بلوگ ھەققىدە: سىياسى نەزىرىيە، مەدەنىيەت تارىخ بىلىملىرىگە قىزىقامسىز؟ بۇ ھەقتە مول بىلىملەرگە ئىگە بۇلۇشنى ئارزۇ قىلامسىز؟ ئويۇلىغانلىرىڭىز، كۆڭۈل سۆزلىرىڭىز، تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بارمۇ؟ قېنى مەرھەمەت!

  • 2011-02-12

    «شىنچيۇ شەرتنامىسى» نىڭ مەزمۇنى - [تـــــارىــــــخ]

    1901- يىلى (كونا كالىندار بۇيىچە شىنچيۇ يىلى) يى گۇاڭ، لى خوڭجاڭلار چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن روسىيە، ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە، ئامېرىكا، ياپونىيە، ئىتالىيە، ئاۋىستىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن دۆلەتنى مۇنقەرز قىلىدىغان «شىنچيۇ شەرتنامىسى» نى ئىمزالىدى. شەرتنامىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى:

    (1) چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى 450 مىليۇن سەر كۈمۈش تۆلەم تۆلەيدۇ. بۇنىڭغا تامۇژنا بېجى، تۇز بېجى ۋە ئادەتتىكى تامۇژنا بېجى قاتارلىقلارنى زاكالەتكە قۇيىدۇ.

    (2) چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ھەرقايسى ئەللەردىن كەچۈرۈم سۇرايدۇ، يېخۇتيەن ھەركىتى داۋامىدا جاھانگىرلار بىلەن قارشىلاشقان ئەمەلدارلارنى جازالاپ، جاھانگىرلارغا قارشى تەشكىلات ۋە قارشى كۈرەشلەرنى چەكلەشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

    (3) بېيجىڭنىڭ دوڭجاۋمىن كوچىسىنى ئەلچىخانا رايۇنى قىلىپ ئايرىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەسكەر تۇرغۇزۇپ قوغدىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ. جوڭگۇلۇقلارنىڭ بۇ رايۇندا ئولتۇراقلىشىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

    (4) چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى داگۇ پوتىيىنى بۇزۇپ تاشلاپ، جاھانگىرلارنىڭ بېيجىڭدىن شەنخەيگۇەنگىچە بولغان ئارلىقتىكى تۆمۈر يول بويلىرىدىكى مۇھىم جايلاردا ئەسكەر تۇرغۇزىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ.

    «شىنچيۇ شەرتنامىسى» نىڭ ئىمزالىنىشى جوڭگۇنىڭ پۈتۈنلەي يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق جەمىيىتىگە ئايلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.


    收藏到:Del.icio.us




بلوگىمىز سىياسى نەزەرىيە، مەدەنىيەت، تارىح، قانۇن ۋە دىنعا ئائىت مەزمۇنلار ئۅستىدە ئورتاقلىشىشنى ئاساسى نىشان قىلىدۇ. يازمىلارنىڭ مەنبەسى قانۇنلۇق.

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى| قايتا گۈزەللەشتۈرۈپ تارقاتقۇچى: | بىلىم بايلىق بلوگى