-
2011-03-26
مەدەنىيەت كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا نەزەر - [مــەدەنىيەت]
ئابدۇۋەلى مەخپۇللا
20- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا دۇنيادا مەدەنىيەت كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا زور ئىلگىرىلەش بولدى. مەسىلەن: دۇنيا مەدەنىيەت كەسىپ ساھەسىدىكى مۇھىم تۈر ساياھەت كەسپىنى تەھلىل قىلساق، ئۇ 20 – ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىنىڭ بېشىدا دۇنيا ئاپتوموبىل سانائىتى ۋە نېفىت سانائىتى بىلەن بىرلىكتە دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ غوللۇق كەسىپ بولۇپ شەكىللەندى. 1994 – يىلىغا كەلگەندە، ساياھەتچىلىكتىن يارىتىلغان قىممەت دۇنيادىكى كەسىپلەر ئىچىدە 1 – ئورۇنغا ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۇنيادىكى 500 چوڭ كۈچلۈك كارخانىنىڭ كۆپ قىسمى مەدەنىيەت كەسپىگە ئالاقىدار ئۇچۇر – ئالاقە، كۆڭۈل ئېچىش ساھەلىرىگە مەركەزلەشتى. ماكدونالد ۋە كېنتاكىي تائاملىرىنىڭ يەرشارىنىڭ ھەممە يېرىدە ئومۇملىشىشى، تەنتەربىيە كەسپىدىكى پايدىنىڭ ئاكسىيە كەسپىنىڭكىدىن ئېشىپ كېتىشى، ئامېرىكا كىنوچىلىقىنىڭ دۇنيا بازىرىنى ئىگىلىشى، كارخانىلارغا نىسبەتەن مەھسۇلاتتىن ماركىنىڭ مۇھىم بولۇشى، ئالاقە تورىنىڭ ئومۇملىشىشى قاتارلىقلار مەدەنىيەت كەسىپلىرىنىڭ مۇھىم دۇنياۋى ھادىسىگە ئايلىنىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى.
دۇنيا مەدەنىيەت كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن مەدەنىيەت كەسپى ساھەلىرىنىڭ كۆلەملىشىشىدە تېخىمۇ كونكرېت ئىپادىلەنمەكتە. ئامېرىكا دۇنيا ئىقتىسادىدا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەت بولۇش سۈپىتىدە 21 – ئەسىرگە كىرگەندىن بۇيان، ئۇنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ %40ىنى ۋە ئېكسپورتىنىڭ %70ىنى كەڭ دائىرىدىكى مەدەنىيەت كەسىپلىرى ياراتقان بولۇپ، پۈتكۈل دۆلەت ئىقتىسادىدا مەدەنىيەت كەسپى ئاساسلىق تەرەققىيات نىسبىتىنى ھاسىل قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئامېرىكىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى تەرەققىيات كۆلىمىدىكى چوڭ كارخانىلارنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىدىن مەدەنىيەت كەسپىنىڭ غايەت زور تەرەققىياتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىشقا بولىدۇ. ئامېرىكىدا دۆلەت ئىقتىسادىغا زور تەسىر يەتكۈزەلەيدىغان 400 چوڭ شىركەت بولۇپ، بۇلارنىڭ 72سى خاس مەدەنىيەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.
ياپونىيە دۇنيا بويىچە ئىقتىسادى كۈچى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، 20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىغا قەدەر زور دەرىجىدە سانائەتلىشىشنى ئاساسەن تاماملىغان. بولۇپمۇ ئاپتوموبىل سانائىتى ۋە ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى سانائىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ياپونىيە مەھسۇلاتلىرى دۇنياۋى شۆھرەت قازانغان. ئەمما، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى، ياپونىيەدە مەدەنىيەت كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولۇپ، مەدەنىيەت كەسپى ساھەلىرى ياراتقان ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 1993 – يىلىدىلا سانائەت كەسپىدىن ئېشىپ كەتكەن.
ئەنگلىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەردە ئومۇمىي خەلق ئىستېمالىنىڭ %30ىنى مەدەنىيەت كەسپى ئىگىلىگەن. گېرمانىيەدە 300 مىڭدىن ئارتۇق ئاپپارات مەخسۇس مائارىپ، جەمئىيەت پاراۋانلىقى، ساقلىقنى ساقلاش، سەنئەت ۋە دىن قاتارلىق مەدەنىيەت ساھەلىرىدىكى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. فىرانسىيەدە 1996 – يىلىدىن باشلاپ ئىشچىلارنىڭ ھەپتىلىك ئەمەلىي خىزمەت ۋاقتى 30 سائەتكە قىسقارغان. شىمالىي ياۋروپادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردە ھەپتىسىگە 35 سائەتلىك ياكى 37 سائەتلىك خىزمەت تۈزۈمى يولغا قويۇلغان. دېمەك، جەمئىيەت تۈزۈلمىسىدىكى ۋاقىت ئاساسىنىڭ شەكىللىنىشىدىن مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەرلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
كورېيەنى مىسال قىلساق، كورېيە 1998 – يىلى ئاسىيا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئېكسپورتنى ئاساس قىلغان سانائەت ئىشلەپچىقىرىشنىڭ خېيىم – خەتىرىنىڭ چوڭ بولىدىغانلىقىنى، خەلقئارا بازارغا يۆلىنىۋېلىشنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىغا پايدىسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، دۆلەت بويىچە مەدەنىيەت – سەنئەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇردى. بۈگۈنكى كۈندە مەدەنىيەت كەسپى كورېيە دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ تۈۋرۈكىگە ئايلاندى. كورېيە فىلىملىرىنىڭ ئاسىيا بازارلىرىدا قارشى ئېلىنىشىنى كورېيە مەدەنىيەت كەسىپلىرى تەرەققىيات سىياسىتىنىڭ مۇھىم نەتىجىسى، دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ.
收藏到:Del.icio.us