بلوگ ھەققىدە: سىياسى نەزىرىيە، مەدەنىيەت تارىخ بىلىملىرىگە قىزىقامسىز؟ بۇ ھەقتە مول بىلىملەرگە ئىگە بۇلۇشنى ئارزۇ قىلامسىز؟ ئويۇلىغانلىرىڭىز، كۆڭۈل سۆزلىرىڭىز، تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بارمۇ؟ قېنى مەرھەمەت!

  • 2011-02-18

    ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تىزلىتىش توغرىسىدا - [نــەزەرىـيــە]

     ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تىزلىتىش – ئىلىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمىيەت بەرپا قىلىشىغا، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمىنى تىزلىتىش ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك. پارتىيە 17- قۇرۇلتېيىنىڭ دوكلىتىدا ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تىزلىتىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈركە بۇلۇش،ئوتتۇرغا قۇيۇلدى. بۇ خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك تەخىرسىز ھەم زور ئىستىراتىگىيىلىك ۋەزىپە. جۇڭگۇچە ئالاھىيدىلىككە ئىگە يېڭىچە سانائەتلىشىش يولىدا مېڭىشتا، ئىچكى تەلەپنى بۇلۇپمۇ ئىستىمال ئىھتىياجىنى ئاشۇرۇش فاڭجىنىدا چىڭ تۇرۇشتا، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاساسلىقى سېلىنما، ئىكىسپورت تۈرتكىسىگە تايىنىشتىن ئىستىمال، سېلىنما، ئىكىسپورتنىڭ ماسلاشما تۈرتكىسىگە تايىنىشقا، ئاساسلىقى 2- كەسىپنىڭ يىتەكلىشىگە تايىنىشتىن 1-، 2-، 3- كەسىپنىڭ ماسلىشىپ يىتەكلىشىگە تايىنىشىقا، ئاساسلىقى ماددىي بايلىق سەرپىياتىنى ئاشۇرۇشقا تايىنىشتىن ئاساسلىقى پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىغا، ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە، باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىشقا ئۆزگىرىش كىرەك. بۇ پارتىيىمىز ئىلىمىزنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى ئۈستىدە چۇڭقۇر ئىزدىنىش ۋە ئۇنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش ئاساسىدا بىكىتكەن مۇھىم فاڭجىن شۇنداقلا ئىلىمىزنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ئەمىلىيىتىنى چىقىش قىلىپ ئوتتۇرغا قويغان مۇھىم ئىستىراتىگىيە.

     

    1. تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ئىقتىسادنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تىز تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئاچقۇچى

     

    ئىسلاھات، ئېچىۋىتىش يولغا قۇيۇلغاندىن بۇيان، ئىلىمىزنىڭ ئىقتىسادى سىجىل، تىز ئاشتى، ئۇنۋىرسال ئەمىلىي كۈچى كۆرۈنەرلىك زورايدى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى زور دەرىجىدە ئۆستى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلىشىدا ھەممە ئىتىراپ قىلغان ئۇلۇغ نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئەمما شۇنى كۈرۈش كىرەككى، ئىلىمىزنىڭ ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش شەكلى بىر قەدەر يىرىك، ئىقتىسادنىڭ تېز ئېشىشىغا زىيادە بەدەل تۆلەندى. پارتىيە 14- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتىتىنىڭ 5- ئومۇمىي يىغىنىدا ئىقتىسادنىڭ ئېشىش شەكلىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىشنىڭ ئىستىراتىگىيىلىك فڭجىن بىكىتىلگەندىن بۇيان، ئىلىمىز بۇ جەھەتتە نۇرغۇن ئۈنۈم ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش شەكلى تۈپتىن ئۆزگەرمىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىقتىسادنىڭ تېز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش شەكلىنىڭ يىرك بۇلىشى گەۋدىلىنىپ، بايلىق، مۇھىت دۇچ كەلگەن بېسىم بارغانسىرى زورايماقتا. ئۇ قىسقا مۇددەتلىك ساغلام تەرەققىياتقا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇزاق مۇددەت سىجىل تەرەققىي قىلىش ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمىيەت بەرپا قىلىش نىشانىغا ئوڭۇشلۇق يىتىشنى قاتتىق چەكلەۋاتىدۇ.

    پارتىيە 17- قۇرۇلتېيىنىڭ دوكىلاتىدا دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات قانۇنىيىتى ئومۇمىيۈزلۈك ئىگىلەنگەن ئاساستا ھازىرقى تەرەققىيات ئەمىلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، پارتىيە 14- نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتىتىنىڭ 5- ئومۇمى يىغىنىدا ئوتتۇرغا قۇيۇلغان «ئىقتىسادنىڭ ئېشىش شەكلىنى ئۆزگەرتىش» «ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش» كە ئۆزگەرتىلدى. بۇ ئىككى سۆزنى ئۆزگەرتىشنىڭ مەزمۇنى چۇڭقۇر، ئەھمىيىتى زور، قاراتمىلىقى ۋە يىتەكلەش خەرەكتىرى تېخىمۇ كۈچلۈك بۇلۇپ، پارتىيىمىزنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ قانۇنىيىتىگە قارىتا تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك، تېخىمۇ چۇڭقۇر تۇنۇشقا ئىگە بولغانلىقىنى ئەكىس ئەتتۇردى.

