بلوگ ھەققىدە: سىياسى نەزىرىيە، مەدەنىيەت تارىخ بىلىملىرىگە قىزىقامسىز؟ بۇ ھەقتە مول بىلىملەرگە ئىگە بۇلۇشنى ئارزۇ قىلامسىز؟ ئويۇلىغانلىرىڭىز، كۆڭۈل سۆزلىرىڭىز، تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بارمۇ؟ قېنى مەرھەمەت!

  • 2011-02-16

    ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرۇلىشى ۋە بۇنىڭغا ئائىت بىر قانچە مەسىلە - [تـــــارىــــــخ]

    قۇربان تۇران

    ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تارىخى، بۇلۇپمۇ ئۇنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىنىڭ قايەردە ئىكەنلىكى توغرىسىدا تارىخشۇناسلاردىن ھەر كىم ھەر نىمە دەپ باقتى. شۇنداقتىمۇ كۆپ قىسىم پىكىردە ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتىنىڭ كۆل بىلگە تەختكە چىققان 744- يىلى ئۆلچەم قىلىنغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بۇلىدۇ. ئەمما بۇ خىل پىكىر ئېقىمىدا كىشىنى تازا قايىل قىلالمايدىغان بىر نەچچە گۇمەنلىق نۇقتا مەۋجۇت؛ ئالدى بىلەن بۇ خىل قاراشتىكىلەرنىڭ ئۆز پىكىرىنى ئۈزۈل-كىسىل ئىسپاتلىيالىغۇدەك نەزىرىيىۋى ئاساسى يوق، ئاندىن قالسا ئۇلار كىلاسسىك خەنزۇچە ۋەسىقىلەردىن يىتەرلىك پايدىلىنىپ كىتەلمىگەن. تېخىمۇ مۇھىمى ئۇلار كۆل بىلگە ئۆزىنى «قاغان» دەپ ئاتىغان 744- يىللاردا ئورخۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ جەمىيەت فورماتسىيىسىدە ئەمىلىيەتتە ھېچقانداق تۈپلۈك ئۆزگىرىش ھادىسىسىنىڭ يۈز بەرمىگەنلىكىنى دىققەتتىن ساقىت قىلىۋەتكەن، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار جەمىيىتىدىكى تارىخىي بۇرۇلۇش پەيتىنىڭ نەق ئۆزىنى تۇتالمىغان. شۇڭا مۇئەللىپ – بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە تارىخىي ماتىرىيالىزىم نۇقتىئىنەزىرى بۇيىچە قايتا مۇھاكىمە قىلىپ كۆرۈش زۈرۈر دەپ قارايدۇ.

    1. ئۆلچەم مەسىلىسى

    ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرۇلغان ۋاختىنى بىكىتىشتە، ئالدى بىلەن نىمىنىڭ خانلىق قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئۆلچىمى ئىكەنلىىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش تولىمۇ مۇھىم. دۆلەتنىڭ كىلىپ چىقىشى ھەققىدە پۇرولىتارىياتنىڭ ئۇلۇق ئۇستازى ف.ئېنگېلس ئۆز ۋاختىدا مەخسۇس مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «دۆلەتنىڭ كونا ئۇرۇقداشلىق تەشكىلاتىدىن پەرقى، بىرىنچىدىن، ئۇنىڭ رايۇنلار بۇيىچە ئايرىلغان خەلق ئىكەنلىكىدە .... شۇڭا رايۇنلار بۇيىچە ئايرىلغانلىقىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىش ھەمدە گراژدانلارنىڭ قايسى ئۇرۇق ياكى قەبىلىگە مەنسۇپ بۇلىشىدىن قەتئىنەزەر، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ياشاۋاتقان جايلاردا ئۆزلىرىنىڭ ئاممىۋى ھوقۇقى ۋە مەجبۇرۇيەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا يول قۇيۇش زۆرۈر. بۇ خىلدىكى ماكانلاشقان جايىغا ئاساسەن خەلىق بۇلۇپ تەشكىللىنىش ئۇسۇلى بارچە دۆلەتلەرگە ئورتاقتۇر. ئىككىنچىدىن، ئاممىۋى ھوقۇقنىڭ تەسىس قىلىنغانلىقىدا. بۇ خىل ئاممىۋى ھوقۇق ئەمدىلىكتە ئۆزى قۇراللىق كۈچ سۈپىتىدە تەشكىللىۋالغان ئاھالىگە بىۋاستە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ .... بۇ خىل ئاممىۋى ھوقۇق بارچە دۆلەتلەردە مەۋجۇت بۇلىدۇ»[3]. ف.ئېنگېلس بۇ يەردە ناھايىتى ئۇچۇق قىلىپ مەلۇم ئۇرۇق ياكى قەبىلىدە ئاممىۋى ھوقۇقنىڭ تەسىس قىلىنغانلىقى ۋە ئىلگىرىكى قانداشلىقنى بەلگە قىلغان چېگرىنىڭ بۇزۇپ تاشلانغانلىقى – ئۇنىڭ تەشكىلىي جەھەتتىكى چوڭ سەكرەش بۇلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ دۆلەت ھالىتىگە كىرگەنلىكىنىڭ بەلگىسى بولالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن. شۇڭا ماكان مۇناسىۋىتىنىڭ تۇرغۇزىلىشى ۋە ئاممىۋى ھوقۇقنىڭ تەسىس قىلىنىشى – مەلۇم خەلقنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىدىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ نامايەندىسى بولالايدۇ دىيىشكە تامامەن بۇلىدۇ. تارىخىي ماتىرىيالىزىمدىكى بۇ خىل نەزىرىيىۋى ئۆلچەمنى ف.ئېنگېلس كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك، بارچە دۆلەتلەرگە، جۈملىدىن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغىمۇ تەدبىق قىلىشقا بۇلىدۇ. چۈنكى تارىخ تەرەققىياتىدىكى ئومۇمىي قانۇنىيەت ئاساسەن بىردەكلىككە ئىگە.

    ئورخۇن ئۇيغۇرلىرى تارىخ سەھنىسىگە چىققان شىمالىي ئاسىيا رايۇنى تارىختىن بۇيان شىمال مىللەتلىرىنىڭ ئاۋۇپ كۆپىيىدىغان رايۇنى بۇلۇپ كەلگەن. قەدىمكى تارىخ-سالنامىلەردىكى «سۇ ۋە ئوت-چۆپ قوغلىشىپ كۈچۈپ يۈرىيدۇ، شۇڭا مۇقىم تۇرۇشلۇق شەھەر قەلئەلىرى يوق» دىگەن ئىخچام تەسۋىرنىڭ دەۋىرلەردىن بۇيان قايتا-قايتا تەكرارلىنىپ كىلىشى، بىر قىسىم كىشىلەرنى كۆچمەن قەۋملاردا ماكان چۈشەنچىسىنىڭ بارلىقىدىن گۇمانلىنىشقا ئېلىپ باردى. ئورۇنسىز گۇمانغا بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ ئالاقىدار تارىخىي ۋەسىقىلەرنى ئەستايىدىل تەلىل قىلىپ كۆرمىگەنلىكى ۋە كۆچمەنلەر تۇرمۇشىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى توغرىسىدا يىتەرلىك چۈشەنجىگە ئىگە بولمىغانلىقى سەۋەپ بولغان. ئەمەلىيەتتە جۇڭگۇ كىلاسسىك ۋەسىقىلىرىدىكى شىمال مىللەتلىرىنىڭ يۆتكىلىشچانلىقى توغرىسىدابىرىلگەن مەلۇماتلار، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى ئولتۇراق دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خەلقلەرگە قارىتا ئېيتىلغان نىسبىي ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ. كۆچمەن چارۋىچىلىق ئىگىلىكىنىڭ خەرەكتىرى غايەت زور ئاپەت ياكى چوڭ كۆلەملىك ھايات-ماماتلىق ئۇرۇش يۈز بەرمىەەن ئەھۋالدا، كۆچمەن خەلىقلەرنىڭ مۇئەييەن ماكان ۋە زامان ئىچىدە ئومۇمەن نىسبىي مۇقىم ھالەتتە تۇرىشنى بەلگۈلىگەن ئىدى. كۆچمەن خەلقلەردىكى ئاتالمىش «يۆتكىلىش» پەقەت تەبىي شارائىتتىكى ئۆزگىرىشلەرگە ماس ھالدا ئۆزگىرىپ تۇرغان. تەبىئىي شارائىتنىڭ ئۆزگىرىشى – بىر قەدەر ئاستا يۈز بىرىدىغان ئۆزگىرىش بولغاچقا، ئۇلاردىكى بۇ خىل يۆتكىلىشمۇ تەدىرىجى خەرەكتىرلىك جەريان سۈپىتىدە ئوتتىرىغا چىققان ئىدى.

