-
2011-02-23
يادرو ماتېرىيالى ۋە يادرو قورالى - [ئــاتــالـغۇلار]
يادرو ماتېرىيالىغا ھازىرچە تېخى بىرلىككە كەلگەن ئېنىق تەبىر يوق. 1980 – يىلى 3 – مارت ۋىنادىكى خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ باش شىتابى بىلەن نيۇ يوركتىكى ب د ت باش ئىشتابى ئاشكارا ئىمزالىغان ‹‹يادرو ماتېرىياللىرىنى قوغداش ئەھدىنامىسى››دا يادرو ماتېرىيالىغا: پىلوتونىي، ئەمما پىلوتونىي – 238 ئىزوتوپ مىقدارى %80 تىن ئاشقانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛ ئۇران 233 – ئىزوتوپ مىقدارى 235 ياكى 233 بولغان قويۇلدۇرۇلغان ئۇران؛ غەيرىي رۇدا ياكى رۇدا داشقىلى شەكلىدىكى تەركىبىدە تەبىئىي مەۋجۇت ئىزوتوپ بىرىكمىسى بولغان ئۇران؛ تەركىبىدە يۇقىرىدىكى بىر خىل ياكى كۆپ خىل تەركىب بولغان ھەر قانداق ماتېرىيال، دەپ تەبىر بېرىلگەن.
يادرو تېخنىكىسىنى قوللىنىش دائىرىسىنىڭ كۈنسېرى كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، يادرو ماتېرىيالىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە زاپاس ساقلاش بارغانسېرى ئاسانلاشتى، يادرو قورالىنى ياساش مەخپىيىتى تەدرىجى ئاشكارىلاندى، يادرو قورالى ياساش تېخنىكىسىنىڭ كېڭىيىپ كېتىش خەۋپىمۇ كۈندىن – كۈنگە كۈچەيدى.
يادرو قورالى ئەركىن داۋاملىشىدىغان ئاتوم يادروسى بۆلۈنۈش ۋە (ياكى) يادرو بىرىكىش رېئاكسىيەسىدىن پەيتلىك قويۇپ بېرىلگەن زور مىقداردىكى ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىپ پارتلاش پەيدا قىلىدىغان ھەم كەڭ كۆلەمدە ۋەيرانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان قورالنى كۆرسىتىدۇ. كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئۇ تاشلاش ياكى ئېتىش سىستېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە يادرو قورالى سىستېمىسىدۇر.
ئۇرۇشتا ئىشلىتىش شەكلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، يادرو قورالى دۈشمەننىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانىغا زەربە بېرىدىغان ئىسىتراتېگىيەلىك يادرو قورالى ۋە جەڭ مەيدانىدا دۈشمەننىڭ جەڭگىۋار كۈچلىرىگە زەربە بېرىشكە ئاساسلىق ئىشلىتىلىدىغان تاكتىكىلىق يادرو قورالى، دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىلىدۇ.
يادرو قورالى ھازىرغىچە ئىنسانلار ياسىغان قىرغىن قىلىش، ۋەيران قىلىش كۈچى ئەڭ چوڭ قورال. يادرو قورالىنىڭ قىرغىن قىلىش، ۋەيران قىلىش كۈچىنى ئۇنىڭ پارتلىغاندا پەيتلىك قويۇپ بەرگەن ئىنتايىن زور ئېنېرگىيەسىدىنئۆزگەرگەن كۆپ خىل قىرغىن قىلىش، ۋەيران قىلىش ئامىللىرى پەيدا قىلىدۇ. بۇ قىرغىن قىلىش، ۋەيران قىلىش ئامىللىرى ئاساسلىقى ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ: 1 – تۈردىكىسىنىڭ تەسىر قىلىش ۋاقتى نەچچە ئون سېكۇنتلا داۋاملىشىدىغان بولۇپ، پەيتلىك قىرغىن قىلىش ئامىلى دېيىلىدۇ. ئۇ نۇر رادىياتسىيەسى، زەربە دولقۇنى، دەسلەپكى يادرو رادىياتسىيەسى ۋە يادرو ئېلېكتىر ماگنىتلىق ئىمپۇلىس قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ 2 – تۈردىكىسىنىڭ تەسىر قىلىش ۋاقتى نەچچە كۈن، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق بولۇپ، ئاساسلىقى پارتلاشتىن كېلىپ چىققان رادىياتسىيەلىك بۇلغىنىشنى كۆرسىتىدۇ.
يادرو قورالىنىڭ پەيدا بولۇشى ئىنسانىيەتنى ھەر ۋاقىت ۋەيران بولۇش گىردابىغا ئاپىرىپ قويدى. شۇڭا، يادرو قورالى دۇنياغا كەلگەندىن باشلاپ، دۇنيا مىقياسىدا يادرو قوراللىرىنى تىزگىنلەش ۋە يادرو ھازىرلىقلىرىنى قىسقارتىش مەسىلىسىمۇ تەڭ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
收藏到:Del.icio.us