بلوگ ھەققىدە: سىياسى نەزىرىيە، مەدەنىيەت تارىخ بىلىملىرىگە قىزىقامسىز؟ بۇ ھەقتە مول بىلىملەرگە ئىگە بۇلۇشنى ئارزۇ قىلامسىز؟ ئويۇلىغانلىرىڭىز، كۆڭۈل سۆزلىرىڭىز، تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بارمۇ؟ قېنى مەرھەمەت!

  • 2011-02-13

    ئاشلىق ۋەزىيىتى توغرىسىدا - [مــۇلاھــــىزە]

     (2010- يىلى يىل ئاخىرىدىكى مۇلاھىزە)

        بۇ يىل ناچار كىلىماتىنىڭ تەسىرىدە يېزا ئىگىلىكىدە ئاپەت كۆپ يۈز بەردى. بولۇپمۇ يېقىنقى مەزگىلدە، بەزى جايلاردا ئۇدا قارا يامغۇر يېغىپ، تاغ كەلكۈنى ۋە لاتقا – شېغىللىق ئېقىن كەلدى، بۇنىڭ بىلەن ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئالدىنقى بىر مەزگىلدە CPI نىڭ ئېشىشى ئاشلىق بىلەن تەمىنلەش جىددىيلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟ ھازىر كۈزلۈك زىرائەتلەرنىڭ ئەھۋالى قانداق بولۇۋاتىدۇ، قانداق يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەر كۆرۈلدى؟ يىللىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا سىجىل مول ھوسۇل ئېلىشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى ساقلاپ قالغىلى بولامدۇ – يوق؟ مۇخبىرىمىز بۇ مەسىلىلەر توغرىسىدا ئالاقىدار تارماقنىڭ مەسئۇلى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنى زىيارەت قىلدى.

    ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەشتە مەسىلە كۆرۈلدىمۇ – يوق؟

        ھەر يىلى 7 – ئاي يىللىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتا تۇنجى ھوسۇل ئېلىنىدىغان مەزگىل، بۇ يىلمۇ ياخشى ھوسۇل ئېلىندى: يازلىق ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلى 246 مىليارد 200 مىليون جىڭغا يەتتى، ئالدىنقى يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ھوسۇل ئازىراق كېمەيگەن بولسىمۇ، يەنىلا تارىختىكى 3 – قېتىملىق مول ھوسۇللۇق يىل ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە يازلىق ئاشلىقنىڭ ئاساسلىق تۈرلىرىدىن كۈزگى بۇغداينىڭ ھوسۇلى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن ئېشىپ، ئۇدا يەتتە يىل ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

        كۈزگى ئاشلىقنىڭ تېرىلغۇ كۆلىمى ۋە ھوسۇلى يىللىق مىقدارنىڭ %70ىنى ئىگىلەيدۇ، شۇڭا يىللىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاساسلىقى كۈزگى ئاشلىققا باغلىق. ھازىر ئېلىمىزدە كۈزگى زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى ئاساسەن ياخشى بولۇۋاتىدۇ.

      «كۈزگى ئاشلىقتىن ھوسۇل ئېلىشتا بولۇپمۇ كەنجى شال تېرىقچىلىقىنى چىڭ تۇتۇپ، ئاشلىقنىڭ مۇقىم ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلاش بازارنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، پۇل پاخاللىقىنى مۆلچەرلەش، خەلقئارا ئاشلىق بازىرىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە تاقابىل تۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ›› دېدى يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى خەن چاڭبىڭ.

    خەلقئارادا ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆرلىشى دۆلەت ئىچىدىكى ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولامدۇ – يوق؟

        ئېلىمىزدە بۇغداي، كۆممىقوناق، گۈرۈچ ھوسۇلىنى ئۇزاققىچە ئاساسەن تەڭپۇڭ ھالەتتە ساقلاش زۆرۈر بولغاچقا، ئىمپورت مىقدارى ئاز بولۇپ، ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ %1 ىگىمۇ يەتمەيدۇ، سېرىق پۇرچاقتىن باشقا، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئاساسلىق ئاشلىق تۈرلىرىدە ئۆزىنى ئۆزى تەمىنىلىيەلەيدۇ، دۆلەت ئىچىدە ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشى خەلقئارا بازارنىڭ تەسىرىگە ئاساسىي جەھەتتىن ئۇچرىمايدۇ، شۇڭا خەلقئارا بازاردا ئاشلىق باھاسىنىڭ زور دەرىجىدە داۋالغۇشىنىڭ دۆلەت ئىچى بازىرىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى چەكلىك بولىدۇ.

