-
2011-03-03
ئائىلە نەسەپنامىسى توغرىسىدا - [مــەدەنىيەت]
تەبىئەتنىڭ تاغ-دەريالار تەزكىرىسى بولغىنىغا ئوخشاش، جەمىيەتنىڭ ئەڭ كىچىك ھۈجەيرىسى بولغارن ئائىلىنىڭ ئائىلە نەسەپنامىسى بۇلىدۇ. ئۇ بەزىدە ئائىلە تارىخى، شەجەرىسى ياكى ئائىلە تەزكىرىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئەر تەرەپنى مەركەز قىلىپ نىكاھتىن شەكىللەنگەن تارىختىكى قان-قېرىنداشلىق مۇناسىبىتىنى كۆرسىتىپ بەرگۈچى بايانى ياكى سىخېمىلىق تارىخى ماتىرىيال ئائىلە نەسەپنامىسى دەپ ئاتىلىدۇ.
ئېنگېلىس: «بىز تارىخقا قانچىلىك چۇڭقۇر ئىچكىرلەپ كىرسەك، كىلىپ چىقىشى بىر بولغان خەلىقلەر ئوتتىرسىدىكى پەرىقنىڭ شۇنچە كۆپ يۇقىلىپ بارىدىغانلىقىنى كۈرۈمىز» دىگەن بايانى ئارقىلىق، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ مەدىنىيەت ۋە قانداشلىقتىكى يىلتىزداشلىق شەجەرىسىنى ئۇمۇملاشتۇرۇپ كۆرسەتسە، مورگان "قەدىمقى جەمىيەت» ناملىق ئەسىرىدە ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۇران خەلىقلىرىنىڭ قەبىلە-ئۇرۇقداشلىق مۇناسىبەتلىرى، ئائىلە-نىكا شەكىللىرى ۋە تۇققانچىلىق نام-ئاتاقلىرىنى خۇددى شەجەرە سۈپىتىدە ئوبرازلاشتۇرۇپ تەتقىق قىلغان. ئەمما ئۇيغۇرلاردا ئائىلە نەسەپنامىسى يېزىش ئۇمۇملاشمىغان. پەقەت قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىدىلا ئائىلە نەسەپنامىسى يېزىش ئادىتى بولغان ۋە ئۇ «جۇرۇڭقاي» دەپ ئاتالغان. ھەمدە «يەتتە ئەجدادىنى بىلمىگەن تەلۋە – ئۇيدۇر» دىگەن ھىكمەت تارقالغان. قۇمۇلدا- ئائىلە قانداشلىقىنىڭ تارىخىنى يېزىپ قالدۇرۇش نەچچە يۈز يىلدىن بىرى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلگەن.
قازاق، قىرغىز خەلىقلىرىدە ئائىلە نەسەپنامىسىدىن ئىبارەت ئۆز يىلتىزىغا ئەھمىيەت بىرىش قىممەتلىك ئەنئەنە ھىساپلانغان. شۇڭا ئۇلاردا «يەتتە ئەجدادىنى بىلمىگەن قۇلدۇر» (قىرغىزلاردا)، «يەتتە ئاتىسىنى بىلمىگەنلىك يىتىملكنىڭ بەلگىسىدۇر» (قازاقلاردا)، «يەتتە ئاتىسىنى بىلگەن ئەر، يەتتە قەبىلىنىڭ غېمىنى يەر» (قازاقلاردا) دىگەن ھىكمەتلىك سۆزلەر مەشھۇردۇر. ئۇلار بالىللىرى يەتتە ياشقا تولغاندا يەتتە ئەجدادىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدىكى ھىكايىلەر ئارقىلىق، پەرزەنىتلىرىنى تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بەرگەن.
ئۇيغۇرلاردا كىيىنكى دەۋىرلەردە بۇ خىل ئەنئەنە سۇسلاشقان بولسىمۇ، لىكىن تەزكىرە ئەدەبىياتى تەرەققى قىلغان. مەسىلەن: يوللۇغ تېكىن يازغان «بىلگە قاغان مەڭگۇ تېشى»، 10-، 11- ئەسىرلەردە ياشىغان ئەبۇناسىر ئىبنى مۇھەممەد ئەسئالبىن يازغان «ئەسىرىمىز ئەھلىنىڭ پازىللىرى ھەققىدە يىگانە دۇردانىلەر»، نەۋائىنىڭ «مەجالىسۇن-نەفائىس»، مۇھەممەد سادىق قەشقىرىنىڭ 1769- يىلى يازغان «تەزكىرەئى ئەزىزان»، موللا ھاجىنىڭ 1829-، 1830- يىللىرى يازغان «تەزكىرەئى بۇغراخان» ۋە موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نىمەتۇللا نىڭ «تەۋارىخى مۇسقىيىن» ناملىق ئەسەرلىرى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەزكىرەچىلىكىنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرى بۇلۇپ، ئۇلاردا كىيىنكى دەۋىرلەرگە ئانچە تۇنۇشلۇق بولمىغان ، ئۆز دەۋرىنىڭ مەشھۇر ئەدىپ-سەنئەتكارلىرىنىڭ ھاياتى، نەسەبى، ئىجادى پائالىيىتى ھەققىدە كەڭ ئۇچۇرلار قالدۇرۇلغان. شۇنداقلا بۇلاردا ئۆز دەۋرىنىڭ ئىجتىمائى، سىياسى ھاياتى ھەققىدەكە خاتىرىلەر ساقلانغان. «بابۇرنامە» بولسا بۇ ھەقتىكى دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەر سانىلىدۇ.
收藏到:Del.icio.us