www.seltenet.com中国民族杂志维文版官方网站www.seltenet.com |维文杂志|电子杂志|激情图片|QQ表情图片|维吾尔族文化|维文文学|ھېكايە|چۆچەك|ئۇيغۇر قىزلىرى|قىز، ئىپپەت، نومۇس، |سەلتەنەت، جۇڭگو مىللەتلىرى، دۇنيا مىللەتلىرى، خەۋەر، بىلىم،ئۇيغۇرچە ژۇرنال،ژۇرنال مۇشتەرى بولۇش، شىنجاڭ مەدەنىيىتى، شىنجاڭ ئاياللىرى،ئۆرپ ئادەت، مۇسۇلمانلار،مىللەتلەر،ھېكايە،ھۆچەك،نەسر،نەسىر،تەرمىلەر،مىكرو ھېكايە،قىزىقارلىق،رەسىم،دىلشات ئىدرىس،ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
 
        
ئوقۇرمەنلەر ساداسى مىللەت ۋە ئۆرپ - ئادەت ئىناقلىق مېلودىــيىسى باش بەت
دۇنــيا مىـــللەتـلىرى مىللــەت ۋە ئەنئەنە مىللــەت خــەزىنىـــــسى ئەسەر يوللاش
مىللەتلــەر باغچىــسى مىللــــەت ۋە مائارىــپ مىللىتىم ھەققىدە پاراڭ نەزمىي ئەسەرلەر
ھەزىل سوئال - جاۋابلار ھاياتلىق ھېكمەتــلىرى ســاپا ھەققىــــدە پاراڭ مەركەزدىن كەلگەن سادا
مەڭگۈلۈك ئابىدىلەر فېليەتون بۇلۇڭى ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات گۈلدەســتە سەھىپىــسى
جەمئىيەتتىن سادا كۈلكە خۇرۇچلىرى مىللەت ۋە مەدەنىيەت جەۋھەرلەردىن تەرمىلەر
 
 
   
   
ۋاقىتنىڭ قىممىتى
ئاپتور:روۋيې سېۋىس    چېكىلىش سانى:4172    ۋاقتى:2007-3-27    . www.seltenet.com .

