www.seltenet.com中国民族杂志维文版官方网站www.seltenet.com |维文杂志|电子杂志|激情图片|QQ表情图片|维吾尔族文化|维文文学|ھېكايە|چۆچەك|ئۇيغۇر قىزلىرى|قىز، ئىپپەت، نومۇس، |سەلتەنەت، جۇڭگو مىللەتلىرى، دۇنيا مىللەتلىرى، خەۋەر، بىلىم،ئۇيغۇرچە ژۇرنال،ژۇرنال مۇشتەرى بولۇش، شىنجاڭ مەدەنىيىتى، شىنجاڭ ئاياللىرى،ئۆرپ ئادەت، مۇسۇلمانلار،مىللەتلەر،ھېكايە،ھۆچەك،نەسر،نەسىر،تەرمىلەر،مىكرو ھېكايە،قىزىقارلىق،رەسىم،دىلشات ئىدرىس،ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
 
        
ئوقۇرمەنلەر ساداسى مىللەت ۋە ئۆرپ - ئادەت ئىناقلىق مېلودىــيىسى باش بەت
دۇنــيا مىـــللەتـلىرى مىللــەت ۋە ئەنئەنە مىللــەت خــەزىنىـــــسى ئەسەر يوللاش
مىللەتلــەر باغچىــسى مىللــــەت ۋە مائارىــپ مىللىتىم ھەققىدە پاراڭ نەزمىي ئەسەرلەر
ھەزىل سوئال - جاۋابلار ھاياتلىق ھېكمەتــلىرى ســاپا ھەققىــــدە پاراڭ مەركەزدىن كەلگەن سادا
مەڭگۈلۈك ئابىدىلەر فېليەتون بۇلۇڭى ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات گۈلدەســتە سەھىپىــسى
جەمئىيەتتىن سادا كۈلكە خۇرۇچلىرى مىللەت ۋە مەدەنىيەت جەۋھەرلەردىن تەرمىلەر
 
 
   
   
ئائىلە _ جەننەت، ئائىلە _ بىر كىچىك ۋەتەن
ئاپتور:راخمان ئىمىر    چېكىلىش سانى:6550    ۋاقتى:2007-4-3    . www.seltenet.com .

ئائىلە _ بىر كىچىك جەمئىيەت، ئائىلە _ ۋەتەن، ئائىلە _ جەننەت. ئۇنى جان تىكىپ، پۈتۈن مېھرىنى بېرىپ قوغدىيالماسلىق، ئەقىدە - ئەجرى بەدىلىگە ئۇنى گۈللىتەلمەسلىك پاجىئەدۇر.