    دەرۋەقە مىللەتلەرنىڭ ئومۇمى گەۋدە سۈپىتىدە يۆتكىلىشى (كۆچىشى) گە دائىر كۆپلىگەن مىساللارنى كۆرسىتىشكە بۇلىدۇ. مەسىلەن: تۇخرىلار، ھونلار، ئاۋارلار، قارلۇقلار، ئۇيغۇرلار، موڭغۇللار ۋەھاكازالار. ئەمما ئەشۇ قەۋملارنىڭ چوڭ كۆلەملىك كۆچۈشلىرىنىڭ ھەممىسى ئاساسەن غايەت زور تەبىئىي ئاپەتنىڭ ياكى تاشقىي كۈچلەر بېسىپ كىرگەنلىكىنىڭ بىۋاستە نەتىجىسى ئىدى. شۇڭا كۆچمەن خەلقلەرنى ھەر قاچان كۆچۈپ يۈرۈيدۇ دەپ قاراشنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق.

    شىمال خەلقلىرىنىڭ ئومۇمىي تارىخىغا نەزەر سالغىنىمىزدا، مۇنداق بىر خىل قانۇنىيەتلىك مەۋجۇتلۇقنى ھېس قىلىمىز: ئاجىز ۋاختىدا ئۇلار ھەمىشە ئۈزىدىن كۈچلۈك ۋە قۇدىرەتلىك ھاكىمىيەتكە بېقىنىشنى ھار ئالمىغان، سەللا قۇدرەت تاپقاندا بولسا، سىرتقا قارىتا كېڭەيمىچىلىق ۋە زىمىن قوشۇۋېلىش بىلەن مەشغۇل بۇلۇپ، تېخىمۇ چوڭ كۆلەملىك يايلاقنى كۆزلىگەن. ئۈزىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا ئۆز زامانىسىغا نىسبەتەن قۇدرەت تاپالىغان قەۋم ئورخۇن- سېلىنگا- تۇغلا ۋادىسىدىكى رايۇننىى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ يايلاقنىڭ خوجايىنى سۈپىتىدە باشقا ئاجىز قەۋملارغا ھۆكۈمىرانلىق قىلىپ كەلگەن ۋە ئۆز ھاكىمىيىتىنى قۇرۇپ چىققان. مانا مۇشۇ يۇسۇندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشۇ قانۇنىيەتتىن مۇستەناسىز ھالدا شىمالىي دالادا ئۇرۇقداشلىق جەمىيىتىدىن رايۇنلار بۇيىچە ئايرىلغان خەلىقلەر تۈركۈمىگە قاراپ راۋاجلىنىش ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭ رەسمىي ئىشقا ئاشقان دەۋر مەسىلىسى ئۆز-ئۆزىدىن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

    2. ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق بۇلۇپ شەكىللىنىش مەسىلىسى

    مەشھۇر تىلشۇناس ل.مورگان بۇنىڭدىن بىر ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرىلا جەمىيەت توغرىسىدا توختۇلۇپ مۇنداق دىگەن ئىدى: «مۇنداق تەشكىلاتنىڭ تۈپ بىرلىكى ئۇرۇقداشلىق. قەدىمقى زاماندا مىللەت ئۇرۇقداشلىق، قېرىنداشلىق، قەبىلە ۋە قەبىلىلەر ئىتتىپاقىدىن ھاسىل بولغان، بۇلار رەت بۇيىچە ئۇلىنىپ كىلىدىغان بىر قانچە باسقۇچتۇر. كىيىنچە ئوخشاش تىروتىرىيەدىكى بىر مىللەتنى تەشكىل قىلىپ، ھەر بىرى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بىر جاي ئىگىلىگەنبىر قانچە قەبىلىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئورنىنى ئالغان. مانا بۇ قەدىمقى جەمىيەتنىڭ ئۇرۇقداشلىق مەيدانغا كەلگەندىن كىيىن ئۇزاق مۇددەت ساقلىنىپ قالغان تەشكىلى شەكلى. بۇ قەدىمقى جەمىيەتتە ئاساسەن ئومۇملاشقان شەكىل ...»[2]. بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بۇلىدۇكى، قەدىمكى ئۇيغۇرلار جەمىيىتىنىڭ ئومۇمىي تارىخى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق بۇلۇپ شەكىللىنىش تارىخى بۇ ئورتاق قانۇنىيەتتىن مۇستەسنا بولمىغان. بۇ نۇقتىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن بۇ ھەقتىكى تارىخى جەرياننى قىسقىچە ئەسلەپ ئۈتۈشكە توغرا كىلىدۇ.