    بىرىنچى، بۇ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ تەلىپىنى چۇڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمىلىلەشتۈرۈشنى تېخىمۇ ياخشى گەۋدىلەندۈردى. تەرەققىيات پارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇھىم ۋەزىپىسى. ئىلمى تەرەققىيات قارىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەزمۇنى تەرەققىيات، ئەمما بۇ تەرەققىيات ھەرگىزمۇ ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى ئاشۇرۇشلا ئەمەس. ئىلىمىزنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى مۇقىم، ماس، ئومۇميۈزلۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولماسلىق مەسىلىسى مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئېشىشنى تەرەققىيات دەپ قاراپ، ئۇنى بىرىنچى ئورۇنغا قۇيۇشتىن، قوغلاشقانلىقتىن كىلىپ كىلىپ چىققان. «ئېشىش ئۇسۇلى» ئاساسەن ئېشىش جەريانىدىكى بايلىق، ئەمگەك، كاپىتال قاتارلىق سېلىنمىلارنىڭ ئۈنىمىگە قارىتا ئېيتىلغان. تەرەققىيات ئۇسۇلى ئىقتىسادىي ئۈنۈمنىڭ ئېشىشى، بايلىق سەرپىياتىنىڭ تۈۋەنلىشىشىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماي، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى سەرخىللاشتۇرۇش، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ياخشىلاش، تەرەققىيات نەتىجىل؛ىرىنى مۇۋاپىق تەقسىم قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئېشىش شەكلى مۇھىم ئامىللار سېلىنمىسى جەھەتتە «تورت» نى قانداق قىلغاندا چوڭايتقىلى بۇلىدۇ؟ دىگەن مەسىلىگە جاۋاپ بىرىدۇ. «راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلى» بولسا مۇھىم ئامىللار سېلىنمىسى جەھەتتە «تورت» نى قانداق قىلغاندا چوڭايتقىلى بۇلىدۇ؟ دېگەن مەسىلىلا ئەمەس، تەرەققىيات يولىدىكى «تورت» نى قانداق ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى قوللۇنۇپ، قانداق مۇھىت بەدىلى تۆلەپ چوڭايتقىلى بۇلىدۇ؟ دىگەن مەسىلىگىمۇ جاۋاپ بىرىدۇ. شۇڭا «راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلى» نى «ئېشىش ئۇسۇلى» نىڭ ئورنىغا قۇيۇش ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا بۇلۇشقا تىگىشلىك مەزمۇن، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىل ئەمىلىلەشتۈرۈشنىڭ مۇقەررەر تەلەپ.

    ئىككىنچى، بۇ ئىقتىسادى تەرەققىياتتىكى چۇڭقۇر قاتلاملىق زىدىيەتلەرنى ھەل قىلىش تەلىپىنى تېخىمۇ چۇڭقۇر ئەكىس ئەتتۇردى. ئىچكى-تاشقى تەلەپ قۇرۇلمىسى، ئىچكى تەلەپ قۇرۇلمىسى تەكشى بولماسلىق، كەسپ قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق بولماسلىق، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولماسلىق ۋە تۈزۈلمە، مىخانىزىم مۇكەممەل بولماسلىق ئېشىش شەكلىنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئوتتۇرغا قۇيۇلغىنىغا خېلى يىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا ماھىيەتلىك ئىلگىرلەش بولمىغانلىقىنىڭ ئاساسىي سەۋەبى شۇ. ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش ئارقا كۈرۈنىشى ئاستىدا، ئىلىمىزنىڭ ھەر جەھەتتىكى شارائىتىنىڭ خېلى ياخشى بۇلىشى، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر ياكى دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ ئەرزان باھالىق «پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى» ياكى «ئىشلەپچىقىرىش سېخى» بۇلۇپ قالدى. بۇ مۇقەررەر ھالدا سېلىنما، سانائەت ۋە ئىكىسپورت سۈرئىتىنىڭ تىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. سېلىنما، سانائەتنىڭ تىز ئېشىشى مۇقەررەر ھالدا، سەرپىياتى يۇقىرى، بولغىما چىقىرىشى كۆپ سېلىنما بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىشىنى كېڭەيتتى ۋە بۇ پەسىپلەرنىڭ سېلىنمىسىنى ئاشۇردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلىتىمىزنىڭ يېڭىلىق يارتىش ئىقتىدارى ئاجىز بولغاچقا سانائەت، ئىكىسپورتنىڭ تىز ئېشىشى مۇقەررەر ھالدا قۇشۇمچە قىممىتى تۈۋەن ھەم يەرنى كۆپ ئىگىلەيدىغان، سەرپىياتى يۇقىرى، بۇلغىما چىقىرىشى كۆپ بولغان ماركا چاپلاپ ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىغا تايىنىپ ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇ ھازىرقى باسقۇچتىكى يىرىك ئېشىش ئۇسۇلىغا تىرەك بولغان مىخانىزىم. شۇڭا نۇقۇل ئېشىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق كۆزلىمە ئۈنۈمگە ئىرىشىش ناھايىتى تەس. بۇنىڭ بىۋاستە سەۋەبىنى ئىگىلەپ، تەلەپ قۇرۇلمىسى، كەسىپ قۇرۇلمىسى قاتارلىقلارنى تەڭشەشنى مەنبەدىن چىڭ تۇتۇپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارتىش ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرۇشىمىز كىرەك. ئىچكى-تاشقى تەلەپ قۇرۇلمىسى تەڭپۇڭلاشسا، كەسىپ قۇرۇلمىسى سەرخىللاشسا، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارتىش ئىقتىدارى ئاشسا، سەرپىيات يۇقىرى بولغان يىرىك ئېشىش مەسىلىسىمۇ ئۆزلىكىدىن ھەل بۇلىدۇ. شۇڭا مەسىلىنى «تەرەققىيات ئۇسۇلى» نى «ئېشىش ئۇسۇلى» نىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ئارقىلىق ھەل قىلىشنىڭ قاراتمىلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك، رىئال ئەھمىيىتى تېخىمۇ زور.

