www.seltenet.com中国民族杂志维文版官方网站www.seltenet.com |维文杂志|电子杂志|激情图片|QQ表情图片|维吾尔族文化|维文文学|ھېكايە|چۆچەك|ئۇيغۇر قىزلىرى|قىز، ئىپپەت، نومۇس، |سەلتەنەت، جۇڭگو مىللەتلىرى، دۇنيا مىللەتلىرى، خەۋەر، بىلىم،ئۇيغۇرچە ژۇرنال،ژۇرنال مۇشتەرى بولۇش، شىنجاڭ مەدەنىيىتى، شىنجاڭ ئاياللىرى،ئۆرپ ئادەت، مۇسۇلمانلار،مىللەتلەر،ھېكايە،ھۆچەك،نەسر،نەسىر،تەرمىلەر،مىكرو ھېكايە،قىزىقارلىق،رەسىم،دىلشات ئىدرىس،ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
 
        
ئوقۇرمەنلەر ساداسى مىللەت ۋە ئۆرپ - ئادەت ئىناقلىق مېلودىــيىسى باش بەت
دۇنــيا مىـــللەتـلىرى مىللــەت ۋە ئەنئەنە مىللــەت خــەزىنىـــــسى ئەسەر يوللاش
مىللەتلــەر باغچىــسى مىللــــەت ۋە مائارىــپ مىللىتىم ھەققىدە پاراڭ نەزمىي ئەسەرلەر
ھەزىل سوئال - جاۋابلار ھاياتلىق ھېكمەتــلىرى ســاپا ھەققىــــدە پاراڭ مەركەزدىن كەلگەن سادا
مەڭگۈلۈك ئابىدىلەر فېليەتون بۇلۇڭى ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات گۈلدەســتە سەھىپىــسى
جەمئىيەتتىن سادا كۈلكە خۇرۇچلىرى مىللەت ۋە مەدەنىيەت جەۋھەرلەردىن تەرمىلەر
 
 
   
   
ئۈمىدسىزلىك ئىچىدىمۇ ئۈمىد نۇرى چاقناپ تۇرىدۇ
ئاپتور:سېيىت تىلىۋالدى    چېكىلىش سانى:6645    ۋاقتى:2007-4-2    . www.seltenet.com .

* رېئاللىقتىكى ئالۋۇنلارغا ئالدىنىپ قالمىغىن، دوستۇم. چۈنكى، بايقىيالىساڭ، ئۈمىدسىزلىك ئىچىدىمۇ ئۈمىد نۇرى چاقناپ تۇرىدۇ.