*********************

ئائىلە _ جانغا ھۇزۇر بېغىشلايدىغان، ئىرادە - ئارمان گۈللىرىنى قەلبنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا يىلتىز تارتقۇزىدىغان بىر ئۇلۇغۋار ناخشا بولۇپ، ئۇنى قانچىكى سۆيۈپ، مېھرى - ھېسسىياتىنى بېرىپ ئوقۇسا، شۇنچە ۋايىغا يېتىدۇ. ئائىلە _ شېرىن مېۋىلەر ماكانى، ئۇ قانچىكى كۆپ ئەقىل - كۈچ، ۋاپا، مېھنەت بىلەن قەدىرلەنسە، گۈللەندۈرۈلسە، ئۇنىڭدىكى مېھىر - شەپقەت، ھەقىقىي كۆيۈم - ۋاپادارلىق چېچەكلىرى پورەكلەپ ئېچىلىپ، روھقا ئوزۇق، كۆڭۈلگە شادلىق، ئارمانغا ئىشەنچ، قەدەمگە بەرىكەت، دىلغا ئۈمىد ئاتا قىلىپ، گۈزەل ئەتە ئۈچۈن مەغرۇر قەدەملەر بىلەن يۈرۈش قىلىشقا ئۈندەيدۇ.
ئائىلە _ بەخت تامان ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كېمە. ئۇنى ئەر ۋە ئايالدىن ئىبارەت «ئىككى ئاساسلىق كاپىتان» تەڭ ھەرىكەتلەندۈرۈپ، گۈزەل مەنزىلگە  _ بەخت گۈلىستانىغا باشلايدۇ. ئۇنىڭ دېڭىز سۈيىدەك تىنچسىز شاۋقۇنلىرى، تاغلاردەك جىمجىت سۈكۈتلىرى، مەنزىل - نىشانىدىن ئازدۇرۇشقا ئۇرۇنىدىغان ئالۋۇنلىرى، بەخت - ئىقبال يولىنى يورۇتىدىغان قۇياش كەبى نۇر - زىيالىرى بار بولۇپ، ئۇ ئۆز «خىسلەتلىرى» ئارقىلىق ئادەملەرنىڭ ئىرادىسىنى، ھاياتقا، تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىش - روھىنى تاۋلاپ بارىدۇ. شۇڭا ئەر - ئايال __ «ئىككى ئاساسلىق كاپىتان» باش بولۇپ ئائىلىنى چوڭقۇر سۆيگەندىلا، ئورتاق مەنزىل - نىشان ئۈچۈن ھارماي - تالماي «دولقۇن» يېرىپ ئالغا قاراپ ئۈزگەندىلا، ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ «ئېغىر كېمە» بەخت پرىستانىغا غەلىبىلىك يېتىپ بېرىپ، ھارغىنلىق يەتكەن دىللارنى «ۋىسال شەربەتلىرى» بىلەن سۇغىرىپ، مۇراد - مەقسەت، ئارمان گۈللىرىنى قەلب تۇپرىقىدا پورەك - پورەك ئېچىلدۇرىدۇ. ئەكسىچە، ئەر - ئايال «ئىككى ئاساسلىق كاپىتان»نىڭ ئارزۇ - ئارمانلىرى، تۇرمۇش - ھاياتقا بولغان كۆز قاراشلىرى، ئائىلىگە بولغان كۆيۈم ۋە مېھىر - مۇھەببىتى بىرلىشەلمىسە، تۇرمۇش قايناملىرىدا بىر - بىرىگە ھەقىقىي ياردەمچى بولالمىسا، ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ «نازۇك كېمە» مۇقەررەر ھالدا «خادا تاشلار»غا ئۇرۇلۇپ، قايناملارغا غەرق بولۇپ خانىۋەيران بولىدۇ. بۇنداق «تەتۈر قىسمەت»لەر يۈرەكلەرنى پۇچىلاپ ئۆچمەس داغلارنى قالدۇرىدۇ، خالاس.
