www.seltenet.com中国民族杂志维文版官方网站www.seltenet.com |维文杂志|电子杂志|激情图片|QQ表情图片|维吾尔族文化|维文文学|ھېكايە|چۆچەك|ئۇيغۇر قىزلىرى|قىز، ئىپپەت، نومۇس، |سەلتەنەت، جۇڭگو مىللەتلىرى، دۇنيا مىللەتلىرى، خەۋەر، بىلىم،ئۇيغۇرچە ژۇرنال،ژۇرنال مۇشتەرى بولۇش، شىنجاڭ مەدەنىيىتى، شىنجاڭ ئاياللىرى،ئۆرپ ئادەت، مۇسۇلمانلار،مىللەتلەر،ھېكايە،ھۆچەك،نەسر،نەسىر،تەرمىلەر،مىكرو ھېكايە،قىزىقارلىق،رەسىم،دىلشات ئىدرىس،ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
 
        
ئوقۇرمەنلەر ساداسى مىللەت ۋە ئۆرپ - ئادەت ئىناقلىق مېلودىــيىسى باش بەت
دۇنــيا مىـــللەتـلىرى مىللــەت ۋە ئەنئەنە مىللــەت خــەزىنىـــــسى ئەسەر يوللاش
مىللەتلــەر باغچىــسى مىللــــەت ۋە مائارىــپ مىللىتىم ھەققىدە پاراڭ نەزمىي ئەسەرلەر
ھەزىل سوئال - جاۋابلار ھاياتلىق ھېكمەتــلىرى ســاپا ھەققىــــدە پاراڭ مەركەزدىن كەلگەن سادا
مەڭگۈلۈك ئابىدىلەر فېليەتون بۇلۇڭى ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات گۈلدەســتە سەھىپىــسى
جەمئىيەتتىن سادا كۈلكە خۇرۇچلىرى مىللەت ۋە مەدەنىيەت جەۋھەرلەردىن تەرمىلەر
 
 
   
   
بۇ كىشىلەرنىڭ ئىشى يوقمۇ؟
ئاپتور:ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران    چېكىلىش سانى:6972    ۋاقتى:2007-4-1    . www.seltenet.com .