*************


بەزىلەر مەندىن مۇنداق دەپ سورايدۇ:
* روھىيەت دۇنياسىدا بايلار بارغانسېرى بېيىپ بارىدىكەن، نامراتلار بارغانسېرى نامراتلىشىپ بارىدىكەن. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ كۆزىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە كىشىلەرنىڭ ئېرىشكىنى كۆپ بولىدىكەن، كۆزىتىش ئىقتىدارى ئاجىز كىشىلەر ھەممىدىن قۇرۇق قالىدىكەن. بۇ يەنە نېمە ئۈچۈن؟
ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى شۇكى، ھاياتلىق ئالىمى تۇرغۇن ئەمەس، بەلكى ھەرىكەتتىكى ئالەمدۇر. شۇڭا، شەيئىلەرنى كۆزىتىش ئارقىلىق مەنزىلىڭنى توغرا نىشانلاپ، ئالغا باسمىساڭ، چېكىنىسەن. بۇنىڭ قايسىسىنى تاللاش ئۆزۈڭگىلا باغلىقتۇر.
ھېكايەت: قۇياش دەھشەتلىك قىزدۇرۇپ تۇرغان چىڭقى چۈش مەزگىلى نىشاندىن ئاداشقان ئىككى سەيياھ، پايانسىز قۇملۇقتا ئۇياقتىن - بۇياققا مېڭىپ يۈرگۈدەك. ئۇلاردىن بىرەيلەن دەپتۇ:
* بۇ قۇملۇق ھەرگىزمۇ چەكسىز ئەمەس، ئۇنىڭ مەلۇم بىر تەرىپىدە چوقۇم سۇ بار. بىز ئوبدان كۆزىتەيلى، قۇمنىڭ رەڭگى، قۇملۇقتىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھالىتىنى ئىنچىكە كۆزىتەيلى. بۇ جەھەتتىكى پەرقنى بايقىيالىساق، بۇ قۇملۇققا تۈپتىن ئوخشىمايدىغان بىر دۇنيانىڭ شۇ تەرەپتە ئىكەنلىكىنى جەزىم قىلالايمىز.
بىراق، ئۇلاردىن يەنە بىرى قاتتىق ساراسىمە ئىچىدە ئېسىنى يوقىتىپ قويغاچقا، ئۇنىڭ گېپىگە قۇلاق سالماي، خالىغان بىر مەنزىلگە قاراپ ئۇدۇللا كېتىپ قاپتۇ. يەنە بىرى بولسا ئالدى بىلەن ئاسمانغا ئىنچىكىلىك بىلەن نەزەر ساپتۇ. بىر ھازادىن كېيىن ئاسماندا بىر توپ قۇش پەيدا بولۇپ قاپتۇ. ئۇ ئۆز - ئۆزىگە: »بۇ قۇشلار يا سۇ بار جايدىن ئۇچۇپ كەلدى، ياكى بولمىسا سۇ بار جايغا قاراپ ماڭدى. چۈنكى ئۇلار سۇ مەنبەسىنى چوقۇم بىلىدۇ« دەپتۇ.
ئاڭغىچە يەنە بىر توپ قۇش پەيدا بوپتۇ. ھېلىقى سەيياھ ئۆز - ئۆزىگە: »دېمەك ئۇچۇپ ئۆتكەن ئىككى توپ قۇش دەل ئاشۇ تەرەپتىن كەلدى. ئۇلار سۇ ئىچىپ قايتتى، دېگەن گەپ. ئاشۇ تەرەپتە چوقۇم سۇ بار« دەپتۇ.
ئۇ، قۇشلار ئۇچۇپ كەلگەن تەرەپكە قاراپ مېڭىۋېرىپتۇ. ئۇ ئىسسىقتا تەرلەپ - پىشىپ ھېچ ھالى قالماي ئاخىرى يەرگە گۈپپىدە يىقىلىپتۇ. ئۇ يەردىكى قۇمنى سىقىمداپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا تەپسىلىي قاراپتۇ. دېگەندەك بۇ يەرنىڭ قۇملىرى بايىقى جاينىڭكىگە ئوخشىمىغۇدەك، ئۇنىڭدىن بىر خىل نەملىكنىڭ ھىدى بىلىنەر - بىلىنمەس كېلىپ تۇرغۇدەك. ئۇ، يەردىكى ئۆسۈملۈكنىڭ ياپراقلىرىغا ئۇزاقتىن ئۇزاق قاراپتۇ. ئۆسۈملۈكنىڭ ياپراقلىرىمۇ بايىقى جاينىڭكىگە قارىغاندا ھەم يېشىل، ھەم يۇمران تۇرغۇدەك. ھېلىقى سەيياھ ئورنىدىن دەس تۇرۇپتۇ.
− تاپتىم، تاپتىم، تاپتىم، — دەپ توۋلاپتۇ ئۇ ئەسەبىيلەرچە،  − مۇشۇ تەرەپتە، يېقىن ئارىدا چوقۇم سۇ بار ئىكەن.
ئۇ شۇ تەرەپكە قاراپ مېڭىۋېرىپتۇ. خېلى بىر ۋاقىتلار ئۆتكەندىن كېيىن ئالدىغا شۇنداق قارىسا يىراقتىن پارقىراپ تۇرغان سۇ كۆرۈنۈپتۇ. دېمەك، ئۇ ئۆز ئەقلى بىلەن كۆزىتىش ئارقىلىق سۇ بار جاينى تېپىپ ھايات قاپتۇ. يەنە بىر سەيياھ بولسا، شۇ كەتكىنىچە ئىز - دېرەكسىز يوقاپتۇ.
سۇ مەنبەسىنى تېپىپ ھايات قالغان سەيياھنى قويۇپ تۇرۇپ، ئەسەبىي تىت - تىتلىق ئىچىدە ئېسىنى يوقىتىپ كەلمەسكە كەتكەن يەنە بىر سەيياھنى مىسالغا ئالايلى. شەيئىلەرنى كۆزىتىش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم بولغان بۇ سەيياھ، چەكسىز قۇملۇقنىڭ دەھشەتلىك سۈر - ھەيۋىسى ئىچىدە، ئېسىنى تامامەن يوقاتتى. ئاشۇ مىنۇتلاردا ئۇنىڭ كاللىسىدا ئەكس ئەتكىنى پەقەت ئىككىلا نەرسە ئىدى. ئۇنىڭ بىرى، ھالاكەت دېڭىزى  − جەسەت پۇراپ تۇرغان قۇملۇق؛ يەنە بىرى  − ئاشۇ ھالاكەت ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلدۇرالايدىغان بىر يۇتۇم سۇ. ئۇنىڭ سۇ ۋەسۋەسىسىدە قايمۇققان ھەقىقىي ئۆزلۈكى ئاخىرى ساراسىمە ئىچىدە ئۆز سىماسىنى يوقاتتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ روھىيەت ئالىمىدىكى ساختا كۆرۈنۈش  − سۈپسۈزۈك سۇ ئۇنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلدى. بۇ، تەبىئەتتىكى ئالۋۇن ئىدى. ئالۋۇن ئۇنى ئاخىرى چەكسىز قۇملۇققا يەم قىلدى.
بۇ ھېكايەت شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، ئەقىل كۆزۈڭ بىلەن كۆزىتىپ مەلۇم بىر نەرسىنىڭ مەۋجۇت نەرسە ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەن ھەقىقەتكە يېقىنلاشقانسېرى ئۇنى شۇنچە قەدىرلەيسەن. ئۇنى قانچە قەدىرلىگەنسېرى ئۇنىڭغا شۇنچە يېقىنلىشىسەن.
روھىيەت دۇنياسى باي كىشىلەرنىڭ ئىزچىل روناق تاپىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى دەل مۇشۇنىڭدىدۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشچانلىق كېرەك. نىشانىنى يوقىتىپ قويغان ھەرقانداق ئادەم يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ بېقىشقا ھەرىكەت قىلىدۇ. چۈنكى ھېچكىم ئازغۇنلۇق ئىچىدە ھالاك بولۇشنى خالىمايدۇ. يۆنىلىشنى مەنزىل - نىشانغا جۆنەشتە توغرا ھەرىكەت قوللانغان ئادەملا ئاخىرى مەنىۋىيەت ئالىمىدىكى بوستانلىقىنى تاپالايدۇ. خۇددى ھېكايەتتىكى سۇ تاپالىغان سەيياھقا ئوخشاش.
دېمەك، رېئاللىقتىكى ئالۋۇنلارغا ئالدىنىپ قالمىغىن، دوستۇم. چۈنكى، بايقىيالىساڭ، ئۈمىدسىزلىك ئىچىدىمۇ ئۈمىد نۇرى چاقناپ تۇرىدۇ.