ھۇرۇنلۇق قەلبنىڭ داتلاپ قېلىشىدۇر، ھۇرۇن ئادەمنىڭ كاللىسى شەيتاننىڭ ئىشخانىسى ھېسابلىنىدۇ، دېگەن بۇ گەپ تولىمۇ ئورۇنلۇق ئېيتىلغان. خاتالىقلارنىڭ كۆپىنچىسى بىكار يۈرۈشتىن ۋە ھېچ ئىشقا خۇشياقماسلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ. 
«ۋاقىت دېمەك ئالتۇن دېمەكتۇر» دېگەن خەلق ماقالى بار. دېمەك، ھەربىر مىنۇت، ھەربىر سائەتنى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىدىغانلا بولساڭ، ئۇ سېنىڭ چۆنتىكىڭدىكى پۇلنى كۆپەيتىدۇ. ئەگەر بىز ۋاقتىمىزنى مۇۋاپىق ئىشلەتسەك، كېرەكلىك ۋە مۇھىم مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىپ، بازاردا مەلۇم باھادا پۇلغا ساتالايمىز ياكى تەجرىبىمىزنى تولۇقلاپ، ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرۇپ بارالايمىز. مۇۋاپىق پۇرسەت بولسىلا، پۇل تاپالايمىز. شۇڭا شەك - شۈبھىسىزكى، ۋاقىت پۇلغا ئايلىنالايدۇ، ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىپمۇ پەرۋا قىلىپ كەتمەيدىغان كىشىلەرنىڭ بۇ نۇقتىنى ئەستە تۇتۇشى توغرىسىدا ئەسكەرتىپ قويۇشىمىز كېرەك. ئۇلار بىر سائەتنى ئىسراپ قىلىۋېتىشنىڭ بىر ۋاراق قەغەز پۇلنى زىيان تارتقانغا باراۋەر بولىدىغانلىقىنى، بىر سائەت ۋاقىتتىن پايدىلىنىشنىڭ بىرمۇنچە ئاقچىغا ئېرىشكەن بىلەن باراۋەر بولىدىغانلىقىنى ئەستە تۇتىدىغان بولسۇن. شۇنداق بولغاندا، ئۇلار ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماقچى بولغاندا، قايتا - قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق ئىش كۆرۈشى مۇمكىن.
يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا، بىزنىڭ ھاياتىمىز مۇشۇ ئالەمدە ياشىغان ۋاقتىمىزدىن باشقىچە نەرسە ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىش بىر خىل ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش بولۇپمۇ ھېسابلىنىدۇ. ئۆلۈمنى ئويلىغىنىمىزدا تولىمۇ كۆڭۈلسىز كەيپىياتقا پېتىپ قالىمىز، شۇڭلاشقا، بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ، ئاۋارىچىلىق ۋە خىراجەتتىن قاچماي ھاياتىمىزنى ئامان - ئېسەن ساقلاپ قېلىش يولىدا ئىزدىنىشىمىز كېرەك. ۋەھالەنكى، بىز بىرەر سائەتلىك ۋاقىتنى ياكى بىرەر كۈنلۈك ۋاقىتنى زىيان تارتىپ قالغانغا ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەي، ھاياتنىڭ ئەسلىدە تۇرمۇشىمىزدىكى ھەربىر كۈن، ھەربىر سائەتلەرنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسى ئىكەنلىكىنى ئېسىمىزدىن چىقىرىپ قويىمىز. شۇڭا بىر كۈن ياكى بىر سائەتنى ئىسراپ قىلىۋېتىش  - بىر كۈن ياكى بىر سائەتلىك ھاياتىمىزدىن مەھرۇم بولغانلىقىمىز بولىدۇ. بۇ نۇقتىنى ئەستە تۇتۇشىمىز كېرەك، شۇنداق قىلغاندا، ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىۋېتىش  - جىنايەت، ئۇنداقلار ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشقا ئوخشاش جازالىنىشى كېرەك، دەپ قارايدىغان بولىمىز.
ئۈچىنچى قاتلامدىكى مەنىسى جەھەتتىن ئالغاندىمۇ بىزنى ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرىدۇ. كىشىلىك تۇرمۇش قىسقا بولۇپ، ھەممىنى قوشقاندىمۇ 60  - 70 يىلچە كېلىدۇ، ئەمما ۋاقىتنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئۇخلاشقا كېتىدۇ؛ غىزالانغان ۋاقىتنى قوشقاندىمۇ بىرقانچە يىلغا توغرا كېلىدۇ؛ كىيىم كىيىش ۋاقتى يەنە بىرقانچە يىل بولىدۇ؛ سۇ يولى ۋە قۇرۇقلۇق يوللىرىدا ساياھەت - سەپەر قىلىشمۇ بىرقانچە يىلغا توغرا كېلىدۇ؛ مەيلى باشقىلار ئۈچۈن ياكى ئۆزى ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان كۆڭۈل ئېچىش ۋاقتىمۇ يەنە بىرقانچە يىل بولىدۇ؛ دىنىي بايرام ۋە ئىجتىمائىي بايراملارنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۈچۈن بىرقانچە يىل ۋاقىت كەتكەن بولىدۇ؛ يىراق - يېقىن تۇغقانلىرىمىز ئاغرىپ قالغاندا، ئۇلارغا دورا قاينىتىپ بېرىپ غەمخورلۇق قىلىشقىمۇ بىرقانچە يىل ۋاقىت كېتىدۇ. ئەگەر بىزنىڭ ياش سانىمىزدىن ئاشۇ ۋاقىتلارنى چىقىرىۋەتسەك شۇنى بايقايمىزكى، بىزنىڭ ئۈنۈملۈك خىزمەتكە سەرپ قىلىدىغان ۋاقتىمىز 15 يىل ياكى 20 يىلدەكلا بولىدۇ. كىمدە كىم مۇشۇ نۇقتىنى ئەستە تۇتالىسا، ئۆزىنىڭ ھاياتىدىكى ھەربىر سائەت، ھەربىر مىنۇتنى ئۆز رازىلىقى بىلەن ئىسراپ قىلىۋەتمەيدۇ.
ھەممە ۋاقىت قىممەتلىك بولىدۇ، بالىلىق ۋە ياشلىق چاغلىرىدىكى ۋاقىت كىشى ئۆمرىنىڭ باشقا باسقۇچلىرىدىكى ۋاقىتقا قارىغاندا تېخىمۇ قىممەتلىك بولىدۇ، چۈنكى ئاشۇ ئىككى باسقۇچتىلا بىلىم ئالالايمىز ۋە ئىقتىدار جەھەتتە تەرەققىي قىلالايمىز. ئەگەر ھاياتىمىزنىڭ سەھىرىدىن پايدىلانماي ئۇنى بىكار - بىكار كەتكۈزۈۋەتسەك، ئۇ زىياننى ئۆمۈرۋايەت تولدۇرۇۋالالمايمىز. بىزنىڭ يېشىمىز چوڭايغاندا بىلىم ئېلىش ئىقتىدارىمىز گاللىشىپ قالىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، بالىلىق ۋە ياشلىق دەۋردە ئالالمىغان ۋە ئېرىشەلمىگەن بىلىم - ئىقتىدارغا مەڭگۈ ئېرىشكىلى بولماي قالىدۇ. پۇلنى مەبلەغ قىلىپ سالغاندا ئۆسۈم تۇغۇلۇپ، ۋاقتى كەلگەندە ئەسلىي دىرىدىن ئىككى - ئۈچ ھەسسە كۆپىيىپ قالغانغا ئوخشاش، ئەگەر بالىلىق ۋە ياشلىق دەۋرلىرىدىكى ۋاقىت جايىدا ئىشلىتىلسە، مۆلچەرلىگۈسىز پايدىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئەخلاق نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ۋاقىتتىن مۇۋاپىق پايدىلانغاندا بىزگىمۇ پايدىسى چوڭ بولىدۇ. ھۇرۇنلۇق قەلبنىڭ داتلاپ قېلىشى بولىدۇ، ھۇرۇن ئادەمنىڭ كاللىسى شەيتاننىڭ ئىشخانىسى ھېسابلىنىدۇ دېگەن بۇ گەپ تولىمۇ ئورۇنلۇق ئېيتىلغان. خاتالىقلارنىڭ كۆپىنچىسى بىكار يۈرۈشتىن ۋە ھېچ ئىشقا خۇشياقماسلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ.

