بلوگ ھەققىدە: سىياسى نەزىرىيە، مەدەنىيەت تارىخ بىلىملىرىگە قىزىقامسىز؟ بۇ ھەقتە مول بىلىملەرگە ئىگە بۇلۇشنى ئارزۇ قىلامسىز؟ ئويۇلىغانلىرىڭىز، كۆڭۈل سۆزلىرىڭىز، تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بارمۇ؟ قېنى مەرھەمەت!

  • 2011-03-02

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چېگرا باشقۇرۇش نىزامى (1) - [نـــىــــــزام]

     (2005- يىل 11- ئاينىڭ 25– كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10– نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 20– يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2010– يىل 6– ئاينىڭ 3– كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11– نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 18– يىغىنىنىڭ ‹‹ <شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چېگرا باشقۇرۇش نىزامى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى››غا ئاساسەن تۈزىتىلدى)

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چېگرا باشقۇرۇش نىزامى›› غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى ( 2010– يىل 6–ئاينىڭ 3– كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق11– نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18–يىغىنىدا ماقۇللاندى)

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11– نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18– يىغىنى ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چېگرا باشقۇرۇش نىزامى›› غا تۆۋەندىكىچە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى:

    1. 3- ماددا ئۈچ تارماق قىلىندى، 1– تارمىقى: ‹‹بۇ نىزامدا ئېيتىلغان چېگرا باشقۇرۇش دۆلەتچېگراسىنى باشقۇرۇش ۋە چېگرا رايوننى باشقۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ››؛ 2– تارمىقى: ‹‹دۆلەت چېگراسىنى باشقۇرۇش دۆلەت چېگرا لىنىيەسى ۋە ئۇنىڭ بەلگىسىنى باشقۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ چېگرا رايوننى باشقۇرۇش چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايون، چېگرا بەلبېغى ۋە چېگرادىكى چەكلەنگەن رايوننى باشقۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ››؛ 3 – تارمىقى ‹‹چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايون ئادەتتە دۆلەت چېگراسى ياقىسىدىكى يېزا – بازارلارنىڭ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تۇەن – مەيدانلىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى رايوننى كۆرسىتىدۇ؛ چېگرا بەلبېغى دۆلەت چېگرا سىزىقىدىن 2000 مېتىرغىچە بولغان رايوننى كۆرسىتىدۇ، لېكىن دۆلەت چېگرا سىزىقىغا ئەڭ يېقىن ئارىلىق 20 مېتىردىن كەم بولسا بولمايدۇ؛ چېگرادىكى چەكلەنگەن رايون چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايوننىڭ مەلۇم يېرىدە بېكىتىلگەن ئالاھىدە كونترول رايوننى كۆرسىتىدۇ».

    2. 10- ماددىغا بىر تارماق قوشۇلۇپ، 2– تارمىقى قىلىندى: ‹‹ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ، چېگرا بەلبېغىدا ئىمارەت، قۇرۇلما سېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ››.

    3. 15- ماددىنىڭ 1– تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايون، چېگرا بەلبېغى ۋە چېگرادىكى چەكلەنگەن رايوننى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى چېگرا مۇداپىئە باشقۇرۇش ئېھتىياجىغا قاراپ ئايرىيدۇ ۋە تەڭشەيدۇ، بەلگىلەرنى بىر تۇتاش تەييارلاپ ۋە ئورنىتىپ، جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىدۇ؛ بەلگىلەرنى ئاسراشقا ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى مەسئۇل بولىدۇ».

    4. 16- ماددىسى مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايونغا كىرىپ – چىقىدىغانلار قانۇن – نىزاملاردا بەلگىلەنگەن كۈچكە ئىگە گۇۋاھنامىسىنى كۆرسىتىشى ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارمىقىغا تەكشۈرتۈشى كېرەك».

    5. 17- ماددىسى مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ كۈچكە ئىگە گۇۋاھنامىسى بولمىغانلارنى چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايونغا كىرىش – چىقىشقا تەشكىللىشىگە، ئاپىرىپ قويۇشىغا يول قويۇلمايدۇ؛ كۈچكە ئىگە گۇۋاھنامىسى بولمىغانلارنىڭ چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايونغا كىرىپ – چىقىشىغا قولايلىق شارائىت ھازىرلاپ بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ؛ كۈچكە ئىگە گۇۋاھنامىسى بولمىغانلارنى ئېلىپ قېلىشىغا، ئورۇنلاشتۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ».