    ئۈچۈنچى، بۇ خەلقنىڭ تۈپ تەلىۋىنى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك ئەكىس ئەتتۈردى. سوتسىيالىستىك ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ مەقسىدى – خەلقنىڭ كۈنسىرى ئېشىپ بېرىۋاتقان ماددىي، مەدىنىيەت تۇرمۇشى جەھەتتىكى ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش. بۇ كىرىم سەۋىقيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپلا قالماي، تېخىمۇ كۆپ ماددىي مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتكە، جۈملىدىن پاكىز سۇ، ساپ ھاۋا، يىشىل ماكان، ياخشى مۇھىت قاتارلىقلارغا ئىرىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىسلاھات ئېچىۋىتىش يولغا قۇيۇلغاندىن بۇيان، ئىلىمىز ئىقتىسادىنىڭ تىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئىكىلوگىيىلىك مۇھىتقا بولغان بېسىم بارغانسىرى ئېغىرلاشتى. بەزى رايۇنلار مۇھىت قانۇنىيىتىگە قارىماي، «كۆلنى قۇرتۇپ بېلىق تۇتۇش» ئۇسۇلى بىلەن ئېچىلغانلىقتىن ئېكىلوگىيە سېستىمىسىنىڭ ئومۇمىي ئىقتىدارى ئاجىزلىشىپ، بارغانسىرى كۆپ جاي ئىنسانلارنىڭ ياشىشىغا باپ كەلمەيدىغان بۇلۇپ قېلىۋاتىدۇ. بەزى جايلار بايلىق، مۇھىتنىڭ قۇربىدىن ھالقىغان ھالدا ئېچىلغاچقا، سۇ بايلىقى ئازىيىپ، يىشىل ماكان ئازىيىپ، مۇھىت بۇلغىنىشى ئېغىر بۇلىۋاتىدۇ. بۇ مەسىلىلەر ئىقتىسادنىڭ تىز ئېشىشى ۋە كىرىمنىڭ كۆپىيىشى ئېلىپ كەلگەن تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشىنى مۇئەييەن دەرىجىدە يوققا چىقىرىۋاتىدۇ. ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئوتتۇرغا قۇيۇلىشى ئىمكان قەدەر ئاز بايلىق سېلىنمىسى ئارقىلى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلىپلا قالماي، ئىمكان قەدەر ئاز بۇلغىما چىقىرىش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ئادەمنى ئاساس قىلىشنى تەكىتلەپ، بىزدىن تېخىمۇ ئەتراپلىق، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەتىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈدىغان تەرەققىيات فاڭجىنىنى بىكىتىشنى تەلەپ قىلدى. شۇڭا «ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلى» نى «ئىقتىسادنىڭ ئېشىش شەكلى» نىڭ ئورنىغا دەسسىتىش خەلقنىڭ ھەر جەھەتتىكى ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش مەزمۇنىنى تېخىمۇ ياخشى گەۋدىلەندۈردى.

     

    2. «ئۈچنى ئۆزگەرتىش» ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئاساسى

     تەسەۋۋۇرى

     

    پارتىيە 17- قۇرۇلتېيىنىڭ دوكىلاتىدا ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئاساسىي تەسەۋۋۇرى ئوتتۇرغا قۇيۇلدى. ئۇ بولسىمۇ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاساسلىقى سېلىنما، ئىكىسپورت تۈرتكىسىگە تايىنىشتىن ئىستىمال، سېلىنما، ئىكىسپورتنىڭ ماسلاشما تۈرتكىسىگە تايىنىشقا، ئاساسلىقى ئىككىنچى كەسىپنىڭ يىتەكلىشىگە تايىنىشتىن 1-، 2-، 3- كەسىپنىڭ ماسلىشىپ يىتەكلىشىگە تايىنىشقا، ئاساسلىقى ماددىي بايلىق سەرپىياتىنى ئاشۇرۇشقا تايىنىشتىن ئاساسلىقى پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىغا، ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە، باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارتىشقا تايىنىشقا ئۆزگەرتىش. بۇ ئىلىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇھىم فاڭجىنى.

    (1) ئاقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاساسلىقى سېلىنما، ئىكىسپورتنىڭ تۈرتكىسىگە تايىنىشنى ئىستىمال، سېلىنما، ئىكىسپورتنىڭ ماسلاشما تۈرتكىسىگە تايىنىشقا ئۆزگەرتىش كىرەك. بۇ ئىچكى-تاشقى تەلەپ قۇرۇلمىسى، ئىچكى ئىھتىياجنىڭ ئىستىمال ۋە سېلىنما قۇرۇلمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئومۇمىي تەلەپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنىڭ نىشانى بۇلۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنىڭ سېلىنما ۋە ئەمگەك ئىكىسپورتىغا تايىنىش مەسىلىسىگە قارىتا ئوتتۇرغا قۇيۇلدى.

    ئىچكى تەلەپ ئىلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان ھەركەتلەندۈرگۈچ بۇلۇپ كەلدى. 1979- يىلىدىن 2005- يىلىغىچە ئىلىمىزنىڭ ئىقتىسادى يىلىدا ئوتتۇرچە %9.6 تىن ئاشتى، ئۇنىڭ ئىچىدە ئىچكى تەلەپنىڭ قوشقان تۆھپە نىسبىتى %92.2 گە يەتتى. مال ۋە مۇلازىمەتنىڭ ساپ ئىكىسپورتقا قوشقان تۆھپە تۆھپە نىسبىتى ئاران %7.4 بولدى. يېقىنقى نەچچە يىلدىمۇ ئىچكى تەلەپنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆپە نىسبىتى %91.9 بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلىتىمىز يەنىلا ئاساسەن ئىچكى تەلەپنىڭ ئۈزلۈكسىز كىڭىيىشىگە تايىنىپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ. نوپۇسى كۆپ، بۇلۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان نوپۇسى كۆپ چوڭ دۆلەت بولغان دۆلىتىمىزنىڭ بۇ ئاساسىي ئەھۋالى دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيادىكى باشقا ھەرقانداق دۆلەتكە قارىغاندا مەۋقەنى ئىچكى تەلەپنى كىڭەيتىشكە قۇيۇپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ پايدىلىق شارائىتقا ئىگە بۇلىشىنى بەلگۈلىگەن. شەھەر يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىستىمال قۇرۇلما دەرىجىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ئۈچۈن زور ئىستىمال تەلىپى يارىتىدۇ. سانائەتلىشىش قەدىمىنىڭ تىزلىشىشى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى غايەت زور سېلىنما تەلىپى بىلەن تەمىنلەيدۇ. شەھەرلەشتۈرۈشنىڭ تىز تەرەققىي قىلىشى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تېخىمۇ كەڭ ئىچكى تەلەپ ئىمكانىيىتى يارتىپ بىرىدۇ.

