-
2011-02-08
پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر - [نــەزەرىـيــە]
پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىدە
ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى ھەل قىلىش تەدبىرلىرى
تىلىۋالدى ئەيسا
پارتىيە 17 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4 – ئومۇمىي يىغىنىدا: ‹‹ ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاش كېرەك. جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىدە، ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزملىق ئاممىۋى قاراش ۋە پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى ياخشى قوغداپ، ياخشى يۈكسەلدۈرۈپ، ھوقۇقنى خەلق ئۈچۈن ئىشلىتىپ، خەلقنى ئويلاپ، خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەپ، پارتىيەنىڭ سىنىپى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئاممىۋى ئاساسىنى كېڭەيتىپ، پارتىيەنى باشتىن – ئاخىر خەلقنىڭ قوللىشى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشتۈرۈش كېرەك ›› ، دېيىلدى. پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتى پارتىيەمىز ئەزەلدىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان زور سىياسى مەسىلە. پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ قانداق بولۇشى كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىل بولۇش – بولماسلىقىنى بەلگىلەيدۇ، ئۇ پارتىيەنىڭ ھايات – ماماتىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. ھازىر پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى ياخشى ، لېكىن سەل قارىغىلى بولمايدىغان مەسىلىلەرمۇ ساقلانماقتا.
بىرىنچى، پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىدە ساقلىنىۋاتقان ئاساسلىق مەسىلىلەر
1 . ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ساپاسى تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماسلىشالمايۋاتىدۇ. چۈنكى بەزى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىدا تەدبىر بەلگىلەش ئىلمىي ئەمەس. نۇرغۇن جايلاردا شەخس تەدبىر بەلگىلەش، يېنىكلىك بىلەن تەدبىر بەلگىلەش، تەجرىبە ئاساسىدا تەدبىر بەلگىلەش شامىلى ئېغىر بولۇپ، ئىلمىي، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش مېخانىزمى تېخى مۇكەممەللەشمىدى، تەدبىر بەلگىلەش جەريانىدا ھەمىشە شەخسىي مەنپەئەت، تارماقلار مەنپەئەتى، مەمۇرىي ئارىلىشىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تەدبىرنىڭ يۈزە بولۇپ قېلىشى، ھەتتا چەتنەپ كېتىش ھادىسىسى كېلىپ چىقتى. بەزى جايلار ۋە ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ سىياسەتلىرى ئۆزگىرىپ تۇرغاچقا، كىشىلەرنىڭ سىياسەتكە تايىنىش قىزغىنلىقى سۇسلىشىپ قالدى. بۇنىڭدىن سىرت شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ پەرقى زور، سانائەت ئارقىلىقيېزا ئىگىلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شەھەر ئارقىلىق يېزىلارنى يېتەكلەشنىڭ ئۇزاق مۇددەت ئۈنۈم بېرىدىغان مېخانىزمى تېخى ئورنىتىلمىدى. ئوتتۇرا، غەربىي رايون بىلەن شەرقىي رايون ئوتتۇرىسىدىكى پەرقمۇ تەكشى ئەمەس. پىلانلىق ئىگىلىك تۈزۈلمىسىدىن سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىگە بۇرۇلۇشتا نۇرغۇن ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلار ۋە كادىرلارنىڭ ئىدىيەۋى تەييارلىقى، بازار قارىشى، تاۋار ئېڭى ئاجىز بولغانلىقتىن، ئۇلار ھازىرغا قەدەر پىلانلىق ئىگىلىكنىڭ ئىدىيەۋى قارىشى، ئادىتى، ئۇسۇلى بويىچە ئىقتىسادىي خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلماقتا. بەزى كادىرلار ئەمەلىيەتكە ۋە ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاممىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاشقا، چوڭقۇر، ئىنچىكە خىزمەت ئىشلەشكە ماھىر ئەمەس.
2. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىغا بولغان غايە – ئېتىقاد تەربىيەسى تازا يېتەرلىك بولمىدى. بىرىنچى، بەزى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي ساپاسى ئانچە يۇقىرى ئەمەس. ئىككىنچى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جەريانىدا غەربنىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ ناچار تەرەپلىرى بەزى كىشىلەردە پىسخىك تەڭپۇڭسىزلىق پەيدا قىلىپ، پۇلپەرەسلىك، مەنپەئەتپەرەسلىك، شەخسىيەتچىلىك ئەۋج ئېلىپ قالدى. ئۈچىنچى، بەزىلەرنىڭ ئاممىۋى قارىشى سۇسلىشىپ كەتتى. ئاز ساندىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئاممىدىن ئايرىلىپ قالدى. بىر قىسىم پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئېڭى سۇسلاپ كەتتى، ئۇلاردا بىيۇروكراتلىق، شەكىلۋازلىق ئېغىر.
3. تۈزۈلمە ، تۈزۈلمە مېخانىزمى تازا مۇكەممەللىشىپ كېتەلمىدى. رېئال سىياسىي تۇرمۇشتا خەلقنىڭ دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش، دېموكراتىك باشقۇرۇش ۋە دېموكراتىك نازارەتكە قاتنىشىش، شۇنىڭدەك تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەتكە ئېرىشىشنى تەلەپ قىلىش يوللىرى ۋە پۇرسىتى كۆپ ئەمەس، بولۇپمۇ دېھقانلار ۋە ئىش ئورنىدىن قالغانلارنىڭ ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ۋە ساداسىنى ئىپادىلەش ئىقتىدارى كەمچىل، بەزى جايلاردا ئاممىنىڭ نورمال مەنپەئەتىنى قوغداش ۋە سىياسىي ئىشلارغا قاتنىشىش يوللىرى راۋان ئەمەس. شەھەر بىلەن يېزا ئارىسىدىكى، رايونلار ئارىسىدىكى، ساھەلەر ئارىسىدىكى، ئوخشاش بولمىغان مۈلۈكچىلىك ئارىسىدىكى كىرىم پەرقى زور. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىجتىمائىي كاپالەتنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسى تۆۋەن، قاپلاش دائىرىسى تار. يېڭىدىن كۆپەيگەن ئەمگەك كۈچلىرى ۋە ئىسلاھات جەريانىدا بارلىققا كەلگەن ئىشسىزلارنىڭ جۇغلىنىشى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى، تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىدا كاپالەت كەمچىل. يېزىلاردىكى يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشنىڭ قاپلاش دائىرىسى تار.
ئىككىنچى، پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاشتىكى تەدبىر ۋە تەكلىپ
(1) مەنپەئەتنى مۇۋاپىق تەڭشەش ئەندىزىسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى ياخشى قوغداش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش لازىم. تەقسىمات تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىشنى ئاساس قىلىش، كۆپ خىل تەقسىمات ئۇسۇلى بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، ئۈنۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئادىللىققا ئەھمىيەت بېرىش، ئالدىن بېيىغانلارغا ئىلھام بېرىش، كېيىن بېيىغانلارنى يېتەكلەش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش لازىم. كىرىم تەقسىماتى جەريانىدىكى ماكرولۇق تەڭشەش – تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، مەنپەئەت تەڭشەش سالمىقىنى زورايتىپ، تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەر بىلەن يېزا ئارىسىدىكى، رايونلار ئارىسىدىكى باي، نامراتلىق پەرقىنى كىچىكلىتىش لازىم. ھوقۇق ئادىللىقى، پۇرسەت ئادىللىقى، قائىدە – تۈزۈم ئادىللىقى، تەقسىمات ئادىللىقى ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان ئىجتىمائىي ئادىللىق كاپالەت سىستېمىسىنى پەيدىنپەي ئورنىتىپ، قانۇن – تۈزۈم، سىياسەت جەھەتلەردە ئادىل بولغان ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىش لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم. كۈتۈنۈش، ئىشسىزلىق، داۋالىنىش، ئومۇم ئىشى بىلەن يارىلىنىش، پىلانلىق تۇغۇت قاتارلىق ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ئۇيغۇن كېلىدىغان كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش لازىم. ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسىگە ئاساسەن، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى، نامراتلىق سىزىقى ۋە باشقا كاپالەت سەۋىيەسىنى ئۆز ۋاقتىدا تەڭشەپ، پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقىنىڭ تۆۋەن سىزىقىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم. نامراتلارنى يۆلەپ روناق تاپقۇزۇش ۋە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققى نېسى قېلىش مەسىلىسى، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل ھەل قىلىپ، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش، نەپىقە بېرىپ ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق پاراۋانلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بازار رىقابىتىدە ئاجىزلار توپىنى ئىجتىمائىي تەرەققىيات مېۋىسىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش لازىم.