ئائىلە ئاشۇنداق ئۇلۇغ سۈپەت، تەرىپلەرگە لايىق. ئۇنى قانچىلىك مەدھىيىلىسەك، ئۇلۇغلىساق، قەدىرلىسەك، سۆيسەك، گۈللەندۈرسەك، ئۇنىڭ بەدىلىگە ئېرىشىدىغان ھۇزۇر - ھالاۋىتىمىز، بەخت - سائادىتىمىز شۇنچە زور بولىدۇ. ئەجدادلىرىمىز ھەم زامانىمىزدىكى، جۈملىدىن ئەتراپىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلىرىمىز زور ئارزۇ - ئۈمىدلەر بىلەن قۇرغان ئائىلىسىنى ۋەتىنىم، جەننىتىم، بەخت كانىم دەپ تونۇپ؛ ئائىلىسىنىڭ ئۇلىنى ھەر قەدەمدە بىر مۇستەھكەملەپ، ھەقىقىي قەدىرلەپ، مېھىر - ۋاپا يالقۇنلىرى بىلەن ئىللىتىپ، مېھنەت سەمەرىلىرى ئارقىلىق گۈللىتىپ؛ ئائىلە ئەزالىرىنى خۇددى بىر شاختىكى غۇنچىلاردەك تەڭ «ئېچىلدۇرۇپ»، تىللاردا داستان بولغۇدەك ئۈلگە ۋە نەتىجىلەرنى ياراتقان ھەم ياراتماقتا. بۇلارنى ئالقىشلاشقا، ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدۇ. لېكىن شۇنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەككى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بەزى كىشىلىرىمىز ئىدىيە ۋە ئىستىل جەھەتتىن ئاينىپ، تاپقان ئازغىنە پۇلىنىڭ سايىسىدە ئەسلىنى، ئىززەت - ھۆرمىتىنى ئۇنتۇپ، «جورە يەڭگۈشلەش كوچىسى»غا كىرىۋالدى. ئىلگىرىكى گۈزەل، مېھرىبان، ۋاپادار جورىلىرى ئەمدىلىكتە«سەت»، «قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان»،«بىكۆيۈم» بولۇپ كۆرۈنۈپ، ئائىلىدىن ئىبارەت ناخشىنىڭ مېلودىيىسى قالايمىقانلاشتى. بارغانچە پىلەك سۇنۇپ روھىيىتىمىزنى چىرماۋاتقان شۆھرەتپەرەسلىك، موداپەرەسلىك، داغۋازلىق، بىشەم، قاششاقلىق ۋە مەنىۋى گادايلىق تۈپەيلىدىن، بىر قىسىم ئاياللىرىمىز _ گۈلدەك چوكانلىرىمىز ئائىلىدە بىشەملىك، قىتىغۇرلۇق، يالغانچىلىق، ئالدامچىلىق قىلىدىغان؛ ئەرلەرگە ھەسسىلەپ بېسىم كەلتۈرىدىغان، ئورۇنسىز جېدەل - ماجىرا تۇغدۇرىدىغان بولۇۋالدى. جەمئىيەت، دوست - بۇرادەرلىرىنىڭ«چەتكە» قېقىشىدىن قورقىدىغان يۆلەنمە خاراكتېر، تەلۋە مىجەزگە ئىگە ئەرلىرىمىز ئىززەت - ھۆرمىتىنى ئۆزى يەرگە ئۇرۇپ، كۈندە مەست - ئەلەس يۈرۈپ، تاپىدىغىنىدىن خەجلەيدىغىنىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇپ، تىرىكتاپلىق، بەتخەجلىك، جېدەلخورلۇق، مەيخورلۇق ۋە بەڭگىلىكنى «ئوغۇل بالىلىق» دەپ مەيدە قېقىپ يۈرۈشىدىغان؛ ئائىلە ئىقتىسادىنى زىيادە خورىتىدىغان، سىرتتا خەقتىن ئاڭلىغان تىل، يېگەن تايىقىنىڭ دەردىنى ئۆيگە كىرىپ خوتۇن - بالىلىرىدىن ئالىدىغان «ئۈسسۈگەك» بولۇۋالدى. نىيىتى دۇرۇس بولمىغان، ئادىمىيلىك خىسلەت - پەزىلىتى تۆۋەن، پۇل - مال دېسە جېنىنى