-
2011-02-19
ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش نەزەرىيىسىدە چىڭ تۇرۇشى لازىم - [نــەزەرىـيــە]
ئىمىن ئۆمەر
ج ك پ 17 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4 – ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشقا دائىر بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى ›› دا: ‹‹ ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى باشتىن – ئاخىر ساقلاش كېرەك ›› دەپ كۆرسىتىلدى. ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى باشتىن – ئاخىر ساقلاش پارتىيىمىزنىڭ 60 يىللىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئاساسىي تەجرىبىلىرىنىڭ يىغىنچاقلىنىشى بولۇپ، ئۇ پارتىيىمىزنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئاساسىي نەزەرىيىسىدۇر. بۇ نەزەرىيىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرغاندىلا، پارتىيىمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىگىلى، ئىلغارلىقىنى مەڭگۈ ساقلىغىلى بولىدۇ.
بىرىنچى، ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى باشتىن – ئاخىر ساقلاش پارتىيىمىزنىڭ 60 يىلدىن بۇيانقى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئاساسىي تەجرىبىسى.
تارىخىي ماتېرىيالىزمچىلارنىڭ قارىشىچە، خەلق جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھەل قىلغۇچ كۈچ. شۇڭا مەيلى قانداق ۋاقىت، قانداق ئەھۋال بولۇشىدىن قەتئىينەزەر پارتىيىمىز لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلەرنى تۈزگەندە ۋە يولغا قويغاندا ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىن ئىبارەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش نەزەرىيىسىنىڭ تۈپ تەلىپىنى ۋە خەلقنىڭ ئىرادىسىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ مەۋقەسى قىلىش لازىم.
پارتىيىمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش نەزەرىيىسى نۇرغۇن تەرەپلەردىكى يېڭى ئىدىيە، يېڭى نۇقتىئىنەزەر، يېڭى ھۆكۈملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلار پارتىيىمىز جۇڭگودىكى ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە باشتىن – ئاخىر ۋەكىللىك قىلىپ، پارتىيىنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەت، پروگرامما، نەزەرىيىلىرى ۋە خىزمەتلىرىدە خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇش توغرىسىدىكى نۇقتىئىنەزەر؛ ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتى ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ ھەل قىلغۇچ ئامىل بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى نۇقتىئىنەزەر؛ ھەر ۋاقىت خەلقنى ئويلاش، خەلققە مەسئۇل بولۇش، خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىش توغرىسىدىكى نۇقتىئىنەزەر؛ پارتىيە ئىچىدە مەزھەپ شەكىللىنىشكە قەتئىي يول قويماسلىق توغرىسىدىكى نۇقتىئىنەزەر؛ ھوقۇقنى خەلق ئۈچۈن ئىشلىتىش، خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش توغرىسىدىكى نۇقتىئىنەزەر؛ ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوموميۈزلۈك، ماس، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ماس تەرەققىي قىلىشى ۋە كىشىلەرنىڭ ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش توغرىسىدىكى نۇقتىئىنەزەر قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇ يېڭى ئىدىيە، يېڭى نۇقتىئىنەزەر، يېڭى ھۆكۈملەر پارتىيىمىزنىڭ ئۇزاق يىللىق جاپالىق ئىزدىنىشى ۋە ئەمەلىيىتىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، بۇ پارتىيىمىز بىلەن خەلقنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسىتىپلا قالماستىن، بەلكى پارتىيىمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش نەزەرىيىسىنىڭ چوڭقۇر دەۋر ئالاھىدىلىكىنى ئېچىپ بېرىپ، پارتىيىمىزنىڭ يېڭى ئەسىر، يېڭى باسقۇچتىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن توغرا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.