    يېغىلىق دەۋرى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 476- يىلىدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 221- يىلىغىچە) دە كىتاپ بۇلۇپ تۈزۈلگەن «تاغ-ئېزىملار قۇرئى» دا: «يەكچەشمىلەر دۆلىتىدىكىلەرنىڭ بىرلا كۆزى بۇلۇپ، يۈزىنىڭ ئوتتۇرىسىدا چوقچۇيۇپ تۇرىدۇ، بۇلار ۋېي () ئۇرقىدىن»[3] دىگەن بىر بايان بار. يەنە شۇ ئەسەردە يەكچەشمىلەر ئېلىنىڭ «گۇر دۆلىتى» (鬼国) دەپ ئاتىلىدىغانلىقى خاتىرلەنگەن [4]. ئەشۇ گۇر دۆلىتى ھازىرقى خۇاڭخې دەرياسىنىڭ شىمالىي تەرەپلىرىگە توغرا كىلىدۇ. «تاز-ئېزىملار قۇرئى» دىكى بايانلارنىڭ قۇيۇق رىۋايەت تۈسىنى چىقىرىۋەتكەندە، بۇنىڭ قەدىمكى گۇرلار ھەققىدىكى ئەڭ دەسلەپكى خاتىرىلەر ئىكەنلىكى ئايدىڭلىشىدۇ. گورلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يىراق قەدىمقى ئەجداتلىرى بولمىش دىڭلىڭلار، قاڭقىللار ۋە  تېگرىكلار (铁勒) بىلەن بىۋاستە ئېتنىك مۇناسىۋەتكە ئىگە ئىكەنلىكى تارىخشۇناسلىق ساھەسىدە ۋاڭ گوۋېي ياشىغان دەۋرلەردىن تارتىپ ئومۇميۈزلىك ئىتىراپ قىلىنىپ كەلدى[5]. تارشا پۈتۈكلەردە نامى زىكرى قىلىنىۋاتقان گورلار، ئاشۇ تارشا پۈتۈكلەر پۈتۈلىشتىن تولىمۇ قەدىمكى زامانلاردا شىمالىي دالادا ئىپتىدائىي شەكىلدىكى ئۇرۇقداشلىق جەمىيەتنى باشتىن كۆچۈرۈپ كىلىۋاتاتتى. شاڭ-جۇ سۇلالىرى دەۋرىگە كەلگەندە ئۇلار بىلەن ئاللىقاچان قەبىلىلەر توپى ھالىتىگە ئۈتۈپ بولغان گورلار ئوتتىرسىدا ئۇرۇش-توقۇنۇشلار جىددىيلەشتى. بۇلۇپمۇ گورلارنىڭ ئۈزلىكسىز تۈردە جەنۇپقا پاراكەندىچىلىك سېلىشىدىن ئىلاجسىز پايتەختنى كۆچۈرۈشكە مەجبۇر بولغان جۇ خانلىقى ئاخىرى كۈچ توپلاپ گورلارنى ئومۇميۈزلۈك مەغلۇپ قىلدى. نەتىجىدە گورلار تەدىرىجى شىمالغا سۈرۈلۈپ، بايقال ۋادىسىغا ماكانلاشتى ۋە ئوۋچىلىق، كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تىرىكچىلىك قىلىشقا باشلىدى. يېڭى جۇغراپىيىلىك مۇھىتنىڭ نىسبىي مۇقىم بۇلىشى، بۇلۇپمۇ «جەمىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ كۈنسايىن زىچلاشقان ئاھالە- ئىچكى، تاشقى جەھەتتىن تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇشقا مەجبۇر بۇلۇپ، تۇغقان قەبىلىلەرنىڭ ئىتتىپاقى ھەممىلا جايدا زۈرۈرىيەتكە ئايلىنىپ قالدى» [6]. ئەنە شۇ ئورتاق زۈرۈرىيەت نەتىجىسىدە ئەمىنىيە- يېغىلىق دەۋىرلىرىگە كەلگەندە، شىمالىي ئاسىيادا توڭگۇسلار، ھونلار قاتارلىق قەبىلە ئىتتىپاقلىرى شەكىللەندى. شۇ سەۋەپتىن باتۇر تەڭرىقۇت خەن سۇلالىسىغا يازغان مەكتۇبىدا: «ئوقيا كۆتۈرگەن بارچە ئەللەر بىر ئائىلە بۇلۇپ ئۇيۇشتى»[7] دىگەن ئىدى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 3- ئەسىردە شىمالىي دالادىكى تۈركىي تىللىق قەۋملەرنىڭ ھونلار يادىرولىقىدىكى تۇنجى ئىتتىپاقى قۇرۇلغاندا، ھونلارنىڭ شىمالىدىكى گورلارنى مەنبە قىلغان دىڭلىڭلار مەجبۇرىي يۇسۇندا باش ئەگدۈرۈلدى.

    ھونلارنىڭ قۇدرەتلىك لەشكىرىي كۈچكە تايىنىپ دىڭلىڭلارنىڭ ھاياتلىق ماكانىنى تارتىۋېلىشى، شىمال مىللەتلىرىنىڭ قەدىمكى جەمىئىتىدىكى تەبىئىي ھادىسە ئىدى. شۇڭا دىڭلىڭلار ئۆزلىرىگە تەۋە بۇ «ئەڭگۈشتەر» نى قايتۇرۋېلىش ئۈچۈن، ئىلگىر-كىيىن بۇلۇپ كۆپ قېتىم ھونلارغا قارشى چىقىپ باقتى. بۇلاردىن بىرقەدەرب گەۋدىلىكرەك ۋە ئۈنۈملىكرەك بولغىنى مىلادىدىن بۇرۇنقى 71- يىلى يۈز بەرگەن ۋەقە بولدى. شۇ يىلى دىڭلىڭلار، ئوغانلار، ئاسىيۇلار قاتارلىق قۇل قىلىنغان قەبىلىلەر ھونلار ئىلىدە ئېغىر تەبىئىي ئاپەت بولغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ھونلارغا قارشى بىرلەشمە ھۇجۇم قوزغىدى. بۇ ھەقتە تارىخىي ھۆججەتلەردە مۇنداق دىيىلىدۇ: «ھونلارنىڭ ھالسىرىغان ۋاختىدىن پايدىلىنىپ دىڭلىڭلار شىمالدىن، ئوغانلار شەرقتىن، ئاسيۇلار غەرىبتىن بىراقلا ئۇلارغا ھۇجۇم قىلدى ....... شۇنىڭ بىلەن ھونلار تېخىمۇ ھالسىراپ كەتكەچكە، ئۇلارغا بېقىندى بۇلۇپ كەلگەن ئەللەرمۇ بارا-بارا پارچىلىنىپ كەتتى. بەزىدە بۇ ئەللەر ھونلارنى بۇلاپ-تالىسىمۇ، ھونلار ئۇلارغا تاقابىل تۇرالماي قالدى»[8]. ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئەشۇ خىلدىكى تۈرلۈك قارشىلىق ھەركەتلىرى جەريانىدا دىڭلىڭلارنىڭ ئورتاق بىر گەۋدىلىشىش ئېڭى تەدىرىجى كۈچەيدى. شۇنىڭ بىلەن ئەسلىدە شىمالىي دالادىكى ئوخشاشمىغان جايلارغا تارقاق جايلاشقان دىڭلىڭلار تەدىرىجى ئۇيۇشۇپ، نىسبەتەن چوڭ كۆلەمدىكى رايۇن خەرەكتىرلىك ئومۇمىي گەۋدىگە ئايلىنىشقا يۈزلەندى. ئەنە شۇنداق ئورتاق ئومۇمىي گەۋدە ئالدىنقى خەن سۇلالىسى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 206- يىلىدىن مىلادىيە 23- يىلىغىچە) نىڭ ئالدى-كەينىدىكى ۋەقەلەر بايان قىلىنغان خەنزۇچە ۋەسىقىلەردە «شىمالىي دىڭلىڭلار» دىگەن نامدا خاتىرلىنىشكە باشلىدى.

    مىلادىيە 3- ئەسىرلەرەە كەلگەندە، قەدىمقى مەنبەلەردىكى «دىڭلىڭ» دىگەن ئىتتىپاق تەدىرىجى «قاڭقىل» (高车)، «تېگرىك» (铁勒) دىگەن ناملارغا ئالمىشىشقا باشلىدى. ياكى «قاڭقىل» دىگەن نامنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئاشۇ قەۋملەرنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئاتىشى بولماستىن، ئۇلارغا خوشنا بولغان ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك خەلقىنىڭ ئۇلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئىگىز چاقىلىق ھارۋا ئىشىلتىشنىڭ ئالاھىيدىلىكىگە قاراپ قۇيۇۋالغان ناملىرى بۇلۇپ، ئەمەلىيەتتە «ھارۋا» ياكى «چاق» دىگەن مەنىلەرنى بىلدۈرەتتى[9]. ئەنە شۇ قاڭقىللار (ئەمەلىيەتتە دىڭلىڭلار) باشچىلىقىدىكى شىمال قوۋملىرى، ھونلار ھاكىمىيىتىنىڭ يىمىرىلىشىگە ئەگىشىپ تەدىرىجى قۇدۇرەت تېپىشقا باشلىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ ھونلاردىن قالغان شىمالىي دالىنى ئىگىلەپ ھۆكۈمىرانلىق يۈرگۈزۈش ئارزۇسى، يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن سىيانپى ۋە ئاۋار ھۆكۈمرانلىق ئاپراتلىرى تەرىپىدىن بۇزۇپ تاشلاندى. كىيىنچە ئاۋار خانلىقىنىڭ ئېغىر بېسىمىغا بەرداشلىق بىرەلمىگەن قاڭقىللار 487- يىلى ئاپۇرغۇر باشچىلىقىدا زور كۆلەمدە غەرىبكە كۆچۈپ، تەڭرى تاغلىرىنىڭ شەرىقىي ۋە شىمالى رايۇنىدا «قاڭقىل ئۇيغۇر خانلىقى» نى قۇرۇپ چىقتى[10]. قاڭقىللارنىڭ ئاساسى قىسمىنىڭ غەرىبكە كۆچۈپ كىتىشى بىلەن قاڭقىللار يىتەكچىلىكىدىكى كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاجىز قەۋملارنىڭ ئىتتىپاقى ئۆزلۈكىدىن يىمىرىلدى. قالغانلىرى ئۇيغۇر قەبىلىسىنىڭ باشچىلىقىدا تەدىرىجى تىگرىكلار ئىتتىپاقى بۇلۇپ شەكىللەندى. 6- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرى ئالتاي ۋادىسىدا كۆك تۈركلەرنىڭ باش كۈتۈرۈپ چىقىشى، ئۇيغۇرلار باشچىلىقىدىكى تىگرىكلار ئىتتىپاقىنىڭ شىمالىي دالىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش نىيىتىنى كۆپۈككە ئايلاندۇرۇپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار تۈرك خانلىقىنىڭ بويسۇندۇرۇلغان بېقىندى قەبىلىلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ، تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ كۆك تۈركلەر دەۋرىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق چوڭ قۇشۇلۇش دولقۇنىغا كىرىپ كەتتى. 7- ئەسىرنىڭ باشلىرى شەرقىي تۈرك خانلىقى ھالاكەتكە يۈزلەنگەن دەۋىرلەردە بولسا، ئۇيغۇرلار كۆك تۈركلەردىن بۈلۈنۈپ چىقىپ، مۇستەققىل سىياسى كۈچ سۈپىتىدە تارىخ سەھنىسىگە چىقىشقا يۈزلەندى.

