بلوگ ھەققىدە: سىياسى نەزىرىيە، مەدەنىيەت تارىخ بىلىملىرىگە قىزىقامسىز؟ بۇ ھەقتە مول بىلىملەرگە ئىگە بۇلۇشنى ئارزۇ قىلامسىز؟ ئويۇلىغانلىرىڭىز، كۆڭۈل سۆزلىرىڭىز، تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بارمۇ؟ قېنى مەرھەمەت!

  • 2011-03-03

    ئائىلە نەسەپنامىسىنىڭ رۇلى - [مــەدەنىيەت]

    1. ئائىلە نەسەپنامىسى تارىخنىڭ تۇلۇقلىغۇچىسى. شەخسى نەسەپنامە ئائىلە نەسەپنامىسىنى، ئائىلە نەسەپنامىسى بولسا يۇرت، مىللەت، مىللەت تارىخىنى شەكىللەندۈرۈدۇ. شۇڭا ئۇنىڭدىكى ئۇرۇق- قانداشلىق مۇناسىبىتىنى ھەقىقەتنى ئەمىلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا ئىلمى يۇرۇتۇپ بىرىش كىرەك.

    2. ئائىلە نەسەپنامىسى ئائىلە تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشنىڭ قۇرالى. بىر ئائىلە، قانداشلىقتىن كىلىپ چىققان بىلىملىك كىشىلەر، جامائەت ئەرباپلىرى ياكى مەشھۇر ھۈنەرۋەنلەر، جەڭچىلەر مەزكور ئائىلىنىڭ بالىلار تەربىيىسىنىڭ ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات داۋاملىشىدىغان ياخشى ئەنئەنىسى بۇلىشى كىرەك. بالىلىق چاغلاردا ئەجداتلىرى ھەققىدە ئېيتىپ بىرىلىدىغان بۇنداق چۆچەكلەر ئۇلارنىڭ يۇمران قەلبىگە ئورناپ، ئۇلارنىڭ ئەشۇ ئاجايىپ ئەجدادىغا ئوخشاش باتۇر، غايىلىك ۋە ئەلگە ياراملىق ئادەم بۇلۇش ئىستىكىنى قوزغايدۇ. ھەر بىر ئائىلىدە شەكىللەنگەن بۇ خىل ئەنئەنە تەربىيىسى ئارقىلىق جەمىيەتتە ياخشى ئەخلاقنى شەكىللەندۈرگەىلى ھەم ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسىنى كۈچەيتكىلى بۇلىدۇ. مەسىلەن: ئامىرىكىلىق مەشھۇر نىگىر يازغۇچى ئالكىس خارىنىڭ ئاق تەنلىكلەر ۋە نىگىرلار ئارىسىدا ئۆز يىلتىزىنى ئىزدەش دولقۇنى قوزغىغان مەشھۇر ئەسىرى «يىلتىز» پىكىرىمىزگە مىسال بۇلالايدۇ.

    3. ئائىلە نەسەپنامىسى ئائىلە تارىخىنى ئاساس قىلىپ، مەلۇم مەنىدىن جەمىيەتنىڭ ئىجتىمائى قىياپىتىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. ئائىلە نەسەپنامىسى ئارقىلىق بىر ئائىلىدە يېزىقچىلىق ۋە تارىخچىلىق ئەنئەنىسى شەكىللىنىدۇ. ئۇ ئەۋلاتلارنى ئاقارتىشنىڭ مۇقەددىمىسى. بىر ئائىلىنىڭ ئائىلە نەسەپنامىسى ئارقىلىق بىر جەمىيەتنىڭ ئىجتىمائى، سىياسى قىياپىتىنى بىلىۋالغىلى بۇلىدۇ. ئائىلە قانداشلىق ئىچىدىكى قابىلىيەتلىك كىشىلەرنىڭ بەزى ھىكايىلىرى بالىلارنى سۈيۈندۈرسە، بەزىلىرى كىيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشىغا ئىبرەت بۇلىدۇ. مەسىلەن: سادىر پەلۋان، نۇزۇگۇم، مەھمۇت قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاتارلىقلار بالىلاردا ئىنقىلاۋى غايە، ھەققانىيەت، ئەركىنلىك ۋە ئىلىم يۇلىدا ھارماي كۈرەش قىلىش ئىستىكىنى قوزغايدۇ.

    4. ئائىلە نەسەپنامىسى ئارقىلىق گۈزەل كىلىچەك ياراتقىلى بۇلىدۇ. ئائىلە نەسەپنامىسى بىر ئائىلىنىڭ تارىخى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئەۋلاتلاردا بىر مىللەتنىڭ، دۆلەتنىڭ تارىخىنى بىلىش ئىستىكىنى قوزغايدۇ. ئائىلە نەسەپنەمىسىنى بىلمىگەن بالا ياكى ئەۋلاد يىلتىزسىز  دەرەخكە، مەنبەسىز بۇلاققا ئوخشايدۇ. ئۇ قايەرلەردىندۇر باشلىنىپ، قايەرلەرگىدۇ سىڭىپ كىتىدىغان باشباشتاق ئۈلۈك سۇغا ئوخشاش، تارىخ سەھىپىلىرىدە ئىز قالدۇرمايدۇ. ئەجداتلىرى ئىچىدىكى قايسىدۇر بىر كىشىنىڭ ئوتلۇق ۋەسىيەتلىرى بالىلاردا ئىلىم ۋە ئىنقىلاۋى ئىشلار يۇلىدا كۈچلۈك ئىرادە تىكلەپ، ئۇلارنىڭ ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، گۈزەل ئىستىقبال يارىتىشتا مەنىۋى ئۇزۇق ھازىرلايدۇ.


    收藏到:Del.icio.us




بلوگىمىز سىياسى نەزەرىيە، مەدەنىيەت، تارىح، قانۇن ۋە دىنعا ئائىت مەزمۇنلار ئۅستىدە ئورتاقلىشىشنى ئاساسى نىشان قىلىدۇ. يازمىلارنىڭ مەنبەسى قانۇنلۇق.

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى| قايتا گۈزەللەشتۈرۈپ تارقاتقۇچى: | بىلىم بايلىق بلوگى