-
2011-03-26
ئىلمى تەرەققىيات قارىشىغا ئائىت بىلملەردىن سۇئال- جاۋابلار - [نــەزەرىـيــە]
1. ئىلمى تەرەققىيات قارىشىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەزمۇنى نېمە؟
جاۋاب: ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئۇمۇميۈزلۈك ماس، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققى قىلىشتىن ئىبارەت.
2. ئىلىمى تەرەققىيات قارىشىنىڭ بىرنچى مۇھىم ۋەزىپىسى، يادوروسى، ئاساسى تەلىۋى ۋە ئىلمي ماھيتى نېمە؟
جاۋاب: ئىلىمى تەرەققىيات قارشىنىڭ بىرنچى مۇھىم ۋەزىپىسى تەرەققىيات، يادوروسى ئادەمنى ئاساس قىلىش، ئاساسى تەلىۋى ئۇمۇميۈزلۈك، ماس، ئىمكانىيەتىلىك سىجىل تەرەققى قىلىش، ماھيتى ئىقتىساد ۋە جەمىيەتنىڭ ھەم ياخشى ھەم تېز تەرەققى قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش.
3. ئىلمى تەرەقىقىيات قارشىىدىن ئىبارەت بۇ ئىستىراتىگيلىك ئىددىيىنىڭ زور ئەھمىيتىنى قانداق توغرا تۇنۇش ۋە توغرا ئىگەللەش لازىم؟
جاۋاب: ئىلمى تەرەققىيات قارىشى- پارتىيىمىز دىڭ شىياۋپىڭ نەزەرىيسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش»مۇھىم ئىددىيسىدە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيانىڭ تەرەققىيات ۋەزىيتىنى توغرا ئىگللەپ، دۆلتىمىزنىڭ تەرەققىيات تەجىربىللىرىنى ئەستايدىل يەكۈنلەپ، دۆلتىمىز تەرەققىياتىنىڭ باسقۇچلۇق خاراكتىرلىك ئالاھىدىلىكىنى چۇڭقۇر ئانالىز قىلىش ئاساسىدا ئوتتورىغا قۇيۇلغان زور ئىستىراتىگىيلىك ئىددىيە، ئىقتسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئادەتتىكى قانۇنىيتىگە بولغان تۇنۇشنىڭ چۇڭقۇرلىشىشى شۇنداقلا ماركىسىزمنىڭ تەرەققىيات توغرىسىدىكى دۇنيا قارىشى ۋە مىتودولوگىيسىنىڭ گەۋدىلىك ئىپادىلنشىدۇر. ئىلمى تەرەققىيات قارىشى تەرەققىياتىنىڭ ماھيتى ۋە ئىچكى مەزمۇنىنى ئېچىپ بەردى. ئۇ بىزنىڭ تەرەققىياتىنى تۇنۇشمىزغا يىتەكچىلىك قىلىشىمىزدىكى تۈپ نوقتىنەزەردۇر. ئىلىمى تەرەققىيات قارىشى دۆلتىمىزنىڭ ئىقتسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ توغرا يولىنى كۆرستىپ بەردى. ئۇ بىزنىڭ تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشىمىزغا يىتەكچىلىك قىلىدىغان تۈپ ئۇسۇل، شۇنداقلا سوتسىيالىستىك ئىقتسادىي قۇرلۇش، سىياسى قۇرلۇش، مەدەنىيەت قۇرلۇشى ۋە ئىجتىمائىي قۇرلۇشىنىڭ ئۇمۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتا چۇقۇم ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇلىدىغان يىتەكچى فاڭجىندۇر.
4. تەرەققىيات قارىشى دېگەن نېمە؟
جاۋاب: دۇنيا قاراش ۋە مىتودولوگىيەنىڭ تەرەققىيات مەسىلىسىدە ئەكىس ئەتتۈرۈلىشى تەرەققىيات قارىشىدۇر. تەرەققىيات قارىشى- تەرەققىياتنىڭ ماھيتى، مەقسىدى، ئىچكى مەزمۇنى، تەلىۋى توغرىسىدىكى ئۇمۇمى قاراش ۋە تۈپ نوقتىنەزەر بۇلۇپ، ئۇ ئىقتسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئۇمۇمى ئىستىراتىگىيسى ۋە ئاساسى ئەندىزىسىنى بەلگۈلەيدۇ. ئىقتسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەمەلىيتىگە تۈپ ۋە ئۇمۇمى خاراكتىرلىك زور تەسىر كۆرستىدۇ.
