-
2011-02-12
ماركسىزىم – لېنىنىزىم ئىدىيىسى - [سـىـيـاســى]
ماركسىزىم:
ماركسىزىم – ماركىس بىلەن ئېنگىلسلار بەرپا قىلغان نۇقتىنەزەر ۋە تەلىمات سېستىمىسى، پۇرۇلېتارىيات ۋە ئۇنىڭ پارتىيىسىنىڭ دۇنيانى بىلىش ۋە دۇنيانى ئۆزگەرتىشتىكى ئىلمى دۇنيا قارىشى، پۇرۇلېتارىيات تۈپ مەنپەتىنىڭ ئىلمىي گەۋدىلىنىشى. ماركسىزىم دەۋر تەرەققىياتى ۋە ئىشچىلار ھەركىتى تەرەققىياتىنىڭ ئىھتىياجىغا ئۇيغۇنلۇشۇپ، 19- ئەسىرنىڭ 40- يىللىرىدىكى ۋەزىيەتنىڭ ئىھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلگەن. ئۇ تارىختىن بۇيانقى بارلىق ئىسىنل مەدىنىيەتلەرنى ئۆزىنىڭ تەرەققىيات ئاساسى قىلىدۇ. 19- ئەسىردىكى كىلاسسىك پەلسەپە، كىلاسسىك سىياسىي ئىقتىساد ۋە خىيالى سوتسىيالىزىم – ماركسىزىمنىڭ ئاساسلىق، بىۋاستە نەزىرىيە مەنبەسىدۇر. ماركىس، ئېنگىلسلار ئىنسانىيەت تارىخىنى تەتقىق قىلىپ، ئىجتىمائى تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى بايقاپ، تارىخى ماتىرىيالىزىمنى بارلىققا كەلتۈردى؛ كاپىتالىزىم جەمىيىتىنىڭ ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىپ، كاپىتالىستىك ئىجتىمائى فورماتسىيىنىڭ بارلىققا كىلىشى، ھەركىتى ۋە ئاخىرىدا تېخىمۇ يۇقىرى بولغان ئىجتىمائى فورماتسىيىگە ئۆزگىرىش قانۇنىيىتىنى بايقاپ قۇشۇمچە قىممەت تەلىماتىنى بەرپا قىلدى؛ پۇرۇلېتارىياتنىڭ ئەھۋالىنى ۋە پۇرۇلېتارىياتنىڭ يېڭى دۇنيا يارتىش، پۈتۈن ئىنسانىيەتنى ئازاد قىلىش ئىشلىرىدىكى تارىخى ئورنى ۋە تارىخى بۇرچىنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا ماتىريالىستىك تارىخ قارىشى ۋە قۇشۇمچە قىممەت تەلىماتىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە جارى قۇلدۇرۇپ، سوتسىيالىزىمنى خىيالدىن پەنگە تەرەققىي قىلدۇردى، سوتسىيالىزىم بىلەن ئىشچىلار ھەركىتىنىڭ توغرا بىرلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ ماركسىزىمنى بەرپا قىلدى. ماركسىزىم نەزىرىيىسى مۇكەممەل، ئاجرالماس ئىلمى سېستىما بۇلۇپ، ئۇنىڭ ئاساسىي قىسمى ماركسىزىملىق پەلسەپە، ماركسىزىملىق سىياسىي ئىقتىساد ۋە ئىلمىي سوتسىيالىزىمدىن ئىبارەت. پەلسەپە – نەزىرىيىۋى ئاساس، سىياسىي ئىقتىساد – ماركسىزىم نەزىرىيىسىنىڭ ئەڭ چۇڭقۇر، ئەڭ ئومۇميۈزلۈك، ئەڭ تەپسىلىي ئىسپاتلىنىشى ۋە تەتبىق قىلىنىشى، ئىلمىي سوتسىيالىزى – پۈتكۈل ماركسىزىم تەلىماتىنىڭ يادىروسى، نەزىرىيىۋى يەكۈنىدۇر. بۇ ئۈچى بىر- بىرىنى تەقەززا قىلىدۇ، بىر- بىرىگە سىڭىشىدۇ.