بېرىدىغان، تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق - سوغۇقلىرىدىن ساۋاق ئالمىغان، ئاۋام ئالدىدىكى ئىززەت - ئابرۇيىنى يەرگە ئۇرۇشقا رايى بارىدىغان، بالا - پەرزەنت تۇرمۇشىغا زىيادە كۆپ ئارىلىشىۋالىدىغان ئاز ساندىكى كۆكەمە قۇدىلار، ئاتا - ئانىلار، ئۇرۇق - تۇغقان، قېرىنداشلار، كۈيئوغۇل، كېلىنلەر ئارىسىدا بولۇنغان كىچىككىنە ئىشلارنىمۇ ئۆز لايىقىدا، يولىدا ھەل قىلىش ئورنىغا ئۆزئارا كاللا سوقۇشتۇرۇپ، جېدەللىشىپ، مۇش - كالتەك كۆتۈرۈشۈپ، پەرزەنتلەرنىڭ ئەمدىلا تىزغان يۇمران«چاڭگا»سىنى زورمۇزور بۇزۇۋېتىدىغان يامان ئادەتنى داۋاملاشتۇرۇپ، قەلبلەرنى زىدە - يارا قىلىپ كەلدى. ئەتراپىمىزدىكى ئۆي تۇتۇشقا دىتى، كۆڭۈل ئۇتۇشقا ئېپى يوق، ئائىلە تەربىيىسىنى تولۇق، ئەتراپلىق ئالمىغان بەزى كېلىنلەر بىر ئائىلىنى چەبدەسلىك بىلەن ئىدېتلىق باشقۇرالمىغاننىڭ ئۈستىگە، ئائىلىدە بولۇنغان ئۇششاق گەپلەردىن تارتىپ ئائىلە بىساتلىرىغا قەدەر ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۆيىگە توشۇپ ئاپىرىپ، دىل ئازارچىلىقىنى كۆپەيتمەكتە. بىر قىسىم ئۈجمە كۆڭۈل يىگىتلىرىمىز ئاتا - ئانىسى مىڭ بىر جاپا - مېھنەت بىلەن پۇل يىغىپ ئۆيلەپ قويسا، تۇرمۇشنىڭ، ئائىلىسىنىڭ قەدرىگە يەتمەي، ئائىلە مېھرىدىن كوچا مېھرىنى ئەلا بىلىپ، ئائىلىسىنى يىمىرىلىش - يوقىلىش گىردابىغا سۆرەپ ماڭماقتا. قىسقىسى، يۇقىرىقىدەك قىلىقلار، ناچار، چاكىنا قىلمىشلار دەستىدىن نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەرنىڭ مۇستەھكەم «تام»لىرى چاك كەتتى، ئۆرۈلدى. نۇرغۇنلىغان گۈلدەك چىرايلار سارغايدى. تىنچ قەلبلەر دەۋرەپ كەتتى. «بويتاق يىگىت»لەر، «چالا چوكان»لار، «تۇل - غېرىب»لار، «تىرىك يېتىم»لەرنىڭ سانى بارغانسېرى ئاۋۇدى، كۆپەيدى.
ئەمەلىيىتىمىزگە قارايدىغان بولساق، ياشلىرىمىزلا ئەمەس، بەلكى بىر قىسىم ئوتتۇرا ياش، ھەتتا قېرىلىق مەزگىلىگە بېرىپ قالغان كىشىلىرىمىزنىڭ تېخى تۈنۈگۈنلا قولى ئازراق پۇل كۆرسە بۈگۈنى كۆرەڭلەپ، قېرىغىنىنى، ئەسلىنى ئۇنتۇپ، «جورىسىنى ياشلاشتۇرۇش» كويىدا ھەر خىل باھانە - سەۋەب بىلەن ئۆيدىن قوغلاۋاتقانلىقى؛ بەزى قىز - چوكانلىرىمىزنىڭ ئۆزى نامرات، قولى قىسقا بولسىمۇ، قەلبى سۆيگۈ، ۋاپا - مۇھەببەتكە باي بىر ئوبدان جورىلىرىدىن يۈز ئۆرۈپ، پۇل - مالنى دەپ ئۆزىدىن يېشى بىر - ئىككى ھەسسە چوڭ ئەرلەرگە تېگىۋالغانلىقى؛ بىراق مەلۇم ۋاقىتلاردىن كېيىن ئىش ئويلىغىنىدەك بولماي ئۆمۈرلۈك پۇشايمانغا، نومۇس - ئاھانەتكە قېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ھەم ئاڭلاپ تۇرۇۋاتىمىز. بۇلار كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.
