بلوگ ھەققىدە: سىياسى نەزىرىيە، مەدەنىيەت تارىخ بىلىملىرىگە قىزىقامسىز؟ بۇ ھەقتە مول بىلىملەرگە ئىگە بۇلۇشنى ئارزۇ قىلامسىز؟ ئويۇلىغانلىرىڭىز، كۆڭۈل سۆزلىرىڭىز، تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بارمۇ؟ قېنى مەرھەمەت!

  • 2011-02-05

    قانۇندىن قىسقىچە ساۋات (03) - [قـــانــــــۇن]

    4. قانۇنچىلىق

    قانۇنچىلىق – قانۇن بىلەن تۈزۈمنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى، ئۇ ئاساسلىقى ھۆكۈمران سىنىپنىڭ ئۆزىنىڭ سىنىپىي مەنپەتىنى قوغداش ئۈچۈن ھاكىمىيەت ئورگانلىرى ئارقىلىق دۆلەت ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ئىرادىسىنى قانۇنلاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشتىن ئىبارەت بىر خىل ھۆكۈمرانلىق ئۇسۇلى ۋە پىرىنسىپىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ قانۇننى تۈزۈش، رىئايە قىلىش ۋە ئىجرا قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ بارلىق دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا- كەسپىي ئورۇنلار ۋە ھەر بىر پۇقرادىن قانۇنغا رىئايە قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. يۇقىردىكى ئورگان، تەشكىلات، ئورۇن پۇقرالارنىڭ قانۇنىي ھوقۇقى ۋە مەنپەتى دۆلەت قانۇنى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ.

    5. قانۇن قارىشى

    قانۇن قارىشى «قانۇنچىلىق قارىشى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ كىشىلەرنىڭ قانۇننىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تۇنىشى ۋە قانۇنغا ئەھمىيەت بىرىش ھەم رىئايە قىلىشتىكى ئىدىيىۋى ئېڭىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، بىز دائىم دەپ كىلىۋاتقان «قانۇنچىلىق قارىشى سۇس»، «قانۇن قارىشى كەمچىل» دېگەنلەر قانۇننىڭ نوپۇزى، قەتئىيلىكى قاتارلىق مۇھىم ئەھمىيىتىگە بولغان تۇنۇشنىڭ كەم بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. دۆلىتىمىزدە سوتسىيالىستىك قانۇن قارىشىنى كۈچەيتىش – سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىق پىرىنسىپىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقۇملۇققا كاپالەتلىك قىلىشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە. قانۇن قارىشىنى قانۇن نۇقتىنەزىرىگە باراۋەر قىلىپ قۇيۇشقا بولمايدۇ. قانۇن نۇقتىنەزىرى ئاساسلىقى كىشىلەرنىڭ قانۇننىڭ ماھىيىتى ۋە رولىغا بولغان چۈشۈنىشى ۋە قارىشىنى كۆرسىتىدۇ.

    6. قانۇن جاۋاپكارلىقى

    قانۇن جاۋاپكارلىقى ئىككى جەھەتتىكى مەزمۇنغا ئىگە: بىر تەرەپتىن، ئۇ قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن ئۈستىگە ئېلىشقا تىگىشلىك جاۋاپكارلىقنى كۆرسىتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، تېخىمۇ كۆپ ئەھۋال ئاستىدا ئۇ قىلمىش سادىر قىلغۇچىنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش تۈپەيلىدىن مۇناسىپ قانۇنىي ئاقىۋەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى كۆرسىتىدۇ.

    7. قانۇنىي جازا

    قانۇنىي جازا دېگەندە، قانۇنغا ئاساسلىنىپ، دۆلەتنىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا قوللىنىلىدىغان جازالاش تەدبىرلىرى كۆزدە تۇتىلىدۇ. قانۇنىي جازا قانۇن جاۋاپكارلىقىدىن ھاسىل بولغان بۇلۇپ، قانۇن جاۋاپكارلىقى – جىنايى ئىشلار جاۋاپكارلىقى، ھەق تەلەپ جاۋاپكارلىقى ۋە مەمۇرىي جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا قانۇنىي جازامۇ مۇناسىپ ھالدا جىنايى جازا، ھەق تەلەپ جازاسى ۋە مەمۇرىي جازاغا بۈلىنىدۇ.

    8. سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىق

    سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىق – دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئىەىلىگەن ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئىرادىسىنىڭ مەركەزلىك گەۋدىلىنىشى، سوتسىيالىستىك دۆلەتنىڭ قانۇنى ۋە تۈزۈمى ھەمدە شۇ ئاساستا بەرپا قىلىنغان قانۇ تەرتىپىدىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنىڭ ئورگانىڭ بىرلىشىشى. قانۇن بىلەن تۈزۈم سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىقنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە ئاساسى. قانۇن ۋە تۈزۈم بولمىسا قانۇنچىلىقمۇ بولمايدۇ، ئەگەر قانۇن چىقىرىپ، تۈزۈم ئورنۇتۇپ، قانۇن ۋە تۈزۈمگە رىئايە قىلىش ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىنمىسا، دۆلەتنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئىجتىمائى تۇرمىشىدا سېستىمىلىق قانۇن تەرتىۋى شەكىللەنمىسە، ئۇنى ئەمىلىي قانۇنچىلىققا ئايلاندۇرغىلى بولمايدۇ. سوتسىيالىستىك قانۇن ۋە تۈزۈمدە ئىتىراپ قىلىنغان ئىجتىمائى مۇناسىۋەت ۋە ھوقۇق-مەنپەت ھەقىقىي تۈردە قوغدالسىلا، بارلىق قانۇنسىز قىلمىشلار پاش قىلىنىپ ۋە سۈرۈشتۈرۈلۈپ، تىگىشلىك جازالانسا ئاندىن سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىقنى ئەمىلىي ئورناتقىلى بۇلىدۇ. شۇڭا سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىق قانۇن چىقىرىش، قانۇننى ئىجرا قىلىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش ۋە قانۇن نازارەتچىلىكى قاتارلىق تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ «ئاساسلىنىدىغان قانۇن بۇلۇش، قانۇن بولغان ئىكەن ئۇنىڭغا چۇقۇم ئاساسلىنىش،قانۇننى ئىجرا قىلىشتا قاتتىق بۇلۇش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنى چۇقۇم سۈرۈشتۈرۈش» نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.


    收藏到:Del.icio.us




بلوگىمىز سىياسى نەزەرىيە، مەدەنىيەت، تارىح، قانۇن ۋە دىنعا ئائىت مەزمۇنلار ئۅستىدە ئورتاقلىشىشنى ئاساسى نىشان قىلىدۇ. يازمىلارنىڭ مەنبەسى قانۇنلۇق.

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى| قايتا گۈزەللەشتۈرۈپ تارقاتقۇچى: | بىلىم بايلىق بلوگى