بلوگ ھەققىدە: سىياسى نەزىرىيە، مەدەنىيەت تارىخ بىلىملىرىگە قىزىقامسىز؟ بۇ ھەقتە مول بىلىملەرگە ئىگە بۇلۇشنى ئارزۇ قىلامسىز؟ ئويۇلىغانلىرىڭىز، كۆڭۈل سۆزلىرىڭىز، تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بارمۇ؟ قېنى مەرھەمەت!

  • 2011-02-08

    ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن ئوكىناۋا ئارىلىدىن چىقىپ كېتىشنى خالىمايدۇ ؟ - [مــۇلاھــــىزە]

     

       ياپونىيە كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ 27 – ئاپرېلدىكى (2010-يىل) خەۋىرىدە، ياپونىيە باش ۋەزىرى خاتۇياما يوكىئونىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا دېگەن سۆزلىرىدىن قارىغاندا، ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ فۇتېنما ئايرودۇرۇمىنى تەڭشەش لايىھەسى ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچقا كىرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 26 – ئاپرېل ئامېرىكا گوۋۇيۈەنىدە ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە ئۆتكۈزگەن دىپلوماتىيە، مۇداپىئە ئەمەلدارلىرى سۆھبىتىدىمۇ فۇتېنما ئايرودۇرۇمى مەسىلىسى مۇھىم مۇھاكىمە تېمىسى قىلىنغان. ياپونىيە ھۆكۈمىتى نۇرغۇن لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئامېرىكا ئوكىناۋا ئارىلىدىن چېكىنىپ چىقماسلىق مەيدانىدا چىڭ تۇرغان، دېيىلدى.

       خەۋەردە: خاتۇياما يوكىئو 27 – ئاپرېل ئەتىگەندە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئوكىناۋا ناھىيەسىىنىڭ گونوۋان شەھىرىدىكى فۇتېنما ئايرودۇرۇمىنى كۆچۈرۈش مەسىلىسى توغرىسىدا ‹‹ھازىر بۇ مەسىلە ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىنىۋاتىدۇ، ئەڭ ئاخىرقى ئومۇملاشتۇرۇش باسقۇچىغا كىردى›› دېدى، دېمەك، بۇ لايىھەنىڭ ئاخىرقى تەڭشەش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، دېيىلدى. ھازىر ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ئارمىيەسىنى ئوكىناۋادىن تۇلۇق چېكىندۈرۈش پىلانىدىن ئاساسەن ۋاز كەچتى، ئۇلار ھازىر ئاساسلىقى شۋاب گازارمىسى ساھىلىدا دېڭىزنى تىندۇرۇپ قۇرۇقلۇق ھاسىل قىلىش پىلانىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، تېيىز دېڭىزدا قوزۇق قېقىپ ئاسما كۆۋرۈك ياساش ئۇسۇلى ئارقىلىق سەپلىمە ئەسلىھە قۇرۇشنى ئويلىشىۋاتىدۇ. ئەمما خەۋەردە: ‹‹ئوكىناۋا يەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ماينىڭ ئاخىرىغىچە بولغان ھەل قىلىش مۆھلىتى ئىچىدە لايىھەنى قوبۇل قىلىش مۇمكىنچىلىكى يوق دېيەرلىك›› دېيىلدى.

       ياپونىيە خەلقى مەيلى قانچىلىك ئېتىراز بىلدۈرسۇن، ياپونىيە ھۆكۈمىتى قانداق يېڭى تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويسۇن، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئوكىناۋادىن قەتئىي چېكىنىپ چىقماسلىقتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇۋالدى. ياپونىيە ئۈچۈن ئېيتقاندا، ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئېلىپ كەلگىنى شاۋقۇن – سۈرەن، بۇلغىما، مۇھىت بۇزغۇنچىلىقى ۋە مىللىي غۇرۇرنى دەپسەندە قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بولۇپمۇ ئارمىيەنىڭ ئىچكى قىسمىدىكىلەر ئامېرىكا ھەرگىزمۇ ياپونىيەنىڭ بېسىمى بىلەن ئوكىناۋادىن ۋاز كەچمەيدۇ، دەپ قارايدۇ، چۈنكى، چاۋشيەن بىلەن كورېيە ئارىسىدىكى كەسكىن تىركىشىش ۋەزىيىتى ئاخىرلاشمىغاندىن باشقا، كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ مەۋجۇدلۇقىمۇ ئامېرىكىنى ‹‹مىسلىسىز خاتىرجەمسىزلەندۈرۈۋاتقان›› ئامىلدۇر.