                 1
بىزنىڭ مەھەللىدە، ئىككى بىنا ئارىلىقىدا يىل بويى توپا بېسىپ تۇرىدىغان بىر بوش يەر بار ئىدى. يېقىندىن بېرى بۇ يەر ئىنتايىن قىزىپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى. قارىسام كىمدۇر بىرى بۇ يەرگە 01-02 دەك كىچىك يۇمۇلاق ئۈستەل ۋە پاكار ئورۇندۇقلارنى قويۇۋاپتۇ. ئۇ يەردە ھەربىر ئۈستەلنى چۆرىدەپ تۆت ئادەم قارتا ئوينايدىكەن. قارتا ئوينىغۇچىلارغا ياكى ئۇيەرنى چۆرىدەپ ئولتۇرغانلارغا سەپ سالسام، ئىدارە، ئورگانلاردا ئىشلەۋاتقانلارمۇ، ئارامغا چىققانلارمۇ، ئىشسىزلار، ئىش كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلارمۇ؛ ياشلارمۇ، قېرىلارمۇ، دۇكىنىنىڭ ئىشىكىگە پات-پات قاراپ قويۇپ، قارتچىلار توپىغا يېرىم قوشۇلغان سودىگەرلەرمۇ بار ئىكەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ھەممە ساھەدىكىلەر بار ئىكەن. كۆزىتىشىمچە، بۇ قارتچىلارنىڭ تۈنۈگۈنكىلىرى بۈگۈنمۇ بار، بۈگۈنكىلىرى ئەتىمۇ بار بولۇپ، ئويناشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىكەن ھەتتا ئۇخلاشتىن باشقا ھەممە ۋاقىتتا مۇشۇ ئويۇن بىلەن بولىدىغانلارمۇ بار ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئويناش تەرتىپىدە بىكارچىدىن ياكى ئويناش نۆۋىتى كۈتۈۋاتقانلاردىن 2-3 ئادەم ئۇلارنىڭ ئوينىشىغا قاراپ ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرىدىكەن. ئۇتتۇرغانلار ئۈستەل ئىگىلىرىگە پۇل تۆلەيدىكەن. بىر ئادەمنى بىر كۈننىڭ ھەممىسىدە ئوينىمىدى دېگەندىمۇ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر كۈندە ئاز دېگەندە بەش يۈەنلىك ئوينايدىكەن. مۇشۇنداق ئويناشنى ھەر كۈنى داۋاملاشتۇرسا، بىر ئايدا نەچچە پۇل بولىدۇ؟ نەق 150 يۈەن! بۇ پۇل بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ بىر مەۋسۈملۈك كىتاب، ماتېرىيال ۋە ئوقۇش پۇلى، دېگەن گەپ.
مەھەللىمىزدە يەنە گېزىت ساتقۇچى بىرنەچچە مۇساپىر بالا بار. ئۇلار ئەتىگەندىن كەچكىچە بىر تۇتام گېزىت-ژۇرنالنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ سىزنى يېڭى ئۇچۇرلاردىن، يېڭى بىلىملەردىن خەۋەردار بولۇشقا دالالەت قىلىدۇ. ھېلىقى قارتچىلارنىڭ قېشىغىمۇ نەچچە رەت كېلىپ، ئۇلارنىڭ: «نېرى بارە، مۇشۇ كۈندە گېزىت ئوقۇش، كىتاب كۆرۈش دېگەنلەرگە كىمنىڭ چولىسى؟» دېگەن رەددىيىسىنى ئاڭلاپ، مەيۈس ھالدا قايتىپ كېتىدۇ. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئاشۇ گېزىت ساتقۇچى بالىلارنىڭ بىر كۈنلۈك ساپ كىرىمى ئەڭ كېمىدە 51 يۈەندىن چۈشۈپ كەتمەيدىكەن. شۇنداق بولغاندا، ئۇلارنىڭ بىرى ئايدا كەم دېگەندە 450 يۈەن ساپ كىرىم قىلدى، دېگەن گەپ! بۇ پۇل بىر ئىشچىنىڭ نورمال ئايلىقى بىلەن تەڭ، ئەلۋەتتە.
سىز بۇ ئىككى خىل كىشىلەر توپىنى سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ، بىر توپ ئادەم كۈنىنى بىكارچىلىقتا ئۆتكۈزگەننى ئاز دەپ، يەنە تېخى 150 يۈەننى ئىسراپ قىلىۋېتىدۇ. تۇرۇپ ئويلىغۇڭىز كېلىدۇ: «ئۇلارنىڭ باشقا ئىشى يوقمىدۇ؟» يەنە بىر تۈركۈم ئادەم بولسا، تىرىشچانلىق بىلەن 450 يۈەن ساپ كىرىم قىلىدۇ.
كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرلىك بۇ ئويۇننى ئانچە-مۇنچە ئويناپ قويغاننىڭ زىيىنى يوق، ئەلۋەتتە. لېكىن، بۇ ئويۇنغا بۇنچىۋالا خۇمار بولۇپ قېلىشنىڭ كەينىگە نۇرغۇن پاسسىپ نەتىجىلەرنىڭ يوشۇرۇنغان بولۇشى ئېنىق.
مەيلى ئىشلەۋاتقانلار بولسۇن، مەيلى ئارامغا چىققانلار بولسۇن، قارىماققا قانداق ۋاقىتتا نېمە قىلىش ياكى نېمە ئويناش ھەربىر ئادەمنىڭ شەخسىي ئىشىدەك قىلىدۇ. ئەمما ياشاش مۇددىئاسىدىن ئېيتقاندا، ھاياتنى قەدىرلەش، ئەۋلادلارنىڭ كېلەچىكىنى ئويلاش نۇقتىسىدىن ئويلانغاندا، بۇ ئىككى خىل ئادەملەرنىڭ ياشاش ئۇسۇلى يەنىلا ئىككى خىل قىممەت قارىشىنى ئىپادىلەپ بېرەمدۇ قانداق؟