(ئېلى راجى تەرجىمە قىلدى)
ژۇرنىلىمىز 2004.5 - سانىدىن

بۇ ئەسەرنى باشقىلارغا ئەۋەتىپ بېرىڭ، قوش چەكسىڭىز ئادرېس كۆچۈرىلىدۇ
      
ژۇرنىلىمىز باھاسى 7 يۈەن، قوش ئايلىق ژۇرنال، بىر يىللىق مۇشتەرى بولۇش باھاسى 42 يۈەن. ژۇرنىلىمىزنى سېتىۋالماقچى ياكى ھەر ۋاقىت مۇشتەرى بولماقچى بولسىڭىز، 24 سائەت ھەقسىز، ئالاھىدە قىزغىن مۇلازىمەت تېلېفونى: 13579800944 ، تېلېفون ئارقىلىق ژۇرنال سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، ئۈرۈمچى شەھەر ئىچى ھەقسىز ژۇرنال يەتكۈزۈش تېلېفونى: 13579800944 ژۇرنىلىمىز، توربەت توغرىسىدىكى ھەرقانداق مەسىلە ئۈستىدە مەسلىھەت سوراش تېلېفونى : 13579800944، ژۇرنىلىمىز باھاسى شىنجاڭ بويىچە ئەڭ ئەرزان، ئەگەر سېتىۋېلىپ رازى بولمىسىڭىز پۇلىڭىز قايتۇرۇلىدۇ.
تەۋسىيە ئەسەرلەر يېڭىلانغان مەزمۇنلار ئالاقىدار ئەسەرلەر
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 2-سانى مۇندەرىج...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھەققىنى بانكا كار...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 1-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 6-سانى نەشردىن ...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھا...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 5-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 4-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 بىر ئادەمنىڭ ئۆمرى ...
 ئاتا مىراس نەسىھەتل...
 ھاياتنىڭ پىچىرلاشل...
 مېنىڭ يەنە بىر تىلى...
 نېمە ئۈچۈن؟
 ئىككى دېڭىز، ئىككى ...
 قۇلۇلە بىلەن بۈركۈت...

تۇرۇپ باراتنىڭ تەرجىمىھ...

ھەسەنجان ئابدۇلئەھەد قى...

ئەركىن ئەبەيدۇللانىڭ تەر...

خەمىت نېغمەتنىڭ تەرجىمىھ...

يېڭى يىللىق سان نەشردىن...

2008-يىللىق 6-سان نەشردىن ...

ھەقسىز دەرسلىك، ھەقلىق «...

شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمى...

قازاق مىللىتى ۋە ئاق قۇ...

ژۇرنىلىمىز 6-سانى نەشردى...

ژۇرنىلىمىز 5-سانى نەشردىن...

ژۇرنىلىمىز 4-سانى مۇددەتت...
 تورداشلارنىڭ مۇنازىرىلىرى:
ئەسەرلەرگە قارىتا باھا، پىكىرلەر بولسا سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىگە قالدۇرۇڭ
ئەسەر، ئۇچۇر ئىزدىگۈچ
ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تور بېكىتىمىز ئىچىدىن لازىم بولغان مەزمۇننى تاپالايسىز
   
دوستانە ئەسكەرتىش نەشر ھوقۇقى تور بەتكە ئەجىر قىلغانلار تور بەت نەشر ھوقۇقى

国家级期刊 《中国民族》杂志,主管:

  国家民族事务委员会 主办:民族团结

  杂志社, 咨询电话:13579800944

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش
باش نازارەتچى:
مۇھەممەدسالىھ مەتروزى

تېخنىك، بەت ياسىغۇچى:
«جۇڭگو مىللەتلىرى»
ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى

گۈزەل سەنئەت ئىشخانىسى

Copyright © 1996 - 2013
www.Seltenet.com
All Rights Reserved
新ICP备05001492号