-
2011-03-02
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چېگرا باشقۇرۇش نىزامى (2) - [نـــىــــــزام]
3-باب چېگرا رايوننى باشقۇرۇش
15-ماددا چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايون، چېگرا بەلبېغى ۋە چېگرادىكى چەكلەنگەن رايوننى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى چېگرا مۇداپىئە باشقۇرۇش ئېھتىياجىغا قاراپ ئايرىيدۇ ۋە تەڭشەيدۇ، بەلگىلەرنى بىر تۇتاش تەييارلاپ ۋە ئورنىتىپ، جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىدۇ؛ بەلگىلەرنى ئاسراشقا ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى مەسئۇل بولىدۇ.
چېگرادىكى چەكلەنگەن رايوندا ئالاھىدە باشقۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىسىز، ھەر قانداق كىشىنىڭ كىرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
16-ماددا چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايونغا كىرىپ – چىقىدىغانلار قانۇن – نىزاملاردا بەلگىلەنگەن كۈچكە ئىگە گۇۋاھنامىسىنى كۆرسىتىشى ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارمىقىغا تەكشۈرتۈشى كېرەك.
17-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ كۈچكە ئىگە گۇۋاھنامىسى بولمىغانلارنى چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايونغا كىرىش – چىقىشقا تەشكىللىشىگە، ئاپىرىپ قويۇشىغا يول قويۇلمايدۇ؛ كۈچكە ئىگە گۇۋاھنامىسى بولمىغانلارنىڭ چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايونغا كىرىپ – چىقىشىغا قولايلىق شارائىت ھازىرلاپ بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ؛ كۈچكە ئىگە گۇۋاھنامىسى بولمىغانلارنى ئېلىپ قېلىشىغا، ئورۇنلاشتۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.
18-ماددا چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايون تەۋەسىدە بولمىغان جۇڭگو پۇقرالىرى ياكى چەت ئەللىكلەر، دۆلەت تەۋەلىكى يوقلار چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايوندا قونۇپ قالماقچى بولسا، قوندۇرۇپ قالغۇچى ئورۇن ياكى شەخس شۇ كىشىنىڭ ئىسىم – فامىلىسى، ئادرېسى، كېلىش سەۋەبى قاتارلىق ئەھۋاللارنى خاتىرىلىشى ھەمدە 24 سائەت ئىچىدە چېگرا مۇداپىئە ساقچىخانىسىغا تىزىملىتىشى كېرەك.
19-ماددا چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايوندا چارلاش، كان ئېچىش، دەرەخ كېسىش، كولاش، دورا ماتېرىيالى يىغىش، ئوۋ ئوۋلاش، تۇتۇش، پارتلىتىش مەشغۇلاتى قاتارلىق قانۇن بويىچە تەستىقلىتىلىدىغان مەشغۇلاتلارنى ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماق تەستىقلاشتا جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارمىقىدىن پىكىر ئېلىشى كېرەك.
ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن مەشغۇلاتنى قىلىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماقنىڭ تەستىق ھۆججىتىنى ئېلىپ، مەشغۇلات قىلىشتىن 15 كۈن بۇرۇن، جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارمىقىغا دوكلات قىلىشى ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارمىقىنىڭ باشقۇرۇشىغا بويسۇنۇشى كېرەك.
20-ماددا چەت ئەللىكلەر (جۈملىدىن دۆلەت تەۋەلىكى يوقلار)نىڭ چېگرادىن كىرىپ – چىقىش ئېھتىياجىنى ھېسابقا ئالمىغاندا چېگرا بەلبېغىغا كىرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
21-ماددا چېگرا بەلبېغىدا ئۆلچەش – سىزىش، فىلىمگە ئېلىش، ئىلمىي تەكشۈرۈش، بوز يەر ئۆرتەش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قىلىشتا، ئالدى بىلەن شۇ جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارمىقىغا دوكلات قىلىش ھەمدە بەلگىلەنگەن دائىرىدە پائالىيەت قىلىش كېرەك.
22-ماددا ۋەزىپە ئىجرا قىلمىغان ئەھۋالدا چېگرا بەلبېغىدا ئوق چىقىرىشقا بولمايدۇ.
23-ماددا چېگرا بەلبېغىدا چارۋا باققۇچىلار چارۋىسىغا ئوبدان قاراپ، چارۋىنىڭ چېگرادىن ئۆتۈپ كېتىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك. چارۋىسى قوشنا دۆلەت چېگراسى ئىچىگە كىرىپ كەتسە، شۇ جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارمىقىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى، جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارمىقى ماسلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشى، چارۋىسىغا ئەگىشىپ چېگرادىن ئۆتۈپ كەتمەسلىكى كېرەك؛ قوشنا دۆلەت قايتۇرۇپ بەرگەن چارۋىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارمىقى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، چارۋىچىلىق تارمىقىغا كارانتىن قىلدۇرغاندىن كېيىن، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.
قوشنا دۆلەت چارۋىلىرى دۆلىتىمىز چېگراسى ئىچىگە كىرىپ قالسا، دۆلەت چېگرا سىزىقى ئەتراپىدىكىلىرىنى شۇ جاينىڭ ئۆزىدىلا قوغلاپ چىقىرىش؛ دۆلەت چېگراسىدىن بەكرەك ئىچكىرىلەپ كىرىپ كەتكەنلىرىنى شۇ جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارمىقى ياكى چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېرەك، يوشۇرۇپ قويۇشقا، ئىشلىتىشكە، ئېلىپ – سېتىشقا ياكى سويۇۋېتىشكە يول قويۇلمايدۇ.
24-ماددا چېگرا بەلبېغىدا سودا رايونى ۋە ساياھەت رايونى (سەيلىگاھ) قۇرۇشتا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلىمە بويىچە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىغا تەستىقلىتىدۇ.
سودا رايونى ۋە ساياھەت رايونى (سەيلىگاھ)دا سودا، ساياھەت كەسپى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەت كەسپىدە دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىش ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارمىقىنىڭ باشقۇرۇشىغا بويسۇنۇش كېرەك.
25-ماددا چېگرا دەريا(كۆل)دىن لەيلىمىلەرنى سۈزۈۋالغاندا، چېگرا رايوندا ئۇچۇرمىلارنى ياكى باشقا گۇمانلىق نەرسىلەرنى تېپىۋالغاندا، ئۆز ئالدىغا بىر تەرەپ قىلماي، جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارمىقى ياكى باشقا ئالاقىدار تارماققا ۋاقتىدا تاپشۇرۇپ بېرىش كېرەك.
26-ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخس چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتكەنلەرنى ياكى گۇمانلىق كىشىلەرنى سەزگەندە جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارمىقى ياكى چېگرا مۇداپىئە قىسىمىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك.
4-باب: قانۇن جاۋابكارلىقى
27-ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، چېگرا مۇداپىئە جامائەت خەۋپسىزلىكى تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىنى رەت قىلغانلارغا چېگرا مۇداپىئە جامائەت خەۋپسىزلىكى تەكشۈرۈش پونكىتى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ تۈزەتمىگەنلەرگە 50 يۈەندىن يۇقىرى، 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. چېگرا مۇداپىئە جامائەت خەۋپسىزلىكى تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلارغا ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى›› بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
28-ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلارغا 500 يۈەندىن يۇقىرى، 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ:
(1) كۈچكە ئىگە گۇۋاھنامىسىنى ئالماي چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايونغا كىرگەنلەر؛
(2) كۈچكە ئىگە گۇۋاھنامىسى بولمىغانلارنىڭ چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايونغا كىرىپ – چىقىشىغا قولايلىق شارائىت يارىتىپ بەرگەنلەر؛
(3) كۈچكە ئىگە گۇۋاھنامىسى بولمىغانلارنى قالدۇرۇۋالغان، ئورۇنلاشتۇرغانلار؛
(4) تىزىملىتىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛
(5) چېگرا بەلبېغىدا چارۋا بېقىپ، چارۋىسى چېگرادىن ئۆتۈپ كەتكەنلەر؛
(6) چېگرا دەريادىن لەيمىلەرنى سۈزۈۋېلىپ، چېگرا رايوندا ئۇچۇرمىلارنى ياكى باشقا گۇمانلىق نەرسىلەرنى تېپىۋېلىپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلغانلار.