       ئوكىناۋادا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ نۇرغۇن مۇھىم بازىسى بار. ئوكىناۋانىڭ شىمالىي قىسمىدا كۆز يەتكۈسىز بۈك – باراقسان ئىسسىق بەلۋاغ يامغۇرلۇقئورمىنى بار. بۇ جاي ئامېرىكىنىڭ چەت ئەلدىكى ئەڭ چوڭ ئىسسىقلىق بەلۋاغ ئورمانلىق جېڭى مەشىق مەيدانى بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 80 كىۋادىرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ. دۇنيانىڭ جاي – جايلىرىدىكى ئامېرىكا ئارمىيەسى بازىلىرى ئەسكەرلىرىنى بۇ يەرگە ئەڭ ناچار شارائىتتىكى دالا مەشىقى ۋە تەقلىدىي ئەمەلىي جەڭ مانېۋىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 30 كۈنلۈك كۈچلەندۈرۈش مەشىقى قىلىشقا ئەۋەتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئورمانلىقتىكى تىركىشىش چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك مەشىق بولۇپ، ئەسكەرلەر ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، نىقابلىنىپ، ئىچىگە يۇقىرى بېسىملىق رەڭلىك ئوق قاچىلانغان تەقلىدىي مىلتىقنى كۆتۈرۈپ، دىمىق، نەم، قويۇق ئورمانلىقتا تولۇق قوراللانغان ھالدا ئىزدەش ۋە قارىغا ئېتىش مەشىقى قىلىدۇ، سەللا بىخۇدلۇق قىلسا جىسمانىي قۇۋۋىتى خوراپ، ئاسانلا ھالسىزلىنىپ قالىدۇ. ئەڭ قاتتىق مەشىق دالىدا ياشاش بولۇپ، ئەسكەرلەر يېنىدا ئوزۇق – تۈلۈك يوق ھالدا بىر كومپاسقا تايىنىپلا ئورمانلىقتا يەتتە كۈن ياشايدۇ. ئامېرىكا ئەسكەرلىرى: ‹‹ئورمانلىق جەڭ مەشىقى خۇددى بىر قېتىم دوزاخقا چۈشكەن بىلەن باراۋەر››، ‹‹زەھەرلىك يىلان تۇتۇۋالساقمۇ تەلىيىمىزنىڭ كەلگىنى›› دېيىشىدۇ.

       مەشىقتىن باشقا، ئامېرىكىنىڭ ئوكىناۋادىن ۋاز كېچەلمەيدىغانلىقىدىكى يەنە بىر مۇھىم سەۋەب ئوكىناۋانىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىدۇر. ئوكىناۋادا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسى ئۆزلىرىنىڭ ئاساسلىق مۇداپىئە نىشانىنىڭ چاۋشيەن بىلەن جۇڭگو ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق ئەمەلدارى: شەرقىي ئاسىيا ئامېرىكىنىڭ دۇنيا ئىستراتېگىيەسىدىكى ئەڭ ئاجىز ھالقا، دېگەنىدى. بۇ يەردە 4000 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئۇچۇش يولىدىن ئىككىسى بولۇپ، كۆلىمى ياپونىيەدىكى ئەڭ چوڭ نارىتا ئايرودۇرۇمىنىڭ كۆلىمىدىنمۇ ئىككى ھەسسە چوڭ. بازىدىكى ئوق – دورا ئامبىرىنىڭ زاپاس مىقدارى يىراق شەرقتە بىرلا ۋاقىتتا ئىككى مەيدان دائىرىلىك ئۇرۇش قىلىشقا يېتىدۇ. ھازىر ئوكىناۋا بازىسىدا يەنە ئايروپىلان ماتورى رېمونت مەركىزى، قورال – ئۈسكۈنىلىرىنى رېمونت قىلىش ۋە ئىلغار قوراللار تەجرىبىخانىسى بولۇپ، ھەممىسىنى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى كونترول قىلىدۇ. ياپونىيە ھەربىي ئىشلار ئوبزورچىلىرى: ئامېرىكا ئارمىيەسى چېكىنىشنى ئويلىغان تەقدىردىمۇ، ئايروپىلان بىلەن يۆتكەپلا قويسا بولىدىغان ئۇنداق ئاددىي ئىش ئەمەس، دېدى.

