بلوگ ھەققىدە: سىياسى نەزىرىيە، مەدەنىيەت تارىخ بىلىملىرىگە قىزىقامسىز؟ بۇ ھەقتە مول بىلىملەرگە ئىگە بۇلۇشنى ئارزۇ قىلامسىز؟ ئويۇلىغانلىرىڭىز، كۆڭۈل سۆزلىرىڭىز، تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بارمۇ؟ قېنى مەرھەمەت!

  • 2011-02-21

    ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ سىستېمىسى ھەققىدە تەھلىل - [نــەزەرىـيــە]

    ليۇ يىڭجيې

        شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 7 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 9 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا: ‹‹زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى، پەن – تېخنىكا، مائارىپنى تايانچ قىلىپ، يېڭىچە سانائەتلىشىش، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە يېڭىچە شەھەر – بازارلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىش؛ ئىسلاھات – ئېچىۋېتىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ئېلىمىز غەربىي رايونىنىڭ ئېشىش پەللىسى ۋە غەربكە ئىشىكنى ئېچىۋېتىش باش ئىستىھكامىنى بەرپا قىلىپ، ئاۋات، باياشات ۋە مۇقىم، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش›› نى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ، يېڭىچە سانائەتلىشىش، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە يېڭىچە شەھەر – بازارلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىشتىكى تارىخىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەشتىن چىقىرىلغان نەزەرىيەۋى يەكۈن، شۇنداقلا ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تاللاشتۇر.

        تەھلىل ئاساسى

      1. پايدىلىق شارائىت

        بىرىنچى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ سىياسى مۇھىتى ياخشى. مەركەز زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنىڭ باش ۋەزىپىسى قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. دېمەك، غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيەسى يولغا قويۇلغان ئون يىل مابەينىدە، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى تارىختىكى ئەڭ ياخشى پۇرسەتكە ئېرىشتى.

        ئىككىنچى، كۈن نۇرى ئىسسىقلىقى، سۇ – تۇپراق بايلىقى مول.

        ئۈچىنچى، ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش يوشۇرۇن كۈچى زور. شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە تەبىئىي ئېكولوگىيە مۇھىتى يېزا ئىگىلىك زىرائەتلىرى تۈرلىرى بايلىقىنى يېتىلدۈرگەن، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بازارلاردا رىقابەت ئەۋزەللىكىگە ئىگە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرى 100 دىن ئاشىدۇ. ئۆزگىچە كىلىمات شارائىتى بۇغداي، كېۋەز قاتارلىق زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىگە باب كېلىدۇ. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بازارلاردا شوخلا، قۇلماق، ئالقات قاتارلىق ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ نامى چىقتى. دۇنيادىكى ئالتە چوڭ مېۋە مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش بەلبېغىنىڭ بىرى بولغان شىنجاڭنىڭ سۈپەتلىك مېۋە مەھسۇلاتلىرىمۇ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بازارلاردا يۇقىرى شۆھرەت قازانماقتا.

        تۆتىنچى، غەربكە ئىشىكنى ئېچىۋېتىشنىڭ رايون ئەۋزەللىكى روشەن. شىنجاڭ ئېلىمىزنىڭ يەر كۆلىمى ئەڭ چوڭ، چېگرا لىنىيەسى ئەڭ ئۇزۇن، چېگرالىنىدىغان دۆلەتلىرى ئەڭ كۆپ بولغان ئاپتونوم رايونى بولۇپ، ئېلىمىز بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپا ئەللىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان بىردىنبىر لىنىيە، شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ بايلىقى ۋە بازىرىدىن پايدىلىنىشقا ئەڭ قولايلىق شارائىت يارىتىدىغان رايون.

        2. چەكلىمە ئامىللار

        بىرىنچى، يەرلىكنىڭ مالىيە كىرىمى تۆۋەن، يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش سېلىنمىسى يېتەرسىز. شىنجاڭنىڭ مالىيە كۈچى يېتەرسىز بولغاچقا، كۆپ قىسىم ناھىيە (شەھەر) مالىيەسى ‹‹قورساق بېقىش›› مالىيەسىگە ئايلانغان، سانائەت ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى قامدىشى ۋە شەھەرلەرنىڭ يېزىلارغا مەدەت بېرىش ئىقتىدارى ئاجىز. دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىرىم سەۋىيەسى تۆۋەن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ يېزا ئىگىلىك سېلىنمىسىغا مەبلەغ قوشۇش ئىقتىدارىمۇ چەكلىك.

