بلوگ ھەققىدە: سىياسى نەزىرىيە، مەدەنىيەت تارىخ بىلىملىرىگە قىزىقامسىز؟ بۇ ھەقتە مول بىلىملەرگە ئىگە بۇلۇشنى ئارزۇ قىلامسىز؟ ئويۇلىغانلىرىڭىز، كۆڭۈل سۆزلىرىڭىز، تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بارمۇ؟ قېنى مەرھەمەت!

  • 2011-02-14

    شىنجاڭدا ئېكولوگىيىلىك مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە ئەھمىيىتى - [نــەزەرىـيــە]

    ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋىتىلگەندىن بۇيان پارتىيىمىز ماددىي مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك ۋە سوتسىيالىستىك سىياسىي مەدەنىيلىك بەرپا قىلىشنى كۆپ قېتىم داغدۇغىلىق ئوتتۇرغا قويدى. پارتىيە 17- قۇرۇلتىيىدا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرغا قويۇلۇپ : «ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىپ، ئېنېرگىيە ، بايلىق تېجەيدىغان ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ئاسرايدىغان كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئېشىش شەكلى، ئىستېمال ئەمدىزىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈش» لازىملىقى ئوتتۇرغا قويۇلدى . ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ 17- قۇرۇلتايدا ئوتتۇرغا قويۇلۇشى – پارتىيىمىزنىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرەققىيات قانۇنىيىتى بىلەن ئىنسانلار مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ يۈزلىنىشىگە بولغان تونۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ئاساسىدا چىقىرىلغان قاراردۇر. بىز 17- قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ئىدىيە بويىچە رايونىمىز شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيىلىك مەدىنىيلىكىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، بۇ جەھەتتە ھەسسىلەپ كۈچ چىقىرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تونۇپ يېتەلەيمىز.

     

    1. «ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى» ئۇقۇمىنىڭ ئوتتۇرغا قويۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ مەزمۇنلىرى

     

    پارتىيە 17- قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدىكى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش كۈرەش نىشانىنىڭ يېڭى تەلىپىدە : «ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىپ، ئېنېرگىيە ، بايلىق تېجەيدىغان ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ئاسرايدىغان كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئېشىش شەكلى، ئىستېمال ئەمدىزىسىنى ئاساسى جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈش» تەك ئېكولوگىيىلىك مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش نىشانى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرغا قويۇلدى .

    ئىنسانىيەت مەدىنىيلىكىنىڭ تەرەققىيات تارىخى ئىپتىدائىي مەدەنىيلىك، يېزا ئىگىلىك مەدەنىيلىكى ۋە سانائەت مەدىنىيلىكىنى بېسىپ ئۆتتى. ھازىر سانائەت مەدىنىيلىكىدىن ئېكولوگىيە مەدىنىيلىكىگە ئۆتۈش باسقۇچىدا تۇرىۋاتىدۇ. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىنسانىيەتنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيلىك شەكلى، بولۇپمۇ سانائەت مەدەنىيلىكى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىشنىڭ نەتىجىسى بولۇپ ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىك شەكلى ۋە مەدەنىي تەرەققىيات ئىدىيىسى، يولى ۋە ئەمدىزىسىدىكى زور ئىلگىرلەش. ئۇ ئادەم بىلەن تەبىئەت، ئادەم بىلەن ئادەم، ئادەم بىلەن جەمئىيەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشى ، ياخشى دەۋرىي قىلىشى، ئەتراپلىق راۋاجلىنىشى، سىجىل گۈللىنىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان؛ ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئىقتىسادى تەرەققىيات ئەمدىزىسى ، ساغلام، مۇۋاپىق ئىستېمال ئەمدىزىسى ۋە ئىجىل، ئىناق كىشىلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئاساسى مەزمۇن قىلغان بولۇپ ، ئىنسانىيەتنىڭ ئادەم، تەبىئەت، جەمئىيەتنىڭ ئىناق راۋاجلىنىشىدىن ئىبارەت ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتكە رىئايە قىلىش ئاساسىدا، ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىق يارىتىشى، جۇغلىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئېكولوگىيىنى ئاسراش ۋە بايلىقنى تېجەش – ئېلىمىزنىڭ شۇنداقلا رايونىمىزنىڭ ھازىرقى باسقۇچتىكى ئىستراتېگىيىلىك مۇھىم ۋەزىپە بولۇپ ، ھەم خەلقنىڭ جانىجان مەنپەتىگە مۇناسىۋەتلىك، ھەم پۈتكۈل جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ھايات – ماماتىغا مۇناسىۋەتلىك. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئېكولوگىيە مەدىنىيلىكىنىڭ ئاساسى مەزمۇنلىرىنى پۇختا ئىگىلىشىمىز كىرەك.

