بلوگ ھەققىدە: سىياسى نەزىرىيە، مەدەنىيەت تارىخ بىلىملىرىگە قىزىقامسىز؟ بۇ ھەقتە مول بىلىملەرگە ئىگە بۇلۇشنى ئارزۇ قىلامسىز؟ ئويۇلىغانلىرىڭىز، كۆڭۈل سۆزلىرىڭىز، تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بارمۇ؟ قېنى مەرھەمەت!

  • 2011-02-20

    كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تەشكىلاتى نامىنىڭ بىرنەچچە قېتىم ئۆزگەرتىلىشى - [سـىـيـاســى]

    1922- پىلى 5- ئايدا جوڭگو سوتسىيالىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ مەملىكەتلىك 1- قۇرۇلتىيى پارتىيىنىڭ بىۋاسىتە رەھبەرلىكىدە ئېچىلىپ ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن تەشكىلات قۇرۇلدى. 1925- يىلى 1- ئايدا ئېچىلغان ئىتتىپاقنىڭ مەملىكەتلىك 3- قۇرۇلتىيىدا جۇڭگو سوتسىيالىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ نامىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا ئۆزگەرتىش قارار قىلىندى.

    1935- يىلى 11- ئايدا پارتىيە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى بارلىق ياشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، ياپون جاھانگىرلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاق تەشكىلاتىنى مىللىي ئازادلىق خاراكتېرىگە ئىگە بولغان ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرىدىغان ياشلار تەشكىلاتىغا ئۆزگەرتىشنى قارار قىلدى . شۇنىڭ بىلەن مەملىكەت بويىچە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرىدىغان ياشلار تەشكىلاتلىرى ئارقا - ئارقىدىن قۇرۇلدى .گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايونلار «جۇڭخۇا مىللىي ئازادلىق ئاۋانگارتلار ئەترىتى» ، «ۋۇخەن ياشلار ۋەتەننى قۇتقۇز ۇش ئىتتىپاقى» ، «گۇاڭدۇڭ ياشلار ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇر ۇش ئاۋانگارت ئەترىتى» ۋە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىكى «دېموكراتىك ياشلار ئىتتىپاقى» قاتارلىقلار قۇرۇلدى. شەنشى ، گەنسۇ ، نىڭشيا قاتارلىق چېگرا رايونلار ۋە جايلاردىكى دۈشمەنگە قارشى تايانچ بازىلاردىمۇ «ياشلا ۋەتەننى قۇنقۇز ۇش جەمئىيىتى» ۋە «ياشلار ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئاۋانگارت ئەترىتى» قۇر ۇلدى . 1946- يىلى 6- ئايدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دېموكراتىك ياشلار ئىتتىپاقى قۇرۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىككى يىلدىن كۆپرەك سىناق قىلىش ئارقىلىق ، 1949- يىلى يېڭى يىلدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگو يېڭى دېموكراتىك ياشلار ئىتتىپاقىنى قۇرۇش قارارىنى چىقاردى . 1949- يىلى 4- ئايدا جۇڭگو يېڭى دېموكراتىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ مەملىكەتلىك 1- قۇرۇلتىيى ئېچىلىپ، جۇڭگو يېڭى دېموكراتىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. 1957- يىلى 5- ئايدا ئېچىلغان جۇڭگو يېڭى دېموكراتىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ مەملىكەتلىك 3- قۇرۇلتىيىدا، ئىتتىپاق نامىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا ئۆزگەرتىش قارار قىلىندى .


    收藏到:Del.icio.us




بلوگىمىز سىياسى نەزەرىيە، مەدەنىيەت، تارىح، قانۇن ۋە دىنعا ئائىت مەزمۇنلار ئۅستىدە ئورتاقلىشىشنى ئاساسى نىشان قىلىدۇ. يازمىلارنىڭ مەنبەسى قانۇنلۇق.

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى| قايتا گۈزەللەشتۈرۈپ تارقاتقۇچى: | بىلىم بايلىق بلوگى