5. ئىلمى تەرەققىيات قارىشىدا كۆزدە تۇتۇلىدىغان مۇھىم نوقتا قايسى؟
جاۋاب: ئىلمى تەرەققىيات قارىشى تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى مەزمۇنىنى بېيىتىپ، تەرەققىيات قارىشىدا يېڭىلىق يارتىپ، تەرەققىياتنىڭ تەپەككۇر يوللىرىنى كېڭەيتىپ، تەرەققىياتتىكى قىين مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى كۆزلەپ، تەرەققىياتنىڭ يولى، ئەندىزىسى، ئىستىراتىگىيسى، ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى، مەقسىدى ۋە تەلىۋى قاتارلىق جەھەتلەردە بىرقاتار يېڭى ئىددىيۋى قاراشلار ئوتتورىغا قۇيۇلۇپ، ماركىسىزمنىڭ سوتسىيالىزىم تەرەققىياتى توغرىسىدىكى نەزەرىيە سېستىمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈردى. ئۇ ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۆزلۈكسىز بېيتىلىدىغان، تەرەققى قىلىدۇرۇلىدىغان ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدىغان نەزەرىيدۇر.
6. ئىلمى تەرەققىيات قارىشىنىڭ چېتىشلىق دائىرىسى ۋە مول ئىچكى مەزمۇنى نېمە؟
جاۋاب: ئىلمى تەرەققىيات قارىشى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە ئىشلەپچقىرىش مۇناسىۋەتلىرى، ئىقتسادىي بازا ۋە ئۈستى قۇرۇلمىنىڭ ھەرقايسى ھالقىللىرىغا، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزىم ئۇلۇغۋار ئىشلىرى ۋە پارتىيە قۇرلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغۋار قۇرلۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە چېتىلىدۇ. ئۇنىڭدا پارتىينىڭ ئاساسى نەزەرىيسى، ئاساسى لۇشىيەنى، ئاساسى پىروگىراممىسى، ئاساسى تەجىرىبىللىرىدە چىڭ تۇرۇلۇپ ۋە بېيتىلىپ، كومپارتىينىڭ ھاكىميەت يۈرگۈزۈش قانۇنيتى، سوتسىيالىستىك قۇرلۇش قانۇنىيتى ۋە ئىنسانلارنىڭ جەمىيەت تەرەققىيات قانۇنىيتىگە بولغان تۇنۇش يەنىمۇ چۇڭقۇرلاشتۇرۇلدى. ئۇ پارتىيمىزنىڭ ھاكىميەت يۈرگۈزۈش قارىشىنىڭ بېيتىلىشى ۋە راۋاجى. شۇنداقلا ئۇمۇميۈزلۈك ھاللىق جەمىيەت بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرلۇشىنى تېزلىتىشنىڭ تۈپ قىبلىنامىسىدۇر.
7. «تەرەققىياتتا خەلققە تاينىش» نىڭ چوڭقۇر ئىچكى مەزمۇنى نېمە؟
جاۋاب: تەرەققىياتتا خەلققە تاينىش- خەلقنىڭ ئاساسى گەۋدىلىك ئورنى ۋە ئىجادچانلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئامما بىلەن قۇيۇق ئالاقە باغلاپ، ئاممىغا باشتىن- ئاخىر ئىشنىپ، ئاممىغا زىچ تاينىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئاكتىپچانلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى ئەڭ تۇلۇق قوزغۇتۇپ، پۈتكۈل جەمىيەتتىكى بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئەقىل- پاراستى ۋە كۈچ قۇۋۋىتىنى ئەڭ زور دەرجىدە مۇجەسسەملەپ، مىليونلىغان ئاممىنى ئەڭ كەڭ سەپەرۋەر قىلىپ ۋە تەشكىللەپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزىم ئۇلۇغ ئىشلىرىغا ئاتلنىشتىن ئىبارەت.