    مىلادىيە 605- يىلى شەرىقىي تۈرك خانلىقىنىڭ قاغانى قارا قاغان تىگرىك قەبىلىلىرىگە ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ تاپقان-تەرگىنىنى پاك-پاكىز تارتىۋالدى. ئارقىدىنلا ئۇلارنىڭ ئۆچب ئېلىشىدىن ئەنسىرەپ، تىگرىكلەرنىڭ بىر قانچە يۈز قەبىلە ئاقساقىلىنى تىرىك كۆمۈۋەتتى. «شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار بۆگۈر، توڭرا، بايىرقۇ قاتارلىق قەبىلىلەر بىلەن بىرلىشىپ، تۈركلەرگە قارشى چىقىپ، ئۆزلىرىنى ئېركىن دەپ ئاتىدى. باشقىلار ئۇلارنى ئۇيغۇر دەپ ئاتىدى»[11]. بۇ خاتىرىنىڭ ئەھمىيىتى شۇ يەردىكى، ئۇيغۇرلار تۈرك خانلىقىنىڭب ھۆكۈمىرانلىقىدا بېقىندى ھالەتتە ياشاش تارىخىغا خاتىمە بىرىپ، مۇستەققىل بولدى. شۇنداقلا تىل، جۇغراپىيىلىك ماكان، ئىگىلىك شەكلى قاتارلىقلاردا بىرلىككە كىلىشكە يۈزلىنىپ، ئورتاق مەنپەئەتداش ئاساسىغا ئىگە مەسلەكداش قەبىلىلەر بىلەن «ئۇيغۇر» نامى ئاستىدا بىر گەۋدىلىشىشكە ئۇيۇشۇشقا باشلىدى. ھالبۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك خانلىقىدىن ئايرىلىپ چىققان ۋاقىتتىكى ھالىتى، تېخى شىمالىي دالادىكى كۆچمەن قوۋملار ئىچىدە ئەڭ قۇدىرەتلىك ھىساپلىنىش دەرىجىسىدە ئەمەس ئىدى. تۈرك خانلىقىغا يەككە-يىگانە قارشى تۇرالىغۇدەك سەۋىيەدىمۇ ئەمەس ئىدى. بۇ شۇنىڭدا ئەپادىلەندىكى، ئاشۇ قېتىملىق ۋەقەنىڭ بىۋاستە نەتىجىسى قىبئار قەبىلىسىدىكى ئاقساقال ئېلتەبىر ئېركىن قىبئار گېلىننىڭ «ئەۋچىن قاغان» دەپ ئاتالغانلىقى بولدى [12]. دەل مۇشۇ سەۋەپتىن ئۇيغۇر ئاقساقىلى سۈكۈن تۇنجى «ئېركىن» بولدى ھەمدە نىسبەتەن قۇدىرەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن «قاغان» دەپ ئاتالغان قىبئار قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى باغا قاغانغا بويسۇندى. تۈرك خانلىقىنىڭ يەنىلا مۇئەييەن دەرىجىدە مەۋجۇت بۇلىۋاتقان تەھدىتى ئالدىدا ھاياتلىق يولىدىكى ئورتاق ئىھتىياج سەۋەبىدىن ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى بىر گەۋدىلىشىش يۈزلىنىشى بارغانچە كۈچۈيۈپ باردى.

    ئاشۇ قرتىملىق ۋەقەدىن كىيىن ئۇيغۇرلار ئاقساقىلىغا بىرىلگەن «ئېركىن» مەرتىۋىسى ئاتىدىن بالىغا مىراس قېلىشقا باشلىدى. سۈكۈننىڭ ئوغلى بوساد ئېركىن بولغاندىن كىيىن، ئۇيغۇرلار جەمىيىتىدە دەسلەپكى ئۆزگىرىشنىڭ بىخلىرى رۇششەنلىشىشكە باشلىدى. 627- يىلى تاڭ سۇلالىسى جەنۇبتىن تۈرك خانلىقىغا ھڭجۇم غوزغىغاندا، بوساد پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ شىمالدىن تۈرك خانلىقىغا تىگىش قىلدى. ئەللىگ قاغان دەرغەزەپ بۇلۇپ ئوغلى يوقۇق شادنى يۈزمىڭ كىشىلىك قۇشۇننى باشلاپ ئۇيغۇرلارغا تاقابىل تۇرۇشقا ئىبەرتتى. بوساد بەش مىڭ كىشىلىك يىنىك چەۋەندازلار قۇشۇنى بىلەن «مالىشەن تېغى باغرىدا تۈركلەرنى تارمار كەلتۈردى، ياۋ قاچقاندا تەڭرىتاغ ۋادىسىغىچە قوغلاپ بېرىپ يەنە بىر قېتىم قاتتىق مەغلۇپ قىلدى، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنى ئەسىر ئالدى، شۇندىن كىيىن ئۇيغۇرلارنىڭ نامى شىمالنى لەرزگە كەلتۈردى» [13]. مۇشۇ قېتىمقى ئۇرۇش – تۈرك خانلىقىنىڭ ھالاك بۇلىشىدا ئەجەللىك زەربە بۇلۇپ قالدى. ئۇيغۇرلار ئەنە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن شۆھرەت قازىنىشقا باشلىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرىيىنىڭ ئېشىشى بىلەن ئۇلارغا قۇشۇلغان ۋە سىڭىشكەن قەبىلىلەرنىڭ سانى ئاشتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار تەدىرىجى قۇدرەت تېپىشقا باشلىدى. شۇ سەۋەپتىن «كونا تاڭنامە. ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى» دە ناھايىتى ئۇچۇق قىلىپ «ئۇيغۇرلارنىڭ قۇدرەت تېپىشى بوسادتىن باشلانغان» دىيىلىدۇ.

    شەرىقىي تۈرك خانلىقى ھالاك قىلىنغاندىن كىيىن، شىمالىي يايلاق ۋەزىيىتىنىڭ ئاخىرىقى نەتىجىسى سۈپىتىدە 628- يىلى سىر-تاردۇشلار خانلىقى قۇرۇلدى. ئۇيغۇرلار بولسا  بۇ مەزگىلدە قۇدرەت جەھەتتە سىر-تاردۇشلاردىنلا قالسا ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتتى. پائالىيەت دائىرىسىمۇ سېلىنگا بويلىرىدىن تۇغلا دەرياسى ۋادىسىغىچە كېڭەيدى، پائالىيەت مەركىزىمۇ مۇناسىپ ھالدا شەرىقىي جەنۇبقا سۈرۈلدى.

