دېڭىز قانچە يىراقلاشسا، قۇرۇقلۇق شۇنچە يېقىنلىشىدۇ. تۈنۈگۈن قانچە يىراقلاشسا، ئەتە شۇنچە يېقىنلىشىدۇ. باھار قانچە يىراقلاشقانسېرى، كۈز شۇنچە يېقىنلىشىدۇ. بالىلىق دەۋر قانچە يىراقلاشقانسېرى، دەرد - ئەلەم شۇنچە يېقىنلاپ كېلىدۇ. ھەقىقەت قانچە يىراقلاشقانسېرى، سەپسەتە شۇنچە يېقىنلاپ كېلىدۇ. مەن بۇ ھەقىقەتنى تونۇپ يەتكەن ۋاقتىمدا راستتىنلا چۆچۈپ كەتتىم. بىز قېچىشنى باشلايلى !
(«فېليەتونلاردىن تاللانما» ژۇرنىلىنىڭ 2003 - يىل 6 - سانىدىن نۇرگۈل ھېيت تەرجىمىسى)
|