    مەۋقەنى ئىچكى تەلەپنى كېڭەيتىپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قۇيۇپ، سېلىنما تەلىپى بىلەن ئىستىمال تەلىپىنىڭ مۇناسىبىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش شەرت. يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان ئىلىمىزدە كاپىتال شەكىللىنىشىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆپىسى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، ئىستىمال نىسبىتى، بۇلۇپمۇ ئاھالە ئىستىمال نىسبىتىنىڭ قوشقان تۆھپە نىسبىتى سىجىل تۈۋەنلىدى. كاپىتال شەكىللىنىشىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى 2000- يىلدىكى %21.7 تىن 2006- يىلدىكى %40.7 كە كۆپەيدى. ئاخىرىقى ئىستىمالنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى 2000- يىلى %63.8 بولسا، 2006- يىلى %38.9 كە چۈشتى. باشقا دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئىلىمىزدە ئىستىمالنىڭ ئېشىشى ئاستا ئەمەس. دۇنيا بانكلىسىنىڭ «2006- يىللىق دۇنيا تەرەققىيات كۆرسەتكۈچى» گە قارىغاندا، 2000- يىلىدىن 2004- يىلىغىچە ئىلىمىز ئاھالىسىنىڭ ئاخىرىقى ئىستىمال چىقىمى يىلىغا %7 تىن ئېشىپ، ئامىرىكىنىڭ %3ى، دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە %2.4 ىدىن كۆپ يۇقىرى بولغان. ئەمما بۇ يەردىكى مەسىلە شۇكى، ئىلىمىز سېلىنمىسىنىڭ ئېشىشى تېخىمۇ تىز بۇلۇپ، سېلىنما بىلەن ئىستىمال ماسلاشماسلىق ئەھۋالى كۈرۈلگەن. ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى كاپىتال شەكىللىنىشىگە زىيادە تايانغان؛ ئىستىمال ساھەسىنىڭ ئۆزىدىن قارىغاندا ئىستىمال قۇرۇلمىسىنىڭ يىتەرسىز بۇلۇش مەسىلىسى بىر قەدەر گەۋدىلىك، ئاساسلىقى دېھقانلار ۋە شەھەرلەردىكى تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ كىرىم سەۋىيىسى تۆۋەن، ئىستىمال ئىقتىدارى كۈچلۈك ئەمەس. بۇ مەسىلە ئىقتىسادنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى چەكلىدى.

    شۇڭا ئىقتىسادنىڭ قىسقا مۇددەت گۈللىنىشىنى ئەمەس، ئۇزاققىچە مۇقىم ئېشىشىنى ساقلاشتا مەۋقەنى ئىچكى تەلەپنى كېڭەيتىشكە قۇيۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىچكى تەلەپ ، بۇلۇپمۇ ئاھالىنىڭ ئىستىمال تەلىپى ئاساسىدا ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا ئىستىمال، سېلىنما، ئىكىسپورت ماسلىشىپ تۈرتكە بۇلىدىغان ئەندىزە شەكىللەندۈرۈش كىرەك.

    (2) ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاساسلىقى 2- كەسىپنىڭ يىتەكلىشىگە تايىنىشنى 1-، 2-، 3- كەسىپنىڭ ماسلىشىپ يىتەكلىشىگە تايىنىشقا ئۆزگەرتىش كېرەك. 1-، 2-، 3- كەسىپ قاتلىمىدىكى كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنىڭ ئاساسى نىشانى يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسى ئاجىز بۇلۇش، سانائەت چوڭ بىراق كۈچلۈك بولماسلىق، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئارقىدا قېلىش ۋە ئۈچ چوڭ كەسىپ ئوتتۇرسىدىكى نىسبەت مۇۋاپىق بولماسلىق مەسىلىلىرىنى كقۆزدە تۇتقان ھالدا ئوتتۇرغا قۇيۇلدى.

    يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسى ئاجىز بۇلۇپ، «تەبىئەتنىڭ رايىغا بېقىپ جان بېقىش» ۋەزىيتى تۈپتىن ئۆزگەرتىلمىدى؛ سانائەت چوڭ، ئەمما كۈچلۈك ئەمەس، ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ كۆلىمى دۇنيا بۇيىچە 3- ئورۇندا تۇرغىنى بىلەن مۇستەققىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى، يادىرولۇق تېخنىكا ۋە دۇنياغا داڭلىق ماركا كەمچىل، سەرپىياتى يۇقىرى، بۇلغىمىسى كۆپ، كەسپ ۋە كارخانىلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى يۇقىرى؛ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئارقىدا، ئۇنىڭ قۇشۇلما قىممىتىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى ئوتۇرھال، تۈۋەن كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرچە سەۋىيىسىدىن ئوننەچچە پىرسەنت پوئىنىت تۈۋەن، بۇلۇپمۇ ھازىرقى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ سانى ۋە سۈپىتى تەلەپنى قاندۇرالمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىللە 2-، 3- كەسپلەرنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتىنىڭ ئۆزگىرىش نىشانىدا پەرق كۈرۈلۈپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى، ئاساسلىقى 2- كەسىپنىڭ يىتەكلىشىگە تايىنىش ئەندىزىسى ئۆزگەرمەيلا قالماي، داۋاملىق كۈچۈيۈپ، بايلىق، مۇھىتقا بولغان بېسىمى يەنىمۇ ئاشتى. 2- كەسىپ قۇشۇلما قىممىتىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى 2002- يىلدىكى %44 تىن ئۆرلەپ، 2006- يىلى %48.7 كە يەتتى. ئىقتىسادنىڭ ئېشىشقا قوشقان تۆھپە نىسبىتى %55.5 كە يەتتى. 3- كەسىپ قۇشۇلما قىممىتىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى 2002- يىلى يۇقىرى پەللىگە يەتكەندىن كىيىن ئىزچىل تۈۋەنلەپ، %41.5 تىن 2006- يىلى %39.5 كە چۈشتى. ئىقتىسادنىڭ ئېشىشقا قوشقان تۆھپە نىسبىتى %45.7 تىن %38.6 كە چۈشتى.

    كەسىپ قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق بولماسلىق ھالىتى بايلىق، مۇھىتقا بولغان بېسىمنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي ساپاسى ۋە ئۈنىمىنىڭ ئېشىشىغا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمىنى ئازايتىشقىمۇ پايدىسىز، ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا مەۋقەنى كەسىپ قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇشقا قۇيۇپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئاساسىي لىنىيىسى قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇللۇق ئورنىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاجىزلىقتىن كۈچۈيىشكە ئۆزگىرىشىنى تەدىرىجى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ سانائەتنىڭ تېخنىكا سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، سانائەتنى چوڭلىقتىن كۈچۈيىشكە ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ مۇلازىمەت كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشنى تىزلىتىپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئاستا بۇلۇشتىن تىز بۇلۇشقا ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئاساسلىقى 2- كەسىپنىڭ تۈرتكىسىگە تايىنىشتيىن 1-، 2-، 3- كەسىپلەرنىڭ ماسلاشما تۈرتكىسىگە تايىنىشقا ئۆزگەرتىش كىرەك.

    (3) ئىقتىسادنىڭ ئاشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ماددى بايلىق سەرپىياتىنى ئاشۇرۇشقا تايىنىشتىن، ئاساسلىقى پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى، ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارتىشقا تايىنىشقا ئۆزگەرتىش كىرەك. بۇ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم ئامىل سېلىنمىسى قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنىڭ ئاساسى نىشانى، ئۇ ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش جەريانىدا ماددى بايلىق سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇش ۋە ئاددە ئەمگەككە زىيادە تايىنىۋېلىش، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى، ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارتىش قاتارلىقلارنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى زور بولماسلىق مەسىلىسى كۆزدە تۇتۇلغان ھالدا ئوتتۇرغا قۇيۇلغان.

    2005- يىلى ئىلىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممىتى شۇ يىلقى ئوتتۇرچە پىرۋوت نىسبىتى بۇيىچە ھىسابلىغاندا، 2 تىرليون 260 مىليارد دوللار بۇلۇپ، دۇنيا ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممىتىنىڭ تەخمىنەن %5 نى ئىگىلىدى. ئەمما بۇنىڭغا سېلىنغا ھەر خىل ئىچكى بايلىق ۋە ئىمپورت قىلىنغان بايلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىگىلىگەن نىسبەتتىن خېلىلا يۇقىرى بولدى. 2005- يىلى ئىلىمىز ئىلىمىز ئىستىمال قىلغان نىفىت 300 مىليون توننا، كۆمۈر 2 مىلۇيارد 140 مىليون توننا، يىرىك پولات 350 مىليون توننا، سىمىنوت 1 مىليارد 50 مىليون توننا، ئاليۇمىن ئوكسىد 15 مىليۇن 610 مىڭ توننا بۇلۇپ، دۇنيا بۇيىچە ئىەستىمال مىقدارىنىڭ %7.8، %39.6، %31.8، %47.7 ۋە %24.4 نى ئىگىلىدى. پېرۋوت نىسبىتى ئامىلىنى كۆزدە تۇتقاندىمۇ ئىلىمىزنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۆلىگەن ئېنىرگىيە، بايلىق بەدىلىنىڭ كۆپ بۇلىشى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىت.

    يەنە بىر جەھەتتىن، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارتىش ئىقتىدارىمى ئاجىز، يادىرولۇق تېخنىكا كەمچىل، مۇستەققىل بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقى ئاز، دۇنياغا داڭلىق ماركىلار كەمچىل بولغانلىقتىن، كۆپرەك ئەرزان ئەمگەك كۈچىنىڭ سېلىشتۇرما ئۈستۈنلىكىگە تايىنىڭ پايدىسى ئاز، تۈۋەن دەرىجىلىك مەھسۇلات چىقىرىدىغان «دۇنيا زاۋۇتى» غا ئايلىنىشقا مەجبۇر بولدۇق. دۆلىتىمىز ئىكىسپورت تاۋارلىرىنىڭ %90 ى ماركا چاپلانغان مەھسۇلات. ئىلىمىزنىڭ توقۇلما مال، كىيىم-كىچەك ئىكىسپورتى دۇنيا بۇيىچە تۇقۇلما مال، كىيىم-كىچەك سودىسى ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %24 نى ئىگىلەيدۇ. ئەمما داڭلىق مەھسۇلاتى %1 كىمۇ توشمايدۇ، دۇنيا بۇيىچە بىرمۇ داڭلىق مەھسۇلاتى يوق. ئامېرىكا «سودا ھەپتىلىك ژورنىلى» ۋە خەلقئارا داڭلىق مەھسۇلات ئىچىدە ئامىرىكا 50 نى، ياۋرۇپا دۆلەتلىرى 38 نى، ئاسىيا دۆلەتلىرى 11 نى (ئۇنىڭ 8 ى ياپونىيىنىڭ، 3 ى كورىيىنىڭ) ئىگىلىگەن، جۇڭگۇنىڭ بىرسىمۇ يوق. ئىلىمىزنىڭ رەڭلىك تېلىۋىزور، يان تېلىفۇن، كومپيوتور، DVD ئاپىراتى قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ مىقدارى دۇنيا بۇيىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئەمما ئاچقۇچلۇق ئۈزەكنى ئىمپورت قىلىدۇ. ئىلىمىز كارخانىلىرى يان تېلىفۇننىڭ سېتىلىش باھاسىنىڭ %20 ى، كومپيوتېر سېتىلىش باھاسىنىڭ %20 ى، ھەتتا %40 ى بۇيىچە پاتېنىت ھوقۇقى ئىگىلىرىگە ھەق تۆلەيدۇ.