    سىر-تاردۇشلا خانلىقى 628- يىلىدىن 646- يىلىغىچە  مەۋجۇت بۇلۇپ تۇردى. بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇرلار ئاتاقتا سىر-تاردۇشلارنىڭ بېقىندىسى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن خانلىق تىروتىرىيىسىدە ياشاپ كەلدى. بۇ ۋاقىتلاردىكى ئۇيغۇرلار سىر-تاردۇشلار بىلەن ئۈستۈنلۈك تالىشىپ جەڭ قىلمىدى. سىر-تاردۇشلار خانلىقىنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن ئۆز كۈچىنى خورىتىپ بەرمىدى. تاشقى كۈچلەرنىڭ پاراكەندىچىلىكى ۋە تەبىئىي ئاپەتنىڭ تەھدىتلىرىگىمۇ دۇچ كەلمىدى. مانا مۇشۇ تەرىقىدىكى 20 يىلچە تېنىچ مۇھىت ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنكى غەلىبىسىگە ئازقايىپ مۇھىم ئاساس يارتىپ بەردى.

    بۇسادقا ۋارىسلىق قىلىپ ئېركىن بولغان تۈمىد دەۋرىدىن باشلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدىكى غايەت زور بۇرۇلۇش ھادىسىسى رويھپقا چىقىشقا باشلىدى. سىر-تاردۇشلار خانلىقىنىڭ ئىچكى سىياسەت جەھەتتە تېگرىكلار ئىتتىپاقىنىڭ ھەر قايسى ئىتپاقداش قەبىلىلىرىگە مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىلمىغانلىقى، ئىتتىپاق ئىچىدىكى ھوقۇق مەركەزلەشكەن نوپۇز ئىگىسى بۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرالمىغانلىقى بارغانسىرى ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن سىر-تاردۇشلارنىڭ تېگرىكلار ئىتتىپاقىغا سەردار بۇلۇشقا بارغانچە مۇناسىپ كىلەلمەيۋاتقانلىقى مۇقىملىشىپ قالدى. بۇلۇپمۇ 645- يىلى تۇربەگ سىر-تاردۇشلارغا قاغان بولغاندىن كىيىن ئۆزىنى جاھاندا تەڭداشسىز ھېساپلاش خاھىشى بىلەن ھەرقايسى ئىتپاقداش قەبىلىلەرنى نەزەرگە ئېلىپمۇ قويماي، ئۇلارغا كەلسە-كەلمەس پەرمانلارنى يوللىغىلى تۇردى. ھەتتا ئۇلارنىڭ ھەرقانداق ئىمتىيازغا ئىگە بۇلىشىنىمۇ چەكلىدى. ئارقىدىنلا قوشۇن تارتىپ تاڭ سۇلالىسىنىڭ شىمالىدىكى چېگرا قورۇللىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئاتلاندى. ئەمما ھېچقانچە ۋاقىت ئۆتمەيلا ئېغىر تالاپەت يىگەن تېرىندى قوشۇنلىرى بىلەن شىمالغا قايتىپ كەلگەن سىر-تاردۇشلار خانلىقىدا نارازىلىقى چېكىگە يەتكەن ھەرقايسى قەبىلىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ باشچىلىقىدا قارشى سەپكە ئاتلاندى. مۇئەييەن مەزگىللىك تېنىچ مۇھىتتا ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇپ يېتەرلىك ماددىي ۋە لەشكىرىي قۇۋۋەتكە ئىگە بۇلۇپ قالغان ئۇيغۇرلار، مانا مۇشۇ يۇسۇندا سىر-تاردۇشلارنىڭ تېگرىكلار ئىتتىپاقىغا سەردارلىق قىلىشىغا قارشى بۇ بىر مەيدان كۈرەشنىڭ بايراقدارىغا ئايلىنىپ قالدى. شۇنداقلا تېگرىكلار ئىتتىپاقىنىڭ ئورنىنى باسقان بىر ئومۇمىي كۈچ بۇلۇشتەك سۈپىتى بارغانچە رۇشەنلەشتى. شىمالىي يايلاقتا مانا مۇشۇنداق تۈپلىك ئۆزگىرىش بۇلىۋاتقان ئەھۋالدا، تاڭ سۇلالىسىمۇ قۇشۇن چىقىرىپ جەنۇپتىن سىر-تاردۇشلارغا ھۇجۇم قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپتىن تەڭلا قىلىنغان بۇ ھۇجۇمدا سىر-تاردۇشلار تاقابىل تۇرالماي، قىسقىغىنە ئۆرىنى ئاخىرلاشتۇرغىنىچە تارىخ سەھنىسىدىن چىكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر بولدى. شۇنداق قىلىپ سىر-تاردۇلار خانلىقى يىمىرىپ تاشلانغان شىمالىي دالادا ئۇيغۇرلار تەبىئىي راۋىشتە ئەڭ كۈچلىك قوۋم بۇلۇپ قالدى. تېخىمۇ مۇھىمى سىر-تاردۇشلا خانلىقىنىڭ يوقۇتىلىشى بىلەن شىمالىي دالا – ئۇيغۇرلارنىڭ بىر تۇتاش ھۆكۈمىرانلىقى ئاستىغا  ئۆتتى. ئۇيغۇر قەبىلىسى باشچىلىقىدىكى تىل، تىروتىرىيە، ئىگىلىك شەكلى قاتارلىقلاردا ئورتاققلىققا ئىگە بولغان ئىتتىپاقداش قوۋملار تەدىرىجى تەرەققىياتنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە سىڭىپ بىرلىككە كەلگەن خەلقنى ۋۇجۇتقا چىقاردى. مانا مۇشۇنداق تارىخىي شارائىت ئاستىدا «تۈمىد ئۆزىنى قاغان دەپ جاكارلاپ، تۈرۈكلەرگە ئوخشاش تاشقى ئالتە ۋەزىر، ئۈچ ئىچكى ۋەزىر تەسىس قىلدى. ئۇندىن باشقا يەنە تۇتق، سانغۇن، ئەمىرلەشكەر قاتارلىق مەنسەپلەرنى تەسىس قىلدى. (تاڭ سۇلالىسى) تۈمىدكە دىيانەتلىك سانغۇن، دەشت تۇتىقى قاتارلىق مەرتىۋىلەرنى تارتۇق قىلدى» [14]. شۇنىڭ بىلەن بىر-بىرىگە قارمۇ-قارشى بولغان مۇنداق ئىككى خىل ئەھۋال يۈز بەردى: بىرى، تۈمىد ئۆزىدىن ئىلگىرىكى تۈركلەرگە تەقلىد قىلىپ ئەمەل-مەنسەپ تەسىس قىلدى ۋە ئۆزىنى قاغان دەپ ئاتىدى؛ يەنە بىرى، تاڭ سۇلالىسى ئوردىسى شىمالىي دالادا بارگاھ قۇرۇپ ئۆزىنى قاغان دەپ جاكارلىغان تۈمىدكە مەرتىۋە ئاتا قىلدى. ئۆز-ئارا زىدىيەتلىك بۇ ھادىسىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مۇشۇ مەزگىلگە قەدەر بولغان ئۇيغۇرلاردىكى ماكان مەسىلىسىنى ئىزاھلاشقا توغرا كىلىدۇ.

