www.seltenet.com中国民族杂志维文版官方网站www.seltenet.com |维文杂志|电子杂志|激情图片|QQ表情图片|维吾尔族文化|维文文学|ھېكايە|چۆچەك|ئۇيغۇر قىزلىرى|قىز، ئىپپەت، نومۇس، |سەلتەنەت، جۇڭگو مىللەتلىرى، دۇنيا مىللەتلىرى، خەۋەر، بىلىم،ئۇيغۇرچە ژۇرنال،ژۇرنال مۇشتەرى بولۇش، شىنجاڭ مەدەنىيىتى، شىنجاڭ ئاياللىرى،ئۆرپ ئادەت، مۇسۇلمانلار،مىللەتلەر،ھېكايە،ھۆچەك،نەسر،نەسىر،تەرمىلەر،مىكرو ھېكايە،قىزىقارلىق،رەسىم،دىلشات ئىدرىس،ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
 
        
ئوقۇرمەنلەر ساداسى مىللەت ۋە ئۆرپ - ئادەت ئىناقلىق مېلودىــيىسى باش بەت
دۇنــيا مىـــللەتـلىرى مىللــەت ۋە ئەنئەنە مىللــەت خــەزىنىـــــسى ئەسەر يوللاش
مىللەتلــەر باغچىــسى مىللــــەت ۋە مائارىــپ مىللىتىم ھەققىدە پاراڭ نەزمىي ئەسەرلەر
ھەزىل سوئال - جاۋابلار ھاياتلىق ھېكمەتــلىرى ســاپا ھەققىــــدە پاراڭ مەركەزدىن كەلگەن سادا
مەڭگۈلۈك ئابىدىلەر فېليەتون بۇلۇڭى ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات گۈلدەســتە سەھىپىــسى
جەمئىيەتتىن سادا كۈلكە خۇرۇچلىرى مىللەت ۋە مەدەنىيەت جەۋھەرلەردىن تەرمىلەر
 
 
   
   
جەننەت تۈۋرۈكىگە باغلانغان ئۆرۈمە چاچ
ئاپتور:مۇھەممەت راخمان، مېھرىئاي مۇسا    چېكىلىش سانى:13901    ۋاقتى:2009-3-26    . www.seltenet.com .

زامان تەرەققىياتى 20 - ئەسىرگە كىرگەندە ئاياللار باراۋەرلىكى، ئەركىنلىكى پىكىر ئېقىمى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلۈپ، ئاياللارنىڭ ئۆز رولى، ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش بوشلۇقى يۈكسەك دەرىجىدە كېڭەيدى. پارلاق 21 - ئەسىرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسىگە ئاساسلانغاندا، ئاياللارنىڭ 20 - ئەسىرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئامەتلىك بولىدىغانلىقى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىت بولۇپ قالدى. دەرۋەقە، ئاياللار تارىختىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان پۇرسەتكە ئېرىشكەن مۇشۇ دەۋردە، ئۆز رولى، ئىقتىدارىنى قانداق ماكاندا نامايان قىلىشتا، كۆپىنچە كاللىسىدا ئەڭ ئالدى بىلەن «ئوچاق بېشى»دىن دەس تۇرۇش، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدا ئەرلەرگە ئوخشاش ئورۇنغا، مۇئامىلىگە ئىگە بولۇش ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتتى. ئاياللارنىڭ بۇ خىل قارىشىنىڭ پولاتتەك پاكىتى سۈپىتىدە كىيورى خانىم، ساچىر خانىمدەك گىگانت ئالىم، سىياسىئونلار بارلىققا كېلىپ، ئەرلەرنىمۇ قايىل قىلىپ قويدى. بىراق، بۇ خىل قايىللىقنىڭ ئارقىسىغا تولىمۇ ئەندىشىلىك بىر سوئال يوشۇرۇنغانىدى. ئۇ بولسىمۇ مېھىر - مۇھەببەت بۆشۈكى، ئىجتىمائىيەتنىڭ يادروسى بولغان ئائىلىنىڭ ھالاكىتى جەمئىيەتنىڭ ھالاكىتىگە تەرەققىي قىلارمۇ دېگەندىن ئىبارەت ئىدى.