    بۇنىڭدىن شۇنى كۈرۈۋالغىلى بۇلىدۇكى، مەيلى خەلقئارا پەن-تېخنىكا رىقابىتىنىڭ كەسكىنلىشىشىدىن قارالسۇن ياكى ئىلىمىزنىڭ ئەمگەك كۈچى تەمىناتىدا كۈرۈلگەن يېڭى ئەھۋال ۋە بايلىق، مۇھىتقا بولغان بېسىمدىن قارالسۇن، ئىلىمىز پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى، ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ۋە باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارتىش قاتارلىقلارغا كۆپرەك تايىنىپ، ئىقتىسادى تەرەققىياتنى يىتەكلەيدىغان باسقۇچقا يىتىپ كەلدى. جەزمەن ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، يېڭىلىق يارتىشچان دۆلەت قۇرۇشنى دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستىراتىگىيىسىنىڭ يادىروسى قىلىپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە يېڭىلىق يارتىشنى ئاساس قىلغان يېڭى رىقابەت ئۈستۈنلىكىنى شەكىللەندۈرۈشى كىرەك.

    3. ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئاساسى ۋەزىپىسى ۋە قوللىنىشقا تىگىشلىك

     زور تەدبىرلەر

     

    كۆپ يىل تىرىشىش ئارقىلىق ئقتىسادنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تىز تەرەققىياتىغا تىرەك بۇلىدىغان نۇرغۇن پايدىلىق شارائىت ھازىرلىدۇق، بۇنىڭ ئاچقۇچى ئىلمى تەرەققىيات قارىشىنى يىتەكچى قىلىپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىلمى تەرەققىياتتا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت ياراتقانلىقىمىزدا. «ئۈچنى ئۆزگەرتىش» تەلىپى بۇيىچە 2020- يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمىيەت بەرپا قىلىشنىڭ كۈرەش نىشانىغا يىتىشتە تۈۋەندىكى ئىستىراتىگىيىلىك مۇھىم ۋەزىپىلەرنى كۈچەپ ئۇرۇنداش كىرەك:

    (1) ئىچكى تەلەپنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىستىمال ئىھتىياجىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى يىتەكلەش رولىنى ئاشۇرۇش كېرەك. سېلىنما بىلەن ئىستىمالنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەڭشەپ، سېلىنما كۆلىمىنى مۇۋاپىق كونتۇرۇل قىلىپ، ئىمپورت- ئىكىسپورت قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدا زور داۋالغۇش كۈرۈلۈشتىن ساقلىنىش كىرەك. ئاھالىنىڭ ئىستىمال ئىھتىياجىنى كېڭەيتىشتە بارلىق چارە- تەدبىرلەرنى قوللۇنۇپ شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، ئاھالە كىرىمىنىڭ مىللى دارامەت تەقسىماتىدىكى نىسبىتىنى تەدىرىجى ئاشۇرۇش كىرەك. تۈۋەن كىرىملىكلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمى ۋە ئەڭ تۈۋەن مائاش ئۆلچىمىنى تەدىرىجى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى قوللايدىغان، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان سىياسەتلەرنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كارخانا ئىشچى- خىزمەتچىلىرىنىڭ مائاشىنى نورمال ئۆستۈرۈش مېخانىزىمى ۋە تارقىتىشقا كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزىمى ئورنىتىش كىرەك.

