-
2011-02-18
خەلقئارا جوڭگۇنىڭ تەرەققىياتىغا قانداق قارايدۇ - [مــۇلاھــــىزە]
چەت ئەل ۋاستىسى : جۇڭگو ياپونىيەدىن ئېشىپ كېتىپ ، ئامېرىكىغا يېتىشىۋېلىشتا ‹‹ئاجىز نۇقتىلار كۆپ ، خىرىسمۇ كۆپ»
ئامېرىكا ئاۋازى رادىيو ئىستانسىسى تور پونكىتىنىڭ 14 – فېۋرال ماقالىسى
ئامېرىكا مارىلاند ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادشۇناسى پروفېسسورى فىلىپ . سۋاگىل مۇنۇلارنى بىلدۈردى : تەمكىنلىك بىلەن قارىغاندا ، رەت قاتارىدا قانچىنچى ئورۇندا تۇرۇش مۇھىم ئەمەس. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان بايلىق جەھەتتىن قارىغاندا جۇڭگو ياپونىيەگە سېلىشتۇرغاندا ، پەرق ناھايىتى زور . ئامېرىكىغا سېلىشتۇرغاندا پەرق تېخىمۇ زور . ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈپىتىدىن قارىغاندا ، جۇڭگونىڭ ياپونىيە ، ئامېرىكا بىلەن بولغان پەرقى تېخىمۇ زور .
نامدىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ( GDP ) گە ئاساسلانغاندا ، جۇڭگو ياپونىيەنىڭ 10/1 قىسمىنى ، ئامېرىكىنىڭ 11/1 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ . سېتىۋېلىش كۈچى تەكشى باھاسى بويىچە ھېسابلىغاندا ، جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ پەرقى يەنە 5/1 غا توغرا كېلىدۇ . سۋاگىل مۇنداق دېدى : جۇڭگو گەرچە ئاپتوموبىل بازىرى كۆلىمى ، ئېنېرگىيە سەرپىياتى ، پولات – تۆمۈر مەھسۇلاتى قاتارلىق كۆپلىگەن جەھەتلەردە ياپونىيە ھەتتا ئامېرىكىدىن ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ ، ئەمما جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى ، تىببىي داۋالاش ئەھۋالى ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمى ، ئىجتىمائىي چىرىكلىشىش قاتارلىق كۆپلىگەن تەرەپلەردە ئېغىر مەسىلە مەۋجۈت .
پروفېسسور بولۇش سۈپىتى بىلەن سۋاگىلمۇنۇلارنى كۆرسەتتى : جۇڭگونىڭ مائارىپ سىستېمىسىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشتا باسىدىغان يولى خېلى يىراق . جۇڭگو تەربىيەلەپ چىققان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسىي بىلىمى پۇختا بولسىمۇ ، ئەمما ئىجادىي تەپەككۇر قىلىشى يېتەرسىز . ھالبۇكى ، كەلگۈسىدىكى ھەقىقىي رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئىقتىسادىي گەۋدىلەر يەنە ناھايىتى كۈچلۈك يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى كېرەك . بۇ جەھەتتە ، جۇڭگونىڭ ئاساسىي مائارىپى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ سىجىل ئېشىشىنى كاپالەت بىلەن تەمىنلىيەلمەيدىغاندەك قىلىدۇ .
جۇڭگو ياپونىيەدىن ئېشىپ كەتكەندىن كېيىن ، كېيىنكى نىشان ئامېرىكىغا يېتىشىۋېلىش . بىرمۇنچە ئىقتىسادشۇناسلار مۇنداق قاراۋاتىدۇ : ئەگەر جۇڭگو – ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ نۆۋەتتكى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بويىچە ئالغاندا ، يەنە 10 يىلدىن 20 يىلغىچە ۋاقىت ئۆتكەندە ، جۇڭگو بۇ ھالقىشنىى ئەمەلگە ئاشۇرالىشى مۇمكىن . ئەمما ئىقتىسادشۇناسلار بۇ ھالقىشتا جۇڭگونىڭ ياپونىيەدىن ئېشىپ چۈشۈشىگە روشەن خاتىرجەمسىزلىنىۋاتىدۇ . ئادەتتىكى ھېسابلاش ئۇسۇلىغا ئاساسلانغاندا ، جۇڭگو ئامېرىكىدىن ئېشىپ چۈشۈشتە ، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرىچە GDP سى ھازىرقى تەخمىنەن ئامېرىكىنىڭ 10/1 قىسمىغا تەڭ كېلىشتىن يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ 4/1 قىسمىغا يېتىشى كېرەك . بۇ دۇنيا بايلىقىنىڭ چوڭ يۆتكۈلۈشى ھەمدە دۇنيا مۇھىتىنىڭ چوڭ ئۆزگىرىشى ۋە يەرشارىنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىسادىغا بولغان چوڭ خىرىستىن دېرەك بېرىدۇ .
ئىلگىرى ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى بولغان سۋاگىل ‹‹ئامېرىكا ئاۋازى››دا مۇنداق دېدى : ‹‹جۇڭگو ھازىرمۇ ئۆزىنىڭ زادى كەلگۈسى دۇنيادا قانداق ئورۇندا تۇرۇش مەسىلىسىگە جاۋاب ئىزدەۋاتىدۇ . جۇڭگو ئادەتتە ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى ئىقتىسادىي چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەسلىدە ئادا قىلىشقا تېگىشلىك يەر شارى خاراكتېرلىك مەجبۇرىيىتىنى ئۆتەشنى خالاپ كەتمەيدۇ . جۇڭگونىڭ ئافرىقا ، ئىران ، سۇداندىكى ھەرىكىتى دۇنيانىڭ مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كېتەلمىدى . جۇڭگونىڭ دۇنيادا قانداق رولنى جارى قىلدۇرۇشى جۇڭگو دۇچ كېلىۋاتقان بىر خىرىس بولۇپلا قالماستىن ، شۇنداقلا دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان بىر خىرىس ».
