-
2011-02-28
چىرىكلىشىشنىڭ سەۋەبلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى - [نــەزەرىـيــە]
قەلبىنۇر جۈمە
سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى دېگەندەك مۇكەممەللىشىپ كەتمىگەن بۈگۈنكى كۈندە، پارتىيە ئىچىدىكى ئاز ساندىكى رەھبىرىي كادىرلاردا چىرىكلىشىش خاھىشلىرى يەنىلا يۈز بېرىپ، پارتىيەنىڭ ئامما ئارىسىدىكى ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزدى. شۇڭا چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش پارتىيەمىز چىڭ تۇتۇپ ھەل قىلىدىغان مۇھىم ئىش بولۇپ قالدى. رەھبىرىي كادىرلاردىكى چىرىكلىشىش سەۋەبلىرىنى تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:
1. نەزەرىيە ئۆگىنىشىگە سەل قاراش. بەزى رەھبىرىي كادىرلار خىزمەت ئالدىراشلىقىنى باھانە قىلىپ، سىياسىي، نەزەرىيە ئۆگىنىشىگە سەل قارىماقتا. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بەزى كادىرلار غايە، ئېتىقادىنى يوقىتىپ، پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنى ۋە پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېنلىرىدىن خەۋەرسىز قېلىپ، سىياسىي پەرق ئېتىش ئىقتىدارى ۋە سىياسىي مەيدانىنى سۇسلاشتۇرۇپ، خاتالىق سادىر قىلماقتا، ھەتتا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزمەكتە.
2. بەزى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىدىيەسى مۇستەھكەم ئەمەس. ئۇلار دائىم ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەپ، قولىدىكى ھوقۇقنى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ بەرگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ خەلقنىڭ چاكىرى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قېلىپ، پارتىيە ۋە خەلق مەنپەئەتىنى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن قۇربان قىلىپ، ھوقۇقنى شەخسىي مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان قورالغا ئايلاندۇرۇۋالماقتا.
ئۇنىڭدىن باشقا، فېئوداللىق ئىدىيە - قاراشنىڭ تەسىرى، تۈزۈلمە ۋە تۈزۈملەرنىڭ مۇكەممەللىشىپ كېتەلمىگەنلىكى، نازارەت قىلىش ۋە ھوقۇقنى چەكلەشنىڭ كەمچىل بولۇشى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جەريانىدا بەزى چىرىك ھادىسىلەرنىڭ كادىرلار ئېڭىغا تەسىر كۆرسىتىشى قاتارلىقلارمۇ بەزى كادىرلارنىڭ چىرىكلىك پاتقىقىغا پېتىپ قېلىشىغا سەۋەب بولماقتا.
سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت قۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن ۋە ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، چىرىكلىشىشتىكى ئىچكى – تاشقى سەۋەبلەرنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ چىرىكلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تەدبىرلەرنى تېخىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.
بىرىنچى، ‹‹ ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش ›› مۇھىم ئىدىيەسىنى ھەقىقىي ئۆگىنىش، ھەقىقىي چۈشىنىش ۋە ھەقىقىي ئىشلىتىشكە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. ‹‹ ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش ›› مۇھىم ئىدىيەسى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ نېگىزى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ قائىدە - نىزاملىرى، پارتىيە ئىنتىزامى، پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ھەرىكەت مىزانى بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىنى قوغداش، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداشنىڭ كاپالىتى.
ئىككىنچى، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارغا بولغان نازارەتچىلىكنى ۋە ھوقۇققا بولغان چەكلەشنى كۈچەيتىش لازىم. پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، نازارەت قىلىنمىغان ھوقۇق چىرىكلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھازىر رەھبىرىي كادىرلارغا بولغان ئۈنۈملۈك نازارەتچىلىكنى ۋە تەربىيەنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا، چىرىكلىك قىلمىشلىرىدىن ئىبرەت ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەر ساھە،ھەر كەسىپ قانۇن ۋە پارتىيە ئىنتىزامىغا ئائىت ئۈنۈملۈك، كونكرېت قائىدە - تۈزۈملەرنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، چىرىك ھادىسىلەرنى چەكلەپ، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۈچ ھاسىل قىلغىلى ۋە چىرىكلەشكەنلەرنىڭ، چىرىك ھادىسىلەرنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىنى بولىدۇ.
ئۈچىنچى، كادىرلار تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. كادىرلارنى ئۆستۈرۈش ۋە ۋەزىپىگە قويۇش تەشكىلات، كادىرلار تۈزۈمىنىڭ مۇھىم تەرىپى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا كادىرلارنى ئۆستۈرۈش، تەكشۈرۈپ سىناش، تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈشتە قاتتىق ۋە مۇكەممەل بولغان مېخانىزم ئورنىتىپ، كادىرلارنى ئۆستۈرۈپ ئىشلىتىش تۈزۈمىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ‹‹ كىرىش ئۆتكىلى ›› ، ‹‹ سۈپەت ئۆتكىلى ›› نى چىڭ تۇتۇپ، باراۋەر بولۇش، ئاشكارا بولۇش، ئادىل بولۇش پىرىنسىپى بويىچە ‹‹ ھەم ئەخلاقلىق، ھەم قابىلىيەتلىك بولۇش ›› نى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم.
تۆتىنچى، قانۇن – ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئامما ئارىسىدىكى ئوبرازىنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرۇش كېرەك.
收藏到:Del.icio.us