بلوگ ھەققىدە: سىياسى نەزىرىيە، مەدەنىيەت تارىخ بىلىملىرىگە قىزىقامسىز؟ بۇ ھەقتە مول بىلىملەرگە ئىگە بۇلۇشنى ئارزۇ قىلامسىز؟ ئويۇلىغانلىرىڭىز، كۆڭۈل سۆزلىرىڭىز، تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بارمۇ؟ قېنى مەرھەمەت!

  • 2011-02-23

    مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك - [مــەدەنىيەت]

        شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى يېقىندا 41 ئورۇننىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىي ئورۇن دېگەن شەرەپلىك نامىنى ئېلىپ تاشلاپ، مەدەنىي ئورۇن مۇكاپاتىنى تارقىتىشنى توختاتتى ھەم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون بويىچە مەدەنىي ئورۇن دېگەن تاختىنى قايتۇرۇۋېلىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. بۇ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىي ئورۇن دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەندىن كېيىن، كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋە ئاممىغا قارىتىلغان ئىدىيەۋى – ئەخلاق تەربىيەسىنى، باشقۇرۇش خىزمىتىنى بوشاشتۇرۇپ، ئىدارىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتىدە ئېغىر زىيان پەيدا قىلىپ، كەسپىي خىزمەتلەرنى ئارقىدا قالدۇرغان، قىسمەن رەھبىرىي كادىرلار قانۇن – ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش سەۋەبلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش خىزمىتىدە ئېغىر چېكىنىش پەيدا قىلغان ئاز سانلىق ئورۇنلارغا ئەجەللىك زەربە بولدى.

        بۇ يىل ‹‹12 – بەش يىل›› نىڭ باشلىنىش يىلى، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ياخشى ئىشلەش، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىنى قوغداش، 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلاندا بېكىتىلگەن نىشان – ۋەزىپىنى ئورۇنداش، ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇشتا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

        شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىي ئورۇن دېگەن نام شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك ئالىي شەرەپ بولۇپ، بۇ شەرەپنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندىكى مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشقان بارلىق ئورۇن، تارماق ۋە كەسىپلەر پائال قوغدىشى، قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش پائالىيىتىنىڭ تەلەپلىرى بويىچە ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئىقتىدارنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرگىلى، ئەمەلىيەت داۋامىدا خىزمەت تەپەككۇرى بىلەن ئۇسۇلىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەت ئىستىلىنى ئۈزلۈكسىز ئىسلاھ قىلىپ، ‹‹شىنجاڭ ئۈنۈمى›› نى ياراتقىلى بولىدۇ.

        شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون ھازىر چېكىندۈرۈش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، ۋاقتى توشقان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىي ئورۇنلارغا ئىشىتات تەقسىملەش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئۇنى چېكىندۈرۈش مېخانىزمىغا باغلىدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندىكى مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشقان بارلىق ئورۇنلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، ئۆز ئورنىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش پائالىيىتىنىڭ سۈپىتىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش بويىچە تېخىمۇ يۇقىرى نىشان بېكىتىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.


    收藏到:Del.icio.us




بلوگىمىز سىياسى نەزەرىيە، مەدەنىيەت، تارىح، قانۇن ۋە دىنعا ئائىت مەزمۇنلار ئۅستىدە ئورتاقلىشىشنى ئاساسى نىشان قىلىدۇ. يازمىلارنىڭ مەنبەسى قانۇنلۇق.

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى| قايتا گۈزەللەشتۈرۈپ تارقاتقۇچى: | بىلىم بايلىق بلوگى