    6. 18- ماددىسى مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايون تەۋەسىدە بولمىغان جۇڭگو پۇقرالىرى ياكى چەت ئەللىكلەر، دۆلەت تەۋەلىكى يوقلار چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايوندا قونۇپ قالماقچى بولسا، قوندۇرۇپ قالغۇچى ئورۇن ياكى شەخس شۇ كىشىنىڭ ئىسىم – فامىلىسى، ئادرېسى، كېلىش سەۋەبى قاتارلىق ئەھۋاللارنى خاتىرىلىشى ھەمدە 24 سائەت ئىچىدە چېگرا مۇداپىئە ساقچىخانىسىغا تىزىملىتىشى كېرەك».

    7. 23- ماددىنىڭ 1 – تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹چېگرا بەلبېغىدا چارۋا باققۇچىلار چارۋىسىغا ئوبدان قاراپ، چارۋىنىڭ چېگرادىن ئۆتۈپ كېتىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك. چارۋىسى قوشنا دۆلەت چېگراسى ئىچىگە كىرىپ كەتسە، شۇ جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارمىقىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى، جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارمىقى ماسلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشى، چارۋىسىغا ئەگىشىپ چېگرادىن ئۆتۈپ كەتمەسلىكى كېرەك؛ قوشنا دۆلەت قايتۇرۇپ بەرگەن چارۋىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارمىقى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، چارۋىچىلىق تارمىقىغا كارانتىن قىلدۇرغاندىن كېيىن، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك».

    8. 24- ماددىنىڭ 2 – تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹سودا رايونى ۋە ساياھەت رايونى (سەيلىگاھ) دا سودا، ساياھەت كەسپى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەت كەسپىدە دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىش ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارمىقىنىڭ باشقۇرۇشىغا بويسۇنۇش كېرەك».

    9. بىر ماددا قوشۇلۇپ، 27 – ماددا قىلىندى: ‹‹بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، چېگرا مۇداپىئە جامائەت خەۋپسىزلىكى تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىنى رەت قىلغانلارغا، چېگرا مۇداپىئە جامائەت خەۋپسىزلىكى تەكشۈرۈش پونكىتى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ تۈزەتمىگەنلەرگە 50 يۈەندىن يۇقىرى، 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. چېگرا مۇداپىئە جامائەت خەۋپسىزلىكى تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلارغا <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى> بويىچە جازا بېرىلىدۇ».

    10. 27- ماددا 28– ماددا قىلىنىپ مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلارغا 500 يۈەندىن يۇقىرى، 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ:

    (1) تارماقچىسى مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹كۈچكە ئىگە گۇۋاھنامىسىنى ئالماي چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايونغا كىرگەنلەر››؛

    (2) تارماقچىسى مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹كۈچكە ئىگە گۇۋاھنامىسى بولمىغانلارنىڭ چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايونغا كىرىپ – چىقىشىغا قولايلىق شارائىت يارىتىپ بەرگەنلەر››؛

    (4) تارماقچىسى

    (3) تارماقچىسى قىلىنىپ مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹كۈچكە ئىگە گۇۋاھنامىسى بولمىغانلارنى ئېلىپ قالغان، ئورۇنلاشتۇرغانلار››؛

    بىر تارماقچە قوشۇلۇپ (4) تارماقچىسى قىلىندى: ‹‹تىزىملىتىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار››؛

    (3) تارماقچىسى تۈزىتىلىپ (5) تارماقچىسى قىلىندى: ‹‹چېگرا بەلبېغىدا چارۋا بېقىپ، چارۋىسى چېگرادىن ئۆتۈپ كەتكەنلەر››؛

    (5) تارماقچىسى (6) تارماقچىسى قىلىندى.

    11. 28- ماددا 29 – ماددا قىلىنىپ، 1 – تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلارغا 500 يۈەندىن يۇقىرى، 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنسىز مال – مۈلكى ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ››. بىر تارماقچە قوشۇلۇپ، (2) تارماقچىسى قىلىندى: ‹‹چارلاش، كان ئېچىش، دەرەخ كېسىش، كولاش، دورا ماتېرىيالى يىغىش، ئوۋ ئوۋلاش، تۇتۇش، پارتلىتىش مەشغۇلاتى قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە مەلۇم قىلمىغانلار››؛ بىر تارماق قوشۇلۇپ، 2 – تارمىقى قىلىندى: ‹‹ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماق ئالدىنقى تارماقنىڭ (2) تارماقچىسىدىكى مەشغۇلاتنى تەستىقلاشتا، جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارمىقىدىن پىكىر ئالماي، چەتكە چېتىشلىق ۋەقە كەلتۈرۈپ چىقارسا، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ».

    12. 29- ماددا 30 – ماددا قىلىنىپ مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، چېگرا تاختىسى، چېگرا قوزۇقى شۇنىڭدەك باشقا چېگرا بەلگىسى، چېگرا ئەسلىھەلىرىنى بۇزۇۋەتكەن، يۆتكىۋەتكەن، چۇۋۇۋەتكەنلەرگە <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى> بويىچە جازا بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ».