(2) پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش خىزمەت مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم ۋە ئىناق بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم. پۇقرالارنىڭ سىياسىي ئىشلارغا قاتنىشىش تۈزۈم سىستېمسىنى بەرپا قىلىپ، سايلام تۈزۈمى، ئىشچى – خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تۈزۈمى، جەمئىيەت ئەھۋالى ۋە خەلق رايىنى ئىنكاس قىلىش تۈزۈمى، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك زور ئىشلارنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلاش تۈزۈمى ۋە جەمئىيەت ئىسپات ئاڭلاش تۈزۈمى، مۇتەخەسسىسلەر مەسلىھەت بېرىش تۈزۈمى، ئەرزىيەت تۈزۈمى، دېموكراتىك باھالاش تۈزۈمى، مەمۇرىي ئىشلاردا ئاشكارا بولۇش تۈزۈمى، ئاخبارات ئېلان قىلىش تۈزۈمى قاتارلىقلارنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇقرالارنىڭ سىياسىي ئىشلارغا قاتنىشىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش ھوقۇقى، قاتنىشىش ھوقۇقى، ئىپادىلەش ھوقۇقى، نازارەت قىلىش ھوقۇقىنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم. ئامما بىلەن ئالاقىلىشىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىپ، پارتىيە تەشكىلى پارتىيە ۋەكىللىرى بىلەن ئالاقىلىشىش، پارتىيە ۋەكىللىرى پارتىيە ئەزالىرى بىلەن ئالاقىلىشىش، پارتىيە ئەزالىرى ئامما بىلەن ئالاقىلىشىشنىڭ ئۇزاق مۇددەت ئۈنۈم بېرىدىغان مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئالاقىلىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، ئالاقىلىشىش مەزمۇنىنى بېيىتىپ، ئالاقىلىشىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش لازىم. يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتى تۆۋەن دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىغا مۇلازىمەت قىلىش، تۆۋەن دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتى پارتىيە ئەزالىرىغا مۇلازىمەت قىلىش، پارتىيە تەشكىلاتى ۋە پارتىيە ئەزالىرى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشنىڭ ئۇزاق مۇددەت ئۈنۈم بېرىدىغان مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مۇلازىمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش لازىم. ئاممىۋى ۋەقەلەرنىڭ ئوخشاشمىغان تىپى، كۆلىمى، قاتناشقۇچىسى قاتارلىق ئامىللارنى توغرا ئىگىلەپ، ئاممىۋى ۋەقەلەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسىنى تۈزۈپ، ئۇنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ۋاقتىدا، توغرا بولماي قېلىشىدىن ساقلىنىش لازىم. خەلق ئىچىدىكى زىددىيەتلەرنىڭ يۈز بېرىش قانۇنىيىتى، تەرەققىيات يۈزلىنىشى، بولۇپمۇ ئاسانلا زىددىيەت، ماجىرا يۈز بېرىدىغان قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ئالدىن تەھلىل قىلىپ، خىزمەت جەريانىدىكى باشباشتاقلىق، پاسسىپلىقنى ئازايتىش لازىم.
历史上的今天:
收藏到:Del.icio.us