    دۆلەت ئىچىدە ئاپەت تۈپەيلىدىن ئاشلىق باھاسى ئۆسەمدۇ – يوق؟

        دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شېڭ لەييۈن مۇنداق دېدى: ئاشلىق باھاسىنى كەڭ كۆلەمدە ئۆستۈرۈۋېتىدىغان ئامىللار مەۋجۇت ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى تىزگىنلەيدىغان ئامىللار مال باھاسىنىڭ ئۆسۈش ئامىلىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. كۆپ ساندىكى رايونلاردا 7 – ئايدا بۇغداينى سېتىۋېلىش باھاسى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، ئالدىنقى مەزگىلدە باھاسى خىلى كۆپ ئۆرلىگەن يۇمىلاق شالنىڭ سېتىۋېلىش باھاسى دۆلەتنىڭ تەڭشەش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە ئازراق چۈشتى؛ سوقىچاق شال، كۆممىقوناقنى سېتىۋېلىش باھاسى داۋاملىق ئۆرلىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۆرلەش ۋەزىيىتى ئاستا بولدى، سېرىق پۇرچاقنىڭ سېتىۋېلىش باھاسى ئازراق تۆۋەنلىدى.

        كېيىنكى يېرىم يىلدا ئاشلىق بازىرىنىڭ تەمىنلەش – تەلەپ مۇناسىۋىتىدىكى تەڭپۇڭلۇق ئاساسەن ئۆزگەرمەيدۇ، ئەمما ئېلىمىز ھاۋارايىدىكى بىنورمال ھالەتكە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. 11 – ئاۋغۇست ئېچىلغان گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا كەنجى شال ۋە كۈزگى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا ياردەم بېرىش مەقسەت قىلىنغان ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئوغۇتلاش، كېسەل ۋە زىيانداش ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى ۋە ئۇرۇق بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق سىياسەت – تەدبىرلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

    يىللىق ئاشلىق ھوسۇلىنى 1 تىرىليون جىڭغا يەتكۈزۈش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولامدۇ – يوق؟

        دۆلەت يىل بېشىدا ‹‹يىللىق ئاشلىق ھوسۇلىنى ئامالنىڭ بارىچە 1 تىرىليون جىڭدىن ئاشۇرۇش›› نىشانىنى بېكىتكەنىدى. ھازىر جەنۇبتا كەنجى شال پەرۋىشى مۇھىم پەيتكە كىردى، كۈزگى زىرائەتلەر ئۆسۈش ۋە ھوسۇل بېرىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىگە قەدەم قويدى.

      «ھازىر كۈزگى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا كەنجى شال ھوسۇلى ھەممىدىن تۇراقسىز بولۇپ، كەنجى شال مايسىسىنى تىكىش كېچىكتى، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ۋە تۆۋەن ئېقىمىدىكى رايونلاردا شال مايسىسىنى تىكىش ئاۋۋالقى يىللاردىكىدىن يەتتە كۈن ئەتراپىدا كېچىكىپ، تازا ياخشى شاخلىنالماي، ئۆسۈش مەزگىلى كەينىگە سۈرۈلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە سوغۇق، شەبنەم ۋە بوراننىڭ تەسىرى قوشۇلۇپ، پۈچەك شالنىڭ نىسبىتى ئېشىشى مۇمكىن. كەنجى شال ئەمدىلا كۆچۈرۈلدى، ھوسۇل ئالدىغانغا يەنە ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت بار، ئېتىز پەرۋىشىنى كۈچەيتسەك، يەنىلا مول ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ›› دېدى خەن چاڭبىڭ.

        يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان سوغۇق، شەبنەم، بوران ئاپىتى ۋە كېسەل، زىيانداش ھاشارات ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك تارماقلىرىدىن كېسەل، زىيانداش ھاشارات ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى، بولۇپمۇ كېسەل، زىيانداش ھاشارات ئاپىتى كۆپ كۆرۈلىدىغان رايونلاردا بىرلەشمە مۇداپىئە كۆرۈش، ئامما ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش، كەسىپلەشكەن بىر تۇتاش ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنىلەشنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇشنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھاۋا رايى ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش بويىچە ئالدىن سېگنال بېرىش، كېيىنكى مەزگىللىك ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، كەنجى شال ۋە كۈزگى بۇغدايدىن مول ھوسۇل ئېلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى.


    收藏到:Del.icio.us




بلوگىمىز سىياسى نەزەرىيە، مەدەنىيەت، تارىح، قانۇن ۋە دىنعا ئائىت مەزمۇنلار ئۅستىدە ئورتاقلىشىشنى ئاساسى نىشان قىلىدۇ. يازمىلارنىڭ مەنبەسى قانۇنلۇق.

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى| قايتا گۈزەللەشتۈرۈپ تارقاتقۇچى: | بىلىم بايلىق بلوگى