    3. جۇغراپىيىلىك ماكان مەسىلىسى

    ئۇيغۇرلارنىڭ كۆك تۈرك خانلىقىغا بېقىندى بۇلۇشتىن سىر-تاردۇشلار خانلىقىنى تار-مار كەلتۈرگۈچە بولغان ئارىلىقتىكى ماكان دائىرىسىنىڭ جىددى ئۆزگىرىش ئەھۋالى توغرىسىدا خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە مەنبەلەرنىڭ ھەر ئىكىلىسىدە مەلۇمات قالدۇرۇلغان. «كونا تاڭنامە. ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى» دە مۇنداق دىيىلىدۇ: «ئۇيغۇرلار سىر-تاردۇشلارنىڭ شىمالىدىكى سېلىنگا دەرياسىنىڭ شىمالىدا ياشايدۇ. بۇ يەردىن چاڭئەنگە 6900 چاقىرىم كىلىدۇ» [15]. بۇنىڭدىن باشقا «قانۇنلار قامۇسى»، «يېڭى تاڭنامە»، «تاڭ سۇلالىسى تارىخىنىڭ مۇھىم بايانلىرى»، «تەيپىڭ يىللىرىدىكى ئالەم خاتىرىلىرى»، «يازما ھۆججەتلەر ھەققىدە ئومۇمى تەھسىل» قاتارلىقلاردىمۇ بۇ ھەقتە خاتىرە بار[16]. تۈرك- رونىك يېزىقىدىكى «بايانچۇر مەڭگۇ تېشى» دا مۇنداق دىيىلىدۇ: «.... ئۆتۈكەن ئەتراپى ئېلى ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرۇدىكەن. سۈيى سېلىنگا (دەرياسى) ئىكەن. ئۇ يەردە ئېلى .... ئاركىن ياشايدىكەن» [17]. جۇۋەينىنىڭ ئەسىرىدە نەقىل كەلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كىلىپ چىقىشى ھەققىدىكى رىېايەتنىڭ ئاساسى مەزمۇنى مۇنداق: ئەينى ۋاقىتتا قارا قۇرۇمدا ئىككى دەريا بولغان، بىرى سېلىنگا دەرياسى، يەنە بىرى تۇغلا دەرياسى. بۇ ئىككى دەريانىڭ قۇشۇلىدىغان يېرىدىكى دۆڭگە چۈشكەن خاسىيەتلىك نۇردىن بەش ئوغۇل بۇۋاق يارالغان، بۇلاردىن بوقۇخان ئۇيغۇرلارغا خاقان بولغان[18]. «ئىدىقۇت خانىنىڭ تۆھپە مەڭگۇ يېشى» دىمۇ مۇقشۇنىڭغا ئوخشاپ كىتىدىغان رىۋايەت خاتىرلەنگەن[19].

    يۇقىرقى ئەسەرلەردە بايان قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى يىغىنچاقلاپ كۆرسەك، ئۇيغۇرلار ئەڭ دەسلەپ كۆكلىگەن جاينىڭ سېلىنگا ۋادىسى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. دېمەك ئەينى زاماندا كۆچمەن چارۋىچىلىقنى ئاساسى ئىگىلىك شەكلى قىلىپ ياشىغان ئۇيغۇرلار سېلىنگا دەرياسى ۋادىسىنى مەركەز قىلغان ئاساستا مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرغان، ئۇيغۇر قاغانى بايانچۇر (ئەل ئەتمىش) نىڭ شەرىپىگە ئورنۇتۇلغان مەڭگۇ تاشتىمۇ «سۈيى سېلىنگا دەرياسى ئىكەن» دىيىلىش بىلەنلا چەكلەنگەنلىكى ئەنە شۇ ئەھۋالنىڭ ئىنكاسى ئىدى. شۇڭا ئۇيغۇرلار بۆگۈر، توڭرا، بايىرقۇ قاتارلىق قەبىلىلەر بىلەن بىرلىشىپ تۈرۈكلەرگە قارشى چىققان ۋە ئۇيغۇر ئاقساقىلى سۈكۈن «ئېركىن» دەپ ئاتىلىۋاتقان مەزگىللەردە، ئۇيغۇرلار سېلىنگا دەرياسىدىن باشقا جايلارغا كېڭەيمىگەن دىيىشكە بۇلىدۇ. شۇ ۋاقىتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىمۇ بۇنداق قىلىشقا يار بەرمەيتتى. چۈنكى ئەمدىلەتىن تۈركلەرنىڭ بۇيۇنتۇرقىدىن ئازات بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى ئوڭشاپ بۇلالماي تۇرۇپلا سىرتقا كېڭىيىپ كىتەلىشى ھەم مۈمكىن ئەمەس ئىدى. شۇڭا «سۈينامە. شىمالىي دىلار تەزكىرىسى» دىكى «ئۇيغۇرلار تۇغلا دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى جايلاردا ياشايدۇ» دىگەن باياننى ئىشەنچلىك دەپ قاراشقا بۇلىدۇ.

    مىلادىيە 627- يىلىغا كەلگەندە ئۇيغۇرلارنىڭ ماكان دائىرىسىدە مەلۇم ئۆزگىرىشلەر يۈز بىرىشكە باشلىدى. ئۇلارنىڭ مەركىزىي بارگاھىمۇ ئەسلىدىكى سېلىنگا ۋادىسىدىن شەرىقىي جەنۇپتىكى تۇغلا (تۇرا) دەرياسى بويلىرىغا يۆتكەلدى. بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرلارنىڭ سۈكۈن ئېركىن باشچىلىقىدا بىر مەزگىل ئۆزىنى ئوڭشاپ كۈچ توپلاش ۋە قۇدرەت تېپىشقا قاراپ يۈزلىنىش ھادىسىسىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى ئىدى. بۇ ھەقتى «كونا تاڭنامە» دە مۇنداق دىيىلىدۇ: «جىنگۇەن يىللىرىنىڭ باشلىرى، ئۇيغۇرلار بىلەن سىر-تاردۇشلار تۈركلەرنىڭ شىمالىي چېگرا رايۇنىغا ھۇجۇم قوزغىدى»[20]. بۇ مەلۇمات «يېڭى تاڭنامە» دىمۇ كۆزگە چېلىقىدۇ[21]. بۇ قېتىمقى ھەركەتنىڭ ئەھمىيىتى ئۇنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇم ئىكەنلىكىدە ئىدى. ئەشۇ قىسقا نەقىلنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەھلىل قىلىپ كۆرگىنىمىزدە، بۇ – تۈركلەرنىڭ ھۈكۈمرانلىقىدىن يېڭىلا ئايرىلىپ چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى تەرەققىيات نەتىجىسىدە بارلىققا كەلەەن سىياسى ۋە تىروتىرىيە جەھەتتىكى يېڭى تەلەپلەرنىڭ ئىنكاسى ئىدى. دەل مۇشۇنداق بولغانلىقتىن ئۇيغۇرلار بۇسادنىڭ باشچىلىقىدا داۋاملىق جەنۇپقا سۈرۈلۈپ، يېڭى زىمىنلارنى قۇشۇۋېلىشقا كىرىشتى ھەمدە تۈركلەر بىلەن ئۆزەڭگە سۇقۇشتۇرۇپ، شىمالىي دالانىڭ خۇجايىنلىقىنى تالاشتى. ئەمما رىئال ئەھۋال ئۇلارنىڭ تېخى بۇ نىشانغا يەككە ھالدا يەتكۈدەك ئىقتىدارغا ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرغاچقا، ئىستىراتىگىيە جەھەتتە ئۇيغۇرلار سىر-تاردۇشلا يىتەكچىلىك قىلىۋاتقان تېگرىكلار ئىتتىپاقىدا داۋاملىق تۇرۇپ قېلىشقا مەجبۇر بولدى. «سىر-تاردۇشلا بىلەن بىللە ھۇجۇم قىلدى» دىگەننىڭ ئەسلى مەنىسى مانا مۇشۇ ئىدى. دەرۋەقە شۇ قېتىملىق ھۇجۇمدىن كىيىن، ئۇيغۇرلار جەمىيىتىدە يەنە بىر بالداق ئۆرلەش بولدى. شۇ سەۋەپتىن تۈرك خانلىقى بۇ ھۇجۇمغا قۇشۇلۇپ كەلگەن تاڭ سۇلالىسىنىڭ جەنۇبىي يۈلۈنۈش ھۇجۇمىدا يىمىرىلدى. شۇنىڭ بىلەن «ئۇيغۇرلارنىڭ نامى شىمالىي دالىنى لەرزگە كەلتۈردى، ئۇيغۇرلار جەنۇپقا سۈرۈلۈپ بۇ يېڭى ماكاننى ئۆزىگە قۇشۇۋالغاندىن كىيىن، تۇغلا دەرياسىنىڭ بۇيىدا بارگاھ قۇردى» [22]. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ چېگرا پاسىلى بۇلۇپ كىلىۋاتقان تۇغلا ۋادىسى ئىستىخىيىلىك ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى پائالىيەت مەركىزى بۇلۇپ قالدى. شۇنداق قىلىپ شىمالىي دالا رايۇنى يەنە بىر ئۆتكۈنچى دەۋرگە قەدەم قويدى. شىمالىي دالامۇ بۇ رايۇندىكى ئەڭ قۇدرەتلىك ئىككى كۈچ بولغان سىر-تاردۇشلا ۋە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن بۆلۈشىۋېلىندى. يەنى شىمالىي دالانىڭ شىمالىي يېرىمى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولغان بولسا، جەنۇبىي يېرىمى سىر-تاردۇشلارنىڭ باشقۇرۇشىدا بولدى.