8. «تەرەققىيات نەتىجىللىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىمان قىلىش»تا چىڭ تۇرۇشنىڭ چۇڭقۇر ئىچكى مەزمۇنى نېمە؟
جاۋاب: تەرەققىيات نەتىجىللىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىمان قىلىشتا چىڭ تۇرۇش- تەرەققىيات خەلق ئۈچۈن، تەرەققىياتتا خەلققە تاينىشتا چىڭ تۇرۇشنىڭ كونكىرىت ئەكىس ئەتتۈرۈلۈشى ۋە ئەڭ ئاخىرقى مەقسىدىدۇر. تەرەققىيات نەتىجىللىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىمان قىلىشتا ئىسلاھات تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپتى ۋە ساغلاملىق سەۋىيسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتىرىش، خەلقنىڭ ئىددىيە- ئەخلاق ساپاسى ۋە پەن- مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتىرىشتە خەلقنىڭ ئىقتسادىي، سىياسى، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي قاتارلىق جەھەتلەردە بەھرىمان بۇلۇشقا تىگىشلىك ھۇقۇق- مەنپەئەتىنى تۇلۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئىقتسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىللىرىدىن ئۇمۇمى خەلققە نەپ يەتكۈزۈش كېرەك.
9. ئىلمى تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە قايسى بەشنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى تىرشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؟
جاۋاب: شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ تەرەققىياتى، رايونلار تەرەققىياتى، ئىقتسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق تەرەققى قىلىشى، دۆلەت ئىچى تەرەققىياتى بىلەن سىرتىقا ئېچىۋىتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ھەرقايسى جەھەتتىكى تەرەققىياتلارنى ئۆز- ئارا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەققىيات ھالقىللىرىنى ئۆز- ئارا ماسلاشتۇرۇش لازىم.
10. دۆلىتىمىزنىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىش يولى نىمە؟
جاۋاپ: دۆلىتىمىزنىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىش يولى دىگىنىمىز ئۇچۇلاشتۇرۇش ئارقىلىق سانائەتلىشىشكە تۈرۈتكە بولۇپ، سانائەتلىىشىش ئارقىلىق ئۇچۇرلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن-تېخنىكا مىقدارى يۇقىرى، ئىختىسادىي ئۈنۈمى ياخشى، بايلىق ئسراپچىلىقى تۆۋەن، موھىتنى بۇلغىشى ئاز، ئادەم كۈچى بايلىقى ئۈستۈنلىكى تولۇق جارى قىلدۇرۇلدىغان يېڭى تىپتىكى سانائەتلەشتۈرۈش يولىنى كۆرسىتىدۇ.
11. سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇشنىڭ ئۇمۇمى تەلىۋى نېمە؟
جاۋاب: ئىشلەپچىقىرىش تەرەققى قىلغان بۇلۇش، تۇرمۇش باياشات بۇلۇش، يېزا ئىستىلى مەدەني بۇلۇش، كەنىت قىياپىتى پاكىز- رەتلىك بۇلۇش، باشقۇرۇشى دىموكىراتتىك بۇلۇش.
12. «ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتۈش» نىڭ ئىچكى مەزمۇنى نېمە؟
جاۋاب: ئىشلەپچقىرىش تەرەققى قىلىغان، تۇرمۇش باياشات بولغان، ئىكلوگىيلىك مۇھىت ياخشى بولغان بۇلۇشتىن ئىبارەت.
