-
2011-01-30
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ ھەرىكىتى - [نــەزەرىـيــە]
ۋۇ جۈن، خې مىنجيې، سۇ چاۋ
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 30 يىللىقىغا قانداق باھا بېرىش كېرەك؟
سوئال: 21 – ئەسىرگە قەدەم قويۇلغان بۈگۈنكى كۈندە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇشنى، ئۇنىڭدىن تەۋرىنىشكە، يېنىشقا بولمايدىغانلىقىنى مەركەز نېمە ئۈچۈن شۇنچە تەكىتلەيدۇ؟
لى جۈنرۇ(ج ك پ مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى): بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، چوڭقۇر ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش بولغان ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش پارلاق ئۇتۇققا ئېرىشتى، ئۇنىڭ تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەشكە تېگىشلىك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سەل قاراشقا بولمايدىغان زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرمۇ كۆرۈلدى، ئۇلارنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىمىز دۆلەت ئەھۋالى، خەلقئارا مۇھىت ئىنتايىن مۇرەككەپ ئەھۋالدا ئېلىپ بېرىلدى، بۈگۈنكى دۇنيادا ۋە زامانىمىزدىكى جۇڭگودا كەسكىن ئۆزگىرىش بولغان تارىخىي جەرياندا يۈكسەلدى. شۇڭا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۆزگىچە مۇرەككەپ ۋە مۈشكۈل بولدى. ئەمەلىيەت جەريانىدا دۇچ كەلگەن مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنىۋاتقان چاغدا كىشىلەردە مۇقەررەر ھالدا بۇنداق ياكى ئۇنداق قاراش كېلىپ چىقتى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت نېگىزلىك مەسىلىلەرگە تاقالغاچقا، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 30 يىللىقىغا قانداق باھا بېرىش مەسىلىسى كېلىپ چىقتى.
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 30 يىللىقىغا تارىخىي نەزەر بىلەن باھا بەرگەندە، بۇ 30 يىلنى ‹‹ئىككى 100 يىل››دىن ئىبارەت تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشتىن كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ. ‹‹ئىككى 100 يىل›› دېگىنىمىز 1840 – يىلىدىن 1949 – يىلىغىچە بولغان 100 يىل ۋە 1949 – يىلىدىن 2050 – يىلىغىچە بولغان 100 يىلنى كۆرسىتىدۇ. نېمىشقا ‹‹ئىككى 100 يىل››دىن ئىبارەت تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشتىن كۆزىتىمىز؟ بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، 1840 – يىلىدىكى ئەپيۈن ئۇرۇشىدىن كېيىن جۇڭخۇا مىللەتلىرى مۈشكۈل جەرياننى باشتىن كەچۈردى. تارىخ كىشىلەرگە، جۈملىدىن بارلىق سىنىپلارغا، بارلىق پارتىيىلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ رەھبەرلىرىگە ئىككى تارىخىي تېمىنى قويدى. بىرى، مىللىي مۇستەقىللىقنى ۋە خەلقنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش، يەنە بىرى، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈپ قۇدرەت تاپقۇزۇش ۋە خەلقنى ئورتاق بېيىتىش. بۇ چوڭ تارىخىي سىناقتا جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن جۇڭگو خەلقىنىڭ رەھبەرلىك يادروسىغا ئايلىنىپ، ‹‹مىللىي مۇستەقىللىقنى ۋە خەلقنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش››تىن ئىبارەت ئىككى تارىخىي مەسىلىنى ھەل قىلدى. بۇ بىرىنچى 100 يىلدا ئورۇندالدى.