        ئىككىنچى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئاجىز، خەۋپ – خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەن. تەبىئىي، تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، كۆپ يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىگە سېلىنغان مەبلىغى چەكلىك بولغاچقا، شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تەبىئەت ۋە بازار خەۋپىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىز بولدى.

        ئۈچىنچى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تەتقىقاتىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى تۆۋەن، مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش يېتەرسىز. ئۇزاقتىن بۇيان، سېلىنما يېتەرسىز، مېخانىزم جانسىز ۋە ئىختىساسلىقلارنىڭ ئېقىپ كېتىشى ئېغىر بولغاچقا، شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ساھەسىدە پەن – تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرى بەكمۇ ئاز، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى تۆۋەن بولدى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مۇلازىمەت تارماقلىرىنىڭمۇ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئاجىز، خىزمەت شارائىتى ناچار، تېخنىكىسى قالاق، خادىملىرى يېتەرسىز بولۇش ھالىتى ساقلاندى.

        تۆتىنچى، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ پەن – مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەن. دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ساپاسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، يېزا ئىقتىسادىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى يۈكسەلدۈرۈشكە توسالغۇ بولۇۋاتقان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

        بەشىنچى، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش سەۋىيەسى تۆۋەن، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ سەپلىنىش قۇرۇلمىلىرى ئاددىي.

        ئالتىنچى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى دائىرىسى تار، بازار ئېچىش سىستېما قۇرۇلۇشى قالاق. شىنجاڭ نىسپىي مۇستەقىل ھالەتتىكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونى بولۇپ، تەرەققىي قىلغان ئۆلكىلەر بىلەن بولغان ئارىلىقى يىراق، شۇڭا، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەننەرخى يۇقىرى. يولدا تەكشۈرۈش ئېغىزى كۆپ بولۇشتەك چەكلىمە ئامىللىرىمۇ مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىلىشىنى ئېغىر دەرىجىدە چەكلەپ قويدى. خەلقئارا بازار جەھەتتە، شىنجاڭ ئوتتۇرا، غەربىي ئاسىيا رايونلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان تۈگۈن بولسىمۇ، ئەمما ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ يېرى كەڭ، ئادىمى شالاڭ، شەھەرلەرنىڭ ئارىلىقى يىراق. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىپ توشۇش ئارىلىقى ئۇزۇن بولغاچقا، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ چەت ئەل بازارلىرىدىكى رىقابەت كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويدى.

        يەتتىنچى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئاجىز، تەبىئىي ئاپەت كۆپ يۈز بېرىدۇ.

     

        تەكلىپ

        دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى ئۇل كەسىپ، خەلق تۇرمۇشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان، دېھقان – چارۋىچىلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان كەسىپ. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كەسىپلىرى زامانىۋىلاشتۇرۇلمىسا، يېڭىچە سانائەتلىشىش، يېڭىچە شەھەر – بازارلىشىشنى پۇختا ئاساسقا ئىگە قىلغىلى بولمايدۇ.

        بىرىنچى، ئىلمىي تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش كېرەك. پەن – تېخنىكا ۋە كاپىتالنى كۆپ تەلەپ قىلىدىغان يېزا ئىگىلىك كەسىپلىرىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، تەبىئىي بايلىق ۋە ئەمگەك كۈچى سېلىنمىسىغا تايىنىشنى پەن – تېخنىكىغا ۋە مەبلەغنى ئاشۇرۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشكە تايىنىشقا ئۆزگەرتىش؛ دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق تەشكىلاتلىرىنى جانلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش؛ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كارخانىلىرىنىڭ تېخنىكا ئۆزگەرتىشىنى تېزلىتىش ۋە مەھسۇلات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشىگە مەدەت بېرىپ، باشلامچى كارخانىلار توپى ئەۋزەللىكىنى شەكىللەندۈرۈش؛ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدىغان بازارلارنى كۆپەيتىش؛ دېھقانلارنىڭ شەھەر – بازار، رايون ۋە كەسىپلەر ئارا تەرتىپلىك يۆتكىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى ئاشۇرۇش؛ تېرىقچىلىق كەسپىنى ماشىنىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى يۈكسەلدۈرۈش ئاساسىدا، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كەسىپلىرىنىڭ ئەسلىھەلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