    بىرىنچى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ يادروسى ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناقلىقىنى ساقلاشتۇر.

    ئىككىنچى ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە ئاچقۇچى قانداق ئۇسۇل ۋە شەكىلدە تەرەققىي قىلىشتۇر.

    ئۈچۈنجى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ نىشانى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشتۇر.

    تۆتىنچى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسى يولى - ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت.

     

    2. ئېكولوگىيە مەدىنىيلىكى قۇرۇلىشىنى كۈچەيتىشنىڭ زۈرۈرلىكى ۋە رىئالنى ئاھمىيىتى

     

    پارتىيە 17- قۇرۇلتاي دوكىلاتىدا ئېكولوگىيە مەدىنىيلىكى ئۇقۇمى ئوتتۇرغا قۇيۇلدى ھەم ئۇنىڭدىكى ئاساسى ۋەزىپىلە ئۇرۇنلاشتۇرۇلدى. بۇ پارتىيە ۋە ھۈكۈمەتنىڭ ئېكولوگىيە مەدىنىيلىكى بەرپا قىلىشقا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. نۆۋەتتە ئېكولوگىيە مەدىنىيلىكى قۇرۇلىشىنى تەكىتلەش ۋە كۈچەيتىش رايۇنىمىز شۇنداقلا پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ناھايىتى جىددى زۈرۈرلىككە ۋە مۇھىم رىئالنى ئەھمىيەتكە ئىگە. زۈرۈرلىكى جەھەتتە:

    دۇنيا مىقياسىدىن قارىغاندا، سانائەت ئىنقىلاۋىدىن بۇيان ئىنسانلار ماددى ئىشلەپچىقىرىشتا غايەت زور تەرەققىياتلارغا ئىرىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەر شارىدىكى بايلىقتىن پايدىلىنىشى مۇۋاپىق بولماسلىق سەۋەبىدىن يەر شارىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى بۇزۇلدى. بۇنىڭ ئېغىر ئاقىۋىتى شۇ بولدىكى، يەر شارى كىلماتى ئۆزگەردى، شۇنداقلا يەرنى زىيادە ئېچىش، ئورماننى قالايمىقان كىسىش، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى قاتارلىقلار سەۋەبىدىن، باشقا باسسىپ ئۈنۈملەر كۈرۈلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قارا يامغۇر، يۇقىرى تىمپۇراتۇرا قاتارلىق تۇراقسىز ھاۋا رايى ھادىسلىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن يۈز بىرىشى تەبىئەتنىڭ ئىنسانلارغا بەرگەن سېگنالى.

    نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيىلىك مەدىنىيلىك بەرپا قىلىشنى گەۋدىلىك تەكىتلىشى ئىلمى تەرەققىيات قارىشىنى ئەمىلىلەشتۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمىيەت بەرپا قىلىشنىڭ مۇقەررەر تەلىۋى ۋە مۇھىم ۋەزىپىسى. چۈنكى بىر تەرەپتىن ئىلىمىزنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان تېرىلغۇ يەر، تاتلىق سۇ، ئورمان كۆلىمى دۇنيانىڭ ئوتتۇرچە سەۋىيىسىنىڭ %32ى، %27.4ى ۋە %12.8نى ئىگىلەيدۇ. نىفىت، تەبىئى گاز، تۈمۈر رودىسى قاتارلىق بايلىقلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان مىقدارىمۇ دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىن كۆرۈنەرلىك تۈۋەن. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇزاق مۇددەت يولغا قۇيۇلغان سېلىنما ۋە ماددى سېلىنمىنى كۆپەيتىشكە تايانغان يىرك ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرۈش شەكلى سەۋەبىدىن ئېنىرگىيە ۋە باشقا بايلىقلارنىڭ سەرپىياتىنىڭ ئېشىشى ناھىيىتى تىز بولدى. ئېكولوگىيىنىڭ  ناچارلىشىش مەسىلىسى كۈنسايىن ئېغىرلاشتى.

    رايۇنىمىزغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىيتى ئىنتايىن ئاجىز بۇلۇپ، بوستانلىقلار پەقەت شىنجاڭنىڭ ئومۇمى يەر كۆلىمىنىڭ %4 نىلا ئىگىلەيدۇ. ھاۋاسى ئىنتايىن قۇرغاق، يەرلەرنىڭ قۇملىشىپ كىتىش، شورلىشىپ ىتىش ئەھۋاللىرى ئېغىر، ئورمان كۆلىمى يوق دىيەرلىك، يايلاق كۆلىمى بارغانسىرى كىچىكلىمەكتە، ئۇندىن باشقا ئېچىش، قېزىش ئىشلىرىمۇ شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيىلىك سېستىمىسىنىمۇ مەلۇم دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتتى.

    ئېكولوگىيىلىك مەدىنىيلىك قۇرۇلىشىنى كۈچەيتىشنىڭ ئەھمىيىتىدىن قارىغاندا:

    بىرىنجىدىن، ئېكولوگىيىلىك مەدىنىيلىك بەرپا قىلىشنى دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسى دۆلەت ئەھۋالى بەلگۈلىگەن.

    ئىككىنجىدىن، ئېكولوگىيىلىك مەدىنىيلىك قۇرۇلىشىنى كۈچەيتىش- ئىلمى تەرەققىيات قارىشىنى چۇڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمىلىلەشتۈرۈشنىڭ ئىچكى تەلىپى.

    ئۈچۈنجىدىن، ئېكولوگىيىلىك مەدىنىيلىك قۇرۇلىشىنى كۈچەيتىش- ئىجتىمائى ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى.

    تۆتىنجىدىن، ئېكولوگىيىلىك مەدىنىيلىك قۇرۇلىشىنى كۈچەيتىش- ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمىيەت بەرپا قىلىشنىڭ ئىستىراتىگىيىلىك كاپالىتى.

    بەشىنجىدىن، ئېكولوگىيىلىك مەدىنىيلىك قۇرۇلىشىنى كۈچەيتىش- سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشىنىڭ مۇقەررەر تەلىۋى.

     

    3. شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيىلىك مەدىنىيلىك ئەھۋالى

     

    پارتىيە 17- قۇرۇلتاي دوكىلاتىدا ئېكولوگىيىلىك مەدىنىيلىك قۇرۇلىشىنى توغرىسىدا مۇھىم ئىدىيەلەر ئوتتۇرغا قۇيۇلدى. بۇ ئىدىيەلەرنىڭ تەلىۋى بۇيىچە رايۇنىمىزنىڭ ئېكولوگىيىلىك ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساق، نۇرغۇن مەسىللەرنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ھىس قىلىمىز.

    شىنجاڭنىڭ ھاۋاسى قۇرغاق بۇلۇپ، قۇرغاق رايۇنلارنىڭ كۆلىمى پۈتۈن شىنجاڭ ئومۇمى كۆلىمىنىڭ %70 نى ئىگىلەيدۇ. بوستانلىقلار پەقەت %4 نىلا ئىگىلەيدۇ. شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى ئىنتايىن ئاجىز بۇلۇپ، تۆۋەندىكىدەك مەسىللەر مەۋجۇت:

    1 يەرلەرنىڭ قۇملىشىپ كىتىش، شورلىشىپ كىتىش ئەھۋاللىرى ئىنتايىن ئېغىر. چۆللىشىپ كىتىش كۆلىمى 724 مىڭ كۇۋادىرات كىلومىتىرغا يىتىدۇ.

