تۇرغۇن يىلتىز
تـۇرغـۇن ئوبۇلقاسىم يىـلـتىزنىڭ قىسقچە تەرجىمھالى
تـۇرغـۇن ئوبۇلقاسىم (فامىلىسى يىـلـتىز) 1964 - يىل 10 - ئاينىڭ 27- كـۈنـى لـوپ نـاھىيىـسـىـدىكى بـۇيـا يېزىسىنىڭ كۈنزىيا كەنتىدە زىيالىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1970- يـىـل 9- ئايـدىـن 1979- يـىـل 7- ئايغىچە ئۆز يېزىسىدىكى كۈنزىيا باشلانغۇچ مەكتىپىدە ۋە يۇرۇڭقاش ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تولۇقسىز- تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىدا ئوقۇغان. 1979- يىل 9 - ئايدا قـاراقـاش دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇش ھاياتىدا مەكتەپ ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. 1981- يىل 9 - ئايدا ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ، «خوتەن گېزىتى» ئۇيغـۇر تەھرىر بۆلۈمىگە خىزمەتكە ئورۇنلاشقان. 1985 - يىلىدىن 1987 - يىلىغىچە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىـڭ ئەدەبىيات كەسپىدە خىزمەتتىن يېرىم ئايرىلىپ ئوقۇغان؛ 1989 - يىلىدىن 1991 - يىلىغىچـە قـەشقەر مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ خەنزۇ تىلى كەسپىدە خىزمەتتىن پۈتۈن ئايرىلىپ بىلىم ئاشۇرغان؛ 1999 - يىلىدىن 2000 - يىلىغىـچـە ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات كەسپىنى تاماملىغان؛ 2003 - يىلىدىن 2005 - يىلىغىچە شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كارخانا باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقـۇپ ئاسـپىرانـت بولغان.
تـۇرغـۇن يىـلـتىز 1981 - يىلىدىن 1986 - يىلىغىچە «خوتەن گېزىتى» ئۇيغۇر تـەھـرىـر بۆلۈمىدە مۇخبىرلىك، تەھرىرلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ ۋە مەخسۇس بەتلەر مەسئۇلى بولۇپ ئىشلىگەن؛ 1987 - يىلى خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن قەشقەر ئۇيـغـۇر نـەشـرىياتىغا يۆتكىلىپ تەھرىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە تەھرىر بۆلۈم پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مۇدىرى، كـېيىن ئوقۇپ تەكشۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان؛ 2002 - يىل 6 - ئايدىـن 12 - ئايـغـىـچـە بېيجىڭدىكى «شاڭۋۇ نەشرىياتى»دا ۋەزىپە بىلەن چېنىققان. 2004 - يىل 11 - ئايدا خىزمەت ئېھتـىياجى بـىلەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقى (جۇڭگو مىللەتلىرى) ژۇرناللىرى نەشرىياتى شـىنجـاڭ شۆبە ئىدارىسىغا يۆتكەلگەن؛ 2005 - يىل 7 - ئايدىن 2007- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقى (جۇڭگو مىللەتلىرى) ژۇرناللىرى نەشرىياتى شـىنجـاڭ شۆبە ئىدارىسىغا مۇئاۋىن مۇدىر بولغان ھەمدە ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، ئىدارە «سەلتەنەت» تور بېتىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلىگەن. 2008- يىل 1- ئايدىن 2012-يىل 6- ئايغىچە، مىللەتلەر ئىتتىپاقى (جۇڭگو مىللەتلىرى) ژۇرناللىرى نەشرىياتى شـىنجـاڭ شۆبە ئىدارىسىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى (ناھىيە دەرىجىلىك)، ئىدارە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، ئىدارە «سەلتەنەت» تور بېتىنىڭ مەسئۇلى بولغان. 2012 – يىل 6 – ئايدىن 2013 – يىل 3 - ئايغىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقى (جۇڭگو مىللەتلىرى) ژۇرناللىرى نەشرىياتى شـىنجـاڭ شۆبە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئۇيغۇر بۆلۈم مۇھەررىرى بولغان. 2013 – يىل 3 – ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