29-ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلارغا 500 يۈەندىن يۇقىرى، 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنسىز مال – مۈلكى ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ:
(1) چېگرادىكى چەكلەنگەن رايونغا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن كىرگەنلەر؛
(2) چارلاش، كان ئېچىش، دەرەخ كېسىش، كولاش، دورا ماتېرىيالى يىغىش، ئوۋ ئوۋلاش، تۇتۇش، پارتلىتىش مەشغۇلاتى قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە مەلۇم قىلمىغانلار؛
(3) چېگرا بەلبېغىدا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئوق چىقارغانلار؛
(4) چېگرا بەلبېغىدا بوز يەر ئۆرتەشنى بەلگىلىمە بويىچە مەلۇم قىلمىغان ياكى بېكىتكەن دائىرىدە قىلمىغانلار؛
(5) قوشنا دۆلەتتىن دۆلىتىمىز چېگراسى ئىچىگە كىرىپ قالغان چارۋىنى يوشۇرۇپ قويغان، ئىىشلەتكەن، ئېلىپ – ساتقان ياكى سويۇۋەتكەنلەر.
ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماق ئالدىنقى تارماقنىڭ (2) تارماقچىسىدىكى مەشغۇلاتنى تەستىقلاشتا، جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارمىقىدىن پىكىر ئالماي، چەتكە چېتىشلىق ۋەقە كەلتۈرۈپ چىقارسا، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.
30-ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، چېگرا تاختىسى، چېگرا قوزۇقى، شۇنىڭدەك باشقا چېگرا بەلگىسى، چېگرا ئەسلىھەلىرىنى بۇزۇۋەتكەن، يۆتكىۋەتكەن، چۇۋۇۋەتكەنلەرگە ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى›› بويىچە جازا بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
31-ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، چېگرا بەلبېغىدا ئۆلچەش، سىزىش، فىلىمگە ئېلىش، ئىلمىي تەكشۈرۈش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىشتا، جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارمىقىغا مەلۇم قىلمىغان ياكى بېكىتىلگەن دائىرىدە قىلمىغانلارغا 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
32-ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت چېگراسىنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىدىغان ياكى ئۆزگەرتىۋېتىش ئېھتىمالى بولغان، چېگرا دەريا يولىنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ياكى تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان ئىشلار ۋە قۇرۇلۇشلارنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قىلغانلار ياكى تەستىقلاتماي تۇرۇپ، چېگرا بەلبېغىدا ئىمارەت، قۇرۇلما سالغانلار ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇلىدۇ، قوشۇمچە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
33-ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلارغا 3000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنسىز پۇل – مېلى ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىشى بارلارغا ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى›› بويىچە جازا بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:
(1) قۇرۇقلۇق چېگراسى، چېگرا دەريا (كۆل)دا قانۇنسىز سودا قىلغان ياكى قانۇنغا خىلاپ باشقا ھەرىكەت قىلغانلار؛
(2) كۈچكە ئىگە گۇۋاھنامىسى بولمىغانلارنى چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايونغا بېرىشقا تەشكىللىگەن، ئاپىرىپ قويغانلار؛
(3) چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتكۈچىلەرنى يوشۇرۇپ قويغان، ئۇلارغا ماددىي ياردەم بەرگەنلەر؛
(4) دۆلەت چېگراسىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتكەنلەر.
34-ماددا چېگرا باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارماق مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:
(1) جازا بېرىشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار ياكى جەرىمانە قويۇش، مۇسادىرە قىلىشتا بەلگىلىمە بويىچە تالون بەرمىگەنلەر؛
(2) جەرىمانە، مۇسادىرە پۇلىنى خىيانەت قىلغان، ئىشلىتىۋالغانلار؛
(3) چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ قەستەن ئۆتكۈزۈۋەتكەنلەر؛
(4) قانۇنسىز سودىغا ئارىلاشقانلار؛
(5) خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە – كەلمەس پايدىلىنىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىشتەك باشقا قىلمىشلار.
35-ماددا 27 – ماددىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋالنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي جازا بېرىشنى ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارمىقى قارار قىلىدۇ؛ بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى، 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە جازاسى بېرىشنى جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە ساقچىخانىسى قارار قىلسا بولىدۇ.
ئالاقىدارلاردىن مەمۇرىي جازا قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ.
36-ماددا مۇشۇ نىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، جازا كېلىدىغان باشقا قىلمىش سادىر قىلغانلارغا ئالاقىدار قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن – نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)
收藏到:Del.icio.us