    2 ئورمانلىق كۆلىمىنىڭ جىددى كىمىيىپ كىتىشى تۇپراقنىڭ ئېقىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. شىنجاڭنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %1.68 بۇلۇپ، پۈتۈن مەملىكەت سەۋىيىسىنىڭ 8 ∕ 1 گە ئاران يىتىدۇ. سۇ بايلىقىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئىسراپ قىلىۋېتىلىشى، ئۇنىڭ ئۈستىەە ئورماننىڭ توختىماي كىسىلىشى نەتىجىسىدە تارىم دەرياسى ۋادىسىنى قوغداپ تۇرغان 459 مىڭ گىكتار توغراقلىق تۈگەپ كەتتى. جۇڭغار ئويمانلىقىدىكى 7 مىليۇن 333 مىڭ 300 گىكتار چاتقاللىقنىڭ 20 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە 5 مىليۇن گىكتارى كىسىپ تاشلاندى. يېپىنچا ئۈسۈملۈكلەرنىڭ ئازلاپ كىتىشى تۇپراقنىڭ ئېقىپ كىتىشىنى ئۈزلۈكسىز ئېغىرلاشتۇرىۋەتتى.

    3 يايلاقلارنىڭ كۆلىمى كىچىكلەپ كەتتى. شىنجاڭنىڭ يايلاق كۆلىمى پۈتۈن مەملىكەت يايلاق كۆلىمىنىڭ %22.8 نى ئىگىلەپ، ئىچكى موڭغۇلدىن قالسىلا ئىككىنچى ئۇرۇندا تۇرىدۇ.

    4 سۇ بايلىقىنىڭ بوشلۇقتا تارقىلىشى تەكشى ئەمەس، يىتىشمەسلىك بىلەن ئىسراپچىلىق بىللە مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرماقتا. شىنجاڭنىڭ يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى150 ئەتراپىدا، يىللىق پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1200 دىن ئاشىدۇ. تارىم دەرياسىنىڭ تۈۋەن ئېقىنىدىكى يىللىق ئېقىن مىقدارى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدىكىدىن خېلى بەك تۈۋەنلەپ كەتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا زور كۆلەملىك كان بايلىقلىرىنى ۋە ئىنىرگىيىنى ئېچىش كەڭ كۆلەمدىكى كىرەكسىز يەر، بۇزۇلغان يەر ياكى بۇلغانغان يەرلەرنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىپتىدائى ئېكولوگىيىلىك سېستىمىنى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتتى.

    دىمەك، يۇقارقى ئەھۋاللاردىن شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيىلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى كۈرۈۋالغىلى بۇلىدۇ. بۇ بىزدىن ئېكولوگىيىلىك مەدىنىيلىك قۇرۇلىشىنى قىلچە بۇشاشتۇرۇپ قويماسلىقىمىزنىڭ زۈرۈرلىكىنى ھەم ئېكولوگىيە مەدىنىيلىك قۇرۇلىشى جەھەتتە باشتىن – ئاخىر ئىلمى تەرەققىيات قارىشىنى يىتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.

     

    4. شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيىلىك مەدىنىيلىك قۇرۇلىشىنى كۈچەيتىشتىكى بىر قانچە مۇھىم نۇقتىلار

     

    ئېلىمىزنىڭ ۋە رايۇنىمىزنىڭ ئېكولوگىيىلىك مەدىنىيلىك ئەھۋالىدىن قارىغاندا، بۇ جەھەتتىكى قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىشكە بۇلىدىكى ھەركىز بۇشاشتۇرۇپ قۇيۇشقا ياكى قاتئىي سەل قاراشقا بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن تۈۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا ئالاھىيدە دىققەت قىلىش كىرەك:

    بىرىنجىدىن، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيىلىك مەدىنىيلىك قۇرۇلىشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، باشتىن-ئاخىر سىجىل تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇش كىرەك.

