www.seltenet.com中国民族杂志维文版官方网站www.seltenet.com |维文杂志|电子杂志|激情图片|QQ表情图片|维吾尔族文化|维文文学|ھېكايە|چۆچەك|ئۇيغۇر قىزلىرى|قىز، ئىپپەت، نومۇس، |سەلتەنەت، جۇڭگو مىللەتلىرى، دۇنيا مىللەتلىرى، خەۋەر، بىلىم،ئۇيغۇرچە ژۇرنال،ژۇرنال مۇشتەرى بولۇش، شىنجاڭ مەدەنىيىتى، شىنجاڭ ئاياللىرى،ئۆرپ ئادەت، مۇسۇلمانلار،مىللەتلەر،ھېكايە،ھۆچەك،نەسر،نەسىر،تەرمىلەر،مىكرو ھېكايە،قىزىقارلىق،رەسىم،دىلشات ئىدرىس،ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
 
        
ئوقۇرمەنلەر ساداسى مىللەت ۋە ئۆرپ - ئادەت ئىناقلىق مېلودىــيىسى باش بەت
دۇنــيا مىـــللەتـلىرى مىللــەت ۋە ئەنئەنە مىللــەت خــەزىنىـــــسى ئەسەر يوللاش
مىللەتلــەر باغچىــسى مىللــــەت ۋە مائارىــپ مىللىتىم ھەققىدە پاراڭ نەزمىي ئەسەرلەر
ھەزىل سوئال - جاۋابلار ھاياتلىق ھېكمەتــلىرى ســاپا ھەققىــــدە پاراڭ مەركەزدىن كەلگەن سادا
مەڭگۈلۈك ئابىدىلەر فېليەتون بۇلۇڭى ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات گۈلدەســتە سەھىپىــسى
جەمئىيەتتىن سادا كۈلكە خۇرۇچلىرى مىللەت ۋە مەدەنىيەت جەۋھەرلەردىن تەرمىلەر
 
 
   
   
ھاياتلىق ھېكمەتلىرى - ئىدرىس بارات
ئاپتور:ئىدرىس بارات    چېكىلىش سانى:4859    ۋاقتى:2007-3-27    . www.seltenet.com .

            خوراز بىلەن ئۆكۈزنىڭ سۆھبىتى

بىر خوراز بىلەن بىر ئۆكۈز پاراڭلىشىپ قاپتۇ.
- مەن دەرەخنىڭ ئۇچىغا ئۇچۇپ چىقىشنى ئۈمىد قىلاتتىم، بىراق ئارمىنىمغا تۇشلۇق دەرمانىم يوق، - دەپتۇ خوراز.
- نېمىشقا مېنىڭ تېزىكىمنى يەپ كۆرمىدىڭ؟ مېنىڭ تېزىكىم ناھايىتى قۇۋۋەتلىك، - دەپتۇ ئۆكۈز.
خوراز كالا تېزىكىدىن ئازراق يەپتۇ ۋە دەرەخنىڭ بىرىنچى شېخىغا ئۇچۇپ چىقىپتۇ. ئىككىنچى كۈنى، خوراز كالا تېزىكىنى تېخىمۇ كۆپ يەپتۇ، ئاندىن دەرەخنىڭ ئېگىزرەك شېخىغا قونۇپتۇ. ئىككى ھەپتىدىن كېيىن، خوراز مەغرۇر ھالدا دەرەخ شېخىنىڭ ئەڭ ئېگىز ئۇچىغا ئۇچۇپ چىقىپتۇ. بىراق ئۇزاق ئۆتمەيلا، بىر دېھقان ئۇنى كۆرۈپ قىلىپ، تېزلا ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىپتۇ.
ھاياتلىق ھېكمىتى شۇكى: كالا تېزىكى سېنىڭ ئېگىز پەللىلەرگە چىقىشىڭغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرەلەيدۇ، لېكىن سېنىڭ مەڭگۈ شۇ يەردە جېنىڭنى ساقلاپ تۇرالىشىڭغا كاپالەت بېرەلمەيدۇ.

                            ھۇرۇن توشقان

بىر قاغا كۈنبويى دەرەخ شېخىدا بىكار ئولتۇرىدىكەن، توشقان قاغىنى كۆرۈپ:
- مەنمۇ سەندەك كۈنبويى ھېچ ئىش قىلماي بىكار ئولتۇرسام بولامدۇ؟ - دەپ سوراپتۇ.
- ئەلۋەتتە بولىدۇ، - دەپتۇ قاغا.
شۇنىڭ بىلەن توشقان دەرەخ تۈۋىدىكى بوش ئورۇندا بىكار ئولتۇرۇشقا باشلاپتۇ. توساتتىن، بىر تۈلكە پەيدا بولۇپ، توشقاننى كاپ قىلىپ تۇتۇۋېلىپ يەۋېتىپتۇ.
ھاياتلىق ھېكمىتى شۇكى: ئەگەر سەن ھېچ ئىش قىلماي بىكار تۇرۇشنى ئويلىساڭ، ئۇنداقتا سەن ناھايىتى ئېگىز جايدا تۇرۇشۇڭ شەرت.