13. باش شۇجى خۇجىنتاۋ ئوتتۇرغا قويغان ئىلمىي تەرەققىيات قارشى ۋە ئۇنىڭ مەزمۇنى نېمە ؟
جاۋاپ: ئىلمىي تەرەققىيات قارشى –دولىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا يىتەكچىلىك قىلىدىغان يېپ – يېڭى تەپەككۇر قارشىدۇر . ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: بىرىنچىدىن، ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىش؛ ئىككىنچىدىن ماس ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىش. ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىش دېگىنىمىز ئىقتسادىي ، ئىجتىمائىي ، سىياسىي ، مەدەنىيەت ۋە ئېكلوگىيە قاتارلىق ھەر قايسى تەرەپلەردىكى تەرەققىياتنى كۆزلەشنى كۆرسىتىدۇ؛ ماسلاشقان بولۇش دېگىنىمىز ھەر قايسى تەرەپلەردىكى تەرەققىياتنىڭ ئۆز – ئارا باغلانغان، ئۆز – ئارا ئىلگىرى سۈرۈدىغان ،بىر – بىرىگە ياخشى سۇپەتلىك تەسىر كۆرسىتىدىغان بۇلۇشنى كۆرسىتىدۇ؛ ئىمكانىيەتلىك سىجىل دېگىنىمىز ھەم نۆۋەتتىكى تەرەققىيات ئىھتىياجىنى ئويلاپ، ھازىرقى زامان كىشىللىرىنىڭ ئاساسى ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش، ھەم كەلگۈسى تەرەققىيات ئىھتىياجىنى ئويلاپ، كەلگۇسى ئەۋلاتلارنى كۆزلەشنى كۆرسىتىدۇ. ئۆز – ئارا ماسلاشقان بۇلۇش ئىقتسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى بىلەن سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئۆز – ئارا ماسلاشقان بۇلۇشنى كۆرسىتىدۇ .
14. ئىلمىي تەرەققىيات قارشىنى ئەمەلىيلەشتۇرۇشتە، ئاچقۇچلۇقى قايسى بەش ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كىرەك ؟
جاۋاپ : ئىلمىي تەرەققىيات قارشىنى تۇرغۈزۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۇرۇشتە ئاچقۇچلۇقى ئەمەلىيلەشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، بەش چوڭ ئۆزگىرىشنى تىرشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم .
بىرىنچىدىن ، تەرەققىيات قارشىنى يەنىمۇ ئۆزگەرتىش كىرەك . نۆۋەتتە ، بەزەن رايۇن ۋە تارماقلاردىكى رەھبىرى كادىرلارنىڭ كاللىسىدا ساقلىنىۋاتقان تەرققىيات قارشى بىلەن ئىلمىي تەرەققىيات قارشىنىڭ تەلىپى ئوتتۇرسىدا خېلى زور پەرىق بار. بەزىلەر يەنىلا « تەرەققىيات – چىڭ قائىدە» دىگەننى ئاددى ھالدا« ئېشىش قاتتىق قائىدە» دەپ چۈشنىۋىلىۋاتىدۇ، بەزىلەر يەنىلا «ئىقتسادىيي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىش»نى « سۇرئەتنى مەركەز قىلىش » دەپ قاراۋاتىدۇ، يەنە بەزىلەر بايلىق، مۇھىتنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە مەھسۇلات قىممىتىنى قۇغلىشۋاتىدۇ، ھەتتا كۆز بۇيامچىلىق قىلىپ، ھەم ھەشمەتلىك ھەم چەتئەلچە قىلشقا ئىنتىلىپ، « سىياسىي نەتتىجە قۇرۇلۇش»، « ئۇبراز قۇرۇلۇشى » قىلىشقا بىرىلىپ كىتىۋاتىدۇ. بەزى ئۇرۇنلار « بىر تۇتاش پىلانلاش » نامى بىلەن يېڭىدىن شەكىلۋازلىق قىلىۋاتىدۇ، مەسىلەن: بەزىلەر « شەھەر- يېزىلارنى بىر تۇتاش پىلانلاش » ۋە «شەھەر- يېزىلارنى بىر گەۋدىلەشتۇرۇش» نى دەستەك قىلىۋېلىپ، «خەلىئارادابىرىنچى بۇلۇش»، « بىرىنچىلىكتىن ھالقىپ ئۈتۈش» دىگەنلەرنى ئوتتتۇرغا چىقىرىپ ، ئىلمىي تەرەققىيات قارشىنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى بۇرمىلاۋاتىدۇ ۋە ئۇنىڭغا زىت ئىش قىلىۋاتىدۇ؛ بەزىلەر « ماركا چاپلاش »، ئۇقۇمنى كۈچۈرۇپ كىلىشكە بىرىلىپ كىتىپ ، شۇئارنى« بەشنى بىر تۇتاش پىلانلاش» نى كۇنكىرىتنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىۋاتىدۇ .
ئىككىنچىدىن، ئىقتىساتنىڭ ئېشىش شەكلىنى يەنىمۇ ئۆزگەرتىش كىرەك. ئىقتىساتنىڭ ئېشىش شەكلىنى تۈجۈبىلەشكەن تىپقا ئۆزگەرتىشنى زوركۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ ، يېڭى تىپتىكى سانائەتلىشىش يولىدا مېڭىش لازىم . بىرىنچىدىن ، سۈپەت ، ئۈنۈمنى يۇقۇرى كۈتۈرۇشنى مەركەز قىلىش كىرەك ؛ ئىككىنچىدىن ، بايلىقنى تىجەپ ، مۇھىتنى قوغداشنى نىشان قىلىپ ، ئىمكانىيەتلىك، سىجىل تەرەققىيات ئىستىراتېگيىسىنى يولغا قۇيۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ ، ئايلانما ئىگىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ ، پۈتكۈل جەمىئىيەتتە يېشىل ئىشلەپچىقىرىش شەكلى ۋە مەدەنىي ئىستىمالنى تەكىتلەپ، تۇۋەن سېلىنمىلىق، يۇقۇرى مەھسۇلاتلىق، بۇلغۇمىسى ئاز ، ئايلىنىشچان بۇلۇشقا پايدىلىق بولغان سىياسەت مۇھىتى ۋە تەرەققىيات مىخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، مۇناسىپ قانۇن- بەلگىلمىلەرنى مۇكەممەللەشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك تىجەشلىك جەمىئىيەت قۇرۇش كىرەك، ئۈچىنچىدىن ، پەن – تېخنىكا تەرەققىياتىنى تىرەك قىلىش كىرەك .
ئۈچىنچىدىن، ئىقتسادىي تۈزۈلمىنى يەنىمۇ ئۆزگەرتىش كىرەك. توۋەندىكى بىر قانچە تۈرلۈك ئىسلاھاتنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىش لازىم. بىرىنچىدىن ، مالىيە – باج ، پۇل – مۇئامىلە ۋە مەبلەغ سېلىش مىخانىزىمى قاتارلىق ئسلاھاتلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، كەسىپ قۇرۇلمىسى بىر خىل بولۇش ، ئاشۇرۇش شەكلى ناتۇرال بۇلۇش، تۇۋەن سەۋىيدە كىڭىەيتىش مەسىللىرىنى تۇزۈلمە جەھەتتىن ھەل قىلىش لازىم . ئىككىنچىدىن ، شەھەر بىلەن يېزىلار ئايرىلىپ تۇرۇشتەك تۇزۈلمە خاراكتىرلىك تۇسالغۇلارنى چىقىرىپ تاشلاپ ، دېھقانلارنىڭ يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا كەسىپلەرگە يوتكىلىشىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ ، ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنى شەھەر بىلەن يېزىلار ئارسىدا مۇۋاپىق تەقسىملەشكە يىتەكلەپ، شەھەر – بازارلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، شەھەر بىلەن يېزىنىڭ ئىككى مەنبەلىك قۇرۇلما مەسىلىسىنى تەدرىجىي ھەل قىلىش لازىم. ئۈچنچىدىن، ئىجتىمائيي ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىلىم پەن ، مائارىپ ، مەدەنىيەت ، سەھىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ ، ئىقتسادىيي ، ئىجتىمائىيي تەرەققىياتتىكى « بىر پۇتى ئۇزۈن، بىر پۇتى قىسقا بۇلۇش» مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش لازىم . توتىنچىدىن ، ئەمگەك ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىيي تەقسىمات تۇزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ ، ئىجتىمائىيي كاپالەت تۇزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۇرۇپ ، كىرىم پەرقى مەسلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن شارائىت يارتىش كىرەك .
