بلوگ ھەققىدە: سىياسى نەزىرىيە، مەدەنىيەت تارىخ بىلىملىرىگە قىزىقامسىز؟ بۇ ھەقتە مول بىلىملەرگە ئىگە بۇلۇشنى ئارزۇ قىلامسىز؟ ئويۇلىغانلىرىڭىز، كۆڭۈل سۆزلىرىڭىز، تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بارمۇ؟ قېنى مەرھەمەت!

  • 2011-02-21

    ئەنگلىيەنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى - [تــــەرمـىـلەر]

    لۇڭ شياۋخې

    ئەنگلىيە يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى

       ئەنگلىيەنىڭ شەرقىي جەنۇب قىسمى تۈزلەڭلىك بولۇپ، تۇپرىقى مۇنبەت ، تېرىقچىلىق قىلىشقا باپ كېلىدۇ. ئەنگلىيەنىڭ يەر كۆلىمى 244 مىڭ 100 كۋادرات كىلومېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا ئىگىلىك يەر كۆلىمى 8 مىليون 600 مىڭ گېكتارنى، تېرىقچىلىق كۆلىمى ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، ئۈچتىن ئىككى قىسمى ئوتلاق ۋە زەيلىك بولۇپ، چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشقا تولىمۇ ماس كېلىدۇ. ئەنگلىيەنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە ئادەم كۆپ، يەر قىس بولغاچقا، بۇ دۆلەت يەرنىڭ ئۈنۈمدارلىقى ۋە بىرلىك ھوسۇلنى ئاشۇرۇشقا كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىپ، بۇغداي، ئارپا، سۇلۇ ۋە بەرەڭگىنىڭ بىرلىك ھوسۇلىنى ئاشۇرغان. ئەنگلىيەنىڭ يېزا ئىگىلىكى ئومۇميۈزلۈك ماشىنىلاشقان بولۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكىچە:

      1) سىياسەت جەھەتتە قوللاش سالمىقى زور. ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەت، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېزا ئىگىلىك سىياسىتىدە ھۆكۈمەتنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە سودا ئىشلىرىغا ئارىلىشىش سالمىقى ئاشۇرۇلغان بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى قانۇن جەھەتتە قوللاشقا كاپالەتلىك قىلىنغان ھەم يېزا ئىگىلىكىنى قوللايدىغان قانۇن – نىزاملار كۆپ تۈزۈلگەن. بىرىنچى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا باھا تولۇقلىمىسى بېرىش. ياۋروپا ئىتتىپاقى دائىرىسىدىكى يېزا ئىگىلىك بازىرىدا مەلۇم ياكى كۆپ ساندىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى مۇداخىلە باھاسىدىن تۆۋەن بولغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردىكى دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى مۇداخىلە باھاسىدىن يۇقىرى بولغانغا قەدەر تولۇقلىما بېرىپ، مۇداخىلە باھاسى بويىچە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كۆپلەپ سېتىۋالىدىكەن. ئىككىنچى، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئەمەس دۆلەتلەردىن ئىمپورت قىلىنغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك تاموژنا بېجى قوشۇش. ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئەمەس دۆلەتلەردىن ئىمپورت قىلىنغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا بىردەك تاموژنا بېجى كۆپەيتىپ قوشۇلغاندىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدە سېتىلىشىغا رۇخسەت قىلىدىكەن، شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدە ئىشلەپچىقىرىلغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئىمپورت قىلىنغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنى قەستەن ئۆرلىتىۋېتىدىكەن.

      2) يۈكسەك دەرىجىدە ماشىنىلاشقان. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات ئارقىلىق، يېزا ئىگىلىكىدە ماشىنىلىشىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرغان. 2008 – يىلى ئەنگلىيەدە رويخەتكە ئېلىنغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى 17 مىڭغا يەتكەن، بۇ ئەمگەك، ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىغان. مەسىلەن: تېرىقچىلىقنى ئاساس قىلىدىغان ‹‹WESTHALL›› دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ كۆلىمى 500 گېكتار بولۇپ، دائىم ئىشلەيدىغان بەشلا كىشى بار ئىكەن، دېھقانچلىقنىڭ ئالدىراش چاغلىرىدا ئالتە كىشىنى ياللاپ ئىشلىتىدىكەن.