ئاجرىشىپ كېتىش، باشقا جورا تاللاش تۇرمۇشتا نورمال بولۇپ تۇرىدىغان ئىش. ئۇنى يامان ئالغىلى بولمايدۇ. ئەمما بىر ئوبدان، تارىخى ئۇزۇن مېھىرلىك ئائىلە تۇرۇپ ئۇنى ۋەيران قىلغۇدەك ئېغىر توسالغۇ - زىددىيەت، كونكرېت سەۋەبلەر يوق تۇرۇپ؛ مەرتىۋە، مەنسەپ، شۆھرەت تالىشىپ، ئىقتىسادنىڭ زورىيىشىغا ئەگىشىپ، ئىدىيە - ئىستىل، پەزىلەت جەھەتتە چىرىپ، قانۇن - نىزامنى، مىللىتىمىزنىڭ ئېسىل ئۆرپ - ئادەتلىرىنى كۆزگە ئىلماي، ئائىلىنى ۋەيران، قەدىناسلارنى خارۇ- زار، پەرزەنتلەرنى يېتىم قىلىش _ توغرا بولمىغان ئىش شۇنداقلا مىللىتىمىزنىڭ ئەخلاق - پەزىلەت، نىكاھ، ئائىلە توغرىسىدىكى ئەقەللىي مىزانلىرىغا يات، ئادىمىيلىك پەزىلەتنى يەرگە ئۇرىدىغان خەتەرلىك يامان ئىللەتتۇر.
ئاخىرىدا شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئائىلە _ بىر كىچىك جەمئىيەت، ئائىلە _ ۋەتەن، ئائىلە _ جەننەت. ئۇنى جان تىكىپ، مېھرىنى بېرىپ قوغدىيالماسلىق، ئەقىدە - ئەجرى بەدىلىگە ئۇنى گۈللىتەلمەسلىك پاجىئەدۇر. بىز ئۆزىمىز ۋە جەمئىيەت ئۈچۈن خاتىرجەملىك يارىتىمەن دەيدىكەنمىز، ئالدى بىلەن ئائىلىمىزنى قەدىرلىشىمىز، ئائىلىمىزنى سۆيۈشىمىز، ئايالىم  _ پەرىشتەم، غەمگۇزارىم؛ ئېرىم _ قانىتىم، تۈۋرۈكۈم؛ پەرزەنتىم _ يۈرەك پارەم، كۆز نۇرۇم، دەيدىغان كۆزقاراشنى تۇرغۇزۇشىمىز؛ باراۋەرلىك، ئىناقلىق، كۆيۈنۈش، ئىززەت - ئېكرام ئاساسىدا ئورنىتىلغان ئائىلە بىناسىنى بەرپا قىلىشىمىز ۋە مۇستەھكەملىشىمىز لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا روھىي خاتىرجەملىككە، ئۈمىد - جاسارەتكە، بەخت - سائادەتكە ئېرىشىپ، يوشۇرۇن كۈچ - ئىقتىدار، قابىلىيىتىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتتە ئۆز نوپۇزىمىزنى تىكلەپ كۆڭلىمىزنى ئەمىن تاپقۇزالايمىز ھەمدە گۈزەل ئارزۇ - ئۈمىدلىرىمىزنىڭ شېرىن مېۋىسىدىن ھۇزۇرلىنىشقا مەڭگۈ نائىل بولالايمىز.
قىسقىسى، ئائىلە _ بىر كىچىك ۋەتەن، ئۇنى جان تىكىپ قوغدايلى. ئائىلە _ جەمئىيەتنىڭ مۇھىم بىر ھۈجەيرىسى، ئۇنى تىنچ، خاتىرجەم قىلايلى. ئائىلە _ بىر جەننەت، ئۇنىڭغا بوۋاق ئانا كۆكسىگە پۈتۈن ئەقلى، ئىشتىياقى بىلەن ئىنتىلگەندەك، توختاۋسىز تەلپۈنەيلى. ئائىلە _ ئۇلۇغۋار، جۇشقۇن بىر ناخشا، ئۇنىڭغا مەھلىيا بولۇپ مەڭگۈ ئۈزۈلدۈرمەي ئوقۇيلى !