مىلادىيە 589 - يىلى فرانسىيىدە «ئايال ئىنسانمۇ - ئەمەسمۇ؟» دېگەن تېمىدا مۇھاكىمە ئۆتكۈزۈلۈپ، «ئايال ئىنسان» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەنىكەن. ھازىر ئويلىساق، ئىنسانىيەت تەرەققىيات تارىخىدا يەنە كېلىپ بۈگۈنكى دەۋر تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىنى ياراتقان فرانسىيىدەك دۆلەتتە مۇشۇنداقمۇ مۇھاكىمە ئۆتكۈزۈلۈپتىكەن دەپ ھەيران بولماي تۇرالمايمىز. چۈنكى، ئەر بىلەن ئوخشاش، پەقەت جىنسىلا ئوخشاشمايدىغان، ئىنسانىيەت ئالىمى پەقەت مۇشۇ ئىككى جىنس بىلەنلا كۆكلەپ راۋاجلىنىدىغانلىقى ئاپئاشكارا پاكىت بولغان ئەھۋالدا، ئاياللارنىڭ ئىنسان ئەمەسلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرمەكچى بولۇشنىڭ ئۆزى ئۆتۈپ كەتكەن بىمەنىلىك ئىدى، تېخىمۇ مۇھىمى ئاياللار ئۈچۈن زور ھاقارەت ئىدى. بۇنداق ئىشلار قىسمەتلىك تارىختا تالاي قېتىملاپ تەكرارلانغانىدى. ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ قەدىمكى بۆشۈكلىرىنىڭ بىرى بولغان رىمدا ئاياللارنى «شەخسىي مۈلۈك»، «زىننەت بۇيۇمى»،«ئايال جىنس بولغانلىقى ئۈچۈنلا ھېچقانداق سالاھىيىتى يوق» دەپ قارايدىغان قاراش ئىنتايىن ئېغىر بولغانىكەن. دۇنيا مىقياسىدىن ئەمەس، ئۆز رايونىمىز، ئۆز مىللىتىمىز ئىچىدىمۇ ئاياللارنى پەس كۆرۈش، خارلاش، زوراۋانلىق قىلىشتەك خۇراپىيلىقنىڭ خورلىشىغا دۇچ كەلگەن تارىخىي جەرياننى كۆرمەك تەس ئەمەس. قىسقىسى، ئاياللار تارىختا باراۋەسىزلىكنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان ئىدى. ئېنگلىس خېلى بۇرۇنلا «ئاياللار ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشقا قاتناشتۇرۇلمايدىكەن، ئۇلارنىڭ باراۋەرلىكىنى مەڭگۈ ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ» دەپ ئوتتۇرىغا قويغانىدى. ھازىر ئاياللار جەمئىيەتتە ئەرلەر بىلەن ئوخشاش مۇئامىلىگە ئىگە بولغان بولسىمۇ، ئائىلىدە ئاياللىق، ئانىلىق، كېلىنلىك، پەرزەنتلىك رولىنى ئۆتەپ، ئەرلەردىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق ۋەزىپىلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقماقتا. دېمەك، ئاياللار ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشقا قاتنىشىش ئارقىلىقلا ئۆزىنىڭ ئادەملىكىنى ئىسپاتلىماقتا.
دۆلىتىمىزدىمۇ جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىن ئاياللارنىڭ ئورنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، ئاياللارنىڭ مائارىپ تەربىيىسى ئېلىشىغا، جەمئىيەتتە خىزمەت قىلىشىغا، دۆلەتنىڭ چوڭ - چوڭ سىياسىي ئىشلىرىغا ئىشتىراك قىلىش ئىمكانىيەتلىرى يارىتىلدى. ئاياللارنىڭ ئىچىدە ئالىملار، دوكتورلار، پروفېسسورلار مەيدانغا كەلدى. مۇشۇنىڭ ئۆزىلا ئاياللارنىڭ ئەرلەردىن ئەقىل - پاراسەت جەھەتتە كەم ئەمەسلىكى، قەدىر - قىممەت جەھەتتە ئەرلەرگە ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. ئەگەر ئاياللار مەڭگۈ قازان بېشىغا قۇل بولۇپ، ئەرنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ، ئۆيدە بالا بېقىشتىن باشقىغا يېتىشەلمەي يۈرگەن بولسا، بەلكىم ھازىرغىچە «ئايال ئىنسانمۇ - ئەمەسمۇ» دېگەن سوئال مۇھاكىمە قىلىنىۋەرگەن بولاتتى. ھازىر ئاياللارنىڭ يۈكى ئېغىرلاپ كەتكەنلىكتىن، ئائىلىگە يېتەرلىك دەرىجىدە مېھىر - مۇھەببەت يەتكۈزۈش، پەرزەنت تەربىيىلەشنى مەكتەپكە، يەسلىگە ئىتتىرىپ قويۇشتەك مەسىلىلەر كېلىپ چىقىپ، ئائىلىلەر بىر خىل كۆرۈنمەس ھالاكەتكە يۈزلەنمەكتە، ئاجرىشىش نىسبىتى ئۆرلىمەكتە. ئادەمنى يەنىمۇ ئەنسىرىتىدىغىنى، نۇرغۇن ئاياللار ئەرلەر بىلەن باراۋەر ئورۇنغا ئىگە بولغاندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ قانداق مەسئۇلىيەت، بۇرچنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا ئىنچىكە ئويلىنىپ كۆرمەي، ساددىلارچە ئەرلەر بىلەن باراۋەر بولغاچقا ھەرقانداق ئىشتا ئەر - ئايال ئوخشاش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك دېگەندەك قاراشلارنىڭ قۇلى بولۇپ قالماقتا. ئەرلەرنىڭ قەھرىمانلىقى، باتۇرلۇقى، ھەيۋەتلىكلىكى، مەردلىكى بىلەن ئەر ئىكەنلىكى، ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى، نازاكەتلىكى، ئەۋرىشىملىكى، مېھرىبانلىقى بىلەن ئايال ئىكەنلىكى، ئىككى جىنس ئوتتۇرىسىدا مۇشۇنداق ئۆزگىچە خاسلىقنىڭ مەۋجۇتلۇقى سەۋەبلىك، ئىجتىمائىيەتتە باراۋەر بولسىمۇ، مەسئۇلىيىتىنىڭ ئوخشاشمايدىغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىشى يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى ساقلانماقتا.
