-
2011-02-05
پارتىيىنىڭ تۈزۈم قۇرۇلۇشى توغرىسىدا - [سـىـيـاســى]
پارتىيىنىڭ تۈزۈم قۇرۇلىشى – پارتىيە ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قائىدە- تۈزۈم جەھەتتە ئېلىپ بارغان بىر قاتار خىزمەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. پارتىيىنىڭ تۈزۈم قۇرۇلۇشىنىڭ مەزمۇنى ئىنتايىن كەڭ، چوڭ جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئاساسلىقى پارتىيىنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈمى ۋە پارتىيىنىڭ ئىچكى تۇرمۇش تۈزۈمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كونكىرت قىلىپ ئېيتقاندا، پارتىيىنىڭ دۆلەت ھاكىمىيىتى ئورگانلىرى ۋە باشقا غەيرى پارتىيە تەشكىلاتلىرىغا بولغان رەھبەرلىك تۈزۈمى، پارتىيىنىڭ كوللىكتىپ رەھبەرلىك تۈزۈمى، پارتىيىنىڭ تەشكىلى تۈزۈمى، كادىرلار تۈزۈمى، پارتىيىنىڭ خىزمەت تۈزۈمى، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك تۈزۈمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
پارتىيىنىڭ تۈزۈم قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى – پارتىيىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى رەھبەرلىك خىزمىتى ۋە پارتىيىنىڭ ئىچكى تۇرمۇشىدىكى تەجرىبە – ساۋاقلارنى سېستىمىلىق خۇلاسىلاش ئاساسىدا، پارتىيىنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر بىر پارتىيە ئەزاسىنىڭ رىئايە قىلىشىغا ماس كىلىدىغان پارتىيە ئىچىدىكى قانۇن- بەلگۈلىمىلەر، نىزام ۋە قائىدىلەرنى تۈزۈپ چىقىپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر بىر پارتىيە ئەزاسىنىڭ ھەركىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، پارتىيىنىڭ تۇرلۇك خىزمەتلىرىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قانۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت.
پارتىيىنىڭ تۈزۈم قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى تۈۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: پارتىيە نىزامنامىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پارتىيىنىڭ قانۇن – تۈزۈملىرىنى ۋاختىدا تۈزۈش، تۈزۈتۈش كىرگۈزۈش، مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ پارتىيىنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈمى، تەشكىلى تۈزۈمى، خىزمەت تۈزۈمى، تۇرمۇش تۈزۈمى قاتارلىق بىر قاتار تۈزۈملەرنى ئورنۇتۇش ۋە ساغلاملاغتۇرۇش؛ يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەرنىڭ ئىھتىياجىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بەزى تۈزۈملەرنى ئىسلاھ قىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
پارتىيىنىڭ تۈزۈم قۇرۇلىشى پارتىيە پائالىيىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە سىڭىپ كەتكەن. پارتىيىنىڭ رەھبەرلىك خىزمىتىدە مۇكەممەل تۈزۈم ئارقىلىق ئۇنىڭ توغرا، مۇقىم ۋە ئۈنۈملۈك بۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ؛ پارتىيىنىڭ ئىدىيىۋى قۇرۇلىشىدا، مۇكەممەل تۈزۈم ئارقىلىق ئۇنىڭ دائىملىقىغا ۋە ئۇنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشكە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ؛ پارتىيىنىڭ تەشكىلى قۇرۇلىشىدا، مۇكەممەل تۈزۈم ئارقىلىق پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇشنىڭ نورماللىشىشىغا، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى ۋە كادىرلار قوشۇنىنىڭ ساپاسىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ؛ پارتىيىنىڭ ئىستىل قۇرۇلىشىدا، مۇكەممەل تۈزۈم ئارقىلىق ياخشى ئىستىل يىتىلدۈرۈپ، ناچار ئىستىللارنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ ۋە ئۇلار سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ. شۇڭا تۈزۈم قۇرۇلۇشى پارتىيە قۇرۇلۇشىغا نىسبەتەن تۈپ خارەكتىرگە، ئومۇمىيلىق خارەكتىرىگە، مۇقۇملۇق خەرەكتىرىگە ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك خەرەكتىرىگە ئىگە بۇلىدۇ.
历史上的今天:
قانۇندىن قىسقىچە ساۋات (03) 2011-02-05پارتىيىنىڭ ئىستىل قۇرۇلىشى توغرىسىدا 2011-02-05پارتىيىنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلىشى توغرىسىدا 2011-02-05پارتىيىنىڭ سىياسىي قۇرۇلىشى توغرىسىدا 2011-02-05
收藏到:Del.icio.us