بلوگ ھەققىدە: سىياسى نەزىرىيە، مەدەنىيەت تارىخ بىلىملىرىگە قىزىقامسىز؟ بۇ ھەقتە مول بىلىملەرگە ئىگە بۇلۇشنى ئارزۇ قىلامسىز؟ ئويۇلىغانلىرىڭىز، كۆڭۈل سۆزلىرىڭىز، تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بارمۇ؟ قېنى مەرھەمەت!

  • 2011-02-13

    خەلقئارا كومۇنىزىم ھەركىتى پائالىيەتچىلىرى - [سـىـيـاســى]

    يۈز نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بىر ئۇلۇغ ئىنقىلابچى، مۇتىپەككۇر – ماركس تىنىقتىن قالدى. بىراق ئۇنىڭ ئىدىيىسى، ئاۋازى، ئىشلىرى، بايرىقى مىڭلىغان، مىليۇنلىغان ئەدەملەر تەرىپىدىن بىر بىرىگە يەتكۈزۈلۈپ، پۇرۇلېتارىيات ۋە ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئۆز ئازاتلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى كۈرەشلىرىگە ئىلھام بۇلۇپ كەلمەكتە.

    ماركسىزىمنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا ئېنگېلسنىڭ ئىسمى ماركسنىڭ ئىسمى بىلەن بىرگە يىلغا ئېلىنىدۇ. ئۇلار ئىلمىي سوتسىيالىزىمنىڭ ئىدىيە سېستىمىسىنى ئورتاق يارىتىپ، 40 يىل مۆرىنى- مۆرىگە تىرەپ جەڭ قىلغان. گەرچە ئېنگېلس كىچىك پىللىق قىلىپ ئۆزىنى «ئىككىنچى ئىسكىرىپكىچى» دەپ ئاتىغان بولسىمۇ، لېكىن ئېنگېلسنىڭ يارىدىمى بولمىغان بولسا ماركس ئۆزىنىڭ ئىلمىي ئىشلىرىنى ئاخىرىغا ئېلىپ چىقالمايدىغانلىقىنى ھەممە ئادەم ئىتىراپ قىلىدۇ.

    لېنىن يېڭى تارىخى دەۋردە ماركسىزىمغا ۋارىسلىق قىلدى ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇردى ھەمدە ئىلمىي سوتسىيالىزىم نەزىرىيىسىنى روسىيە ئىنقىلابىنىڭ ئۇلۇغ ئەمىلىيىتىگە ئايلاندۇرۇپ، ماركسىزىمنى بىر يېڭى باسقۇچقا كىرگۈزدى. شۈبھىسىزكى، ماركس، ئېنگېلس، لېنىندىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ ئۈچ كىشىنىڭ دۇنيا پۇرۇلېتارىياتىنىڭ ئۇستازى دەپ ئاتىلىشى تامامەن ھەقلىق.

    يۇقارقىلاردىن باشقا، خەلقئارا كومۇنىزىم ھەركىتى داۋامىدا ماركسىزىم بايرىقىنى ئىگىز كۈتۈرۈپ ئالغا باسقانلار  قاتارىدا يەنە كومۇنىزىم ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىغان نۇرغۇن ئىنقىلابىي پائالىيەتچىلە بار. ئۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرى ۋە ئالىيجاناپ روھى كىشىلەرنىڭ ھۆرمەت قىلىشىغا ۋە ئۈگۈنۈشىگە ئەرزىيدۇ. ئۇلار تۈۋەندىكىچە:

    1. ماركسىزىمنى ھارماي تەشۋىق قىلىپ، گېرمانىيە ئىشچىلار ھەركىتى ئۈچۈن يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك كۈرەش قىلغان ۋىلگېلىم لىبكنخىت، ئاۋگۇست بېبېل.

    2. ماركسنىڭ شاگىرتى، ئىلمىي سوتسىيالىزىمنىڭ قىزغىن تەشۋىقاتچىسى، فرانسىيە ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى پائول لافارگ.

    3. گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ مەشھۇر سولچى داھىسى، گېرمانىيە مىلىتارىزىمى ۋە ئىككىنچى ئىنتىرناتسيونال شيۇجېڭجۇيىچىلىرىغا قارشى تۇرغان سۇنماس جەڭچى روسا ليوكسىمبۇرگ، كارل لېبكنخېت.

    4. خەلقئارا سوتسىيالىستىك ئاياللار ھەركىتىنىڭ مەشھۇر داھىسى كىلارا سېتكىن.

    5. لېنىننىڭ سەبدىشى، روسىيە بولشىۋىكلار پارتىيىسىنىڭ قەيسەر جەڭچىسى ياكوۋ مىخايلوۋىچ سۋېردىلوپ، فېلكىس ئېدمۇندۋىچ دزېرژىنىنسكى.

    6. فاشىزىمغا قارشى جەسۇر بايراقدار ئېرنىست تىلىمان، گىئورگى دىمىتروۋلاردىن ئىبارەت.

    بۇ ئەرباپلارنىڭ جىسمىدىن نۇرغۇن ئىسىل پەزىلەتلەر تېپىلىدۇ. ئۇلارنىڭ سۆز ھەركىتى جۇلالىنىپ تۇرىدىغان كومۇنىستىك روھ بىلەن تولغان. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، يۈز نەچچە يىلدىن بۇيان ئىسمى تۇنۇشلۇق بولغان بۇ ئىنقىلابىي جەڭچىلەر ۋە ئىسمى تۇنۇشلۇق بولمىغان نۇرغۇن ئىنقىلابىي جەڭچىلەر كومۇنىزىم بايرىقىنى ئىگىز كۈتۈرۈپ، كومۇنىزىمنىڭ مەنىۋىي مەشئىلىنى ئەۋلاتتىن- ئەۋلادقا يەتكۈزۈپ، ئالغا بېسىش يولىمىزنى يۇرتۇپ كەلدى.


    收藏到:Del.icio.us




بلوگىمىز سىياسى نەزەرىيە، مەدەنىيەت، تارىح، قانۇن ۋە دىنعا ئائىت مەزمۇنلار ئۅستىدە ئورتاقلىشىشنى ئاساسى نىشان قىلىدۇ. يازمىلارنىڭ مەنبەسى قانۇنلۇق.

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى| قايتا گۈزەللەشتۈرۈپ تارقاتقۇچى: | بىلىم بايلىق بلوگى