ئىككىنچى، ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى باشتىن – ئاخىر ساقلاش پارتىيىمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىن ئىبارەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش نەزەرىيىسىنى شەكىللەندۈرگەندىلا، پارتىيىمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىگىلى بولىدۇ. 60 يىلدىن بۇيانقى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش شانلىق تارىخىدا پارتىيىمىز خەلققە تايىنىپ، جان – دىل بىلەن خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلىگەچكىلا، قىيىنچىلىق ۋە خېيىمخەتەرلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. يېڭى ئەسىر، يېڭى باسقۇچتا، پارتىيىمىز نۇرغۇنلىغان يېڭى ئەھۋال ۋە يېڭى سىناققا دۇچ كەلمەكتە. بىر تەرەپتىن، ھازىر دۇنيا ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىپ، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىش ۋە ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىش يۈزلىنىشى ئەگرى – توقايلىق ئىچىدە ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدى، پەن – تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى رىقابىتى كۈنسېرى كەسكىنلەشتى، تۈرلۈك ئىدىيە ۋە مەدەنىيەتلەر ئۆزئارا توقۇنۇشۇپ، زىددىيەتلەر مۇرەككەپلەشتى. بىز يەنىلا تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد، پەن – تېخنىكا قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇش بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتىمىز. يەنە بىر تەرەپتىن، ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتى ھالقىلىق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئىجتىمائىي مەنپەئەت مۇناسىۋىتى تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ، يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەر ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىۋاتىدۇ. پارتىيىمىز پۇرسەت بىلەن خىرىس تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئىچكى – تاشقى ۋەزىيەتتە، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى يېتەكلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ۋە ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى ئورۇنداشتا، ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىن ئىبارەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش نەزەرىيىسىدە چىڭ تۇرۇش ئارقىلىق پارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، پارتىيىمىز خەلقنىڭ ھىمايىسى ۋە قوللىشىغا ئېرىشىپ، پارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى مۇستەھكەملىيەلەيدۇ.
ئۈچىنچى، ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى باشتىن – ئاخىر ساقلاش پارتىيىمىزنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ساقلاشنىڭ ئاساسى. شۇڭا پارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيىنىڭ رەھبەرلىك سەۋىيىسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشتە، ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىن ئىبارەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش نەزەرىيىسىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملىشىمىز ۋە كۈچەيتىشىمىز لازىم. بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن:
بىرىنچىدىن، ھەممىدە خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ئاساس قىلىشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇشىمىز لازىم. ئىش بېجىرگەندە، سىياسەت تۈزگەندە ۋە ئىجرا قىلغاندا ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى بارلىق خىزمەتلىرىمىزنىڭ چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلىرىگە ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلۈشىمىز لازىم.
ئىككىنچىدىن، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز لازىم. بۇنىڭدا خەلقنىڭ ئارزۇ – تەلەپلىرىگە ھەر ۋاقىت ئەھمىيەت بېرىپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان ماددىي ۋە مەنىۋى ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ماددىي مەدەنىيلىك، سىياسىي مەدەنىيلىك، مەنىۋى مەدەنىيلىكنىڭ ماس راۋاجلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلىشى ۋە كىشىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز لازىم.
ئۈچىنچىدىن، دېموكراتىيىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز لازىم. ھاكىمىيەتنى دېموكراتىك يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىيىنىڭ تۈزۈملىشىشى، قېلىپلىشىشى ۋە تەرتىپلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز؛ پۇقرالارنىڭ سىياسىيغا قاتنىشىش سالمىقىنى زورايتىپ، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش، دېموكراتىك باشقۇرۇش، دېموكراتىك نازارەتچىلىككە كاپالەتلىك قىلىشىمىز، ئاممىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن دېموكراتىك ھوقۇق – مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز لازىم.
تۆتىنچىدىن، ھەر قايسى تەرەپنىڭ مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇپ، خەلق ئىچىدىكى زىددىيەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشىمىزلازىم. خەلقنىڭ ئەڭ رېئال، ئەڭ بىۋاسىتە مەنپەئىتىگە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى قەتئىي توسۇپ، مەنپەئەت زىددىيەتلىرىنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشىمىز؛ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا ۋە قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، ئاممىۋى خىزمەتنى چوڭقۇر، ئەستايىدىل، پۇختا ئىشلەپ، ئاممىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىغا يېتەكلىشىمىز لازىم.
بەشىنچىدىن، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشىمىز لازىم. پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق پارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەشنى بىر تۈرلۈك سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدەچىڭ تۇتۇشىمىز لازىم.
收藏到:Del.icio.us