      3) كەسىپ تېخنىكا ۋاسىتىسى يېڭى. ئەنگلىيەنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا ئىلغار تېخنىكىلاردىن ئومۇميۈزلۈك پايدىلىنىپ، ھەممىلا يەردە يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسىنىڭ رولىنى نامايان قىلغانلىقى بىزدە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى. سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئورۇن بەلگىلەپ ئوغۇت بېرىش تېخنىكىسى تېخىمۇ چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرغان ئىش بولدى، كەسپىي شىركەتلەر بۇ تېخنىكا بويىچە ئالدىنقى باسقۇچلۇق كونكرېت تېخنىكا بىلەن تەمىنلەيدىكەن. زىرائەتلەرگە بېرىلىدىغان ئازوت، فوسفور، كالىيلىق ئوغۇت مىقدارىغا ئاساسەن، دېھقانچىلىق مەيدانىنى ئوخشىمىغان يەرنىڭ مۇكەممەل GPS ئىسىخېمىسى بىلەن تەمىنلەيدىكەن، دېھقانچىلىق مەيدانى بۇنى ئوغۇت چېچىش ماشىنىسىنىڭ كومپيۇتېر سىستېمىسىغا كىرگۈزۈۋېتىدىكەن، ئوغۇت چېچىش ماشىنىسى GPS پەرقلەندۈرگەن يەر بويىچە، ئوغۇتنىڭ تۈرى ۋە مىقدارىنى ئاپتوماتىك تەڭشەيدىكەن، بۇ تۈرنىڭ تەننەرخى تۆۋەن بولۇپ، ھەر گېكتار يەرنى يىلدا تۆت قېتىم ئۆلچەش ئۈچۈن تۆت پۇند سىتېرلىڭ كېتىدىكەن، يەنە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %15 ئوغۇتنى تېجەپ قالغىلى بولىدىكەن.

      4) كۆرسەتمە يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش. ئىقتىسادنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىك تەلىپى تەخىرسىز كۈچەيدى. ئەنگلىيە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا رىقابەت كەسكىن بولۇپ، ئىشلەپچىقارغۇچىلار، پارچە سېتىش سودىگەرلىرى مەھسۇلاتلىرىنىڭ رىقابەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، كۆرسەتمە يېزا ئىگىلىكىنى بىر قەدەر تېز تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرگەن.

      5) مۇھىت ئاسراش ئېڭى كۈچلۈك. بىرىنچى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا ئوتلاقلارنى قاشالاپ نۆۋەت بىلەن ئىشلىتىش يولغا قويۇلغان بولۇپ، چارۋا مىقدارى قاتتىق ئۆلچەم بويىچە ئىلمىي ھېسابلاپ چىقىلىدىكەن، بۇنداق قىلغاندا ئوتلاقتا قوي – كالىلارنىڭ زىيادە ئوتلىشىدىن ساقلىنىپ، ئوتلاقنىڭ چېكىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، سۈپەتلىك ئوتلاق مۇھىتىنى قوغداپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى تېزلەتكىلى بولىدىكەن. ھۆكۈمەت يېزا ئىگىلىك تولۇقلىمىسى بېرىشتە يېزا ئىگىلىك مۇھىتىنى ئاسراشنى قاتتىق ئۆلچەم قىلىدىكەن. دېھقانچىلىق مەيدانى ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ تەكشۈرۈشى مۇھىت ئاسراش ئۆلچىمىگە يەتكەندىلا، ئاندىن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت تولۇقلىمىسىنى تەلەپ قىلسا بولىدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت يېزا ئىگىلىك مۇھىت ئاسراش سىياسىتى جانلىق بولىدىكەن. ھۆكۈمەت دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى تېرىقچىلىقتىن ئوتلاققا قايتۇرۇلغان ھەر گېكتار يەرگە بەش پۇند سىتېرلىڭ تولۇقلىما بېرىدىكەن، دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ خوجايىنى يەر سۈپىتىگە قاراپ تېرىلىدىغان زىرائەتنى تاللايدىكەن ياكى تېرىلغۇ يېرىنى ئوتلاق يېرىگە قايتۇرىدىكەن، بۇنى پۈتۈنلەي ئۆز پايدىسىغا قاراپ بېكىتىدىكەن، لېكىن ئاخىرىدا مۇھىت ئۈنۈملۈك قوغدىلىدىكەن.

