بلوگ ھەققىدە: سىياسى نەزىرىيە، مەدەنىيەت تارىخ بىلىملىرىگە قىزىقامسىز؟ بۇ ھەقتە مول بىلىملەرگە ئىگە بۇلۇشنى ئارزۇ قىلامسىز؟ ئويۇلىغانلىرىڭىز، كۆڭۈل سۆزلىرىڭىز، تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بارمۇ؟ قېنى مەرھەمەت!

  • 2011-02-14

    گوۋۇيۈەن ئون خىل تەدبىر ئارقىلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى يەنىمۇ يۆلەيدۇ - [سـىـيـاســى]

        شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 – فېۋرال تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 9 – فېۋرال گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلىپ، ھازىرقى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى تەھلىل قىلىنىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئائىت سىياسەت، تەدبىرلەر مۇزاكىرە قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

        يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھازىر مەملىكىتىمىزدە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش سەل قاراشقا بولمايدىغان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى. بىرىنچىدىن، كۈزگى بۇغداي كۆپ تېرىلىدىغان خېبېي، خېنەن، شەندۇڭ، ئەنخۇي، جياڭسۇ، شەنشى، سەنشى، گەنسۇ قاتارلىق رايونلاردا قۇرغاقچىلىق بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتىدۇ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش قىزغىنلىقى سۇسلاپ كەتتى. ئۈچىنچىدىن، بەزى جايلاردا ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا سەل قاراش خاھىشى كۆرۈلدى.

        يىغىندا مۇنداق قارار قىلىندى: يېقىندا يولغا قويۇلغان يۆلەش سىياسىتى ئاساسىدا، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى يۆلەش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش كېرەك.

    (1) كۈزگى بۇغداي پەرۋىشىدە قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ، سۇغىرىش ياردىمى بېرىش دائىرىسى كېڭەيتىلىدۇ، مو بېشىغا يەنىلا ئون يۈەندىن بېرىش ياردەم ئۆلچىمى قىلىنىدۇ.

    (2) كۆكەرگەن كۈزگى بۇغداي مايسىلىرىنى تاقىلاپ ئوغۇتلاش ياردىمى بېرىش يولغا قويۇلىدۇ، ئۆلچەم بويىچە مو بېشىغا ئون يۈەندىن ياردەم بېرىلىدۇ.

     (3) مەركەز مالىيەسىدىن 1 مىليارد 200 مىليون يۈەن دېھقانچىلىق ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى سېتىۋېلىش تولۇقلىمىسى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، كۈزگى بۇغداي كۆپ تېرىلىدىغان رايونلاردا دېھقانلارنىڭ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇشتا جىددىي ئېھتىياجلىق سۇ پومپىسى، پۈركۈپ سۇغىرىش ماشىنىسى سېتىۋېلىش ۋە قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ سۇ تېجەيدىغان باشقا ماشىنا – ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىشىغا ياردەم بېرىشكە ئىشلىتىلىپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىش بىلەن بىللە، قۇرغاقچىلىق يۈز بەرگەن رايونلارنىڭ دېھقانچىلىق ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلىدۇ.

     (4) كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ بىر تۇتاش ئالدىنى ئېلىش ۋە بىر تۇتاش تىزگىنلەش ياردىمى بېرىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. بۇغداي، شال، كوممىقوناقتىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئاساسلىق ئاشلىق كۆپ تېرىلىدىغان رايونلاردىكى 800 ناھىيە ۋە كۆچمە خاراكتېرلىك، تارقىلىشچان كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنى ئېغىر بولغان مەنبە رايونلاردىكى 200 ناھىيەدە كەسىپلەشكەن بىر تۇتاش ئالدىنى ئېلىش ۋە بىر تۇتاش تىزگىنلەش تەدبىرى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، كۆلەملەشكەن 2000چە كەسپىي مۇلازىمەت تەشكىلاتىغا ياردەم بېرىلىدۇ، بۇ تەشكىلاتلارنىڭ ھەر بىرىگە مەركەز مالىيەسىدىن 250 مىڭ يۈەندىن ياردەم بېرىلىدۇ.

     (5) شەرقىي شىمالدا شال مايسىسى يېتىشتۈرۈش پارنىكى سېلىش ياردىمى يولغا قويۇلىدۇ. مەركەز 500 مىليون يۈەن مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىدە يېڭىدىن 200 مىڭ شال مايسىسى يېتىشتۈرۈش پارنىكى سېلىشنى قوللايدۇ.

