بلوگ ھەققىدە: سىياسى نەزىرىيە، مەدەنىيەت تارىخ بىلىملىرىگە قىزىقامسىز؟ بۇ ھەقتە مول بىلىملەرگە ئىگە بۇلۇشنى ئارزۇ قىلامسىز؟ ئويۇلىغانلىرىڭىز، كۆڭۈل سۆزلىرىڭىز، تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بارمۇ؟ قېنى مەرھەمەت!

  • 2011-02-16

    دۇنيادىكى غەلىتە قانۇنلار - [قـــانــــــۇن]

    ئامىرىكا كالىفورنىيە شىتاتىنىڭ قانۇنىدا: ئوۋ ئوۋلاش ئىجازەتنامىسى يوقلارنىڭ چاشقان تۇتقۇچ ئورنىتىشى مەنئى قىلىنىدۇ دەپ بەلگۈلەنگەن.

    نيۇ-يورك شىتاتىنىڭ قانۇنىدا: سەتىراشخانىدا ساقال ئالدۇرغاندا مۈگدەپ قېلىش قانۇنغا خىلاپ دەپ بەلگۈلەنگەن.

    مىسسىسىپى شىتاتىنىڭ قانۇنىدا: جامائەت قۇرۇلۇشلىرىنى مەسخىرە قىلغانلار قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ دەپ بەلگۈلەنگەن.

    سىنگاپورنىڭ قانۇنىدا: قالايمىقان ئەخلەت تاشلىغانلارغا 100 ئامېرىكا دوللىرىدىن 2000 ئامېرىكا دوللىرىغىچە جەرىمانە قۇيۇلىدۇ؛ چوڭ-كىچىك تەرەتتىن كىيىن سۇ قۇيىۋەتمىگەنلەرگە 200 ئامېرىكا دوللىرى جەرىمانە قۇيۇلىدۇ؛ قالايمىقان تۈكۈرگەنلەرگە 500 ئامېرىكا دوللىرى جەرىمانە قۇيۇلىدۇ؛ ئالى مائارىپ تەربىيىسىنى قۇبۇل قىلمىغان ئاياللار ئىككىنچى بالىسىنى تۇغسا جەرىمانە قۇيۇلىدۇ؛ پوجاڭزا ئېتىش ۋە ساقلاش مەنئى قىلىنىدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلار ئىككى يىل تۈرمىگە تاشلىنىدۇ ياكى 500 ئامېرىكا دوللىرى تۈلەيدۇ دەپ بەلگۈلەنگەن.

    پىرو قانۇنىدا: ئەرنىڭ ئايالىنى خورلىشىغا يول قۇيۇلمايدۇ، ئەر ئايالىنى ھاقارەتلىسە 5 كۈندىن 10 كۈنگىچە قاماق جازاسى بىرىلىدۇ؛ ئايالىنى ئۇرسا بىر ئايلىق ئەمگەك جازاسى بىرىلىدۇ؛ ئەگەر ئايال تەرەپنىڭ يارىسى ئېغىر بولسا، ئېرى بىر يىلدىن ئىككى يىلغىچە قاماققا ھۈكۈم قىلىنىدۇ دەپ بەلگۈلەنگەن.

    شىۋىتسارىيە قانۇنىدا: شىكەر ئىكىسپورت قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ؛ ئىككى ياشقا توشمىغان بالىنى ماشىنىنىڭ ئالدىنقى رېتىدە ئولتۇرغۇزۇش قانۇنغا خىلاپ دەپ بەلگۈلەنگەن.

    جەنۇبى ئافرىقا قانۇنىدا: ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەنلەرگە 10 يىللىق قاماق جازاسى بىرىلىدۇ ياكى 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى جەرىمانە قۇيۇلىدۇ دەپ بەلگۈلەنگەن.

    نورۋىگىيە قانۇنىدا: ئاپتوموبىل شەھەر ئىچىگە كىرگەندە، شوپۇرنىڭ ئاپتوموبىل ئىچىدە تاماكا چىكىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ئەگەر ساقچى تەرىپىدىن شوپۇرنىڭ تاماكا چەككەنلىكى بايقىلىپ قالسا نەق مەيداندا پىراۋىسى يىغىۋېلىنىدۇ ھەمدە جەرىمانە قۇيۇلىدۇ دەپ بەلگۈلەنگەن.


    收藏到:Del.icio.us




بلوگىمىز سىياسى نەزەرىيە، مەدەنىيەت، تارىح، قانۇن ۋە دىنعا ئائىت مەزمۇنلار ئۅستىدە ئورتاقلىشىشنى ئاساسى نىشان قىلىدۇ. يازمىلارنىڭ مەنبەسى قانۇنلۇق.

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى| قايتا گۈزەللەشتۈرۈپ تارقاتقۇچى: | بىلىم بايلىق بلوگى