    ھالبۇكى، مىلادىيە 646- يىلىغا كەلگەندە شىمالىي دالىدىكى ۋەزىيەتتە غايەت زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. سىرتاردۇشلارنىڭ تاشقى سىياسەت جەھەتتە تاڭ سۇلالىسىغا جەڭ ئېلان قىەلىپ مەغلۇپ بۇلىشى، ئىچكى ئىستىراتىگىيەدە ئىتپاقداش قەبىلىلەرنى چەتكە قېقىشى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇرلار سىر-تاردۇشلاردىن بۈلۈنۈپ چىقىشقا تەقەززا بۇلۇپ تۇرغان ھەرقايسى قەبىلىلەرگە باشلامچىلىق قىلىپ، تاڭ سۇلالىسى بىلەن بىرلىكتە سىر-تاردۇشلا خانلىقىغا قارشى سەپكە ئاتلاندى. مانا مۇشۇ ھەركەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى ئاقساقىلى تۈمىد[23] ئۆزىنىڭ پەۋقۇلئاددە تالانتىنى كۆرسەتتى. نەتىجىدە «سىر-تاردۇشلارنىڭ تۈربەگ قاغانى قاتتىق مەغلۇپ قىلىنىپ، ئۇيغۇرلار ئۇنىڭغا قاراشلىق بارچە قەبىلىلەرنى ئۆزىگە قۇشۇۋالدى ھەمدە سىر-تاردۇشلارنىڭ ئەسلى ماكانىنى ئىگىلىدى» [24]. مەلۇمكى، سىر-تاردۇشلا بىلەن ئۇيغۇرلار شىمالىي دالىنى بۈلۈشۈۋالغاندا، سىر-تاردۇشلارنىڭ ماكانى «كۈنچىقىشتا شېرۋىلار تەۋەسىدىن كۈنپېتىشتا ئالتۇنتاغقىچە، جەنۇپتا تۈركلەر رايۇنىدىن شىمالدا دەشت رايۇنىغىچە» [25] بۇلۇپ بىكىتىلگەن ئىدى. شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈمىد باشچىلىقىدا سىر-تاردۇشلا خانلىقىنى گۇمران قىلىپ، ئۇنىڭ ئاھالىسى ۋە زىمىن تىروتىرىيەسىنى ئىگىلىگەنلىكى ئەمىلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاخىرقى ھىساپتا شىمالىي دالانى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بۇ رايۇننىڭ بىردىن بىر ھۆكۈمىرانى بۇلۇپ قالغانلىقىنىڭ، ئۆتۈكەن ۋە ئورقۇن ۋادىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى پائالىيەت مەركىزى بولغانلىقىنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ رەسمىي تۈردە خەلق بۇلۇپ شەكىللىنىشكە ماس ھالدا، ئۇلارنىڭ جۇغراپىيىلىك ماكانىنىڭمۇ ئاخىرىقى ھىساپتا شەكىللەنگەنلىكىنىڭ نامايەندىسى ئىدى.

     

    4. ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ مەۋجۇتلۇق مەسىلىسى

    ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرغان دەۋر مەسىلىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، نەزەرىمىزنى ئالدى بىلەن خەنزۇ كىلاسسىك ۋەسىقىلىرىگە قارىتىشقا توغرا كىلىدۇ. «كونا تاڭنامە» دە بۇ توغرۇلۇق مۇنداق دىيىلىدۇ: «جېنگۇەننىڭ 20- يىلى (مىلادىيە 646- يىلى) .... تۈمىد ئۆزىمى قاغان دەپ جاكارلاپ، تۈركلەرنىڭكىگە ئوخشاش ئەمەل-مەنسەپلەرنى تەسىس قىلدى» [26]. «يېڭى تاڭنامە» دە مۇنداق دىيىلىدۇ: «..... تۈمىد يەنىلا ئۆزىنى قاغان دەپ ئاتاپ، تۈركلەرنىڭكىگە تەقلىد قىلىپ ئەمەل-مەنسەپ تەسىس قىلدى، بۇلاردىن ئالتە تاشقى ۋەزىر، ئۈچ ئىچكى ۋەزىر، تۇتۇق، سانغۇن، ئەمىرلەشكەر قاتارلىقلارمۇ بار ئىدى»[27]. «ئەلنى باشقۇرۇش ئۆرنەكلىرى» دە مۇنداق دىيىلىدۇ: «.... ئۇيغۇرلاردىن تۈمىد ئۆزىنى قاغان دەپ ئېلان قىلىپ، تۈركلەرنىڭكىگە ئوخشاش ئەمەل-مەنسەپ تەسىس قىلدى» [28]. «كىتاپلار جەۋھىرى» دە مۇنداق دىيىلىدۇ: «جىنگۇەننىڭ 20- يىلى (مىلادىيە 646- يىلى) .... تۈمىد ئۆزىنى قاغان دەپ جاكارلىدى ۋە تۈركلەرەە ئوخشاش ئەمەل-مەنسەپ تەسىس قىلدى» [29].