بۇ 100 يىل 2 – تارىخىي مەسىلىنى، يەنى ‹‹دۆلەتنى گۈللەندۈرۈپ قۇدرەت تاپقۇزۇش ۋە خەلقنى ئورتاق بېيىتىش›› مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىمىزغا پايدىلىق سىياسىي شارائىت ۋە ئىجتىمائىي ئاساس يارىتىپ بەردى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، كېيىنكى چاغدا بىر مەھەل قىڭغىر يولغا كىرىپ قېلىپ ئاز تولا خاتالىق سادىر قىلدۇق، لېكىن جۇڭگو كوممۇنىستلىرى خاتالىقى سەۋەبلىك بەل قويۇۋەتمەي، تەجرىبە – ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىدى. ج ك پ 11 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، جۇڭگودا زور تارىخىي بۇرۇلۇش بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ تارىخىي مۇساپە باشلاندى. بۇ يېڭى يول ئۈستىدە ئىزدىنىش جەريانىدا، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈپ قۇدرەت تاپقۇزۇش ۋە خەلقنى ئورتاق بېيىتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى ئۈچۈن، 1949 – يىلىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا 100 يىل بولمىسا بولمايدىغانلىقىنى بارغانسېرى چوڭقۇر تونۇدۇق. شۇڭا دېڭ شياۋپىڭ 21 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىسىغىچە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش كۈرەش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىككىنچى تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا، خىلمۇ خىل كۈلپەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن جۇڭگو خەلقى 1840 – يىلدىكى ئەپيۈن ئۇرۇشىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان 2 – تارىخىي مەسىلىنى ئاخىرقى ھېسابتا ھەل قىلىش ئۈچۈن 2050 – يىلىغا قەدەر كۈرەش قىلىشقا توغرا كېلەتتى.
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 30 يىللىقىغا ‹‹ئىككى 100 يىل›› ئارقا كۆرۈنۈشى بويىچە قويۇپ قارىساق شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلىمىزكى، بىز قىلىۋاتقان ئىش جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدۇ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەر بىلەن تەڭ چوڭ قەدەم تاشلاپ ئىلگىرىلىيەلەيدىغان قىلىدۇ. بىز يەنە شۇنى چوڭقۇر تونۇيالايمىزكى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش پۈتكۈل جۇڭخۇا مىللەتلىرى دۇچ كەلگەن تارىخىي مەسىلىنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغان، مىللەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، پارتىيىنىڭ، خەلقنىڭ رايىغا ياقتى، دەۋر ئېقىمىغا ماس كەلدى.
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش نىشانى ۋە يولىنى قانداق تونۇش كېرەك؟
سوئال: جۇڭخۇا مىللەتلىرى دۇچ كەلگەن تارىخىي مەسىلىنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى قانداق بولدى؟ نېمە ئۈچۈن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ نىشانى ۋە يولى تامامەن توغرا دېيىلىدۇ؟
لى جۈنرۇ: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە نېمىشقا چىڭ تۇرىمىز دېگەن مەسىلە پارتىيىمىزنىڭ ج ك پ 11 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى مۇھىم ھۆججەتلىرىدە كۆپ قېتىم شەرھلەندى. پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىدا ئېلىمىزدە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇشنىڭ ئۈچ چوڭ نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 1. ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، جۇڭگو خەلقىنى بېيىتىش، ئۇلۇغ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قەددىنى كۆتۈرۈش؛ 2. ئېلىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى مۇكەممەللەشتۈرۈشىنى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىزمنى يېڭى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش؛ 3. زامانىمىزدىكى جۇڭگونى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، پارتىيىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق پارتىيىنىڭ باشتىن – ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىشىغا كاپالەتلىك قىلىش. ئېنىقكى، بۇ ئۈچ چوڭ نىشان ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئۈچ مۇھىم خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈش بىلەنلا قالماي، نېمە ئۈچۈن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىمىزنى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ نېمىنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى بىۋاسىتە چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بىز تەكىتلەۋاتقان ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە نېمىشقا چىڭ تۇرۇشنى بىلگەندە، پارتىيىمىزنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى شارائىتتا خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشتا خەلقنى، دۆلەتنى، سوتسىيالىزمنى كۆزدە تۇتىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە ئۆزىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاشنى كۆزدە تۇتىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جەريانىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەر، ئالايلۇق، رېئال ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا كۆرۈلگەن مەسىلىلەر ۋە كادىرلار قوشۇنىدا يامراپ كېتىۋاتقان چىرىكلىشىشنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ماھىيىتىگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى، شۇنداقلا پارتىيىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە رەھبەرلىك قىلىشىدىكى مەقسىتىگە مۇخالىپ كېلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنى ئەستايىدىل ھەل قىلىشىمىزغا ۋە قەتئىي تۈگىتىشىمىزگە تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز.