    13. 32- ماددا مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت چېگراسىنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىدىغان ياكى ئۆزگەرتىۋېتىش ئېھتىمالى بولغان، چېگرا دەريا يولىنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ياكى تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان ئىشلار ۋە قۇرۇلۇشلارنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قىلغانلار ياكى تەستىقلاتماي تۇرۇپ چېگرا بەلبېغىدا ئىمارەت، قۇرۇلما سالغانلار ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇلىدۇ، قوشۇمچە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ».

    14. 31- ماددا 33 – ماددا قىلىنىپ، 1 – تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلارغا 3000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنسىز پۇل – مېلى ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىشى بارلارغا <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى> بويىچە جازا بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ».

    «دۆلەت چېگراسىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتكەنلەر›› دېگەن (4) تارماقچىسى قوشۇلدى.

    15. 34- ماددا 35 – ماددا قىلىنىپ، 1 – تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹27 – ماددىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋالنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي جازا بېرىشنى ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارمىقى قارار قىلىدۇ؛ بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى، 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە جازاسى بېرىشنى جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە ساقچىخانىسى قارار قىلسا بولىدۇ».

    16. ئالاقىدار ماددىلاردىكى ‹‹جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە ئاپپاراتى›› دېگەن سۆز ‹‹جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارمىقى››، دەپ ئۆزگەرتىلدى.

    بۇ قارار ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

    «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چېگرا باشقۇرۇش نىزامى›› مۇشۇ قارارغا ئاساسەن تۈزىتىلگەندىن كېيىن قايتا ئېلان قىلىنىدۇ.

    1- باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

    1- ماددا بۇ نىزام چېگرا باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش، چېگرا رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاش، چېگرا رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن – نىزاملىرىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

    2- ماددا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى چېگرا رايوندا ئولتۇراقلاشقان، يۈرىدىغان، ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى ياكى باشقا پائالىيەت قىلىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر مۇشۇ نىزامغا رىئايە قىلىشى كېرەك.

    3- ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان چېگرا باشقۇرۇش دۆلەت چېگراسىنى باشقۇرۇش ۋە چېگرا رايوننى باشقۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.

    دۆلەت چېگراسىنى باشقۇرۇش دۆلەت چېگرا لىنىيەسى ۋە ئۇنىڭ بەلگىسىنى باشقۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ چېگرا رايوننى باشقۇرۇش چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايون، چېگرا بەلبېغى ۋە چېگرادىكى چەكلەنگەن رايوننى باشقۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايون ئادەتتە دۆلەت چېگراسى ياقىسىدىكى يېزا – بازارلارنىڭ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تۇەن – مەيدانلىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى رايوننى كۆرسىتىدۇ؛ چېگرا بەلبېغى دۆلەت چېگرا سىزىقىدىن 2000 مېتىرغىچە بولغان رايوننى كۆرسىتىدۇ، لېكىن دۆلەت چېگرا سىزىقىغا ئەڭ يېقىن ئارىلىق 20 مېتىردىن كەم بولسا بولمايدۇ؛ چېگرادىكى چەكلەنگەن رايون چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايوننىڭ مەلۇم يېرىدە بېكىتىلگەن ئالاھىدە كونترول رايوننى كۆرسىتىدۇ.

    4- ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارمىقى چېگرا باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى ۋە تاشقى ئىشلار تارمىقى چېگرا باشقۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى مەسئۇلىيىتى بويىچە ياخشى ئىشلەيدۇ.

    5- ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە چېگرا بار جايدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى چېگرا باشقۇرۇش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئۇنى جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشى، بىرلەشمە مۇداپىئە تەشكىلاتىنى قۇرۇشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، چېگرا ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سېلىنمىسىنى تەدرىجىي كۆپەيتىشى ھەمدە چېگرا قوغدىغۇچىلارنىڭ ياردەم پۇلى قاتارلىق چېگرا باشقۇرۇش خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

    6- ماددا ھەممە ئورۇن ۋە شەخسنىڭ دۆلەت چېگراسىنى قوغداش، دۆلەت چېگرا بەلگىلىرى ۋە چېگرا مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى ئاسراش، چېگرا رايوننىڭ ئىجتىمائىي تەرتىپى ۋە خەۋپسىزلىكىنى ساقلاش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ.

    7- ماددا چېگرا رايوندىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى چېگرا باشقۇرۇش خىزمىتىدە نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلەيدۇ ۋە مۇكاپاتلايدۇ.