(ئاپتور: قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىلىك ستاتىستىكا ئىدارىسىدا)
ژۇرنىلىمىز 2004.5 - سانىدىن

بۇ ئەسەرنى باشقىلارغا ئەۋەتىپ بېرىڭ، قوش چەكسىڭىز ئادرېس كۆچۈرىلىدۇ
      
ژۇرنىلىمىز باھاسى 7 يۈەن، قوش ئايلىق ژۇرنال، بىر يىللىق مۇشتەرى بولۇش باھاسى 42 يۈەن. ژۇرنىلىمىزنى سېتىۋالماقچى ياكى ھەر ۋاقىت مۇشتەرى بولماقچى بولسىڭىز، 24 سائەت ھەقسىز، ئالاھىدە قىزغىن مۇلازىمەت تېلېفونى: 13579800944 ، تېلېفون ئارقىلىق ژۇرنال سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، ئۈرۈمچى شەھەر ئىچى ھەقسىز ژۇرنال يەتكۈزۈش تېلېفونى: 13579800944 ژۇرنىلىمىز، توربەت توغرىسىدىكى ھەرقانداق مەسىلە ئۈستىدە مەسلىھەت سوراش تېلېفونى : 13579800944، ژۇرنىلىمىز باھاسى شىنجاڭ بويىچە ئەڭ ئەرزان، ئەگەر سېتىۋېلىپ رازى بولمىسىڭىز پۇلىڭىز قايتۇرۇلىدۇ.
تەۋسىيە ئەسەرلەر يېڭىلانغان مەزمۇنلار ئالاقىدار ئەسەرلەر
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 2-سانى مۇندەرىج...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھەققىنى بانكا كار...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 1-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 6-سانى نەشردىن ...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھا...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 5-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 4-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2011-يىلل...
 ژۇرنىلىمىز 2011-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2011-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2011-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2011-يىللى...

تۇرۇپ باراتنىڭ تەرجىمىھ...

ھەسەنجان ئابدۇلئەھەد قى...

ئەركىن ئەبەيدۇللانىڭ تەر...

خەمىت نېغمەتنىڭ تەرجىمىھ...

يېڭى يىللىق سان نەشردىن...

2008-يىللىق 6-سان نەشردىن ...

ھەقسىز دەرسلىك، ھەقلىق «...

شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمى...

قازاق مىللىتى ۋە ئاق قۇ...

ژۇرنىلىمىز 6-سانى نەشردى...

ژۇرنىلىمىز 5-سانى نەشردىن...

ژۇرنىلىمىز 4-سانى مۇددەتت...
 تورداشلارنىڭ مۇنازىرىلىرى:
ئەسەرلەرگە قارىتا باھا، پىكىرلەر بولسا سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىگە قالدۇرۇڭ
ئەسەر، ئۇچۇر ئىزدىگۈچ
ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تور بېكىتىمىز ئىچىدىن لازىم بولغان مەزمۇننى تاپالايسىز
   
دوستانە ئەسكەرتىش نەشر ھوقۇقى تور بەتكە ئەجىر قىلغانلار تور بەت نەشر ھوقۇقى

国家级期刊 《中国民族》杂志,主管:

  国家民族事务委员会 主办:民族团结

  杂志社, 咨询电话:13579800944

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش
باش نازارەتچى:
مۇھەممەدسالىھ مەتروزى

تېخنىك، بەت ياسىغۇچى:
«جۇڭگو مىللەتلىرى»
ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى

گۈزەل سەنئەت ئىشخانىسى

Copyright © 1996 - 2013
www.Seltenet.com
All Rights Reserved
新ICP备05001492号