      6) ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت سىستېمىسى مۇكەممەللەشكەن. ئەنگلىيەدە تۈرلۈك كەسىپلەشكەن يېزا ئىگىلىك مۇلازىمەت سىستېمىسى مۇلازىمەت قىلىۋاتقان دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تىجارەت جەريانىدىكى تۈرلۈك ھالقىلىرىغا تولۇق مۇلازىمەت قىلىدىكەن، بۇ ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىلگىرىكى ئۇرۇق تاللاش، ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەش، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدىكى يەر ئاغدۇرۇش، ئۇرۇق چېچىش، ئوغۇت بېرىش، ھاشارات يوقىتىش، ئوتاش، يىغىۋېلىش قاتارلىق تېخنىكىلىق مۇلازىمەتلەر، ئىشلەپچىقىرىشتىن كېيىنكى ئوراش، توشۇش، ساقلاش، شۇنداقلا ئەسقاتىدىغان ئىلغار تېخنىكا ۋە يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكا ئۇچۇرى، مەھسۇلاتلارنى سېتىش ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەپ، دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ كەسىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانچىلىق مەيدانى خوجايىنىنىڭ پۈتۈن زېھنى بىلەن دېھقانچىلىق مەيدانىنى باشقۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى ۋە پايدىسىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولىدىكەن.

     

    ئەنگلىيەنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئېلىمىزنىڭ زامانىۋى يېزا

    ئىگىلىكىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى

     

    1) سىياسەت جەھەتتە قوللاشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىدە رىقابەتلىشىش كۈچىنى ئاشۇرۇش. ئېلىمىز يېزا ئىگىلىك دۆلىتى، شۇنداقلا نوپۇسى كۆپ دۆلەت. ئۇزاق مەزگىللىك تارىخىي تەجرىبىلەر شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئېلىمىزنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىدىكى تۈپ دۆلەت سىياسىتى ۋە ئىستىراتېگىيەسى. ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ خەلقئارالىشىش دەرىجىسىنىڭ بارغانسېرى ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكى ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ۋە رىقابەت ئىقتىدارىنى تىرىشىپ ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت يېزا ئىگىلىكىنى سىياسەت جەھەتتە قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىشى كېرەك.

     2) مۇھىت ئاسراشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇش. ئېلىمىزنىڭ يېرى كەڭ، نوپۇسى كۆپ، لېكىن بايلىق كەمچىل، كىشىلەرنىڭ مۇھىت ئاسراش ئېڭى ئاجىز. ئىقتىساد تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان ئېلىمىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، كىشىلەرنىڭ مۇھىت ئاسراش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، بايلىق تېجەش، زىيانسىز يېزا ئىگىلىكىنى بەرپا قىلىش، يېزا ئىگىلىكىنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈشنىڭ جىددىي تەلىپى. مۇھىت ئاسراش تەشۋىقى تەربىيەسى ۋە مۇھىت ئاسراش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش بىلەن بىللە، يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقاتى، تەربىيەلەش ۋە يېڭى تېخنىكىلارنى ئومۇملاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ ئىلغار تېخنىكىسى، باشقۇرۇش تەجرىبىسىنى كىرگۈزۈش ۋە قوبۇل قىلىش، سىستېمىلاشقان باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك.

      3) يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆلەملەشكەن يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش. نۆۋەتتە، ئېلىمىز يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ۋە يېزا ئىگىلىكىنىڭ ماشىنىلىشىش ئۇنىۋېرسال سەۋىيەسى بىر قەدەر تۆۋەن، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، سىياسەت جەھەتتە قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، پەن – تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مۇھىت ئاسراشقا ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىللە، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

     


    收藏到:Del.icio.us




بلوگىمىز سىياسى نەزەرىيە، مەدەنىيەت، تارىح، قانۇن ۋە دىنعا ئائىت مەزمۇنلار ئۅستىدە ئورتاقلىشىشنى ئاساسى نىشان قىلىدۇ. يازمىلارنىڭ مەنبەسى قانۇنلۇق.

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى| قايتا گۈزەللەشتۈرۈپ تارقاتقۇچى: | بىلىم بايلىق بلوگى