www.seltenet.com中国民族杂志维文版官方网站www.seltenet.com |维文杂志|电子杂志|激情图片|QQ表情图片|维吾尔族文化|维文文学|ھېكايە|چۆچەك|ئۇيغۇر قىزلىرى|قىز، ئىپپەت، نومۇس، |سەلتەنەت، جۇڭگو مىللەتلىرى، دۇنيا مىللەتلىرى، خەۋەر، بىلىم،ئۇيغۇرچە ژۇرنال،ژۇرنال مۇشتەرى بولۇش، شىنجاڭ مەدەنىيىتى، شىنجاڭ ئاياللىرى،ئۆرپ ئادەت، مۇسۇلمانلار،مىللەتلەر،ھېكايە،ھۆچەك،نەسر،نەسىر،تەرمىلەر،مىكرو ھېكايە،قىزىقارلىق،رەسىم،دىلشات ئىدرىس،ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
 
        
ئوقۇرمەنلەر ساداسى مىللەت ۋە ئۆرپ - ئادەت ئىناقلىق مېلودىــيىسى باش بەت
دۇنــيا مىـــللەتـلىرى مىللــەت ۋە ئەنئەنە مىللــەت خــەزىنىـــــسى ئەسەر يوللاش
مىللەتلــەر باغچىــسى مىللــــەت ۋە مائارىــپ مىللىتىم ھەققىدە پاراڭ نەزمىي ئەسەرلەر
ھەزىل سوئال - جاۋابلار ھاياتلىق ھېكمەتــلىرى ســاپا ھەققىــــدە پاراڭ مەركەزدىن كەلگەن سادا
مەڭگۈلۈك ئابىدىلەر فېليەتون بۇلۇڭى ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات گۈلدەســتە سەھىپىــسى
جەمئىيەتتىن سادا كۈلكە خۇرۇچلىرى مىللەت ۋە مەدەنىيەت جەۋھەرلەردىن تەرمىلەر
 
 
   
   
ھاياتنىڭ پىچىرلاشلىرى
ئاپتور:تۇرسۇننىياز توختى ئوغۇز    چېكىلىش سانى:6088    ۋاقتى:2008-8-22    . www.seltenet.com .