    (2) ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، يېڭىلىق يارتىشچان دۆلەت قۇرۇش كىرەك. دۇنيا پەن-تېخنىكا ئىنقىلاۋىنىڭ كۈنسىرى تىز تەرەققى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، دۆلەتنى پەن-مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستىراتىگىيىسىنى يولغا قۇيۇپ، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنى تىزلىتىش ئىلىمىز تەرەققىيات ئىستىراتىگىيىسىنىڭ يادىروسى ۋە ئۇنۋېرسال دۆلەت كۈچىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى بۇلۇپ قالدى. ئىپتىدائى يېڭىلىق يارتىش، بىرىكمە يېڭىلىق يارتىش، كىرگۈزگەننى ھەزىم قىلىپ- قۇبۇل قىلىپ، قايتا يېڭىلىق يارتىشتەك جۇڭگۇچە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارتىش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ ئىستىراتىگىيىلىك ئاساسى نۇقتىسى ۋە كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنىڭ مەركىزى ھالقىسى قىلىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلىشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇش كىرەك. دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا- ئۇزاق مۇددەتلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىيات پىلانىنىڭ تىزىسىنى ئەستايىدىل ئەمىلىلەشتۈرۈپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، چوڭ پەن-تېخنىكا تۈرلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ يولغا قۇيۇشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى چەكلەۋاتقان ئاچقۇچلۇق تېخنىكلاردا كۈچەپ بۆسۈش ھاسىل قىلىش كىرەك. دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارتىش سېستىمىسى ئورنۇتۇشنى تىزلىتىش، بۇلۇپمۇ كارخانىنى سۇبېكىت، بازارنى يىتەكچى قىلغان، ئىشلەپچىقىرىش، ئۈگۈنۈش، تەتقىقات بىرلەشتۈرۈلگەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارتىش سېستىمىسى ئورنۇتۇپ، كارخانىلارنى ھەقكىقىي تۈردە تەتقىق قىلىش، ئېچىش سېلىنمىسىنىڭ سۇبىكتى ۋە يېڭىلىق يارتىشنىڭ سۇبىكتىغا ئايلاندۇرۇش كىرەك. تۈزۈلمىدە يېڭىلىق يارتىش – پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارتىشنىڭ ئاساسى، پەن- تېخنىكا باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارتىش ۋە پەن- تېخنىكا نەتىجىلىرىنى كەسىپلەشتۈرۈشكە مەدەت بىرىدىغان قانۇنچىلىق كاپالىتى، سىياسەت سېستىمىسى، رىغبەتلەندۈرۈش مىخانىزىمى، بازار مۇھىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كىرەك. پەن- تېخنىكا رىقابىتىدىكى ئاچقۇچ – ئىختىساسلىقلاردا، بىلىم- مۈلۈك ھوقۇقى ئىستىراتىگىيىسىنى يولغا قۇيۇپ، زور بىر تۈركۈم ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىم ۋە پەن- تېخنىكلا باشلامچىسى بولالايدىغان ئىختىساسلىقلارنى تەربىيلەشنى ئىستىراتىگىيىلىك تەدبىر سۈپىتىدە ھەقىقى ياخشى تۇتۇش كىرەك.

    (3) كەسىپ قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋى كەسىپ سېستىمىسىنى راۋاجلاندۇرۇش كىرەك. بۇ 1-، 2-، 3- كەسىپلەر ماسلىشىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى يىتەكلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى. جۇڭگۇچە ئالاھىيدىلىككە ئىگە يېڭىچە سانائەتلىشىش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇشتا قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بۇل؛ىدىغان ئاساسى لىنىيە قىلىش كىرەك. ئۇچۇرلاشتۇرۇش بىلەن سانائەتلىشىشنىڭ يۇغۇرلىشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، سانائەتنىڭ چوڭ بۇلۇشتىن كۈچلۈك بۇلۇشقا ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلغار جابدۇق ياسىمىچىلىقى كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشنى تىزلىتىپ، چوڭ تىپتىكى جابدۇق ياسىمىچىلىقى ۋە ئۇل تەجرىبە ئەسلىھەلىرى قۇرۇلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاش؛ يۇقۇرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، يۇقىرى تېخنىكىلق كەسىپ تۈرلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېشىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە باپ كىلىدىغان يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەرنى سىياسەت جەھەتتىن قوللاپ، يۇقىرى تېخنىكىلق كەسىپ تۈرلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش؛ زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئاچقۇچلۇق ساھەلىرى، ئاجىز ھالقىلىرى ۋە يېڭى گۈللەنگەن كەسىپلەر تەرەققىياتىنى قوللاپ، مال ئوبۇرتى، ئۇچۇر، تېخنىكا مۇلازىمىتى قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش خەرەكتىرلىك مۇلازىمەت كەسىپلىرىنىڭ سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ سالمىقى ۋە سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش؛ ئاساسى كەسىپ ئۇل مۇئەسسەسەلەر قۇرۇلىشى، زامانىۋى ئىنىرگىيە كەسپى ۋە ئۇنۋېرسال تىرانسىپورت سېستىمىسى تەرەققىياتىنى تىزلىتىش كىرەك.

    (4) شەھەر- يېزا تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كىرەك. يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇللۇق ئورنىنى ھەقىقى كۈچەيتىپ، جۇڭگۇچە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا مېڭىپ، سانائەت ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈدىغان، شەھەر ئارقىلىق يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بۇلىدىغان ئۇزاق ئۈنۈم بىرىدىغان مىخانىزىم ئورنۇتۇپ، شەھەر –يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشتە يېڭى ئەندىزە شەكىللەندۈرۈش كىرەك. يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ سالمىقىنى، يېزا ئىگىلىك سېلىنمىسىنى، يېزا ئىگىل؛ىكىنىڭ ئۇنۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، يېزا ئۇل مۇئەسسەسەلەر قۇرۇلىشىنى كۈچەيتىپ، يېزا جامائەت مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى كۈچەيتىش كىرەك. يېزا ئۇنۋېرسال ئىسلاھاتىنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسىنىڭ ئىسلاھات ۋە يېڭىلىق يارتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كوللىكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، قانۇننىڭ ئىختىيارى بۇلۇش، ھەقلىق بۇلۇش پىرىنسىپى بۇيىچە، يەر ھۆددە ئېلىش، باشقۇرۇش ھوقۇقى ئوبورت بازىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كوللىكتىپ ئىگىلىكنىڭ ئۈنۈملىك رىئاللىشىش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، دېھقانلارنىڭ كەسپىي ھەمكارلىق تەشكىلاتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كىرەك. دېھقانلارنىڭ كۆپ خىل يول ئارقىلىق يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش كىرەك.