                                 2
يېقىندا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ چېتىگە جايلاشقان مەلۇم بىر نامرات ناھىيىدە مۇنداق بىر ئىش يۈز بېرىپتۇ:
شۇ كۈنلەردە ناھىيىگە ئاپتونوم رايون تەۋەسىدىكى داڭلىق بىر ناخشىچىنىڭ كەلگەنلىكى ۋە ناھىيىلىك يازلىق كىنوخانىدا بىر مەيدان تاللانغان نومۇر ئورۇندايدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر تارقىلىپتۇ. ئۇزاقتىن بۇيان ئۇنىڭ يېقىملىق ناخشىلىرىنى ئىشتىياق بىلەن ئاڭلاپ كېلىۋاتقان يۇرت خەلقى ھېلىقى ناخشىچىنى بىر كۆرۈۋېلىش ئارزۇسىدا يۈرگەن بولغاچقا، يېزىلاردىكى، تاغلىق رايونلاردىكىلەرمۇ ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي، ھەتتا مەخسۇس تاكسى كىرا قىلىپ، ناھىيىلىك كىنوخانىغا كېلىپ رازىمەنلىك بىلەن بېلەت سېتىۋاپتۇ. ئەپسۇس، ئەتىسى، يەنى ناخشا كېچىلىكى باشلىنىدىغان كۈنى خەلق ئۇ ناخشىچىدىن تولىمۇ ئۈمىدسىزلىنىپتۇ. نېمىشقا دەمسىز؟ ئويۇن باشلىنىشقا 2-3 سائەت قالغاندا كىنوخانا دەرۋازىسىنىڭ يېنىغا بىر ئېلان چاپلىنىپتۇ. ئېلاننىڭ مەزمۇنى مۇنداق ئىكەن: «ھاۋارايىنىڭ ياخشى بولماسلىقى (يامغۇر يېغىش ئېھتىمالى بولغانلىقى) سەۋەبىدىن بۈگۈنكى ئويۇن ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. بېلەت ئالغانلارنىڭ بېلىتىنى كۆرسىتىپ پۇلىنى ياندۇرۇۋېلىشىنى سورايمىز …»
قارىماققا بۇ ئىش ئورۇنلۇقتەك كۆرۈنگەچكە، خەلق ئويۇننىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى توغرا چۈشىنىپ، ئارمان بىلەن قايتىپ كېتىپتۇ. ئەمەلىيەتتە شۇ كۈنى يامغۇرمۇ ياغماپتۇ. لېكىن پاختا ئىچىدە ئوت ساقلىغىلى بولمىغاندەك، ئىشنىڭ ئەسلىي سەۋەبى ھېلىقى ناخشىچى يۇرتتىن كېتىپ بىرنەچچە كۈندىن كېيىن ئاشكارىلىنىپتۇ. ئەسلىدە نادىر ناخشىلىرى ۋە ياڭراق ئاۋازى ئارقىلىق خەلق قەلبىدە مەنىۋى ئوبرازىنى تىكلەپ بولغان ھېلىقى داڭلىق ناخشىچى ئويۇن قويۇشنىڭ ئالدىنقى ئاخشىمى شۇ يۇرتتىكى قىمارۋازلار بىلەن قىمار ئوينىغان بولۇپ، قىمار ئاخىرىدا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، شۇ ئىزا-ئاھانەت ۋە قەرزچىلىكتە بۇ يۇرتتىن تىكىۋەتكەنىكەن … قاراڭ بۇ سەتچىلىكنى! قاراڭ، ئارىمىزدىكى خەلق ئىشەنگەن، چىن قەلبىدىن ئۇلۇغلاپ ھۆرمەتلىگەن بىر زاتنىڭ خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە قايتۇرغان جاۋابىنى! ئاشۇ ناخشىچى قانچە قېتىملاپ قىمارۋازلارنى، مىللەتتىكى ئىللەتلەرنى ئەيىبلىگەن ناخشىلارنى ئورۇندىغان بولغىيدى؟ خەلق ئۇنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن قانچە پەخىرلەنگەن، ئۇنىڭغا قانچىلىك ئالقىش-مەدھىيە ياغدۇرغان بولغىيدى؟ شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە يەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى ئارقىلىق ئۇنىڭ ناخشىسىنى قانچە قېتىم تەلەپ قىلغان بولغىيدى؟ بۇ يەردىكى مەسىلە يالغۇز قىمار سەۋەبىدىن ئويۇننى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئەمەس، بەلكى ناخشىچىنىڭ سەھنىلەردىكى ناخشىلاشقان ۋىجدانى بىلەن ئەمەلىيەتتىكى ئىپادىسى بىردەك بولماسلىق، ئۆزىنىڭ كەسپىي بۇرچىغا بىلىپ تۇرۇپ مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش، ئۆزىنى بېشىدا كۆتۈرۈپ تۇرغان خەلقنى قەستەن كۆزگە ئىلماسلىق ۋە ئۆز ئىناۋىتىنى ئۆزى تۆكۈشتىن ئىبارەت نازۇك مەسلىگە بېرىپ تاقىلىدۇ.
خەيرىيەت، بۇ ئىشنىغۇ ئۆتۈپ كەتتى دەيلى، ئەمما ھېلىقى ناخشىچى ھەققىدىكى بۇ گەپلەر قۇلاقتىن-قۇلاققا ئاڭلانماسمۇ؟ ئۇنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلايمىز دەپ كەلگەن ئاۋامنىڭ شۇ كۈنلەردە قىلىدىغان باشقا ئىشى يوق بولغىيمىدى؟