        ئىككىنچى، يېزا ئىگىلىك ئاساسىنى پۇختىلاپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كەسىپلىرىنىڭ تايانچ كاپالىتى سىستېمىسىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يېزا – بازار تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش تەلىپى ئاساسىدا، يېزا ئىگىلىك سېلىنمىسىنى كۆپەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇللۇق ئورنىنى كۈچەيتىش كېرەك.

        ئۈچىنچى، بازارنىڭ يېتەكچىلىك ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى ئېچىشنى تېزلىتىش كېرەك. مەھسۇلات سۈپىتى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، باشقۇرۇش سۇبيېكتىنى يېتىلدۈرۈش، داڭلىق ماركا يارىتىش ۋە تېزلىتىپ سېتىشتەك مۇھىم خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش مېخانىزمى ۋە بازار سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. كەسىپلەشكەن باشلامچى كارخانا، سودىگەر ۋە دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەردە توپ – پارچە سېتىش يوللىرى ۋە ماركتىڭ قىلىش تورىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

        تۆتىنچى، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئۆزگىچە كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. سورتلۇق ئاشلىق، كېۋەز ئىشلەپچىقىرىش، خاسلىققا ئىگە ئورمانچىلىق، باغۋەنچىلىك، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى ۋە چارۋىچىلىق، باقمىچىلىق كەسىپلىرىنى پائال راۋاجلاندۇرۇش بىلەن بىللە، نىسپىي ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، داڭلىق، سورتلۇق، ئۆزگىچە مەھسۇلاتلارنى يارىتىپ، شوخلا، قىزىلچا، مۇچ، زاراڭزا، ئالقات، گازىر تاۋۇزى، ئارپىبەدىيان، ئۈزۈم، تاۋۇز قاتارلىق ئۆزگىچە كەسىپلەرنىڭ بازا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە بازار رىقابەت كۈچى كۈچلۈك بولغان رايون ئەۋزەللىكىگە ئىگە ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلار كەسىپ بەلبېغىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

        بەشىنچى، پەن – تېخنىكىغا تايىنىپ يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك.

        ئالتىنچى، ئىختىساسلىقلارغا تايىنىپ يېزا ئىگىلىكىنى جانلاندۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يېزا ئەمگەكچىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي باشقۇرغۇچى خادىملار، كەسىپ – تېخنىكا خادىملىرى، كارخانا باشقۇرغۇچىلار، يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى ۋە يېزىلارغا كېرەكلىك خادىملارنى كۈچەپ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش كېرەك. يېڭىچە دېھقانلارنى تەربىيەلەش مېخانىزمى ۋە كەسپىي مائارىپ بويىچە تەربىيەلەشتورىنى بەرپا قىلىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

        يەتتىنچى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك.

        سەككىزىنچى، سىرتقا يۈزلەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سىرتقا يۈزلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە جۇغراپىيەلىك مەدەنىيەت ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، يېزا ئىگىلىكىدە سىرتقا يۈزلىنىش ئىستراتېگىيەسىنى داۋاملىق يولغا قويۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىكى خەلقئارا ھەمكارلىقى ۋە ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا بازار ئېچىپ، ئەۋزەل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى يۈكسەلدۈرۈش كېرەك.


    收藏到:Del.icio.us




بلوگىمىز سىياسى نەزەرىيە، مەدەنىيەت، تارىح، قانۇن ۋە دىنعا ئائىت مەزمۇنلار ئۅستىدە ئورتاقلىشىشنى ئاساسى نىشان قىلىدۇ. يازمىلارنىڭ مەنبەسى قانۇنلۇق.

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى| قايتا گۈزەللەشتۈرۈپ تارقاتقۇچى: | بىلىم بايلىق بلوگى