ماركسىزىم – مۇكەممەل ئىلمىي دۇنيا قاراش، تەبىئەت، جەمىيەت ۋە تەپەككۇر تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي قانۇنىيەتلىرى توغرىسىدىكى پەن، بولۇپمۇ كاپىتالىزىمنىڭ تەرەققىياتى ۋە سوتسىيالىزىمغا ئۆزگىرىشى، شۇنداقلا سوتسىيالىزىم ۋە كومۇنىزىم تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي قانۇنىيەتلىرى توغرىسىدىكى پەندۇر. ئۇنىڭ ئىلمىي خەرەكتىرى ۋە ئاساسىي رولى پۇرۇلېتارىياتنى دۇنيانى بىلىش ۋە دۇنيانى ئۆزگەرتىشنىڭ ئىلمىي مەيدانى، نۇقتىنەزىرى ۋە ئۇسۇلى بىلەن تەمىن ئىتىش، ئۇنىڭ مەھىيەتلىك ئالاھىيدىلىكى – ئەمىلىي پائالىيەت ئاساسىدا شەكىللەنگەن قاتتىق ئىلمىيلىك بىلەن ئۈزۈل-كىسىل ئىنقىلابىيلىقنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە بىرلىككە كىلىشىدىن ئىبارەت. ماركسىزىمنىڭ مەڭگۇ ئاجىزلاشمايدىغان ھاياتىي كۈچى نەزىرىيە بىلەن ئەمىلىيەتنىڭ زىچ بىرلەشكەنلىكى، ئەمىلىيەتكە يىتەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۆز-ئۆزىنى يېڭىلاپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نەزىرىيىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرگەنلىكىدە. ماركسىزىمنىڭ دەۋرنىڭ بايرىقى، ھەركەتنىڭ قىبلىنامىسى بۇلۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ماركسىزىمغا ئىلمىي پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلىش، ئەمىلىيەت جەريانىدا ماركسىزىمنى تەدبىقلاپ، ماركسىزىم توغرىسىدىكى دوگما چۈشەنچە ۋە ماركسىزىم نەمىغا قۇشۇپ قۇيۇلغان خاتا نۇقتىنەزەرلەرنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، ماركسىزىم ھازىرقى زاماندا دۇچ كەلگەن يېڭى مەسىللەرنى ھەل قىلىپ، ماركسىزىمنى دەۋىرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تەرەقىي قىلدۇرۇش لازىم.
لېنىنىزىم:
لېنىنىزىم – جاھانگىرلىك ۋە پۇرۇلېتارىيات ئىنقىلاۋى دەۋرىدىكى ماركسىزىمدۇر. لېنىن ۋەكىللىكىدىكى روسىيە بولشىۋېكلەر پارتىيىسى ماركسىزىمنىڭ ئومۇمىي قائىدىلىرىنى روسىيە ئەنقىلاۋىنىڭ ۋە دۇنيادىكى ئىزىلگۈچى مىللەتلەر ئىنقىلاۋىنىڭ كونكىرىت ئەمىلىيىتى ب ىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى تارىخى شارائىتتا ماركسىزىملىق پەلسەپە، ئىقتىسادشۇناسلىق، ئىلمىي سوتسىيالىزىمنى بېيتىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ماركسىزىمنى يېڭى ب ىر باسقۇچقا كۆتۈردى. لېنىنىزىم پۇرۇلېتارىيات ۋە كەڭ خەلقنىڭ مەنپەتى ۋە تەلىۋىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇ مۇكەممەل ئىلمى ئىدىيىۋى سېستىما. ئۇنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: دېمۇكراتىك ئىنقىلاپتىن سوتسىيالىستىك ئىنقىلاپقا بۇرۇلۇشنىڭ نەزىرىيىسى ۋە تاكتىكىسىنى ئوتتۇرغا قويدى؛ پۇرۇلېتارىياتنىڭ يېڭى پارتىيىسىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىنى ۋە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيىنىڭقۇرۇلىشى توغرىسىدىكى نەزىرىيىنى ئوتتۇرغا قويدى؛ پۇرۇلېتارىيات دېكتاتۇرىسى نەزىرىيىسى، مىللى ئازادلىق ھەركىتى نەزىرىيىسى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش تەلىماتىنى يىغىنچاقلىدى ۋە باشقىلار. لېنىنىزىم – ھەم خەلقئارا ئىشچىلار ھەركىتىنىڭ ۋە مىللى ئازادلىق ھەركىتىنىڭ مەھسۇلى، ھەم روسىيىنىڭ ئالاھىيدە شارائىتىنىڭ مەھسۇلى بۇلۇپ، ئۇ ھەم ئومۇمىيلىققا، ھەم ئالاھىيدىلىككە ئىگە.
收藏到:Del.icio.us