                                 3
يۇرتىمىز دەرياسىنىڭ بويىغا يېقىندىن بۇيان ھەر ئەتىگىنى بىر توپ ئادەم يىغىلىۋالىدىغان بولۇپ قالدى. بۇ ئادەملەر ئاساسەن شەھەر كەمبەغەللىرىدىن تەركىب تاپقان ئىشسىزلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ يەرگە يىغىلىپ تۇرۇشتىكى مەقسىتى بىرەرسىنىڭ كېلىپ ئۆزلىرىگە ئىش قىلغۇزۇشىنى كۈتۈش ئىكەن. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئىش ئىگىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى ئىزدەپ كېلىشىنى تەمەخورلۇق بىلەن كۈتۈش ئىكەن. سۈرۈشتۈرۈپ كەلسەك، ھېچقايسىسىنىڭ مۇقىم بىر ھۆنىرى يوق ئىكەن.
يەنە بىر تۆت كوچا دوقمۇشىدا، نۇرغۇنلىغان ياغاچچى، ئۆي ئاقارتقۇچى، ئۆي ئوڭشىغۇچىنىڭ ئالدىغا ھەر خىل ئىش ئېلانلىرى يېزىلغان تاختايلارنى قويۇۋېلىپ تۇرۇشقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
دېمەك، بىر توپ ئادەمنىڭ نېمە ئىش قىلالايدىغانلىقىنى دەرھال بىلىۋالغىلى بولىدۇ. يەنە بىر توپ ئادەمنىڭ بولسا گەرچە ئەمگەك كۈچى ئىكەنلىكى ئېنىق بولسىمۇ، لېكىن زادى نېمە ئىش قىلالايدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ.
يېقىندا بىر يېزا باشلىقىنىڭ بىر گېپى مېنى ئويلاندۇرۇپ قويدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، سىرتتىن بىر ئادەم كېلىپ دېھقانلار بىلەن يېزىدىكى پاختىلارنىڭ كىلوسىنى بىر يۈەندىن تېرىشكە پۈتۈشۈپ كېتىپتۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، شۇ رايوننىڭ پاختىسىنى تېرىشنى كۆتۈرە ئېلىۋاپتۇ. ئارقىدىن ئۇ باشقا جايلاردىن ئادەم ئۇقۇشۇپ كېلىپ پاختىلارنى تەرگۈزۈپتۇ. تەرگۈزگەندىمۇ كىلوسىنى سەككىز مو، توققۇز مودىن تەرگۈزۈپتۇ. شۇنداق قىلىپ نەچچە كۈننىڭ ئىچىدىلا ئارىدىن نۇرغۇن پايدا ئاپتۇ.
بىر ئاغىنەمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئۆيىنى بېزىتىپتۇ. بېزەش جەريانىدا ئىشلەۋاتقانلار بىلەن سۆزلىشىپ قاپتۇ. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، ئەگەر خوجايىن بىلەن ئەمەس، ئۆزلىرى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلەشكەن بولسا، ھازىرقى باھادىن بىرەر-ئىككى مىڭ يۈەن ئەرزان بولاتتىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ، بىر تۇغقىنىنىڭ ئۆيىنى بېزەش نۆۋىتى كەلگەندە بۇ ئىشنى سىناق قىلىپ باقماقچى بولۇپ، شۇ يەردىكى «ئۇچۇر مەركىزى» بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇستىكارلار بىلەن ئۇقۇشۇپ ئىش باشلاپتىكەن، ھېسابلاپ باقسا، ئۆزىنىڭ ئۆيىنى بېزىگۈچىلەرنىڭ گېپىنىڭ راستلىقى ئىسپاتلىنىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆي بېزەتكۈچىلەر ۋە ئۆي بېزىگۈچىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ يۈرۈپ ئارىدىن خېلى پايدا ئاپتۇ.
مۇئەللىپنىڭ يۇقىرىقىلارنى نەقىل كەلتۈرۈشىدە باشقا ئالاھىدە مەقسەت يوق. بۇ يەردىكى گەپ-ئىش كۈتۈشنىڭ ئورنىغا ئاكتىپلىق بىلەن ئىش ئىزدەش ۋە ئۇچۇرغا ئەھمىيەت بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە بېشارەت بېرىشتۇر.
«ئۈجمە پىش، ئاغزىمغا چۈش» دەپ ئولتۇرۇش، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، «خۇدا رىزقىمىزنى بېرىدۇ» دەپلا ئولتۇرۇش نۆۋەتتىكى رىقابەت قاينىمىدا غەرق بولۇشتىن باشقا نەتىجە بەرمەيدۇ. ياراتقان ئىگىسى: «يارىتىشنى مەن ياراتتىم، يارىلىشىڭ ئۆزۈڭدىن» دېگەن ئەمەسمىدى؟ ئادەتتە «ھەممە ئادەمنىڭ رىزقىنى خۇدا بېرىدۇ» دېيىلىدۇ. ئەمما تىرىشمىسا «مۈشۈكمۇ بىكارغا ئاپتاپقا چىقمايدۇ»غان بۇ زاماندا ھالاكەتتىن باشقا نەرسىنىڭ ئادەمنى ئىزدەپ كەلمەسلىكى پاكىت تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىقەتتۇر.