تـۇرغـۇن يىـلـتىز 1978 - يىلى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىن باشلاپ ئەدەبىيات قوشۇنىغا كىرىپ كەلگەن بولۇپ، ھازىرغىچە ئۇنىڭ ھەرقايسى گېزىت - ژۇرناللاردا 1000 پارچىغا يېقىن ھـەر خىل شېئىـرلىرى ئېلان قىلىنغان. «يۇرۇڭقاش شادلىقى»، «توي تەنتەنىسى»، «مەسەللەر خـەزىـنىسىدىن»، «ئارزۇ بوستانى»، «كارۋان(3)»، «كارۋان(6)»، «خوتەندە راۋان يوللار»، «ئاھ، نۇرلۇق ئابىدىلەر»، «يـول راۋان، ئەل شادىمان»، «تاللانغان رۇبائىيلار» قاتارلىق ئوندىـن ئارتۇق تـوپلامغا بىر تۈركۈم شېئىر ۋە داستانلىرى كىرگۈزۈلگەن. «ئۇيـغـۇر شـېئىـرىيىتىدە ساقلىنىۋاتقان بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى قاراشلىرىم»، «ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى تەخمىـس ژانىرىغا تـەبىر»، «نەۋائىي ۋە ئۇنىڭ ھايات پائالىيىتى» قاتارلىق 50 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي - نەزەرىيىۋى ماقالىسى مـەتـبـۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىپ مەلۇم تەسىر قوزغىغان. ئۇنىڭ بىر قىسىم ناخشا تېكىستلىرى ئاپتونوم رايون ۋە مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرلۈك باھالاشلاردا مۇكاپاتلانغـان. «يېڭى قاشتېشى»، «قەشقەر ئەدەبىياتى»، «شىنجاڭ ياشلىرى»، «شىنـجـاڭ ئاياللىرى»، «شىنجاڭ ئىشچىلار ھەرىكىتى»، «كروران» قاتارلىق ئەدەبىي ۋە ئۇنىۋېرسال ژۇرناللار ھەمدە «شىنجـاڭ ئۆسمۈرلىرى» گېزىتى، «قەشقەر گېزىتى»، «خوتەن گېزىتى» قاتارلىق گېزىتلـەر، مـەركىزىي خـەلـق رادىئو ئىستانسىسى، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى ۋە قەشقەر خەلق رادىئو ئىستانسىسى قاتارلىق ئاخبارات- نەشرىيات ئورۇنلىرى ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرىنى مۇكاپاتلىغان. ئۇ يازغان بىرقانچە مەخسۇس فىلىم ۋە ئىتوت شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسـى تەرىپىدىن سـۈرەتكە ئېلىنىپ كۆرسىتىلگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ جەمئىيەتتە تەسىر قوزغىغان بىر تۈركۈم شېئىرلىرى بىلەن 1999 - يىلى 9 - نۆۋەتلىك ۋە 2004 - يىلى 11 - نۆۋەتلىك شىنجاڭ «خانتەڭرى ئەدەبىياتى مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن.
تـۇرغـۇن يىـلـتىز ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى نەمۇنىلىك مۇھەببەت لىرىكىلىرىنى تاللاپ «مـۇھەببەت لىرىكىلىرى» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1991 - يىل نەشرى)، نادىـر ھـەجـۋىي شـېئىرلارنى تاللاپ «قـامچا» (مىللەتلەر نەشرىياتى 1993 - يىل نەشرى)، بىرقەدەر ئېسىل رۇبائىيلاردىن تاللاپ «رۇبائىيلىق كالېندار» (قـەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1998 - يىل نەشرى)، ئەنۋەر ھوشۇر بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر پروزىچىلىقىدىكى نەمۇنىلىك ھېكايىلەردىن تاللاپ «ئۇيغۇر ھېكايىلىرىدىن تاللانما(1) _ «ئۇزاق كېچـە» (قەشقەر ئۇيغـۇر نەشرىياتى 2000 - يىل نەشرى) قاتارلىق كىتابلارنى تۈزۈپ ھەم نەشرگە تەييارلاپ نەشر قىلدۇرۇپ ئوقۇرمەنلەرگە تەقدىم قىلغان. ئۇ يەنە ئابدۇخېلىل ئابدۇخېۋىر بىلەن بىرلىكتە «ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى (9)» ناملىق كىتابنى ۋە «<تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى> جەۋھەرلىرى» قاتارلىق ئونغا يېقىن مەخـسـۇس كىتابنى ئۆز ئالدىغا تۈزۈپ، ھەرقايسى نەشرىياتلاردا نەشر قىلدۇرغان. «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى ئاپتونوم رايون بـويىچـە ئۇيۇشتۇرغان «يېڭى تېپىلغان <تاڭ دەۋر شېئىرلىرى>نى تەرجىمە قىلىش مۇسابىقىسى»گە قاتنىـشـىـپ 3 - دەرىجىگە ئېرىشكەن. ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى ھەر خىل دەرسلىكلەرگە كىرگۈزۈلگەن.
شائىر تـۇرغـۇن يىـلـتىزنىڭ «سۆيگۈ ئارخىپى» (داستانلار توپلىمى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1996 - يىل نەشرى)، «ئاچـقـۇچ ئېسىۋالغان بالا» (شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نـەشرىياتى 1996 - يىل نـەشرى)، «سۆيگۈ تۇمارلىرى»(مىللەتلەر نەشرىياتى 1997 - يىل نەشرى)، «جانان كېلىدۇ» (شىنجاڭ خەلق نـەشرىياتى 1999 - يىل نەشرى) «يـول، يـول، يـول...» (داستانلار توپلىمى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 2000 - يىل نـەشرى) ناملاردىكى كىتابلىرى كەڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئارقا - ئارقىدىن يۈز كۆرۈشكەن.
تـۇرغـۇن يىـلـتىز شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.