سىز سەلتەنەت ئەسەرلەر سالونىنىڭ رولىنى چۈشىىنەمسىز؟
دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنىۋاتقان بىردىنبىر دۆلەت دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال ژۇرنال "جۇڭگو مىللەتلىرى" ژۇرنىلى خەلقئارا ئېنتىرنېت تورىدا "جۇڭگو مىللەتلىرى ژۇرنىلى ئەسەرلەر سالونى" دېگەن نامدا تۇنجى تور ژۇرنىلىنى دۇنياغا كۆز ئاچقۇزدى . تور ژۇرنىلى ژۇرنىلىمىز مەتبەئە نۇسخىسى بىلەن قوشكېزەك ھېسابلىنىدۇ، يەنى ژۇرنىلىمىزغا تور، پوچتا ئارقىلىق كەلگەن ئەسەرلەر ئىچىدىن ژۇرنىلىمىز مەتبەئە نۇسخىسىغا دەماللىققا ئىشلىتەلمەي قالغان ئەسەرلەرنىڭ لاياقەتلىكلىرىنى "ئەسەرلەر سالونى" دا ئېلان قىلىمىز. ئەسەرلەرنى ژۇرنىلىمىزنىڭ مۇھەررىرلىرى ئۆز قولى بىلەن تەھرىرلەيدۇ، "ئەسەرلەر سالونى" غا باھا يېزىش كۆزنىكى قويۇلغان، ھەر بىر ئەسەرگە تورداشلار ئەركىن ھالدا ئۆز باھاسىنى يازالايدۇ، ئاپتورلار "سەلتەنەت ئەسەر يوللاش سىستېمىسى" ئارقىلىق ئەسەر يوللىسا بولىدۇ ئۆلچەملىك، كەسپى تۈسنى ئالغان تور ژۇرنىلى " جۇڭگو مىللەتلىرى ژۇرنىلى ئەسەرلەر سالونى" يېڭى مۇنەۋۋەر كەلەمكەشلەرگە يول ئېچىپ بېرىدىغان، پىشقەدەم ئاپتورلار بىلەن كەڭ ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى ئۆز ئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرىدىغان سەيناغا ئايلانغۇسى! |