-
2011-01-30
ئىدىيەدە ئازاد بولۇشتا ئۈچ خىل جاسارەتنى يېتىلدۈرۈش كېرەك - [نــەزەرىـيــە]
ياڭ چۈنگۈي
ئىدىيەدە ئازاد بولۇش ئانچە ئاسان ئىش ئەمەس، بۇنىڭ ئۈچۈن قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىشقا، توسالغۇلارنى بۆسۈپ ئۆتۈشكە، ھەتتا خەۋپ – خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ بىزدىن سىياسىي جەھەتتە، ئەمەلىيەت جەريانىدا ۋە يېڭىلىق يارىتىشتا جاسارەتلىك بولۇشنى، ھەر قانداق خەۋپ – خەتەرگە تىز پۈكمەي، توسالغۇلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇشتا قەتئىي تەۋرەنمەسلىكنى تەلەپ قىلىدۇ.
سىياسىي جەھەتتە جاسارەتلىك بولۇش. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسىدە نۇرغۇن توسالغۇغا دۇچ كەلدۇق. يېزىلاردا مەھسۇلاتنى ئائىلىلەرگىچە ھۆددىگە بېرىش تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلۇشى، يېزا – بازار كارخانىسى ۋە ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇش، چەت ئەل مەبلىغىنى كىرگۈزۈش، ھەتتا سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىشقىچە بولغان خىزمەتلەردە نۇرغۇن تالاش – تارتىش قىلدۇق. بۇنداق تالاش – تارتىش ئىلگىرىمۇ بولغان، ھازىرمۇ بولۇۋاتىدۇ، كەلگۈسىدىمۇ بولىدۇ. چۈنكى ئىدىيەدە ئازاد بولۇش بىلىش نەزەرىيەسى مەسىلىسى، شۇنداقلا تارىخىي قاراش، قىممەت قارىشى مەسىلىسىدۇر. بولۇپمۇ ئېلىمىزنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىدە ئىدىيەدە ئازاد بولۇشتا ئىزدىنىدىغان ۋە جاۋاب بېرىدىغان مەسىلىلەر سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك تۈپ مەسىلە بولۇپ، ئۇ قانداق بايراق كۆتۈرۈش، قانداق يولدا مېڭىش، قانداق نەزەرىيەۋى سىستېمىدا چىڭ تۇرۇشقا چېتىلىدۇ، شۇنداقلا پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك تۈپ مەسىلە. شۇڭا ئۇ كۈچلۈك سىياسىيلىققا ئىگە. بىز بۇ مەسىلىدىن ئۆزىمىزنى قاچۇرماي، دادىل يۈزلىنىشىمىز كېرەك. يولداش ماۋزېدۇڭ ‹‹ بەشتىن قورقماسلىق ›› نى، يولداش دېڭ شياۋپىڭ ‹‹ يولۋاسنىڭ قۇيرۇقىنى سىلاشقا جۈرئەت قىلىش ›› نى تەكىتلىگەنىدى، بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقىنى دەل سىياسىي جاسارەتتۇر. بۇنداق سىياسىي جاسارەت پارتىيە، خەلق ۋە سوتسىيالىزم ئىشلىرىغا بولغان ساداقەتمەنلىك ۋە ئېتىقادتىن كېلىدۇ.
