-
2011-02-15
ئۇزۇن سەپەردىكى«25 مىڭ چاقىرىم» توغرىسىدا - [تـــــارىــــــخ]
ئۇزۇن سەپەر تىلغا ئېلىنسىلا كىشىلەر تەبىئى ھالدا "25 مىڭ چاقىرىم" نى ئەسكە ئالىدۇ. ئەمما ئۇزۇن سەپەر يۇلىنى قايتا مېڭىپ كۆرگەن نۇرغۇن كىشى قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەر قىلغاندا بېسىپ ئۆتكەن جىياڭشىنىڭ يۈدۇدىن شىمالى شەنشىگىچە بولغان مۇساپىنىڭ 10 مىڭ چاقىرىمدىن ئاشمايدىغانلىقىنى بايقىغان. ئۇنداقتا "25 مىڭ چاقىرىم" زادى قانداق ھىساپلاپ چىقىلغان؟ ئۇ قىزىل ئارمىيە تەخمىن قىلغان سانمۇ ياكى تەپسىلى ھىساپلاپ چىقىرىلغان سانمۇ؟
1. ئۇزۇن سەپەرگە قاتناشقان قىزىل ئارمىيىنىڭ ھەممىسى "25 مىڭ چاقىرىم" يول يۈرگەن ئەمەس. مەركىزى كومىتىت پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋاڭ شىنشېڭ شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنىتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا مۇنداق دىگەن: "25 مىڭ چاقىرىم" مەركىزىي قىزىل ئارمىيىدىكى ئەڭ ئۇزاق يول يۈرگەن قىسىمنىڭ ئۇشۇن سەپەر مۇساپىسىنى كۆرسىتىدۇ.
قىزىل ئارمىيىدە جەمئى تۆت تارماق قىسىم ئۇزۇن سەپەر قىلغان بۇلۇپ، بۇلار بېسىپ ئۆتكەن مۇساپە ئوخشاش بولمىغان. مەركىزىي قىزىل ئارمىيە (كىيىن قىزىل ئارمىيە 1- يۈنۈلۈش ئارمىيىسى دەپ ئۆزگەرتىلگەن) نى ھىساپقا ئالمىغاندا، قىزى؛ل ئارمىيە 25- كورپۇسى 10 مىڭ چاقىرىمچە يول يۈرگەن. قىزىل ئارنىيە 2- ۋە 6- كورپۇس (كىيىن قىزىل ئارمىيە 2- يۈنۈلۈش ئارمىيىسى بۇلۇپ قۇرۇلغان) 20 مىڭ چاقىرىمچە يول يۈرگەن. قىزىل ئارمىيە 4- يۈنۈلۈش ئارمىيىسى 10 مىڭ چاقىرىمچە يول يۈرگەن.
ھەبىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى شۈ جەنچۇەننىڭ تۇنۇشتۇرۇشىچە، مەركىزىي قىزىل ئارمىيىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ 25 مىڭ چاقىرىم يول يۈرۈشى ناتايىن ئىكەن. شىمالى شەنشىگە يىتىپ بارغان مەركىزىي قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەر مۇساپىسىنى سىتاتىستىكا قىلىپ كۆرگەن. 1936- يىلدىكى "قىزىل ئارمىيە 1- گۇرۇپپىۋىي ئارمىيىسىنىڭ ئۇزۇن سەپەردە بېسىپ ئۆتكەن جايلىرى ۋە مۇساپىسى جەدۋېلى" دە قىزىل ئارمىيە 1- كورپۇس ئارمىيىسى ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ قارمىقىدىكى ئەترەتلەر ئۇزۇن سەپەر قىلغان 371 كۈننىڭ ھەر بىر كۈنىدە بېسىپ ئۆتكەن مۇھىم جايلار ۋە مۇساپىسى خاتىرلەنگەن. سىتاتىستىكا قىلىنغان ئۇمۇمى مۇساپە 18 مىڭ 95 چاقىرىم چىققان. ئەمما ئىزچىل ھالدا جەڭ قىلىش، رازۋېدكا قىلىش، ئايلىنىپ مېڭىش، قىستۇرۇلېۋېلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئاساسى قاتلام قىسىملىرى ماڭغان مۇساپە ھەقىقەتەنمۇ ئۇزۇن بۇلۇپ، "25 مىڭ چاقىرىم" غا يەتكەن.
2. "25 مىڭ چاقىرىم" دىگەن سۆزنى ئەڭ بۇرۇن ماۋزېدوڭ تىلغا ئالغان. مەركىزى قىزىل ئارمىيە جىياڭشىدىن يولغا چىققاندا قوللانغان ئىستىراتىگىيىلىك يۆتكۈلۈش- ئۇزۇن مۇساپىلىق ھەربى يۈرۈش دەپ ئاتالغان. تاكى 1935- يىل 5- ئايدا يىزۇ مىللىتى توپلۇشۇپ ئولتۇراقلاشقان رايۇندىكى ئاممىغا ئېلان قىلىنغان «جۇڭگۇ ئىشچى – دېھقان قىزىل ئارمىيىسىنىڭ ئېلانى» دىلا «قىزىل ئارمىيىنىڭ 10 مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپىرى» تىلغا ئېلىنىپ، " ئۇزۇن سەپەر" دىگەن سۆز تۇنجى قېتىم مەيدانغا كەلگەن.