    مەزمۇنى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولغان بۇ نەقىللەرنى ئېرىنمەي تەكرارلىشىمىزنىڭ سەۋەۋى شۇ يەردىكى، ئاشۇ بايانلاردىن تۈمىدنىڭ ئۆزىنى قاغان دەپ ئاتىغانلىقىغا دائىر ۋەقەنىڭ راست ئىكەنلىكىنى مۇتلەق مۇقىملاشتۇرۇشقا تامامەن بۇلىدۇ، شۇنداقلا ئاشۇ بايانلارنىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىگە بولغان ھەرقانداق گۇماننى ئىنكار قىلىشقا بۇلىدۇ. شۇڭا قەدىمقى جۇڭگۇنىڭ راسمىي تارىخنامىلىرىدىكى تۈمىد ھەققىدە بىرىلگەن ئاشۇ بايانلاردىن 646- يىلى تۈمىد شىمالىي دالادا ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغان دىيىشكە تۇلۇق ۋە يىتەرلىك ئاساس تاپالايمىز. بۇلۇپمۇ تۈمىدنىڭ ئۆزىنى قاغان دەپ ئاتىغانلىقىدىن سىرت، تۈرك خانلىقىغا تەقلىد قىلىپ ئەمەل-مەنسەپ تەسىس قىلغانلىقى بۇ نۇقتىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرىدۇ. تاڭ دەۋرىگە ئائىت ۋەقەلەرنىڭ خاتىرىسى بولغان «كونا تاڭنامە»، «يېڭى تاڭنامە»، «ئەلنى باشقۇرۇش ئۆرنەكلىرى»، «كىتاپلار جەۋھىرى»، «تاڭ سۇلالىسى تارىخىنىڭ مۇھىم بايانلىرى»، «قانۇنلار قامۇسى»، «يازما ھۆججەتلەر ھەققىدە ئومۇمىي تەھسىل» قاتارلىق خەنزۇچە ۋەسىقە توپلاملىرىنى ۋاراقلاپ كۆرسەك، تۈمىدنىڭ تۈركلەرگە تەقلىد قىلىپ تەسىس قىلغان ئەمەل-مەنسەپلىرىدىن قاغان (پادىشاھ)، قاتۇن (خانىش)، تېكىن (شاھزادە)، شاد (ئالىي لەشكىرىي قۇماندان)، يابغۇ (قاغاننىڭ ئورۇنباسارى)، چۇر (قەبىلە ئاقساقىلى)، ئېلتەبىر (قەبىلە ئاقساقىلى)، تۇدۇن (باج-سېلىق ئىشلىرىنى نازارەت قىلغۇچى)، ئېركىن (قەبىلە ئاقساقىلى)، تارقان (قۇشۇن سەردارى)، بەگ، بۇيرۇق (ئوردا مەھرەم بېشى) قاتارلىقلارنىڭ بولغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز. بۇلاردىن باشقا تۈمىد يەنە تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئەمەل-مەنسەپ سېستىمىسىغا مەنسۇپ بولغان ۋەزىر، تۇتۇق، سانغۇن (جياڭجۈن)، ئەمىرلەشكەر قاتارلىق ناملارنى قۇبۇل قىلغان. شۇنىڭ بىلەن «قاغان» باشچىلىقىدىكى مۇكەممەل ۋە بىر يۈرۈش ئەمەل-مەنسەپ سېستىمىسى شەكىللەنگەن.

    بىز يۇقىرىدا ئاساسىي نۇقتىنەزىرىمىزنى ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقى 744- يىلى ئەمەس، 646- يىلى قۇرۇلغان دىگەننى شەرھىلەشكە قاراتتۇق. ئەمما مىلادىيە 681- يىلى كىيىنكى شەرىقىي تۈرك خانلىقىنىڭ قۇرۇلغانلىقى ۋە شىمالىي دالانى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىغا ئالغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ چىنلىقنى يۇشۇرۇپ قالالمايمىز. شۇنداق ئىكەن ئۇيغۇرلارنىڭ خانلىق قۇرۇش ۋە تۈرك دۆلىتىنىڭ قايتا تىرىلىشى ئوتتۇرسىدىكى مەۋجۇتلۇق مەسىلىسى قانداق بولغان؟ دىگەن سۇئال بىزنىڭ ئالدىمىزغا قۇيۇلىدۇ. بۇ ھەقتە خەنزۇچە كىلاسسىك ۋەسىقىلەردە يىتەرلىك مەلۇماتلار بار. ئەمما بىز مەزكور سۇئالنى تېخىمۇ چۈشۈنۈشلىك قىلىپ ئىزاھلاپ بىرىش ئۈچۈن قەدىمكى مەڭگۇ تاش تېكىستلىرىدىن بەزى ئۈزۈندە-نەقىللەرنى ئېلىشنى لايىق تاپتۇق.

    ئالدى بىلەن «تەس مەڭگۇ تېشى» غا نەزەر سالساق، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ يىراق قەدىمكى زامان تارىخى گۇزەل شېئىرىي تىل بىلەن بايان قىلىنىدۇ: «.... ئۆتكەن زامانلاردا يارالغان  ئۇيغۇر قاغانلىرى تەختتە ئولتۇردى، (ئۇلار) دانىشمەن ۋە ئۇلۇغ قاغانلار (ئىدى) .... ئۇلار تەختتە ئولتۇردى، ئۈچ يۈز يىلغىچە كۆپلەپ ئۆز ئەللىرىنى باشقۇردى ....... بەربات بولدى، ..... ئۆتكەن زامانلاردا تابغاچلارغا قارشى تۇرۇپ مەغلۇپ بولغان ئىدى. ئۇيغۇر قاغان ئون يىل تەختتە ئولتۇردى، (ئاندىن) يەنە يەتمىش يىل ئۆتتى. ... تەڭرىدىن يارالغان ئەل ئەتمىش ئۇيغۇر قاغانى تەختتە ئولتۇردى» [30]. يۇقىرقىغا ئوخشاپ كىتىدىغان مەزمۇنلار «تېرخىن مەڭگۇ تېشى» دىمۇ ئۇچرايدۇ: «.... بۇ ئۈچ قاغان تەختتە ئولتۇردى، ئىككى يۈز يىل تەختتە ئولتۇردى. ئۇلارنىڭ خەلقى غەزەپكە كىلىپ ھالاك بولدى .... مىنىڭ ئەجدادلىرىم تەختتە سەكسەن يىل ئولتۇرغان ...» [31]. يۇقىردىكى ئىككى پارچە مەڭگۇ تاش تېكىستىدىن مەلۇم بولدىكى، مەزكور مەڭگۇ تاشلار ئۇيۇلغان ۋاقىت (8- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرى) قا قەدەر ئۇيغۇرلار ئۈچ قېتىم خانلىق قۇرغان: بىرىنچى قېتىملىق خانلىق ئۈچ يۈز يىل (ئىككى يۈز يىل) داۋاملاشقان، ئىككىنچى خانلىق سەكسەن يىل (ئون يىل، يەنە يەتمىش يىل) مەۋجۇت بولغان، يېڭى ئۇيغۇر خانلىقى بولسا كۆل بىلگە قاغان ۋە ئەلئەتمىش بىلگە قاغان (بايانچۇر ياكى مۇيۇنچۇر) لارغا باغلىنىدۇ. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان بىرىنچى خانلىق (ئۈچ يۈز يىل ياكى ئىككى يۈز يىل داۋاملاشقان) نىڭ كونكىرت ئەھۋالى توغرىسىدا مەنبەلەرنىڭ يوقلىقى سەۋەبىدىن، ھازىرچە بىر نەرسە دىيىشكە ئاجىزلىق قىلىمىز. ئەمما سدەكسەن يىل داۋاملاشقان ئىككىنچى خانلىق مۇلاھىزە قىلىپ كۈرۈشكە ئەرزىيدۇ.

     

    «تېرخىن مەڭگۇ تېشى» نىڭ ئاپتورى بولغان بىلگە تارقان (بايانچۇرنىڭ ئوغلى) سەكسەن يىللىق ئىككىنچى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قاغانلىرىنى «مىنىڭ ئەجدادلىرىم» دەيدۇ. شۇڭا سەكسەن يىللىق بۇ خانلىقنىڭ قايسى دەۋرلەردە مەۋجۇت بولغانلىقىنى ئېنىقلاش مەزكور تېمىمىز ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە. «بايانچۇر مەڭگۇ تېشى» نىڭ بېشىدىلا مۇنداق دىيىلىدۇ: «... سۇ ... ئۇ يەردە قالغان خەلق ئون ئۇيغۇر، توققۇز ئوغۇز ئۈستىدە يۈز يىل ئولتۇرۇپ، ... ئورخۇن دەرياسى ... تۈرك قىپچاق ئەللىك يىل ئولتۇرغان ئىكەن» [32]. كەمتۈك ۋە بەكلا قىسقا ئاشۇ مەلۇماتنى ئىنچىكىلەپ تەھلىل قىلغىنىمىزدا، بۇنىڭ ئەس


    收藏到:Del.icio.us




بلوگىمىز سىياسى نەزەرىيە، مەدەنىيەت، تارىح، قانۇن ۋە دىنعا ئائىت مەزمۇنلار ئۅستىدە ئورتاقلىشىشنى ئاساسى نىشان قىلىدۇ. يازمىلارنىڭ مەنبەسى قانۇنلۇق.

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى| قايتا گۈزەللەشتۈرۈپ تارقاتقۇچى: | بىلىم بايلىق بلوگى