گالوپ خەلق رايىنى تەكشۈرۈش شىركىتى 14 – فېۋرال ئېلان قىلغان تەكشۈرۈشتىن مۇنۇلار بايقالدى . بارغانسېرى كۆپلىگەن ئامېرىكىلىقلار جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىش ۋەزىيىتىنى ئېتراپ قىلىدىكەن . جۇڭگو يېتەكچى ئورۇنغا ئىگە ئىقتىسادىي گەۋدە دەپ قارايدىغان كىشىلەرنىڭ نىسبىتى %52 گە يېتىدىكەن ، ئامېرىكا يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدۇ دەپ قارايدىغانلارنىڭ نىسبىتى ئاران %32 ئىكەن . جۇڭگونىڭ يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش نىسبىتى ئىلگىرىكى بىرقانچە قېتىملىق تەكشۈرۈشكە سېلىشتۇرغاندا يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن .
برۇكىنىس ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ جۇڭگو مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى لى چېڭنىڭ بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشنى چۈشەندۈرۈشى مۇنداق ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەت بىلەن ئېشىشى ئامېرىكىغا شۇنى ھېس قىلدۇردىكى ، جۇڭگونىڭ باش كۆتۈرۈشىنى چەكلىگىلى بولمايدۇ . ئادەتتىكى ئامېرىكىلىقلار جۇڭگودا مەۋجۇت بولۇۋاتقان مەسىلىلەرگە ھازىرچە دىققەت قىلىپ كېتەلمىسىمۇ ئەمما ئۇلار جۇڭگونىڭ ئورنىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتقانلىقىدەك چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ يەتتى .
ئەمما ، پروفېسسور سۋاگىل ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسىگە يەنىلا ئۈمىدۋارلىق بىلەن قارىدى . ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى ، ئامېرىكىنىڭ يېرى كەڭ ، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى ، پەن – تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى ، ھەربىي كۈچى ياپونىيەدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ . سۋاگىل مۇنداق دېدى : ئامېرىكىنىڭ دېموكراتىيە سىياسىي تۈزۈمى ۋە ئەركىن بولغان بازار ئىقتىسادىي تۈزۈمىدىن باشقا ئامېرىكىدىن ئىبارەت يېڭىلىق يارىتىشقا باي بۇ جەمئىيەتنى جۇڭگوغا سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى زور ئۈستۈنلۈككە ئىگە . جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدىن ئېشىپ چۈشۈشى ، كىشلەرنىڭ ھازىرقى مۆلچەرىگە سېلىشتۇرغاندا خېلى قىيىن . ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ .
ئامېرىكىدا چىقىدىغان ‹‹ۋال –سترېت كۈندىلىك گېزىتى ›› نىڭ 14 – فېۋرال خەۋىرى ، جۇڭگونىڭ ئەڭ ئاخىرىدا ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىش – كېتەلمەسلىكى ، جۇڭگونىڭ ئۇزاققىچە ئامېرىكىغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ تېز بولغان ئۆسۈش ۋاقتىنى داۋاملىق ساقلاپ قالالىشىغا باغلىق . ۋاشىنگتون ئاقىللار ئامبىرى پېترسون خەلقئارا ئىقتىساد تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ ئىقتىسادشۇناسى ئارۋىد . سۇبۇلامانىئاننىڭ مۆلچەرلىشىچە بۇ ئەھۋال 2030 – يىلىنىڭ ئالدى –كەينىدە مەيدانغا كەلسىمۇ ، بىراق باشقا كىشىلەر ئېھتىياتچان بولۇش پوزىتسىيەسىدە تۇرماقتا . ھارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادشۇناسى جېنىس . روگوف مۇنداق دېدى : بۇ ئىشنى مۆلچەرلەش قىيىن ، چۈنكى كۆپلىگەن نامرات دۆلەتلەر تەرەققىي قىلىش جەريانىدا ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرايدۇ ، دائىم دېگۈدەك بانكا كىرىزىسى كۆرۈلىدۇ .
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدا ، ئىقتىسادشۇناسلار ياپونىيە ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ دەپ مۆلچەرلەشكەنىدى ، ئەمما 1990 – يىلدىن باشلاپ ، ياپونىيە ئىقتىسادىنىڭ پالەچلىنىپ قېلىشىغا ئەگىشىپ ، ياپونىيە ھازىر ئامېرىكىدىن خېلىلا ئارقىدا قالدى .
ئالاھىيدە ئەسكەرتىش:
بۇ يازما تەڭرىتاغ تورىدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تەڭرىتاغ تورىدىن كۈچۈرۈپ، بلوگىمىزدا يوللاندى. ئەگەر بۇنىڭدىن كۆچۈرۈپ بايدىلانماقچى ياكى باشقا تورلاردا ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز تۈۋەندىكى ئەسكەرتىشكە دىققەت قىلغايسىز.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ سەمىمىي ئەسكەرتىشى:
بۇ ئەسەرنىڭ ھوقۇقى تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىغا تەۋە ، باشقا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە تور بېكەتلىرىنىڭ ھەرقانداق باھانە–سەۋەب بىلەن كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ .
زۆرۈر بولسا رۇخسىتىمىزنى ئېلىڭ
ئالاقىلىشىش تېلېفونى : 13899973182 ، 8521981–0991
收藏到:Del.icio.us