
دۇنيادا ئەڭ ئاستا ماڭىدىغان جانلىق __ قۇلۇلىدۇر. مۇنۇ ئەقلىيە سۆزىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟ «ئەلئېھرامنىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىسىغا چىقالايدىغىنى بۈركۈت بىلەن قۇلۇلە». بۈركۈتنىڭ ئەلئېھرامنىڭ چوققىسىغا چىقالىشى ھېچقانچە مۆجىزە ھېسابلانمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ كۈچلۈك قانىتى بار. قۇلۇلىنىڭ ئەلئېھرامنىڭ چوققىسىغا چىقىشى ھەقىقىي مۆجىزىدۇر. قۇلۇلە ئەلئېھرامنىڭ چوققىسىغا چىقىشتا پەقەت ئۆزىنىڭ مۇستەھكەم ئىرادىسىگە تايىنىدۇ. بۇنىڭدىن بىز شۇنداق يەكۈن چىقىرالايمىزكى، بارلىق مۆجىزىلەر ئىچىدە پەقەت ئاجىزلار ياراتقان مۆجىزىلا كىشىنى چىن قەلبىدىن قايىل قىلىپ، ھەقىقىي تەسىرلەندۈرەلەيدۇ. مەنمۇ بىر قۇلۇلە. سىزمۇ قۇلۇلە. قېنى، ئۆمىلەشنى باشلاڭ. سىزمۇ چوقۇم ئەلئېھرامنىڭ چوققىسىغا چىقالايسىز.
(«ياشلار كۆرگەزمىسى»ژۇرنىلىنىڭ 1998 - يىللىق 11 - سانىدىن نۇرگۈل ھېيت تەرجىمە قىلدى) ژۇرنىلىمىز 2004.6 - سانىدىن
|