تۆتىنچىدىن ، ھۆكۈمەتنىڭ فونكىسيىسىنى يەنىمۇ ئۆزگەرتىش لازىم. خىزمەت ئەمەلىي نەتتىجىسىنى سىناپ باھالاشنىڭ يېڭى كۆرسەتكۈچ سىستىمىسىنى ئورنۇتۇشنى چىڭ تۇتۇش كىرەك، پەقەت GDPنىڭ ئېشىشىنى تەكشۇرۇپلا قالماستىن ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە شەھەر- بازار ئائىللىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن ئۆزى تەقسىم قىلالايدىغان كىرىمى، دېھقانلارنىڭ كېشى بېشىغا توغرا كەلگەن ساپ كىرىمى، مۇھىت ئاسراش، ئېكۇلوگىيە قۇرۇلۇشى، ئىشقا ئۇرۇنلۇششنى كېڭەيتىش ۋە ئىجتىمائىيي كاپالەتنى مۇكەممەلەشتۇرۇش قاتارلىق باشقا كۆرسەتكۈچلەرنى تەكشۈرۈپ سىناپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنى توغرا بولغان سىياسىي نەتىجە قارشىنى تۇرغۈزۈشقا يىتەكلەش لازىم .
بەشىنچىدىن ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ خىزمەت ئىستىلىنى يەنىمۇ ياخشىلاش لازىم. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلار « راسىتچىل ، ئەمەلىيەتچىل بۇلۇش » روھىنى ھەقىقىي جارىي قىلدۇرۇپ ، سۇبىكتىۋىزىملىق ، شەكىلۋازلىق ۋە بىييۇگىراتلىقنى قەتئى يېڭىشى كىرەك . ئەمەلىيەت داۋامىدا يېڭى تەپەككۇر يولى شەكىللەندۇرۇشكە ، ئامما ئارىسىدىن يېڭى چارە تېپىشقا ئەھمىيەت بىرىپ ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەتىگە چېتىلىدىغان گەۋدىلىك مەسىللەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش كىرەك .
يۇقارقىدەك قىلغاندىلا، ئىلمىي تەرەققىيات قارشىنى ھەقىقىي دەل جايىغا ئەمەلىيلەشتۇرگىلى بۇلىدۇ، شۇنداق قىلغاندىلا دولىتىمىزنىڭ ئىقتسادىيي، ئىجتىمائىيي ئىشلىرىنىڭ ئومۇيۈزلۈك، ماس ، ئىمكانىيەتلىك، سىجىل تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشقا پايدىلىق بۇلىدۇ .
15. نېمە ئۈچۈن ئىلمىي تەرەققىيات قارشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزلاشتۇرۇشتىكى ئاچقۇچ توغرا بولغان سىياسىي نەتىجە قارشىنى تۇرغۇزۇش دەيمىز ؟
جاۋاپ: ئىلمىي تەرەققىيات قارشىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۇرۇش ۋە ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۇرۇش --- نۆۋەتتە ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ئالدىغا قۇيۇلغان بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە . ئىلمىي تەرەققىيات قارشىنى دەل جايىغا ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۇرۇشتە ، چوقۇم قاراشنى ئۆزگەرتىش ، ھەركەت مىخانىزىمى ۋە تۈزۈم كاپالىتى مەسىللىرىنى ياخشى ھەل قىلىش لازىم. ئىلمىي تەرەقىيات قارشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئاچقۇچلۇقى توغرا بولغان سىياسىي نەتىجە قارشىنى تۇرغۇزۇش كىرەك . سىياسىي نەتىجە قارشى