ئەۋلاد كوممۇنىستلارنىڭ ئەجرى ۋە ئەقىل – پاراسىتى سىڭگەن.

    جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسى 230دىن ئارتۇق قانۇن، 690دىن ئارتۇق مەمۇرىي نىزام، 8600دىن ئارتۇق يەرلىك نىزامنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ قانۇن سىستېمىسىدا دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنغان، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇشى ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇلغان، پارتىيەنىڭ دۆلەتنى قانۇن ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى روشەن.

    جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىيىتى شۇنى چۈشەندۈردىكى، قانۇن چىقىرىشتا پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتا قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلدۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش شەرت.

    پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ ئوخشىمىغان تارىخىي دەۋردە ئوخشىمىغان تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بولىدۇ، بۇ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قانۇن چىقىرىش خىزمىتىدە گەۋدىلەندۈرۈپ، پارتىيەنىڭ فاڭجېنى بويىچە، قانۇن چىقىرىش يىرىك پىلانى ۋە قانۇن چىقىرىش پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ، پارتىيەنىڭ تەدبىرلىرىنى كەمكۈتىسىز ئىجرا قىلىش، پارتىيەنىڭ مەقسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. ئۇلارنى قانۇندا بېكىتىلگەن تەرتىپ بويىچە دۆلەتنىڭ ئىرادىسىگە ئايلاندۇرغاندىلا، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

    جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىيىتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، قانۇن چىقىرىشتا پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتا پارتىيە رەھبەرلىكى بىلەن پارتىيەنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار دائىرىسىدە پائالىيەت قىلىشىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، پارتىيەمىزنىڭ قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان سىياسىي خاراكتېرىنى نامايان قىلىش شەرت.

    پارتىيەنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكى ئاساسلىقى سىياسىي، ئىدىيەۋى، تەشكىلىي رەھبەرلىكتە گەۋدىلىنىدۇ. پارتىيە چوڭ سىياسەت – فاڭجېنلارنى تۈزۈش، قانۇن چىقىرىش تەكلىپى بېرىش، ئاساسلىق كادىرلارنى كۆرسىتىش، ئىدىيەۋى تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش، پارتىيە تەشكىلى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش ئارقىلىق، دۆلەت ۋە جەمئىيەتكە رەھبەرلىك قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ تەشەببۇسىنى قانۇندا بېكىتىلگەن تەرتىپ ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئىرادىسىگە يۈكسەلدۈرۈپ، پۈتۈن جەمئىيەت ئورتاق رىئايە قىلىدىغان ھەرىكەت ئۆلچىمى ۋە مىزانىغا ئايلاندۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پارتىيە نىزامنامىسىدە: ‹‹پارتىيە ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار دائىرىسىدە پائالىيەت قىلىشى شەرت››، دەپ ئېنىق بەلگىلەندى. بۇ، پارتىيەنىڭ بارلىق تەشكىلاتلىرى ۋە ئەزالىرىنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار دائىرىسىدىن ھالقىغان ئالاھىدە ھوقۇقى بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىيىتىنى مەھكەم چۆرىدەپ، 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلان تېزىسىدا بېكىتىلگەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشانىغا ئاساسەن ئىشلەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئومۇمىي خەلقنى ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ ياخشى بەھرىمەن قىلىشنى كۈچلۈك قانۇنچىلىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

    خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇشىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. جامائەتنىڭ تەرتىپلىك قاتنىشىش يولى ۋە شەكلى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى، دەلىللەش يىغىنى، سۆھبەت يىغىنى، تور قاتارلىقلار ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكىلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ پىكىر – تەكلىپلىرىنى كەڭ دائىرىدە ئېلىپ، قانۇننى ئىلمىي، دېموكراتىك چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈشتە خەلقنىڭ ياقلاش – ياقلىماسلىقى، رازى بولۇش – بولماسلىقىنى ئاساس قىلىپ، قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى تېخىمۇ پۇختىلاپ، قانۇن – قائىدىلەرنى كۈچلۈك ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىش كېرەك.

    جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنىڭ شەكىللەندۈرۈلۈشى دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان سوتسىيالسىتىك دۆلەت قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدى. ۋەزىيەتنىڭ يېڭى ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ، خەلقنىڭ يېڭى ئۈمىدىگە لايىقلىشىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى تۈپ كاپالەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسلىنىدىغان قانۇن بولۇش، قانۇن بولغان ئىكەن چوقۇم ئاساسلىنىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى جەزمەن سۈرۈشتۈرۈشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرساقلا، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشى ئىلمىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى كۈتۈۋالىدۇ.

    (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 15 – مارت تېلېگراممىسى)

     


    收藏到:Del.icio.us




بلوگىمىز سىياسى نەزەرىيە، مەدەنىيەت، تارىح، قانۇن ۋە دىنعا ئائىت مەزمۇنلار ئۅستىدە ئورتاقلىشىشنى ئاساسى نىشان قىلىدۇ. يازمىلارنىڭ مەنبەسى قانۇنلۇق.

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى| قايتا گۈزەللەشتۈرۈپ تارقاتقۇچى: | بىلىم بايلىق بلوگى