    ئىككىنجىدىن، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيىلىك مەدىنىيلىك قۇرۇلىشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ئاسراش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى ئۇزاق مۇددەتلىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقىپ ۋە ئۇنىڭ قانۇن ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كىرەك.

    ئۈچۈنجىدىن، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيىلىك مەدىنىيلىك قۇرۇلىشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، «بايلىق تىجەر، مۇھىت سۈيەر جەمىيەت» قۇرۇش ئىدىيىسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش كىرەك.

     تۆتىجىدىن، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيىلىك مەدىنىيلىك قۇرۇلىشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇش شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى تىزلىتىش لازىم.

    بەشىنجىدىن، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيىلىك مەدىنىيلىك قۇرۇلىشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، پارتىيە 17- قۇرۇلتېيىنىڭ دوكىلاتىدا ئوتتۇرغا قۇيۇلغان تەلەپ بۇيىچە، «ئېنىرگىيە، بايلىقنى تىجەش ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ئاسراشقا پايدىلىق قانۇن ۋە سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات تۈزۈلمىسى، مىخانىزىمىنى تىزدىن شەكىللەندۈرۈش كىرەك». تۈزۈم بايلىق تىجەش ۋە مۇھىت ئاسراشنىڭ ئاساسى، تۈزۈم بولماسلىق، تۈزۈلمە، مىخانىزىم مۇۋاپىق بولماسلىق رايۇنىمىزنىڭ بايلىق ئىسراپچىلىقى ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ ناچارلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مۇھىم ئامىل.

    ئالتىجىدىن، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيىلىك مەدىنىيلىك قۇرۇلىشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىش كىرەك. پەن-تېخنىكا ھەم ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم مەنبە، ھەم ئېكولوگىيىلىك مەدىنىيلىك قۇرۇلىشىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم ۋاستە.

    يەتتىنجىدىن، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيىلىك مەدىنىيلىك قۇرۇلىشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئېكولوگىيىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كىرەك.

    سەككىزىنجىدىن، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيىلىك مەدىنىيلىك قۇرۇلىشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، «تۆت چوڭ مەدىنىيلىك» نىڭ ماھىيەتلىك مۇناسىۋىتىنى توغرا تۇنىشىمىز ۋە ئىگىلىشىمىز كىرەك.

    توققۇزىنجىدىن، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيىلىك مەدىنىيلىك قۇرۇلىشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئېكولوگىيە مەدىنىيلىكى ھەققىدىكى تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش كىرەك.

    ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئېكولوگىيە مەدىنىيلىك قۇرۇلىشى خەلىقنىڭ بەخىت-سائادىتىگە ۋە تۈپ مەنپەتىگە مۇناسىۋەتلىك، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە دۆلەتنىڭ، رايۇنىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك زور سېستىما قۇرۇلىشى بۇلۇپ، پۈتكۈل جەمىيەتنىڭ ئورتاق ھەركەتلىنىشىگە توغرا كىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھازىردىن باشلاپ، ئۆزىمىزدىن باشلاپ بىر كىلوۋات توك، بىر تامچە سۇ، بىر ۋاراق قەغەز، بىر تال داننى تىجەشتىن باشلاپ، بايلىق تىجەش ۋە مۇھىت ئاسراشنى پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق قىممەت قارىشى ۋە ئاڭلىق ھەركىتىگە ئايلاندۇرۇپ، ئەۋلاتلارغا ھىچقانداق بۇزغۇنچىلىق ۋە بۇلغىنىشقا ئۇچرىمىغان گۈزەل ئېكولوگىيىلىك يۇرت قالدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز لازىم.


    收藏到:Del.icio.us




بلوگىمىز سىياسى نەزەرىيە، مەدەنىيەت، تارىح، قانۇن ۋە دىنعا ئائىت مەزمۇنلار ئۅستىدە ئورتاقلىشىشنى ئاساسى نىشان قىلىدۇ. يازمىلارنىڭ مەنبەسى قانۇنلۇق.

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى| قايتا گۈزەللەشتۈرۈپ تارقاتقۇچى: | بىلىم بايلىق بلوگى