سوئال: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش نىشانى ۋە يولىنىڭ توغرىلىقى قايسى جەھەتلەردە مەركەزلىك ئىپادىلىنىدۇ؟
لى جۈنرۇ: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش نىشانى ۋە يولىنىڭ توغرىلىقى بىز تاللىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مەركەزلىك ئىپادىلىنىدۇ. بۇ يول ئىلمىي سوتسىيالىزم تۈپ پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش بىلەنلا قالماي، ئېلىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە دەۋر ئالاھىدىلىكىگە قاراپ روشەن جۇڭگوچە تۈسكە ئىگە بولدى. بۇ يول ئوبرازلىق قىلىپ ئېيتقاندا، سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان جۇڭگونى مەقسەت ياكى مەۋقە قىلدى؛ ‹‹بىر مەركەز، ئىككى ئاساسىي نۇقتا›› مۇھىم مەزمۇن قىلىنغان ئاساسىي لۇشيەنىنى ئىجرا قىلىش لۇشيەنى قىلدى؛ ‹‹تۆت چوڭ قۇرۇلۇش››نى، يەنى سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى قۇرۇلۇشنى، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي قۇرۇلۇشىنى، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى، سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۆز ۋەزىپىسى قىلدى؛ باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي زامانىۋى سوتسىيالىستىك دۆلەت قۇرۇشنى نىشان قىلدى. بۇ، ئۇزاق مۇددەتلىك سوتسىيالىزم ئەمەلىيىتى جەريانىدا، بولۇپمۇ سوتسىيالىزم تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرى ۋە يېڭى تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەش ئاساسىدا تېپىلغان دۆلەتنى گۈللەندۈرۈپ قۇدرەت تاپقۇزۇش ۋە خەلقنى ئورتاق بېيىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىغان بىردىنبىر توغرا يول.
بى جىڭجىڭ(دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتى ماركسىزم كافېدىراسىنىڭ مۇدىرى): شۇنداق، ئەمەلىيەتتىن قارىغاندا، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئۇلۇغ ئۇتۇقلىرىمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ نىشانى ۋە يولىنىڭ تامامەن توغرىلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. 30 يىلدىن بۇيان كەسكىن ئېلىپ بېرىلغان تۈزۈلمە ئىسلاھاتلىرى ئېلىمىزنى يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشكەن پىلانلىق ئىگىلىك تۈزۈلمىسىدىن ھاياتىي كۈچكە تولغان سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىگە ئۆتۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. 30 يىلدىن بۇيان ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىش نوپۇسى كۆپ، ئاساسى ئاجىز تەرەققىي قىلىۋاتقان ئېلىمىزنى دۇنيادا كەم ئۇچرايدىغان يۇقىرى سۈرئەت بىلەن سىجىل، تېز تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، ئېلىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى كۈچەيتتى، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىدى، ئېلىمىزنىڭ خەلقئارادىكى ئورنىنى ئۆستۈردى. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى جۇڭگو خەلقىنى مەزمۇت قەدەم بىلەن بېيىش يولىغا ماڭدۇرۇش بىلەنلا قالماي، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ زور تۆھپە قوشتى.
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جەريانىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرگە قانداق قاراش كېرەك؟
سوئال: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 30 يىللىقىغا تارىخىي نەزەر بىلەن باھا بېرىشنى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش نىشانى ۋە يولىنىڭ توغرىلىقىنى تەكىتلىكىنىمىزدە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جەريانىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرگە قاراپ چىقىشىمىز كېرەكمۇ؟
لى جۈنرۇ: قاراپ چىقىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئاچقۇچلۇقى بۇ مەسىلىلەرنى توغرا تونۇشىمىز ۋە تەتقىق قىلىشىمىز كېرەك. ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ھەممىدە ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىش، نەزەرىيىنى ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى تەكىتلەپ تۇرۇۋاتىمىز. پارتىيىمىز 30 يىلدىن بۇيان ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىلەرنى ئۈزلۈكسىز بايقاپ، تەھلىل قىلىپ، ھەل قىلىپ كەلگەچكە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 يىلدا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ كېلەلىدى. پارتىيىمىز مەسىلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ باققان ئەمەس.
