-
2011-02-19
كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇشى - [سـىـيـاســى]
1919- يىلىدىكى «4- ماي ھەرىكىتى» دە، ماركسىزم -لېنىنىزم بىلەن جۇڭگو ئىشچىلار ھەرىكىتى يەنىمۇ بىرلەشتۈرۈلدى ، ئىدىيە ۋە تەشكىلىي جەھەتتە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا تەييارلىق قىلىندى . 1920- يىلى 8- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ياشلارنى تەربىيىلەش ، ئىجتىمائىي ئىسلاھات ۋە ىسوتسىيالىزىمنى يەنىمۇ ياخشى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن شاڭخەيدە سوتسىيالىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنى قۇردى . شۇ يىلى 10- ئايدا يولداش ماۋزېدۇڭ خۇنەندە پارتىيە قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا سوتسىيالىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنى تەشكىللەشكە باشلىغانىدى . بۇنىڭ ئالدى - كەينىدە جايلار پارتىيە قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا سوتسىيالىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىمۇ تەشكىللىگەنىدى . 1921- پىلى 7- ئايدىكى پارتىيىنىڭ 1- قۇرۇلتىيىدا جايلارنىڭ سوتسىيالىستىك ياشلار ئىتتىپاقى قۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشىدىكى مەسىلىلەر تەتقىق قىلىندى . يىغىندىن كېيىن پارتىيە ئەزالىرى ئىتتىپاق خىزمىتى ئىشلەشكە ئەۋەتىلىپ ، ئىتتىپاققا بولغان رەھبەرلىك كۈچەيتىلدى . ئىتتىپاق تەشكىلاتى كۈنسايىن زورىيىۋاتقان ئەھۋالدا ، 1922- يىلى 5- ئايدا جۇڭگو سوتسىيالىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ مەملىكەتلىك 1- قۇرۇلتىيى ئېچىلدى. قۇرۇلتايدا ماقۇللانغان ئىتتىپاق پروگراممىسىدا، جۇڭگو سوتسىيالىستىك ياشلار ئىتتىپاقى جۇڭگو ياش پرولېتارلىرىنىڭ تەشكىلاتى، شۇنداقلا پرولېتارىيات سىنىپىنى تەلتۆكۈس ئازاد قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان تەشكىلات دەپ بېكىتىلدى .
收藏到:Del.icio.us