-
2011-02-15
پارتىيە بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا - [نــەزەرىـيــە]
پارتىيە بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ مۇناسىۋىتى دېگىنىمىز پارتىيە بىلەن ئامما ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا تەسىر قىلىش، ئۆز ئارا رول ئويناش ھالىتىگە قارىتىلغان. كونكىرت قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇ پارتىيىنىڭ خەلق بىلەن مۇناسىۋەت باغلاش ۋە ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىدا ئىپادىلىنىدۇ. ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش شارائىتلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، پارتىيە بىلەن خەلق ئاممىسى مۇناسىۋىتى دۇچ كېلىدىغان ئوبىيېكتىپ شارائىت ۋە مەسئۇلىيەتلەرمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭا، بۇ مەسىلىلەرنى باشقىچە ئۇسۇلدا كۈزۈتىشكە توغرا كېلىدۇ.
ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان پارتىيىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ بۇ مەسلىلەرنى كۈزەتكەندە، خەلق ئاممىسى ۋە ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىدە زور ئۆزگۈرۈشلەر بولدى. پارتىيىمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ پۈتۈن دۆلەتنىڭ سىياسى ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۆرەش قىلغۇچى پارتىيىدىن، خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيىگە ئايلاندى. سىرتنىڭ قامال قىلىشىغا ئۇچىراش ۋە پىلانلىق ئىگىلىك شارائىتىدا دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىشتىن، ئىسلاھات ئېچىۋېتىش شارائىتىدا قۇرۇلۇش قىلىشقا رەھبەرلىك قىلغۇچى پارتىيىگە ئايلاندى. ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ ئۆزى ئىنقىلاب ئىشلىرىنىڭ غەلبە قىلغانلىقىنى نامايەن قىلىپ بېرىدۇ. شۇنداقلا يەنە بۇ چوڭ بىر خىرسقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقتىنمۇ دېرەك بېرىدۇ. بۇ يەردىكى خىرس بولسا قانداق قىلىپ پارتىيىمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە قانداق قىلىپ قولىدىكى ھوقۇقنى خەلق ئاممىسى ئۈچۈن ياخشى يۈرگۈزۈش ، چېرىكلىككە قانداق تاقابىل تۇرۇش قاتارلىقلاردۇر. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشى پارتىيىمىزدىن ئۆزىنىڭ يادرولوق ئورنى بىلەن كۆپ مەنبەلىك بازار ئىگىلىكىنىڭ تەلىپى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشتا ئىپادىلىنىدۇ. شۇڭا، پارتىيىمىز ھەم بازار ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرالايدىغان ئىقتىدارنى يېتىلدۈرىشى ھەم مەنپەئەت مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئاممىۋىي ئاساسىنى مۇستەھكەملىيەلىشى كېرەك. مانا بۇ، پارتىيىمىز نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەسىلىنى پارتىيىنىڭ ھايات ماماتىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە، دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ.
خەلق ئاممىسىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ كۈزەتكەندە، ھازىر خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەتى ۋە ئېھتىياجلىرىدىمۇ چوڭ ئۆزگۈرۈشلەر بولدى. بۈگۈنكى خەلق ئاممىسىنى ئىنقىلابى ئۇرۇش مەزگىللەردىكى خەلق ئاممىسى بىلەن ھەم پىلانلىق ئىگىلىك دەۋرىدىكى خەلق ئاممىسى بىلەن ئوخشاش، دەپ قاراشقا بولمايدۇ. ھازىر خەلقنىڭ مۇستەققىللىق ۋە دېموكراتىك ئېڭىدا زور يۈكسىلىش بولدى. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم يىرى، خەلق ئاممىسىنىڭ سىنىپىي قاتلىمىدىكى ئۆزگۈرۈشلەر كۆرۈنەرلىك بولىۋاتىدۇ. ھازىر ئىشچى، دېھقانلاردىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان ئىجتىمائىي سىنىپلار مەيدانغا كەلدى. ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى پارتىيە ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇ يولغا قويۇۋاتقان بارلىق سىياسەت- تەدبىرلەر ئەنە شۇ سىنىپلار ئوتتۇرىسىدىكى مەنپەت مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالىشى ۋە ھەرقايسى سىنىپلارنىڭ مەنپەتلىرىنى چىقىش قىلغان بولۇشى كېرەك. ئەڭ كۆپ ساندىكى ئاممىسىنىڭ مەنپەتىگە قانداق ۋەكىللىك قىلىش؟ پارتىيە بىلەن خەلق مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ تىپىك مەسىلىدۇر. بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۆز نۆۋىتىدە، ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچىدىن «مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى تەڭشەش»نى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. كومپارتىيە ئىشچىلار سىنىپىغا ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. لېكىن، خەلق مەنپەتى بولسا كۆپ تەرەپلىمىلىك كونكىرت مەنپەت مۇناسىۋەتلىرىدىن تەركىب تاپقان. بازارنىڭ تەرەققىياتى قانچەتېز بولغانسىرى مەنپەت پەرقىمۇ شۇنچە كۆرۈنەرلىك بولىۋاتىدۇ. ھازىرقى ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيىنىڭ ئىقتىدارى دەل مۇشۇنداق مەسىلىلەرنى ئوڭۇشلۇق بىر تەرەپ قىلىشتا ئىپادىلىنىدۇ.
كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىدىن قارىغاندا، ھازىرقى شارائىتتىكى بۇ مۇناسىۋەتتىمۇ يېڭىچە ئالاھىدىلىكلەر بار. ھازىر خەلق كادىرلارغا نەزىرىيە جەھەتتىن ئەمەس بەلكى كادىرلارنىڭ ئەمىلىي ئىپادىسىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىدۇ. بۇ تەرەپلەردە، بىر قىسىم كادىرلاردىكى شەكىلۋازلىق، بىيوكىراتلىق قىلمىشلار كادىرلارنىڭ ئامما قەلبىدىكى ئوبرازىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزمەكتە. سىياسىي نەزىرىيە جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، پارتىيىنىڭ ئىستىلى بىلەن چېرىكلىك ئىككى خىل كاتېگورىيىگە مەنسۇپ مەسىلە. پارتىيىنىڭ ئىستىلى پارتىيىنىڭ خارەكتىر- ماھىيىتىنىڭ تاشقى جەھەتتىكى ئىپادىلىنىش شەكلىدۇر. چىرىكلىك بولسا ھوقۇقتىن قالايمىقان پايدىلىنىشتۇر. بىراق، ھازىر ئىستىل بىلەن چىرىكلىك ئۆز ئارا باغلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. ھوقۇقتىن قالايمىقان پايدىلىنىشنىڭ ئۆزى ئىستىلدا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكنىڭ ئالامىتىدۇر. تارىخ بىلەن ئەمەلىيەت بىزگە، ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان پارتىيە ئەگەر ئىستىل قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بەرمىسە، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، ئاممىدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ تۇرۇپتۇ.
بۇرۇن پارتىيە بىلەن خەلق ئاممىسى مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشتا نۇرغۇن چارە تەدبىرلارنى قوللانغان. بولۇپمۇ پارتىيىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ زۆرۈرلىكى بەكىرەك تەكىتلەنگەن. بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەندەك، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتى مەسىلىسى بولۇپ، ئۇ ئەمىلىيەتتە پارتىيە بىلەن ئاممىۋى ھوقۇق ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، پارتىيە بىلەن ئامما ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت دېگىنىمىز، پارتىيە بىلەن ئاممىۋىي ھوقۇقنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسىدىن ئىبارەت. ھازىرقى شارائىتتا، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى تەكىتلەشتىن سىرت يەنە، ھوقۇق ئىشلىتىشنى نازارەت قىلىدىغان مۇكەممەل مۇخانىزىمنى قۇرۇپ چىقىش ھەممىدىن مۇھىم.
بۇنىڭدا بىرى، پارتىيىمىز رەھبەرلىكىدىكى سايلام تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. بۇ خەلقنىڭ سىياسىغا ئارىلىشىش ھوقۇقىنى ۋە ھوقۇققا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىدۇ. يەنە بىرى، داۋاملىق ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ئىقتىساد، سىياسەت، مەدەنىيەت قاتارلىقلارنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش. تەرەققىيات بارلىق ئىشلىرىمىز ئۈچۈن ھەلقىلغۇچ رول ئوينايدۇ. تەرەققىيات ئارقىلىق خەلقنىڭ مەنپەئەتى قانىدۇ. شۇنىڭغا ئەگىشىپ، پارتىيە بىلەن خەلق مەنپەتىمۇ مۇستەھكەملىنىدۇ. شۇندىلا خەلق پارتىيىنى قوللايدۇ. ئۈچىنچى، چەكلەش ۋە نازارەت قىلىش مىخانىزمىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. خەلق بەرگەن ھوقۇقنىڭ باشتىن ئاخىر خەلق مەنپەتى ئۈچۈن ئىشلىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيىنىڭ 17- قۇرۇلتىيىدا: «كادىرلارغا نىسبەتەن دېموكراتىك نازارەتچىلىك قىلىش خەلقنىڭ ئۆزىگە خوجا بولۇشىدىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك، ئەڭ كەڭ قوللىنىدىغان چارىدۇر. سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە سىياسىتىنىڭ ئاساسى ھېسابلانغان مۇھىم تەرەپلەرنى چوقۇم تەرەققىي قىلىدۈرۈش كېرەك» دەپ كۆرسىتىلگەن. كۆرسەتمىدە، ھوقۇقنى ئوچۇق- ئاشكارە يۈرگۈزۈش تەكىتلەنگەن .دېمەك، ئاممىنىڭ نازارەتچىلىكنى رولىنى تولۇق نامايەن قىلىدۇرغاندىلا، خەلق بەرگەن ھوقۇقنى باشتىن ئاخىر خەلق مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
收藏到:Del.icio.us