     ھايات _ بارلىق مەۋجۇداتلار ئۈچۈن چەكسىز قىممەتلىك، ئىنسان ئۈچۈن تېخىمۇ مۇقەددەستۇر. ھايات ئىككى خىل يوقلۇق، يەنى ئىجابىي يوقلۇق بىلەن مەڭگۈلۈك تاماملىنىش ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ۋە ئەڭ قىسقا چاقناشتۇر. ئۇ، بىزنىڭ بارلىق ئىمكانىيەتلىرىمىزنىڭ ئاچقۇچى. بىراق، سىزنىڭ ئىمكانىيەت مۇھىتىڭىز زادى قانچىلىك؟ ئۆزىڭىزنىڭ دەسلەپكى يوقلۇقىڭىز ئاداققى تاماملىنىشىڭىزنىڭ چەكسىزلىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇ ھېچنېمىگە تەڭ ئەمەس. زەررىچىلەر سېلىشتۇرما فورمۇلىسىمۇ ئۇنى ھېسابلاپ چىقىشقا ئاجىزلىق قىلىشى مۇمكىن. بۇ بىر ھەقىقەتكى، ھايات ئۆزىڭىزنىڭ بۈيۈك تىرىشچانلىقلىرى ئارقىلىق مەڭگۈلۈك چاقناشقىمۇ ئېرىشەلەيدۇ.
     ھايات _ بېشىڭىزدىلا ئۇچۇپ يۈرگەن ئەڭ خاسىيەتلىك، ئەڭ مۇقەددەس بىر قۇش. سىز مەڭگۈ ئۇنىڭ ئۆزىڭىز ئۈچۈن نېمىلەرنىدۇر تاشلاپ بېرىشىنى، گۈزەل پەر قېقىشلىرى بىلەن ئارزۇ دەرىخىڭىزنىڭ ئالتۇن شاخلىرىغا قونۇشىنى كۈتىسىز. ئۇ بىر بولسا، ھازىرلا بېشىڭىزغا قونىدىغاندەك، بىر بولسا ھازىرلا ئۇچۇپ كېتىدىغاندەك تۇيۇلىدۇ. ئۇ سىزنى زېرىكتۈرگەندىمۇ، بېشىڭىز ئۈستىدىن ھازىرلا ئۇچۇپ كېتىدىغاندەك تۇيۇلغاندىمۇ ئۇنىڭ ئاچچىق ۋە يىرگىنچلىك تەرەپلىرىنى سېزەلمەيسىز. ئۈمىدىڭىز پاچاقلانغان، روھىڭىز خورىغان دەقىقىلەردىمۇ ئۇ يەنىلا سىزگە تاتلىق بىلىنىدۇ. ئۆلۈۋېلىش ئىستىكىنىڭ قۇترىشى ئەمەلىيەتتە ھاياتنىڭ تەمىگە چىدىمىغانلىقنىڭ ئەڭ ياخشى ئىزاھىدۇر.
    بىز ھەممىمىز ھاياتنى ياشاۋاتقانلىقىمىز ئۈچۈن شەكلەنمەسلىكىمىز مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە ھايات بىزنى ياشايدۇ. ئادەمنىڭ ماھىيىتى ياشاش تىرىشچانلىقلىرى ئارقىلىق ھەقىقىي مەنىسىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. بىراق، ئادەم بىلەن ھاياتنىڭ بىر - بىرىنى ياشاش ھالىتى ئاجايىپ تەكشىسىز ۋە يۈكسەك ئىجتىمائىيلىققا ئىگە. ئادەم ئۈمىدلىرى ئارقىلىق يۈكسەك ئۇلۇغۋارلىققا ئېرىشكەن. بۇ خىل قانۇنىيەت ئادەمنىڭ ھايات رېئاللىقلىرى قاينىمىدا مەڭگۈ تىرىشىش سالاھىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن. ھايات ئالدىدىكى ئادەملەرنىڭ بۇنىڭدىنمۇ يۈكسەك سالاھىيىتى مەۋجۇت ئەمەس. ئادەملەر دەل سەۋەب ئىزچىللىقى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بارلىق مەنىۋى ۋە ئىجتىمائىي ئېرىشىشلىرىنى بەلگىلەيدۇ. لېكىن، ئۇ ھاياتنىڭ ھەممە ئىمكانىيەتلىرىنى ئۆز خاھىشىغا، ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇشتا يەنىلا مۇئەييەن ئاجىزلىقنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلالمايدۇ. شۇڭا، ئادەم بىلەن ھايات ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ھەم مۇرەككەپ، ھەم ئىجتىمائىيلىققا ئىگە نىسبىي مۇناسىۋەتتۇر. ئۇلار چەكسىز بىر - بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن ۋە قانۇنىيەتلىك خىرىس خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئادەمنىڭ ئۆزىنى ئىزدەش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى ئىجاد قىلىشتىكى ماھىيەتمۇ ئۆزىنىڭ ھايات ئالدىدىكى ئوبرازىنى چاقنىتىش ئۈستىدىكى كۈرىشىدۇر.
    بىز مەڭگۈ ھاياتنى تولۇقلىغۇچى ۋە بېيىتقۇچى. ھاياتمۇ بىز ئۈچۈن تالايلىغان ئىمكانىيەتلەرنى يوشۇرۇپ ياتىدۇ. شۇنداق ئىكەن، شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىڭكى، پۇرسەت ئەسلىدىنلا مەۋجۇت بولىدۇ، سىز نەپەسلىرىڭىز تاماملانغانغا قەدەر ھامان پۇرسەتلەر قاينىمى ئىچىدە ياشايسىز. پۇرسەت گويا ئەتراپىڭىزدا ئۇچۇپ يۈرگەن سەلتەنەت قۇشىغا ئوخشىشىدۇ. ئەگەر ئۇ سىزنىڭ بايقاشلىرىڭىز ئارقىلىق ئەقىل نۇرىڭىز بىلەن ئۇچرىشالىسا، سىز تېخىمۇ ئۆتكۈر ئۇچۇش قۇۋۋىتىگە ئېرىشەلەيسىز. ناۋادا ئۇنداق بولمىسىچۇ؟ پۇرسەت ھەرگىزمۇ ھەقىقىي پۇرسەتكە ئايلىنالمايدۇ، شۇنداقتىمۇ سىز ئۈمىدسىزلەنمەسلىكىڭىز كېرەك.
    سىز ھاياتنى ئۆزىڭىزنىڭ قارشىسىدىكى خاسىيەتلىك ئەينەك دەپ چۈشىنىڭ. سىز كۈلسىڭىز، ئۇمۇ سىزگە قاراپ كۈلىدۇ، سىز يىغلىسىڭىز، ئۇمۇ كۆز ياشلىرىنى تۆكىدۇ. ئەگەر سىز ئىشەنچىڭىزنى يوقاتسىڭىز، ئۇمۇ ئىشەنگىلى بولمايدىغان بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ؛ ئۇنى تاردەك ھېس قىلسىڭىز، شەكسىزكى، ئۇ كۆز ئالدىڭىزدا تېخىمۇ تارلىشىپ كېتىدۇ؛ سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئۈمىدكە، ھاياتىي كۈچكە تولۇپ تۇرغىنىڭىزنى ئىپادىلىيەلىسىڭىز، ھاياتمۇ سىزگە كەڭ قۇچاق ئاچىدۇ؛ ناۋادا سىز ھاياتنى ئۆزىڭىز ئۈچۈن بىر يۈك دەپ قارىسىڭىز، ئۇنىڭ غايەت زور يۈككە ئايلىنىپ، ئۆزىڭىزنى كاردىن چىقىرىۋاتقىنىنى ھېس قىلىسىز... ئىشقىلىپ، سىز ئۇنىڭدىن ئۆز ئەكسىڭىزنى كۆرەلەيدىغانلىقىڭىزدىن شەكلەنمەڭ.
    ھايات _ ئەسلىدىنلا مەۋجۇت نەرسە. بىزنىڭ تەۋەللۇت دەقىقىلىرىمىزدىن تارتىپ ئۇ بىز ئۈچۈن يېڭىۋاشتىن ئايرىۋاشلانغان بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، سىزنىڭ قەدەم ئىزلىرىڭىز ئۇنىڭغا چېكىلىشكە باشلايدۇ. ئۇنىڭدا سىزنىڭ «چىغىر يوللىرىڭىز» شەكىللىنىدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى، سىزنىڭ ئۇنىڭ باغرىغا چەككەن، ئۇنىڭ باغرىدا ئاچقان يوللىرىڭىز قانداق يول بولسا، سىزنىڭ ماڭىدىغىنىڭىزمۇ شۇنداق يول بولىدۇ.