       ھازىر ئوكىناۋا بازىسى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىمىنىڭ تۇرۇشلۇق جايى بولۇپلا قالماستىن، يەنە كورېيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ مۇھىم ئارقا سەپ بازىسى. ياپونىيە تەھلىلچىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا 2016 – يىلى كورېيەدىن ئارمىيەسىنى چېكىندۈرسە، ئۇ چاغدا بۇ جاي ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ئاسىيادىكى بىردىنبىر ھەربىي بازىسىغا ئايلىنىپ، رولى ئاجىزلىمايلا قالماستىن، بەلكى تېخىمۇ كۈچىيىدىكەن.

       ئەمەلىيەتتە، ‹‹ئوكىناۋا بازىسى›› ئامېرىكىلىقلار ئۈچۈن يەنە بىر قاتلاملىق مەنىگە ئىگە، ئۇ بولسىمۇ، ئوكىناۋا بازىسى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتىي بەدىلىگە تېگىشكەن جاي، ئامېرىكىلىقلار بۇ يەردىن ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئاسان چىقىپ كەتمەيدۇ، بۇ نۇقتا ئىككىلا تەرەپنىڭ كۆڭلىگە ئايان. ئامېرىكا ئارمىيەسى 1945 – يىلى 1500 پاراخوت، نەچچە يۈز مىڭ ئەسكىرىي كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ئوكىناۋادا قۇرۇقلۇققا چىقىش جېڭى قىلغان، ئۈچ ئاي قانلىق ئۇرۇش قىلىپ، ئاخىر 70 مىڭ ئەسكەرنىڭ قۇربان بېرىشى بەدىلىگە ئارالنى ئىگىلىگەن.

       ھازىر ئامېرىكىلىقلار ئوكىناۋانى ئۆزلىرىنىڭ مەڭگۈلۈك بازىسى قىلىش مەقسىتىنى يوشۇرۇپ ئولتۇرمايدۇ، بۇ مەسىلە ئىزچىل ياپونىيەلىكلەرنىڭ غۇرۇرىغا تېگىپ كەلدى. ئەمەلىيەتتە، ياپونىيەنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئوكىناۋادا تۇرۇشىغا قوشۇلىشىدا پەقەت بىرلا سەۋەب بار، ئۇ بولسىمۇ ئامېرىكا بۇ يەردە ‹‹مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك››، ياپونىيە ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسئۇلىيەتنىڭ بىرى ‹‹سېنكاكۇ ئارىلى(يەنى دىياۋيۈ ئارىلى)››، يەنەبىرى ‹‹جەنۇبىي دېڭىز تىرانسپورت لىنىيەسى››دىن ئىبارەت. ياپونىيە ئامېرىكىدىن ‹‹سېنكاكۇ ئارىلى توغرىسىدا ئىختىلاپ كۆرۈلسە›› ئوكىناۋا بازىسىدىكى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ئىنكاس قايتۇرۇشىنى كۆپ قېتىم تەلەپ قىلغان.

       ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارى ياپونىيە مۇخبىرىغا تەسەللىي بېرىپ مۇنداق دېدى: ‹‹ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئامېرىكا ياپونىيە بىلەن بولغان ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بەرگەچكە، ياپونىيە يېڭى ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسەتنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ، ئامېرىكا ئوكىناۋا بازىسى مەسىلىسى توغرىسىدا داۋاملىق سۆزلىشىشكە ۋاقىت ئاجرىتىشنى ۋە سەمىمىي پوزىتسىيەدە بولۇشنى خالايدۇ، قىسمەن جەھەتتىن قارىغاندا، بازىدا ھەقىقەتەن شاۋقۇن مەسىلىسى مەۋجۇت، ئامېرىكا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلماقچى. ئەمما ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەنىڭ ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى ھاكىمىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئۆزگەرمەسلىكى كېرەك، يىراق شەرق بازىسىنىڭ رولىمۇ ئاجىزلىماسلىقى كېرەك›› دېدى. ئۇ يەنە: ‹‹ئامېرىكا جۇڭگو ھەربىي ئىشلىرىنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسىگە ئۇزاقتىن بۇيان كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ، مەقسىتىگە يېتىشتىن ئىلگىرى، ئامېرىكا چوقۇم بۇ رايوندىكى تەھدىت كۈچىنى ساقلىشى كېرەك›› دېدى.


    收藏到:Del.icio.us




بلوگىمىز سىياسى نەزەرىيە، مەدەنىيەت، تارىح، قانۇن ۋە دىنعا ئائىت مەزمۇنلار ئۅستىدە ئورتاقلىشىشنى ئاساسى نىشان قىلىدۇ. يازمىلارنىڭ مەنبەسى قانۇنلۇق.

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى| قايتا گۈزەللەشتۈرۈپ تارقاتقۇچى: | بىلىم بايلىق بلوگى