بلوگ ھەققىدە: سىياسى نەزىرىيە، مەدەنىيەت تارىخ بىلىملىرىگە قىزىقامسىز؟ بۇ ھەقتە مول بىلىملەرگە ئىگە بۇلۇشنى ئارزۇ قىلامسىز؟ ئويۇلىغانلىرىڭىز، كۆڭۈل سۆزلىرىڭىز، تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بارمۇ؟ قېنى مەرھەمەت!

  • 2011-01-30

    پارتىيە ھەققىدە - [سـىـيـاســى]

     

    پارتىيە – مەلۇم سىنىپ، تەبىقە ياكى ئىجتىمائى گۇرۇھنىڭ مەنپەتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ھەم شۇ يولدا كۈرەش قىلىدىغان سىياسى تەشكىلات. ئۇ ئىجتىمائى ئىقتىساد ۋە سىنىپىي كۈرەشنىڭ مۇئەييەن تەرەققىيات باسقۇچىنىڭ مەھسۇلى، شۇنداقلا سىنىپىي كۈرەش ۋە ئىجتىمائى سىياسىي ئىقتىسادى پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش قورالى. ئۇ ئۆزى ۋەكىللىك قىلىدىغان سىنىپ، تەبىقە ۋە ئىجتىمائى گورۇھ ئۈچۈن ئوخشاشمىغان دەرىجىدە تەشكىلاتچىلىق، رەھبەرلىك ۋە يادرولۇق رولىنى ئوينايدۇ.

     يېقىنقى زاماندا ئەڭ بالدۇر بارلىققا كەلگەن پارتىيە 17- ئەسىرنىڭ 70- يىللىرى ئەنگىلىيەدە قۇرۇلغان خۇيگ پارتىيىسى (ئاساسەن بۇرژۇازىيە ۋە يېڭى ئاقسۆڭەكلەر مەنپەتىگە ۋەكىللىك قىلاتتى) ۋە تورى پارتىيىسى (ئاساسەن فيودال ئاقسۆڭەكلەر مەنپەتىگە ۋەكىللىك قىلاتتى) ئىدى. جۇڭگۇدا بۇرژۇازىنىيىنىڭ پاتىيە تەشكىل قىلىشى سۈن جوڭسەننىڭ 1894- يىلى جۇڭگۇنى گۈللەندۈرۈش جەمىيىتىنى قۇرغان ۋاقتىدىن باشلاندى. ماركس بىلەن ئېنگېلس 1847- يىلى لوندوندا قۇرغان كومۇنىزىمچىلار ئىتتىپاقى پۇرۇلېتارىيات پارتىيىسىنىڭ دەسلەپكى ئۆلگىسى ئىدى. جۇڭگۇدا پۇرۇلېتارىيات پارتىيىسى – جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيىسى 1921- يىلى قۇرۇلغان.


    收藏到:Del.icio.us




بلوگىمىز سىياسى نەزەرىيە، مەدەنىيەت، تارىح، قانۇن ۋە دىنعا ئائىت مەزمۇنلار ئۅستىدە ئورتاقلىشىشنى ئاساسى نىشان قىلىدۇ. يازمىلارنىڭ مەنبەسى قانۇنلۇق.

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى| قايتا گۈزەللەشتۈرۈپ تارقاتقۇچى: | بىلىم بايلىق بلوگى