(ئاپتور: مارالبېشى ناھىيە پىچاقسۇندى 35- تۇەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدا)

بۇ ئەسەرنى باشقىلارغا ئەۋەتىپ بېرىڭ، قوش چەكسىڭىز ئادرېس كۆچۈرىلىدۇ
      
ژۇرنىلىمىز باھاسى 7 يۈەن، قوش ئايلىق ژۇرنال، بىر يىللىق مۇشتەرى بولۇش باھاسى 42 يۈەن. ژۇرنىلىمىزنى سېتىۋالماقچى ياكى ھەر ۋاقىت مۇشتەرى بولماقچى بولسىڭىز، 24 سائەت ھەقسىز، ئالاھىدە قىزغىن مۇلازىمەت تېلېفونى: 13579800944 ، تېلېفون ئارقىلىق ژۇرنال سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، ئۈرۈمچى شەھەر ئىچى ھەقسىز ژۇرنال يەتكۈزۈش تېلېفونى: 13579800944 ژۇرنىلىمىز، توربەت توغرىسىدىكى ھەرقانداق مەسىلە ئۈستىدە مەسلىھەت سوراش تېلېفونى : 13579800944، ژۇرنىلىمىز باھاسى شىنجاڭ بويىچە ئەڭ ئەرزان، ئەگەر سېتىۋېلىپ رازى بولمىسىڭىز پۇلىڭىز قايتۇرۇلىدۇ.
تەۋسىيە ئەسەرلەر يېڭىلانغان مەزمۇنلار ئالاقىدار ئەسەرلەر
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 2-سانى مۇندەرىج...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھەققىنى بانكا كار...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 1-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 6-سانى نەشردىن ...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھا...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 5-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 4-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 بىر ئادەمنىڭ ئۆمرى ...
 ئاتا مىراس نەسىھەتل...
 مېنىڭ يەنە بىر تىلى...
 نېمە ئۈچۈن؟
 ئىككى دېڭىز، ئىككى ...
 قۇلۇلە بىلەن بۈركۈت...
 ۋاقىتنىڭ قىممىتى

تۇرۇپ باراتنىڭ تەرجىمىھ...

ھەسەنجان ئابدۇلئەھەد قى...

ئەركىن ئەبەيدۇللانىڭ تەر...

خەمىت نېغمەتنىڭ تەرجىمىھ...

يېڭى يىللىق سان نەشردىن...

2008-يىللىق 6-سان نەشردىن ...

ھەقسىز دەرسلىك، ھەقلىق «...

شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمى...

قازاق مىللىتى ۋە ئاق قۇ...

ژۇرنىلىمىز 6-سانى نەشردى...

ژۇرنىلىمىز 5-سانى نەشردىن...

ژۇرنىلىمىز 4-سانى مۇددەتت...
 تورداشلارنىڭ مۇنازىرىلىرى:
ئەسەرلەرگە قارىتا باھا، پىكىرلەر بولسا سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىگە قالدۇرۇڭ
ئەسەر، ئۇچۇر ئىزدىگۈچ
ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تور بېكىتىمىز ئىچىدىن لازىم بولغان مەزمۇننى تاپالايسىز
   
دوستانە ئەسكەرتىش نەشر ھوقۇقى تور بەتكە ئەجىر قىلغانلار تور بەت نەشر ھوقۇقى

国家级期刊 《中国民族》杂志,主管:

  国家民族事务委员会 主办:民族团结

  杂志社, 咨询电话:13579800944

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش
باش نازارەتچى:
مۇھەممەدسالىھ مەتروزى

تېخنىك، بەت ياسىغۇچى:
«جۇڭگو مىللەتلىرى»
ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى

گۈزەل سەنئەت ئىشخانىسى

Copyright © 1996 - 2013
www.Seltenet.com
All Rights Reserved
新ICP备05001492号