بى جىڭجىڭ: 30 يىلدىن بۇيانقى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش شانلىق نەتىجىلەرگە ئېرىشىش بىلەن بىللە، بەزى مەسىلىلەرمۇ ساقلاندى. ئالايلۇق، خەلق تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىش بىلەن بىللە، كىرىم پەرقى، رايونلار ئارا پەرق، شەھەر بىلەن يېزىنىڭ پەرقى تەدرىجىي كېڭەيدى؛ ئىقتىساد تېز يۈكسىلىش بىلەن بىللە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمىمۇ ئاشتى؛ كىشىلەرنىڭ ساغلاملىق سەۋىيىسى ئۆسۈش بىلەن بىللە، داۋالىنىش قىيىن، قىممەت بولۇش مەسىلىلىرى مەلۇم دەرىجىدە كۆرۈلدى.
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئىسلاھات جەريانىدا زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنىڭ كۆرۈلۈشى مۇقەررەر، نورمال ئەھۋال، ئۇلارغا توغرا مۇئامىلە قىلىش – قىلالماسلىق ئاچقۇچ. ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھاتى دۆلەت ئەھۋالى ئىنتايىن مۇرەككەپ، ئاساسى ئىنتايىن ئاجىز سوتسىيالىستىك چوڭ دۆلەتتە، مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان خەلقئارا مۇھىتتا ئېلىپ بېرىلدى، ئۆرنەك قىلغۇدەك تەييار تەجرىبە يوق بولغاچقا، ھەممىدە ئىزدىنىشكە توغرا كەلدى، نەتىجىدە ئىلگىرىلەش يولىمىز ئوڭۇشلۇق بولماي، بۇنداق ياكى ئۇنداق مەسىلىلەر كۆرۈلدى. مەسىلىلەرنىڭ كۆرۈلۈش سەۋەبىنى سوغۇق قانلىق بىلەن تەھلىل قىلغاندىلا، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن يەكۈن چىقارغىلى بولاتتى، كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى ئاددىي ھالدا ئىسلاھاتتىن كۆرۈشكە بولمايتتى.
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئەتراپلىق
چۈشىنىش ۋە ئىگىلەش كېرەك
سوئال: پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىدا يەكۈنلەنگەن پارتىيىمىزنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى ئون تۈرلۈك قىممەتلىك تەجرىبىسىنى قانداق قىلغاندا ئەتراپلىق چۈشەنگىلى ۋە ئىگىلىگىلى بولىدۇ؟
بى جىڭجىڭ: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى ئون تۈرلۈك قىممەتلىك تەجرىبە پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىدا تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ج ك پ 11 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا، يولداش خۇ جىنتاۋ ئون تۈرلۈك قىممەتلىك تەجرىبىنى چوڭقۇر شەرھلەپ ئۆتتى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ بۇ قىممەتلىك تەجرىبىلىرى ماركسىزم دېگەن نېمە، ماركسىزمغا قانداق مۇئامىلە قىلىش، سوتسىيالىزم دېگەن نېمە، سوتسىيالىزمنى قانداق قۇرۇش، قانداق پارتىيە قۇرۇش، پارتىيىنى قانداق قۇرۇش، قانداق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش، تەرەققىياتنى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت تۆت چوڭ تۈپ مەسىلىنى چۆرىدىگەن ھالدا يەكۈنلىنىپ، كومپارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىزم قۇرۇش قانۇنىيىتى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىمىز يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، ئۇلاردا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنىڭ تۈپ نۇقتىلىرىمۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنىڭ تۈپ نۇقتىلىرىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى بېيىتىلدى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇلدى.
历史上的今天:
شىنجاڭدىكى «ئورۇس قوشۇنى» نىڭ تەشكىللىنىشى 2011-01-30تاشۋاي 2011-01-30قانۇندىن قىسقىچە ساۋات (01) 2011-01-30جېن باۋداۋ ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىچكى خەۋەر 2011-01-30
收藏到:Del.icio.us