(ئاپتور: »كىروران» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە)

ژۇرنىلىمىز 2004.1- سانىدىن

بۇ ئەسەرنى باشقىلارغا ئەۋەتىپ بېرىڭ، قوش چەكسىڭىز ئادرېس كۆچۈرىلىدۇ
      
ژۇرنىلىمىز باھاسى 7 يۈەن، قوش ئايلىق ژۇرنال، بىر يىللىق مۇشتەرى بولۇش باھاسى 42 يۈەن. ژۇرنىلىمىزنى سېتىۋالماقچى ياكى ھەر ۋاقىت مۇشتەرى بولماقچى بولسىڭىز، 24 سائەت ھەقسىز، ئالاھىدە قىزغىن مۇلازىمەت تېلېفونى: 13579800944 ، تېلېفون ئارقىلىق ژۇرنال سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، ئۈرۈمچى شەھەر ئىچى ھەقسىز ژۇرنال يەتكۈزۈش تېلېفونى: 13579800944 ژۇرنىلىمىز، توربەت توغرىسىدىكى ھەرقانداق مەسىلە ئۈستىدە مەسلىھەت سوراش تېلېفونى : 13579800944، ژۇرنىلىمىز باھاسى شىنجاڭ بويىچە ئەڭ ئەرزان، ئەگەر سېتىۋېلىپ رازى بولمىسىڭىز پۇلىڭىز قايتۇرۇلىدۇ.
تەۋسىيە ئەسەرلەر يېڭىلانغان مەزمۇنلار ئالاقىدار ئەسەرلەر
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 2-سانى مۇندەرىج...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھەققىنى بانكا كار...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 1-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 6-سانى نەشردىن ...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھا...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 5-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 4-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 لەڭمەندىن چىققان سې...
 جەننەت تۈۋرۈكىگە با...
 «ئاغزى بىلەن مېڭىش»...
 نومۇس ۋە ئەقىدە
 بىز قانداق ياشاۋاتى...
 ئائىلە _ جەننەت، ئائ...
 ئەخلاقنىڭ جۇلاسى ۋە...

تۇرۇپ باراتنىڭ تەرجىمىھ...

ھەسەنجان ئابدۇلئەھەد قى...

ئەركىن ئەبەيدۇللانىڭ تەر...

خەمىت نېغمەتنىڭ تەرجىمىھ...

يېڭى يىللىق سان نەشردىن...

2008-يىللىق 6-سان نەشردىن ...

ھەقسىز دەرسلىك، ھەقلىق «...

شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمى...

قازاق مىللىتى ۋە ئاق قۇ...

ژۇرنىلىمىز 6-سانى نەشردى...

ژۇرنىلىمىز 5-سانى نەشردىن...

ژۇرنىلىمىز 4-سانى مۇددەتت...
 تورداشلارنىڭ مۇنازىرىلىرى:
ئەسەرلەرگە قارىتا باھا، پىكىرلەر بولسا سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىگە قالدۇرۇڭ
ئەسەر، ئۇچۇر ئىزدىگۈچ
ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تور بېكىتىمىز ئىچىدىن لازىم بولغان مەزمۇننى تاپالايسىز
   
دوستانە ئەسكەرتىش نەشر ھوقۇقى تور بەتكە ئەجىر قىلغانلار تور بەت نەشر ھوقۇقى

国家级期刊 《中国民族》杂志,主管:

  国家民族事务委员会 主办:民族团结

  杂志社, 咨询电话:13579800944

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش
باش نازارەتچى:
مۇھەممەدسالىھ مەتروزى

تېخنىك، بەت ياسىغۇچى:
«جۇڭگو مىللەتلىرى»
ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى

گۈزەل سەنئەت ئىشخانىسى

Copyright © 1996 - 2013
www.Seltenet.com
All Rights Reserved
新ICP备05001492号