    2- باب دۆلەت چېگراسىنى باشقۇرۇش

    8-  ماددا ھەر قانداق كىشىنىڭ دۆلەت چېگراسىدىن قانۇنسىز كىرىپ – چىقىشى، قۇرۇقلۇق چېگراسى، چېگرا دەريا (كۆل) لاردا قانۇنسىز سودا قىلىشى ياكى قانۇنغا خىلاپ باشقا ھەرىكەتلەرنى قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

    9- ماددا چېگرا تاختىسى، قوزۇقى ياكى دۆلەت چېگراسىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان باشقا مەڭگۈلۈك بەلگىلەرنى ئورنىتىش، ئاسراش ياكى قايتا ياساش دۆلىتىمىزنىڭ قوشنا دۆلەت بىلەن تۈزۈشكەن چېگرا شەرتنامىسى، كېلىشىمى ياكى پۈتۈمى بويىچە بولىدۇ.

    ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسىنىڭ چېگرا مۇداپىئە ئەسلىھەسى ۋە دۆلەت چېگرا بەلگىسىنى بۇزۇۋېتىشىگە، يۆتكىۋېتىشىگە ۋە چۇۋۇۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

    10- ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ دۆلەت چېگرا يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىدىغان ياكى ئۆزگەرتىش ئېھتىمالى بولغان، چېگرا دەريا يولىنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ياكى تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان ھەرىكەت ۋە قۇرۇلۇش قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ؛ شۇنداق قىلىش زۆرۈر بولۇپ قالسا، دۆلىتىمىزنىڭ قوشنا دۆلەت بىلەن تۈزۈشكەن كېلىشىمىگە ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىش كېرەك.

    ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ، چېگرا بەلبېغىدا ئىمارەت، قۇرۇلما سېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

    11-ماددا دۆلەت چېگراسىدىن كىرىپ چىقىدىغانلار ۋە ئۇلارنىڭ يۈك – تاقلىرى، قاتناش قوراللىرى ھەم توشۇغان يۈكلىرى دۆلەت بېكىتكەن پورتتىن ياكى قوشنا دۆلەت بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بېكىتكەن ۋاقىتلىق چېگرا ئۆتىڭىدىن ئۆتۈشى ھەمدە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە چېگرادا تەكشۈرتۈشى، كارانتىن – پىرىيوم قىلغۇزۇشى كېرەك.

    12-ماددا چېگرا مۇداپىئە سۆھبىتىگە، ئۇچرىشىشقا قاتنىشىدىغان خادىملار ۋە ھۆكۈمەت ئىشىنى قىلغۇچى باشقا خادىملارنىڭ ھەمدە ئۇلارنىڭ قاتناش قوراللىرىنىڭ دۆلەت چېگراسىدىن ۋاقىتلىق كىرىپ – چىقىشى دۆلىتىمىزنىڭ قوشنا دۆلەت بىلەن تۈزۈشكەن كېلىشىمى بويىچە بولىدۇ.

    13-ماددا چېگرا رايون ئاھالىسىدىن قوشنا دۆلەت چېگرا رايونىغا بېرىپ تۇغقان يوقلايدىغان، ساياھەت قىلىدىغان ۋە سودا قىلىدىغانلىرى دۆلىتىمىزنىڭ قوشنا دۆلەت بىلەن تۈزۈشكەن كېلىشىمى ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە رەسمىيەت ئۆتۈشى كېرەك.

    14-ماددا دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تەستىقى بىلەن ئېچىۋېتىلگەن چېگرا پورتىدا مەلۇم دائىرىنى بېكىتىلگەن پورت رايونى قىلىپ ئايرىشقا بولىدۇ. بېكىتىلگەن پورت رايونى چېگرا ئۆتكىلى، پورت بىرلەشمە تەكشۈرۈش مەيدانى، ئاپتوموبىل تەكشۈرۈش – نازارەت قىلىش مەيدانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چېگرا ئۆتكىلى پورت بىرلەشمە تەكشۈرۈش مەيدانىدىن دۆلەت چېگرا سىزىقىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى رايوننى كۆرسىتىدۇ.

    بېكىتىلگەن پورت رايونىنى ئايرىش ۋە باشقۇرۇش لايىھەسىنى پورت بار جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارمىقى پورت باشقۇرغۇچى تارماق بىلەن بىرلىكتە ئوتتۇرىغا قويۇپ، پورت بار جايدىكى ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىگە تەستىقلىتىپ يولغا قويىدۇ.


    收藏到:Del.icio.us




بلوگىمىز سىياسى نەزەرىيە، مەدەنىيەت، تارىح، قانۇن ۋە دىنعا ئائىت مەزمۇنلار ئۅستىدە ئورتاقلىشىشنى ئاساسى نىشان قىلىدۇ. يازمىلارنىڭ مەنبەسى قانۇنلۇق.

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى| قايتا گۈزەللەشتۈرۈپ تارقاتقۇچى: | بىلىم بايلىق بلوگى