دىلشات ئىدرىس
دىلشات ئىدرىسنىڭ تەرجىمىھالى
دىلشات ئىدرىس 1982- يىلى 5 - ئايدا تۇغۇلغان. 1989 - يىلىدىن 1998- يىلىغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 33 - باشلانغۇچ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 20 - ئوتتۇرا ۋە شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە باشلانغۇچ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مائارىپ تەربىيەسى ئالغان.
2001 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كومپيۇتېر كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان ۋە 2005 - يىلى ئوقۇشنى ئەلا تاماملاپ، شۇ يىلى مىللەتلەر ئىتتىپاقى (جۇڭگو مىللەتلىرى) ژۇرناللىرى نەشرىياتى شىنجاڭ شۆبىسىگە خىزمەتكە چۈشۈپ، ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىگە گۈزەل سەنئەت مۇھەررىرىلىكىگە قوبۇل قىلىنغان. ھازىر ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ گۈزەل سەنئەت مۇھەررىرى، «سەلتەنەت» تور بېتىنىڭ مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
دىلشات ئىدرىس ژۇرناللار نەشرىياتىدىكى ئۇستاز مۇھەررىرلەرنىڭ قوللىشى ۋە ئۆزىنىڭ كىتاب - ژۇرنال گۈزەل سەنئەت لايىھەسىگە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق تۈرتكىسىدە ئاستا-ئاستا يېتىلىپ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
2007 - يىلى، دىلشات ئىدرىس خىزمەتداشلىرىنىڭ يېتەكلىشى ئارقىسىدا «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ ئۇيغۇرچە «سەلتەنەت» تور بېتىنى ئىشلەپ، ھازىرغىچە ئۇشبۇ تور بەتنىڭ لايىھەلەش، مەزمۇن يېڭىلاش ۋە ئاسراش خىزمەتلىرىنى ژۇرنالنىڭ گۈزەل سەنئەت خىزمىتى بىلەن تەڭ ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ.