-
2011-02-28
پىتنە-پاساتنىڭ تۆت باسقۇچى - [تــــەرمـىـلەر]
بىرىنچى: سىياسى جەھەتتە ئەدەپلەش باسقۇچى. كەسپى جەھەتتىكى مۇنەۋۋەرلەردىن چۇقۇم سىياسى جەھەتتىن كاۋاك ئىزدەش.
ئىككىنچى: ئىقتىسادى جەھەتتىن ئەدەپلەش. سىياسى جەھەتتىن ئەدەپلىيەلمىسە، ئىقتىسادى جەھەتتىن يۇچۇق تېپىش.
ئۈچۈنچى: تۇرمۇش ئىستىلى جەھەتتىن ئەدەپلەش. سىياسى جەھەتتە، ئىقتىسادى جەھەتتە بىرەر كىشىنى ئەدەپلىيەلمىسە، تۇرمۇش ئىستىلى – ئىغۋا تۇقۇيدىغانلارنىڭ ئۇمۇميۈزلىك قوللۇنىدىغان ئەڭگۈشتەرى بۇلۇپ قالىدۇ.
تۆتىنچى: مەغرۇرلاندى دەپ ئەدەپلەش. ئەگەر يۇقىرىدىكى ئۈچ باسقۇچ ئۈنۈم بەرمىسە، ھەممە ئادەمگە كىيدۈرگىلى بۇلىدىغان بۇ قالپاق كۈتۈرۈلۈپ چىقىلىدۇ. چۇنكى ئۇنىڭ ئىچكى مەزمۇنى تاشقى دائىرىسى جەھەتتە ئەزەلدىن مۇقىم چەك بۇلۇپ باقمىغان. ماس كىلىدىغان دائىرىسى كەڭ، چوڭلىرىمۇ، كىچىكلىرىمۇ بار. قېرىغىمۇ، ياشقىمۇ ئوخشاشلا كىيدۈرۈشكە بۇلىدۇ.
جاھالەتلىك، مۇدھىش يىللاردا ئىغۋا تۇقۇپ، پىتنە-پاسات تارقىتىش ئادەتتىكى ئىش ئىكەندۇق. لىكىن ھازىرقىدەك جەمىيەت گۈللىنىۋاتقان، تەرەققى قىلىۋاتقان ئاسايىشلىق دەۋىردىمۇ پىتنە-پاسات نىمە دىگەن كۆپ، كىشىلەر نىمە ئۈچۈن ئاق-قارىنى پەرىق ئەتمەيلا پىتنە-پاساتقا ئىشىنىدۇ؟ بۇنى تۈپ يىلتىزىدىن تۈگەتكىلى بولماسمۇ؟ مۇشۇ پىتنە-پاساتنىڭ دەستىدىن نۇرغۇن كىشىللىرىمىز ئۆي-ئۇچاقسىز، تىجارەتسىز، خىزمەتسىز، مەنسەپسىز، مەنپەتسىز قېلىۋاتىدۇ.
收藏到:Del.icio.us