     (6) غەربىي جەنۇب، غەربىي شىمالدا كۆممىقوناقنى سۇلياۋ يوپۇق يېپىپ ئۆستۈرۈشكە ياردەم بېرىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ، ياردەم بېرىش كۆلىمى 50 مىليون مو بولۇپ، مو بېشىغا ئون يۈەندىن ياردەم بېرىلىدۇ.

    (7) قۇرغاقچىلىق يۈز بەرگەن رايونلاردىكى ناھىيە دەرىجىلىك قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش مۇلازىمەت ئەترەتلىرىگە ياردەم بېرىش دائىرىسى كېڭەيتىلىدۇ. ئېغىر قۇرغاقچىلىق كۆرۈلدى، دەپ بېكىتىلگەن ئالتە ئۆلكىدىكى ناھىيە دەرىجىلىك 600 قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش مۇلازىمەت ئەترىتىگە ئۈسكۈنە سېتىۋېلىش ياردىمى بېرىش ئاساسىدا، قۇرغاقچىلىق يۈز بەرگەن رايونلاردا ياردەم بېرىلىدىغان ناھىيەدىن 200ى كۆپەيتىلىدۇ، ھەر بىر ناھىيەگە 2 مىليون يۈەندىن ياردەم بېرىلىپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇشقا جىددىي لازىملىق سۇ توشۇش ئاپتوموبىلى، يۆتكەشكە بولىدىغان سۇغىرىش ئۈسكۈنىسى قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىشقا ئىشلىتىلىدۇ.

     (8) قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى سالمىقى زورايتىلىدۇ. ئېغىر قۇرغاقچىلىق بولغان رايونلاردىكى يېزىلارنىڭ يېزا ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى، چوڭ سۇغىرىلىدىغان رايونلارنىڭ يۈرۈشلۈك مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى ۋە سۇ تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىغا مەركەز 4 مىليارد يۈەن مەبلەغ سالغان ئاساستا، مەركەز مالىيەسىدىن يەنە 2 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، قۇرغاقچىلىق بولغان جايلاردىكى چوڭ سۇغىرىلىدىغان رايونلارنى ئۆزگەرتىش غول قۇرۇلۇشى ۋە يېزا ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىغا داۋاملىق ئىشلىتىلىدۇ. ئېھتىياجىغا ئاساسەن، قۇرغاقچىلىققا جىددىي تاقابىل تۇرۇش سۇ مەنبەسىقۇرۇلۇشى ۋە سۇغىرىلىدىغان رايونلاردىكى ئېتىز – ئېرىق قۇرۇلۇشىغا كۆپرەك ئىشلىتىلسىمۇ بولىدۇ. يۇقىرىقى سىياسەتنى يولغا قويۇش ئۈچۈن مەركەز 6 مىليارد 700 مىليون يۈەن مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

     (9) شال سېتىۋېلىش ئەڭ تۆۋەن باھاسى ئۆستۈرۈلىدۇ. 2011 – يىلى تېرىلغان، چىلگە سوقۇچاق شال، ئوتتۇرا ۋە جاغدا سوقۇچاق شال، يۇمىلاق شال(ياپون شېلى)نىڭ ھەر 50 كىلوگىرامىنىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىنىش باھاسى 102 يۈن، 107 يۈەن ۋە 128 يۈەنگە ئۆستۈرۈلۈپ، 2010 – يىلىدىكىدىن توققۇز يۈەن، ئون يۈەن، 23 يۈەن يۇقىرى بولىدۇ.

     (10) مەملىكەت بويىچە ئاشلىقتىن مۇقىم ھوسۇل ئېلىش ھەرىكىتى تەشكىللىنىپ يولغا قويۇلىدۇ. ئاشلىق كۆپ تېرىلىدىغان ناھىيەلەرنى مۇكاپاتلاش سىياسىتى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ، مۇكاپات سوممىسى ئۆستۈرۈلىدۇ.

     


    收藏到:Del.icio.us




بلوگىمىز سىياسى نەزەرىيە، مەدەنىيەت، تارىح، قانۇن ۋە دىنعا ئائىت مەزمۇنلار ئۅستىدە ئورتاقلىشىشنى ئاساسى نىشان قىلىدۇ. يازمىلارنىڭ مەنبەسى قانۇنلۇق.

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى| قايتا گۈزەللەشتۈرۈپ تارقاتقۇچى: | بىلىم بايلىق بلوگى