-
2011-02-20
كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە ئىستىلى - [سـىـيـاســى]
كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئۇزۇن ۋە شەرەپلىك تارىخقا ئىگە، ئۇزۇن مەزگىللىك تەرەققىيات جەريانىدا ئۇ ئىلغار ياشلارنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتىغا خاس ئېسىل ئەنئەنە ۋە ئىستىلنى تەدرىجىي شەكىللەندۈردى .
1. باشتىن - ئاخىر جەمئىيەت ئۆزگىرىشىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ ، ئىنقىلاب ۋە قۇر ۇلۇش ئىشلىرىنىڭ زەربىدارلار ئەترىتى بولدى . يولداش ماۋزېدۇڭ : « ‹4- ماي ھەرىكىتى› دىن بۇيان ، جۇڭگو ياشلىرى قانداق رول ئوينىدى ؟ مەلۇم ئاۋانگارتلىق يەنى باشلامچىلىق رول ئوينىدى ، ئىنقىلابىي قوشۇننىڭ ئالدىدا ماڭدى» دەپ كۆرسەتكەنىدى . «4- ماي ھەرىكىتى» دىن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان ، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەن بۈگۈنگىچە مەيلى جاھانگىرلىك ، فېئودالىزم ۋە بيۇروكرات كاپىتالىزمدىن ئىبارەت «ئۈ چ چوڭ تاغ»قا قارشى كۈرەشتە ، ياكى قۇدرەتلىك ، مەدەنىيەتلىك ، دېموكراتىك ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئۇلۇغ ئىشلىرىدا بولسۇن ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى باشتىن - ئاخىر پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىدە ، ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ ، ياشلارنى دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن ۋەتەننىڭ نامرات ، قالاق قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ، ھۇجۇمدا ، كۈرەشتە ئالدىدا مېڭىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ ، جەمئىيەت ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولىدىغان ئاۋانگارت ئەترەتكە ئايلاندى.
2. ياشلارنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىپ ۋە ئۇنى قوغداپ ، ياشلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس ھالدا خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى . جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇر ۇلغاندىن باشلاپلا ، ئۆزىنىڭ ياشلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان تەشكىلات ئىكەنلىكىنى ، ياش ئىشچىلار ، دېھقانلار ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارا جاكارلاپ ، مىڭلىغان - ئون مىڭلىغان ياشلارنى ئىنقىلاب قوينىغا جەلپ قىلدى . دېموكراتىك ئىنقىلاب مەزگىلىدە ياشلارنىڭ مەنپەئەتى ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئىتتىپاق ئىچىدە بىر مەزگىل ساقلانغان «ياشلارغا دىققەت قىلىدىغان ئالاھىدە خىزمەتكە ئېتىبار بەرمەي ، پارتىيە بىلەن ئوخشاش خىزمەت قىلىش» تەك ياشلار ئاممىسىدىن ئايرىلغان «ئىككىنچى پارتىيە» خاھىشىنى يېڭىپ ، جۇڭخۇانىڭ تەرەققىيپەرۋەر ياشلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان يادروغا ئايلاندى . سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە يولداش ماۋزېدۇڭ ياشلار ئىتتىپاقىنى سەمىمىي ئاگاھلاندۇرۇپ : «ھازىر سىلەرنىڭ توققۇز مىليون ئەزايىڭلار بار ، ناۋادا ياشلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئەھمىيەت بەرمىسەڭلار ، بىر مىليونى سىلەرنى ھىمايە قىلسىمۇ ، قالغان سەككىز مىليونى ھىمايە قىلمايدۇ» دېگەنىدى . كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇشنىڭ يېڭى دەۋرىدە ياشلارنىڭ تۆھپە قوشۇپ ئىگىلىك تىكلىشى ، ياراملىق ئادەم بولۇپ ئۇسۇپ يېتىلىشىدىن ئىبارەت تۈپ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى يەنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇپ ، مۇلازىمەتنى ئىتتىپاقنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ مۇھىم باشلىنىش نۇقتىسى ۋە ئاياغلىشىش نۇقتىسى قىلىشنى ، ياشلارنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىش ۋە ئۇنى قوغداشتا تېخىمۇ ئاڭلىق بولۇشنى تەكىتلىگەنىدى .
3. پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ ، ياشلارنى پائال ئىلگىرىلەشكە يېتەكلىدى . كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى قۇرۇلغاندىن بۇيان ، ماركسىزم – لېنىنىزمنى باشتىن – ئاخىر ئۆزىنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسى ، كوممۇنىزمنى ئىشقا ئاشۇر ۇشنى كۈرەش نىشانى قىلىپ ، ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرى ۋە ئىتتىپاق ئەزالىرىدىن پارتىيىنىڭ سىياسىي رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىش ، پارتىيىنىڭ سىياسىي تەشەببۇسنى ھىمايە قىلىشنى تەلەپ قىلىپ ، ياشلارنى پارتىيە كۆرسەتكەن ئىنقىلاب يولىغا داۋاملىق مېڭىشقا يېتەكلەپ ، جۇڭگو ياشلار ھەرىكىتىنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلدى . شۇڭا ، پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىنى باشتىن – ئاخىر ئېغىشماستىن قوبۇل قىلىش ھەم كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خاراكتېرىنىڭ ئاساسىي تەلىپى ، ھەم ياشلار ھەرىكىتىنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئىگىلەشنىڭ ئالدىنقى شەرتى.
收藏到:Del.icio.us