ۋاڭ شىنشېڭ مۇنداق دەيدۇ: "ئۇزۇن سەپەر" دىگەن سۆز مەيدانغا كەلگەندىن كىيىن، كۆپ ھاللاردا مۇساپە ئۇزۇنلۇقىغا باغلاپ قوللۇنۇلغان. 1935- يىلى 8- ئايدىكى شاۋۇ يىغىنىدىن كىيىن ج ك پ مەركىزى كومىتىتىنىڭ ھۆججەتلىرىدە "1- يۈلۈنۈش قىزىل ئارمىيىسىنىڭ 18 مىڭ چاقىرىملىق ئۈزۈن سەپىرى" دەپ تەسۋىرلەنگەن. 9- ئايدىكى سوۋېت رايۇنلىرى يىغىنىدىن كىيىنكى ھۆججەتلەردە ئۇزۇن سەپەر تىلغا ئېلىنغاندا، "20 مىڭ چاقىرىمچە" دىيىلگەن. مۇساپە ئۇزۇنلۇقى قىزىل ئارمىيىنىڭ ئۇزۇن سەپىرى داۋاملاشقانسىرى ئېشىپ بارغان. ئۇزۇن سەپەرگە قاتناشقان قىزىل ئارمىيىنىڭ مەشھۇر ەېنىراللىرىدىن نېي رۇڭجىن بىلەن ياڭ چىڭۋۇلار ئەسلىمىللىرىدە تۈۋەندىكىلەرنى تىلغا ئالغان: 1935- يىلى 11- ئايدا قىزىل ئارمىيە 1- يۈنۈلۈش ئارمىيىسىنىڭ ئاساسى قىسمى قىزىل ئارمىيە 15- كورپۇس ئارمىيىسى بىلەن شەنشىدە ئۇچراشقاندىن كىيىن، ماۋزېدوڭ ئۆز نۇتۇقلىرىدا قىزىل ئارمىيىنىڭ 1- يۈنۈلۈش ئارمىيىسى رۈيجىندىن باشلاپ ھىساپلىغاندا جەمئى 367 كۈن ئۇزۇن سەپەر قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇرۇش قىلغان كۈن 35 كۈندىن ئاشمايدۇ. دەم ئالغان كۈنمۇ 65 كۈندىن ئاشمايدۇ. تەخمىنەن 267 كۈن سەپەر قىلدۇق. كىچىلىك يۈرۈشلەرنىمۇ قۇشۇپ ھىساپلىساق 267 كۈندىن ئېشىپ كىتىدۇ. 11 ئۆلكىنى بېسىپ ئۆتتۇق. قىزىل ئارمىيە 1- كورپۇس ئارمىيىسىنىڭ سىتاتىستىكا قىلىپ كۈرۈشىچە، ئەڭ ئۇزاق ماڭغانلار 25 مىڭ چاقىرىم ماڭغان. بۇ ھەقىقەتەن بىر قېتىملىق ئۇزۇن سەپەر بولدى ......... دىگەن.
ۋاڭ شىنشېڭ يەنە مۇنداق دەيدۇ: بۇ ئۇزۇن سەپەردىكى "25 مىڭ چاقىرىم" دىگەن ئاتالغۇنىڭ تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا چىقىشى ئىدى. شۇنىڭدىن كىيىن مەركەزنىڭ ھۆججەتلىرى ۋە رەھبەرلەرنىڭ نۇتۇقلىرىدا "25 مىڭ چاقىرىم" لىق ئۇزۇن سەپەر دىگەن سۆز كۆپ قرتىم تىلغا ئېلىنىپ، بارا-بارا ئادەت سۈزىگە ئايلىنىپ قالدى.
3. 70 يىلدىن كىيىنكى يېڭەچە ھىساپلاش. "ئۇزۇن سەپەر" ، "25 مىڭ چاقىرىم" دىگەن سۆزنى جۇڭگۇدىكى كىچىك بالىلارمۇ بىلىدۇ. 2003- يىلى ئەنگىلىيىلىك ماپۇئەن بىلەن لى ئەيدې ئۇزۇن سەپەر يۇلىنى قايتا مېڭىپ كۈرۈپ، ئۇزۇن سەپەر مۇساپىسى 12 مىڭ چاقىرىم كىلىدىكەن دەپ ئېلان قىلدى. چەتئەل ئاخبارات ۋاستىللىرىمۇ بۇ ھەقتە نۇرغۇن خەۋەر بەردى ھەم بىر مەھەل زور غۇلغۇلا قىلدى.
收藏到:Del.icio.us
评论