(ئاپتور: »شەھەر - يېزا پۇل مۇئامىلىسى« ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە)
ژۇرنىلىمىز 2004.5 - سانىدىن

بۇ ئەسەرنى باشقىلارغا ئەۋەتىپ بېرىڭ، قوش چەكسىڭىز ئادرېس كۆچۈرىلىدۇ
      
ژۇرنىلىمىز باھاسى 7 يۈەن، قوش ئايلىق ژۇرنال، بىر يىللىق مۇشتەرى بولۇش باھاسى 42 يۈەن. ژۇرنىلىمىزنى سېتىۋالماقچى ياكى ھەر ۋاقىت مۇشتەرى بولماقچى بولسىڭىز، 24 سائەت ھەقسىز، ئالاھىدە قىزغىن مۇلازىمەت تېلېفونى: 13579800944 ، تېلېفون ئارقىلىق ژۇرنال سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، ئۈرۈمچى شەھەر ئىچى ھەقسىز ژۇرنال يەتكۈزۈش تېلېفونى: 13579800944 ژۇرنىلىمىز، توربەت توغرىسىدىكى ھەرقانداق مەسىلە ئۈستىدە مەسلىھەت سوراش تېلېفونى : 13579800944، ژۇرنىلىمىز باھاسى شىنجاڭ بويىچە ئەڭ ئەرزان، ئەگەر سېتىۋېلىپ رازى بولمىسىڭىز پۇلىڭىز قايتۇرۇلىدۇ.
تەۋسىيە ئەسەرلەر يېڭىلانغان مەزمۇنلار ئالاقىدار ئەسەرلەر
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 2-سانى مۇندەرىج...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھەققىنى بانكا كار...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 1-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 6-سانى نەشردىن ...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھا...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 5-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 4-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 مېنىڭ يەنە بىر تىلى...
 نېمە ئۈچۈن؟
 تەرمىلەر
 ھەقىقەت
 تۇرمۇش زادى نېمىگە ...
 ھاياتلىق ھېكمەتلىر...

تۇرۇپ باراتنىڭ تەرجىمىھ...

ھەسەنجان ئابدۇلئەھەد قى...

ئەركىن ئەبەيدۇللانىڭ تەر...

خەمىت نېغمەتنىڭ تەرجىمىھ...

يېڭى يىللىق سان نەشردىن...

2008-يىللىق 6-سان نەشردىن ...

ھەقسىز دەرسلىك، ھەقلىق «...

شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمى...

قازاق مىللىتى ۋە ئاق قۇ...

ژۇرنىلىمىز 6-سانى نەشردى...

ژۇرنىلىمىز 5-سانى نەشردىن...

ژۇرنىلىمىز 4-سانى مۇددەتت...
 تورداشلارنىڭ مۇنازىرىلىرى:
ئەسەرلەرگە قارىتا باھا، پىكىرلەر بولسا سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىگە قالدۇرۇڭ
ئەسەر، ئۇچۇر ئىزدىگۈچ
ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تور بېكىتىمىز ئىچىدىن لازىم بولغان مەزمۇننى تاپالايسىز
   
دوستانە ئەسكەرتىش نەشر ھوقۇقى تور بەتكە ئەجىر قىلغانلار تور بەت نەشر ھوقۇقى

国家级期刊 《中国民族》杂志,主管:

  国家民族事务委员会 主办:民族团结

  杂志社, 咨询电话:13579800944

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش
باش نازارەتچى:
مۇھەممەدسالىھ مەتروزى

تېخنىك، بەت ياسىغۇچى:
«جۇڭگو مىللەتلىرى»
ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى

گۈزەل سەنئەت ئىشخانىسى

Copyright © 1996 - 2013
www.Seltenet.com
All Rights Reserved
新ICP备05001492号