بىلەن تەرەققىيات قارشى بىر – بىرىنى تولۇقلايدۇ، بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈىدۇ. رەھبىرى كادىرلارنىڭ سىياسىي نەتىجە قارىشى بىلەن تەرەققىيات قارىشى زىچ باغلىنىشلىق بولۇپ، قانداق سىياسىي نەتىجە قارشى بولسا، شۇنداق تەرەققىيات قارشى بۇلىدۇ ، ئەكسىچە بولغاندا ئۇنىڭ ئەكسىچە بۇلىدۇ. بىر مەزگىلدىن بۇيان ، بىر قىسىم كادىرلاردا « تەرەققىيات » مەسىلىسدە ئىنتايىن زور خاتالىق كۆرۈلدى، ئۇلار « تەرەققىيات چىڭ قائىدە » دىگەننى بىر تەرەپلىمە ھالدا «ئىقتىساتنىڭ ئېشىش نىسپىتىنى قاتتىق قائىدە » دەپ چۇشىنىۋېلىپ ، ئىقتسادىيي تەرەققىياتتا ئاددى ھالدا GDP ھەممىنى بەلگىلەيدۇ دەپ قارىدى . بۇ خىل بىر تەرەپلىمە بولغان تەرەققىيات قارشىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئىنتايىن كۆپ ئورۇنلاردا ئوخشاش بولمىغان دەرىجدە بىر تەرەپلىمە سىياسىي نەتىجە قارشى شەكىللىنىپ قالدى. كۆپلىگەن جايلاردا ، يۇقۇرى دەرىجىنىڭ تۇۋەن دەرىجىنى تەكشۈرۇپ سىناش كۆرسەتكۇچىدە ئاساسلىقى GDP نى ئاساس قىلدى، ھەتتا بۇ رەھبىرى كادىرلارنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىنىڭ بىردىن بىر ئۆلچىمى قىلىندى . بۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا ، ئىقتسادىيي سان – سىفىر ، ئىقتسادىيي كۆرسەتكۈچكە ئاساسەن قەھرىمانغا باھا بىرىشتەك بىر تەرەپلىمە سىياسىي نەتىجە قارشىنىڭ يىتەكلىشى ۋە قىزىقتۇرۇشى بىلەن بەزەن جايلار يەرلىكنىڭ ئەمەلىيتىنى چىقىش قىلماي ، بىر مەزگىللىك ئېشىش سۇرئىتىنى قوشلىشپ تۇرلەرنى قارىغۇلارچە يولغا قۇيۇپ ، كارخانا قۇرۇپ ، مەبلەغ كىرگۈزۈپ ، «ئوبراز قۇرۇلۇشى » ، « يۇرۇقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى »، « كەچلىك مەنزىرە قۇرۇلۇشى » نى ھەدەپ ئېلىپ بېرىپ ، يەرلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ئۇزۈن مەزگىللىك يۇك ۋە يۇشۇرۇن خەۋىپ پەيدا قىلىپ قويدى . بەزەن ئۇرۇنلار ئاممىنىڭ قارشىلىقىغا قارىماستىن يەرلەرنى كۆپلەپ سېتىپ ، تۈرلۈك ۋاستىلار ئارقىلىق ئاممىنىڭ مەنپەتىنى ئىگەللىۋېلىپ ، كۆپلىگەن ئىجتىمائىيي زىددىيەتلەرنى كەلتۇرۇپ چىقاردى . بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بۇلۇۇكى ، تەرەققىيات قارشىدا خاتالىق كۆرۇلسە ، سىياسىي نەتىجە قارشىدىمۇ خاتالىق كۆرۈلىدۇ ، سىياسىي نەتىجە قارشىدا خاتالىق كۆرۇلسە،تەرەققىيات قارشى ئىلمىي بۇلۇشتىن چەتنەپ كىتىدۇ . شۇڭا، ئىلمىي تەرەققىيات قارشىنى تۇرغۇزۇشتا ، چۇقۇم توغرا بولغان سىياسىي نەتىجە قارشىنى تۇرغۇزۇش كىرەك دەيمىز.
历史上的今天:
ھۇنلارنىڭ ئاھالىسى (نوپۇسى) توغرىسىدا 2011-03-26مەدەنىيەت كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا نەزەر 2011-03-26
收藏到:Del.icio.us