    (5) بايلىق تىجەر، مۇھىت سۈيەر جەمىيەت قۇرۇش كىرەك. بايلىقتىجەش ۋە مۇھىت ئاسراش دۆلەتنىڭ ئاساسى سىياسىتى، ئىنىرگىيە، بايلىقنى تىجەش ۋە ئىكولوگىيىلىك مۇھىتنى ئاسراشقا پايدىلىق قانۇن ۋە سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كىرەك. يەر ۋە سۇ بايلىقىنى قوغداش، ئېنىرگىيە تىجەش، يەر تىجەش، ماتىرىيال تىجەش ۋە بايلىقتىن ئنۋېرسال پايدىلنىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئېنىرگىيە، بايلىقتىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇپ، پاكىز ئېنىرگىيە ۋە ھاسىلى ئېنىرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قالاق ئىشلەپچىقىرش ئىقتىدارىنى قانۇن بۇيىچە شاللىۋىتىشنى تىزلىتىپ، ئېنىرگىيە، بايلىقتىن پايدىلىنىشنىڭ ئىلمى، مۇۋاپىق سېستىمىسىنى ئورنۇتۇش كىرەك. مۇھىت ئاسراش كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، شەھەر، يېزىلارنىڭ بۇلغىنىشىنى ئۇنۋېرسال تۈزەپ، ئىكىلوگىيىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىلمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدار قۇرۇلىشىنى كۈچەيتىش كىرەك. ئېنىرگىيە تىجەش، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش خىزمىتىدە مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمىلىلەشتۈرۈپ، 11- بەش يىللىق يىرىك پىلاندا ئوتتۇرغا قۇيۇلغان كۆرسەتكۈچنى تىرىشىپ ئورۇنداش كىرەك.

    (6) رايۇنلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەر ئېچىش ئەندىزىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش كىرەك. رايۇن ئىقتىسادى قۇرۇلمىسى كەسپنىڭ ماكان ئۇرۇنلاشتۇرمىسى بۇلۇپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، رايۇنلار ئىقتىسادىنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇنىڭ ناھايىتى مۇھىم بىر تەرىپى.

    بىرىنچىدىن، رايۇن تەرەققىياتى ئومۇمىي ئىستىراتىگىيىسىنى داۋاملىق يولغا قۇيۇپ، رايۇن تەرەققىياتىنىڭ سىياسەت، تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كىرەك.چوڭ تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئوتتۇرا، غەرىبىي رايۇن تەرەققىياتىنى قوللاشنى تۇلۇق ئويلاپ، ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ئامىللىرىنى رايۇن ھالقىپ مۇۋاپىق يۈرۈشتۈرۈشكە يىتەكلەش كىرەك.

    ئىككىنچىدىن، يەر پىلانىنى كۈچەيتىپ، ئاساسى گەۋدە ئىقتىدارىقنى شەكىللەندۈرۈش تەلىپى بۇيىچە رايۇن سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىساد ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەڭشەش كىرەك. مۇھىت، بايلىقنىڭ قۇربى، ھازىر بار ئېچىش ئاساسى ۋە كەلگۈسى تەرەققىيات يۇشۇرۇن كۈچى بۇيىچە كەلگۈسىدىكى نوپۇس ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىقتىساد ئورۇنلاشتۇرۇش، يەردىن پايدىلىنىش ۋە شەھەرلەشتۈرۈشنى بىر تۇتاش ئويلۇشۇپ، يەر بوشلىقىنى ئوخشىمىغان تىپتىكى سۇبىكىت ئىقتىدار رايۇنىغا بۇلۇپ، بۇ رايۇنلارنىڭ تەرەققىيات نىشانىنى بىكىتىپ، نوپۇس ۋە ئىقتىسادنى يەر بوشلىقىدا مۇۋاپىق، تەكشى ئورۇنلاشتۇرۇشقا، كەسىپلەرنى نىسبەتەن مەرۆەزلەشتۈرۈپ راۋاجلاندۇرۇشقا، سۇبىكىت ئىقتىدارى ئېنىق، نوپۇس، ئىقتىساد، بايلىق، مۇھىت ماسلاشقان، ئاساسى جامائەت مۇلازىمىتى ۋە خەلق تۇرمۇشىدىكى پەرق تەدىرىجى ئازىيىۋاتقان رايۇنلارنى ماس تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە يىتەكلەش كىرەك. مالىيە، باج، كەسىپ، يەر، سېلىنما، نوپۇس، ئىكىلوگىيىلىك مۇھىتنى ئاسراش ۋە نەتىجە ئۈنۈمىنى باھالاش قاتارلىقلارغا ئائىت سىياسەتلەرنى تەڭشەش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كىرەك.

    ئۈچىنچىدىن، شەھەرلەشتۈرۈشنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر، يېزىلارنى بىر تۇتاش پىلانلاش، ئورۇنلاشتۇرۇش مۇۋاپىق بۇلۇش، يەر تىجەش، چوڭلار ئارقىلىق كىچىكلەرنى يىتەكلەش پىرىنسىپى بۇيىچە، جايلارنىڭ ئالاھىدە چوڭ شەھەرلەرنى ئاساس قىلغان شەھەرلەر توپى يىتىلدۈرۈپ، رايۇنلار ئىقتىسادىنىڭ يېڭى ئېشىش قۇتۇبىنى شەكىللەندۈرۈش كىرەك.

    (7) تۈزۈم قۇرۇلىشىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىلمى تەرەققىياتنى تۈزۈلمە، مىخانىزىم ئارقىلىق كاپالەتلەندۈرۈش ك


    收藏到:Del.icio.us




بلوگىمىز سىياسى نەزەرىيە، مەدەنىيەت، تارىح، قانۇن ۋە دىنعا ئائىت مەزمۇنلار ئۅستىدە ئورتاقلىشىشنى ئاساسى نىشان قىلىدۇ. يازمىلارنىڭ مەنبەسى قانۇنلۇق.

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى| قايتا گۈزەللەشتۈرۈپ تارقاتقۇچى: | بىلىم بايلىق بلوگى