ئەمەلىيەت جەريانىدا جاسارەتلىك بولۇش. جۇڭگودا سوتسىيالىزمنى قۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش مىسلى كۆرۈلمىگەن، ھەتتا ماركس، لېنىن ئەسەرلىرىدىمۇ ئۇچرىمايدىغان ئۇلۇغ ئىش ھېسابلىنىدۇ. بىز بۇنى چەت ئەللىكلەر قىلىپ باقمىغان، ئەجدادلىرىمىزمۇ قىلىپ باقمىغان، تەييار تەجرىبە ۋە ئەندىزە بولمىغان ئەھۋالدا، ئەمەلىيەت داۋامىدا ئىزدىنىپ، يولغا قويۇش جەريانىدا ئۆگەندۇق. شۇڭا ئۇ بىزدىن سىناق قىلىشقا، شىجائەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە، تەۋەككۈل قىلىشقا جۈرئەت قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ‹‹ شىجائەت ئىلگىرىلەش روھى بىلەن تەۋەككۈل قىلىش روھىدۇر، شىجائەتلىك بولمىغاندا، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، يېڭى ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ ›› . تەجرىبە قىلىش، ئىزدىنىش جەريانىدا، سەۋەنلىك، خاتالىق سادىر قىلساق قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ يولداش دېڭ شياۋپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىگەنىدى: بىرىنچى، جۈرئەتلىك بولۇش، ئەندىشىنى تۈگىتىپ، جاسارەتلىك بولۇش كېرەك. ئادەم ھەر قانداق ئىشتا سىناق قىلىشقا جۈرئەت قىلالىغاندىلا، يول ئېچىپ ئىلگىرىلىيەلەيدۇ؛ ئىككىنچى، ھەر ۋاقىت تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەشكە ئەھمىيەت بېرىش، توغرا بولسا چىڭ تۇرۇش، خاتاسىنى تېزدىن تۈزىتىش، يېڭى مەسىلە كۆرۈلسە چىڭ تۇتۇپ ھەل قىلىش، ئەمەلىي تەرەققىيات جەريانىدا، مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تېگىشلىك بولسا مۇكەممەللەشتۈرۈش، تولۇقلاشقا تېگىشلىك بولسا تولۇقلاش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا بىز قەدەممۇ قەدەم يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، چوڭ خاتالىق سادىر قىلىشتىن قورقمايمىز، خاتالىق بولسىمۇ تۈزىتىشىمىز ئاسان بولىدۇ. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى مانا مۇشۇنداق ئەمەلىيەت جەريانىدا قەدەممۇ قەدەم ۋۇجۇدقا كەلگەن، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم مانا مۇشۇنداق ئەمەلىيەت جەريانىدا تەدرىجىي شەكىللەنگەن، بېيىغان ۋە راۋاجلانغان.
يېڭىلىق يارىتىشتا جاسارەتلىك بولۇش. يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيىدە ئازاد بولۇشنىڭ ماھىيىتى، يەنى يېڭى ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىپ، يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، يېڭى تونۇشنى شەكىللەندۈرۈپ، نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت جەريانىدا يېڭىلىق يارىتىش دېگەنلىكتۇر. يېڭىلىق يارىتىش سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، ئۇ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە خىزمەتلەردە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش بارلىق ئىشلاردا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىدۇر، شۇنداقلا ھەر قايسى جەھەتلەردىكى قاراشلىرىمىزنى يېڭىلاپ، تۈزۈلمىنى ئىسلاھ قىلىپ، يېڭى فاڭجېن، سىياسەت تۈزۈشىمىزنىڭ ۋە خىزمەتتە يېڭى ۋەزىيەت بەرپا قىلىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ماركىسىزمنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىمىز، نەزەرىيە جەھەتتە ئىلمىي يېتەكچى ئىدىيەنى داۋاملىق تەمىنلىگەنلىكىمىزنىڭ نەتىجىسىدۇر. تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش جەريانى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىدۇر. شۇڭا يېڭى تۈزۈلمە ئورنىتىلغاندىن كېيىن تۈزۈلمىدە قىسمەن يېڭىلىق يارىتىشقا ھەر ۋاقىت تىرىشىش كېرەك. پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچى. ››پەن – تېخنىكا بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى‹‹ بولۇۋاتقان دەۋردە، پەن – تېخنىكىنى راۋاجلاندۇرۇش بىر دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە. بولۇپمۇ دۆلىتىمىزگە ئوخشاش پەن – مەدەنىيەت ئارقىدا قالغان دۆلەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۆسۈش خاراكتېرلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. شۇڭا يېڭىلىق يارىتىشتا جاسارەتلىك بولۇش كېرەك. ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ چېكى يوق، يېڭىلىق يارىتىشنىڭمۇ چېكى يوق. ئىسلاھ قىلىشقا، يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىپ، مەڭگۈ بىر ئىزدا توختاپ قالمىغاندىلا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، بۈگۈنكى جۇڭگودا ماركىسىزم ئىدىيەسىنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرغىلى بولىدۇ.
历史上的今天:
شىنجاڭدىكى «ئورۇس قوشۇنى» نىڭ تەشكىللىنىشى 2011-01-30تاشۋاي 2011-01-30قانۇندىن قىسقىچە ساۋات (01) 2011-01-30
收藏到:Del.icio.us