ھەسەنجان ئابدۇلئەھەد

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 3687   يوللانغان ۋاقتى: 2013-05-24 14:30:52

 ھەسەنجان ئابدۇلئەھەدنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

 

  ھەسەنجان ئابدۇلئەھەد 1979- يىل 9- ئاينىڭ 23- كۈنى قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ پۇسار چارۋىچىلىق مەيدانىدا زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1986- يىل 9- ئايدىن 1992- يىلىغىچە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە، 1995- يىل 9- ئايدىن 1998- يىل 7- ئايغىچە قاغىلىق ناھىيەلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1998- يىلىدىن 2000- يىلىغىچە غەربىي شىمال مىللەتلەر 2- ئىنستىتۇتىنىڭ تەييارلىق سىنىپىنى ياخشى نەتىجە بىلەن تاماملىغان. 2000- يىل 9- ئايدا لەنجۇ سودا ئىنستىتۇتى بوغالتىرلىق فاكۇلتېتىنىڭ مالىيە باشقۇرۇش كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ، 2004- يىل 7- ئايدا تولۇق كۇرسنى ياخشى نەتىجە بىلەن تاماملاپ، باشقۇرۇش ئىلمى بويىچە باكلاۋۇرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.
  ھەسەنجان ئابدۇلئەھەد 2004- يىل 8- ئايدىن باشلاپ دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقى (جۇڭگو مىللەتلىرى) ژۇرناللىرى نەشرىياتى شىنجاڭ شۆبە ئىدارىسىدە كاتىباتلىق، تەرجىمە- تەھرىرلىك، مالىيە ۋە ئارقا سەپ خىزمەتلىرىنى ئىشلەپ كەلمەكتە.
  «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «ھۆرمەتنىڭ ھېكمىتى ۋە قىممىتى»، «بۈگۈنىنى ئەزىزلىگەننىڭ ئەتىسى خار بولماس» قاتارلىق ئىجادىي ئەسەرلىرى ۋە «2007-يىل: جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلىرىگە ئائىت ئون چوڭ خەۋەر»، «بۇيى مىللىتى»، «تۇجىيا مىللىتى»، «ناشى مىللىتى»، «بۇلاڭ مىللىتى» قاتارلىق تەرجىمە ئەسەرلىرى بار. 2009 -يىلدىن باشلاپ ھازىرغىچە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ ئۇيغۇرچە مۇندەرىجىسىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ كەلمەكتە. 2011-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى نەشر قىلىپ تارقاتقان «چوغلۇق قىز» ناملىق روماننىڭ مەسئۇل كوررېكتورلۇقنى قىلغان.
  2013- يىلى 4- ئايدا، ھەسەنجان ئابدۇلئەھەد دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى تەرىپىدىن  2010  ـــــ 2012 –يىللىق «مەدەنىي ئىشچى-  خىزمەتچى» بولۇپ تەقدىرلەنگەن.
  ھەسەنجان ئابدۇلئەھەد ھازىر مىللەتلەر ئىتتىپاقى(جۇڭگو مىللەتلىرى) ژۇرناللىرى نەشرىياتى شىنجاڭ شۆبە ئىدارىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.