               خۇدىنى يوقاتقان قۇشقاچ

بىر قۇشقاچ جەنۇب تەرەپكە بېرىپ قىشنى ئۆتكۈزمەكچى بولۇپ ئۇچقانىكەن، ھاۋا بەك سوغۇق بولغاچقا، توڭلاپ كېتىپ، بىر بوش يەرگە چۈشۈپ كېتىپتۇ. بىر كالا ئۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، بىر كاللەك تېزىكىنى قۇشقاچنىڭ ئۈستىگە ئىتتىرىپ قويۇپتۇ. توڭلاپ قالغان قۇشقاچ كالا تېزىكىنىڭ ھارارىتىدە ئاستا-ئاستا ئىسىپ، ھوشىغا كەپتۇ. ئۇ ئىسسىق يەردە راھەتتە يېتىپ سايراشقا باشلاپتۇ.
بىر مۈشۈك قۇشقاچنىڭ سايرىغىنىنى ئاڭلاپ، شۇ تەرەپكە بېرىپ ئۇنى ئىزدەپتۇ، كالا تېزىكى ئاستىدا ياتقان قۇشقاچنى بايقاپ قاپتۇ-دە، ئۇنى تارتىپ چىقىرىپ يەۋېتىپتۇ.
ھاياتلىق ھېكمىتى شۇكى: سېنىڭ جىسمىڭغا نىجاسەت ئىتتىرگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭلا سېنىڭ دۈشمىنىڭ بولۇشى ناتايىن؛ سېنى نىجاسەت ئىچىدىن تارتىپ چىقىرىۋالغان كىشىنىڭ ھەممىسىنىڭلا سېنىڭ دوستۇڭ بولۇشىمۇ ناتايىن. يەنە شۇمۇ ئېسىڭدە بولسۇنكى، سەن نىجاسەت ئىچىدە ياتقان چېغىڭدا، ئەڭ ياخشىسى ئاغزىڭنى چىڭ يۇم.

     (ئىدرىس بارات تەرجىمە قىلىپ تۈزدى)
ژۇرنىلىمىز 2004 - يىللىق 1- سانىدىن

  

بۇ ئەسەرنى باشقىلارغا ئەۋەتىپ بېرىڭ، قوش چەكسىڭىز ئادرېس كۆچۈرىلىدۇ
      
ژۇرنىلىمىز باھاسى 7 يۈەن، قوش ئايلىق ژۇرنال، بىر يىللىق مۇشتەرى بولۇش باھاسى 42 يۈەن. ژۇرنىلىمىزنى سېتىۋالماقچى ياكى ھەر ۋاقىت مۇشتەرى بولماقچى بولسىڭىز، 24 سائەت ھەقسىز، ئالاھىدە قىزغىن مۇلازىمەت تېلېفونى: 13579800944 ، تېلېفون ئارقىلىق ژۇرنال سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، ئۈرۈمچى شەھەر ئىچى ھەقسىز ژۇرنال يەتكۈزۈش تېلېفونى: 13579800944 ژۇرنىلىمىز، توربەت توغرىسىدىكى ھەرقانداق مەسىلە ئۈستىدە مەسلىھەت سوراش تېلېفونى : 13579800944، ژۇرنىلىمىز باھاسى شىنجاڭ بويىچە ئەڭ ئەرزان، ئەگەر سېتىۋېلىپ رازى بولمىسىڭىز پۇلىڭىز قايتۇرۇلىدۇ.
تەۋسىيە ئەسەرلەر يېڭىلانغان مەزمۇنلار ئالاقىدار ئەسەرلەر
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 2-سانى مۇندەرىج...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھەققىنى بانكا كار...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 1-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 6-سانى نەشردىن ...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھا...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 5-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 4-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 مېنىڭ يەنە بىر تىلى...
 نېمە ئۈچۈن؟
 ئۈمىدسىزلىك ئىچىدى...
 تەرمىلەر
 ھەقىقەت
 تۇرمۇش زادى نېمىگە ...

تۇرۇپ باراتنىڭ تەرجىمىھ...

ھەسەنجان ئابدۇلئەھەد قى...

ئەركىن ئەبەيدۇللانىڭ تەر...

خەمىت نېغمەتنىڭ تەرجىمىھ...

يېڭى يىللىق سان نەشردىن...

2008-يىللىق 6-سان نەشردىن ...

ھەقسىز دەرسلىك، ھەقلىق «...

شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمى...

قازاق مىللىتى ۋە ئاق قۇ...

ژۇرنىلىمىز 6-سانى نەشردى...

ژۇرنىلىمىز 5-سانى نەشردىن...

ژۇرنىلىمىز 4-سانى مۇددەتت...
 تورداشلارنىڭ مۇنازىرىلىرى:
ئەسەرلەرگە قارىتا باھا، پىكىرلەر بولسا سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىگە قالدۇرۇڭ
ئەسەر، ئۇچۇر ئىزدىگۈچ
ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تور بېكىتىمىز ئىچىدىن لازىم بولغان مەزمۇننى تاپالايسىز
   
دوستانە ئەسكەرتىش نەشر ھوقۇقى تور بەتكە ئەجىر قىلغانلار تور بەت نەشر ھوقۇقى

国家级期刊 《中国民族》杂志,主管:

  国家民族事务委员会 主办:民族团结

  杂志社, 咨询电话:13579800944

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش
باش نازارەتچى:
مۇھەممەدسالىھ مەتروزى

تېخنىك، بەت ياسىغۇچى:
«جۇڭگو مىللەتلىرى»
ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى

گۈزەل سەنئەت ئىشخانىسى

Copyright © 1996 - 2013
www.Seltenet.com
All Rights Reserved
新ICP备05001492号