ئاياللار ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەرلەر قىلالىغاننى قىلالايدىغانلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ. لېكىن، ھەممە شەيئىنىڭ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئورنى ئوخشاش بولماسلىقتەك قانۇنىيەت نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلغاندا، ئاياللارنىڭ ئەڭ زور مەسئۇلىيىتى ۋە رولىنى جارى قىلدۇرۇش ماكانى يەنىلا ئائىلە بولسا كېرەك. ئائىلە جەمئىيەتنىڭ ئەڭ كىچىك ھۈجەيرىسى بولۇش بىلەن ئىنسانلارنىڭ ساغلام ئەقىل ۋە روھىي ھالەتتە چوڭ بولۇشىنىڭ يادروسىدۇر. ئاياللار ئائىلىدىن ئىبارەت مۇقەددەس ماكاندا ئۆز ۋۇجۇدىدا ئەسلىدىلا مەۋجۇت بولغان مېھرىبانلىق، ۋاپادارلىق، غۇرۇرلۇق بولۇشتىن ئىبارەت ئىنساننىڭ ھايۋاندىن پەرقلىنىدىغان ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكىنى ئەقىل - پاراسەت بىلەن يۇغۇرۇپ، ئۇنى قاردەك ئاق ھەم پاك سۈتى ئارقىلىق ئەۋلادنىڭ روھى ۋە جىسمىغا سىڭدۈرۈشتەك مۇقەددەس مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالغۇچىلاردۇر. بىر ئائىلىنى چۆرگىلەۋاتقان شارغا ئوخشاتساق، ئاياللار بۇ شارنىڭ ئوقىدۇر. ئايال كىشى ۋۇجۇدىدىكى ۋاپادارلىق، مېھرىبانلىق، غۇرۇرلۇق، ئەقىللىق بولۇش ھەم بۇ سۈپەتلەرنى ئەۋلادنىڭ ۋۇجۇدىغا سىڭدۈرۈشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ شارنىڭ ئوق مەركىزى بولۇشقا مۇناسىپتۇر. ئاياللار مانا مۇشۇنداق قۇدرەتلىك بولغاچقا بىزدە«ئاياللار بىر قولىدا بۆشۈكنى تەۋرەتسە، يەنە بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ» دېگەن ھېكمەت ئەجدادلاردىن ئۇدۇم بولۇپ كەلگەن. ئاياللار گۈزەللىك، ئەقىل - پاراسەت شاھى بولۇشتەك ماھىيەتنى ئۆزىدە ھازىرلىغاندا ئائىلە جەننەت كەبى تەڭداشسىزلىققا تولۇپ، بۇخىل مۇھىتتا چوڭ بولغان ھاياتلىق دەرىخىنى كۆكلەتكۈچىلەر  دۇنيانى ئۆز قولىدا چۆرگىلىتىپ، ئانا ئارزۇسىنى، مىللەت ئۈمىدىنى ئاقلىيالايدۇ. مانا مۇشۇ نۇقتىنى تونۇپ يېتەلىسەك، نۆۋەتتە، يۈكسەك تەرەققىي قىلغان غەربنىڭ جان قايغۇسى بولغان ئەخلاقنىڭ يىمىرىلىشى سەۋەبلىك ئائىلىنىڭ ئورنى تەۋرەپ قېلىۋاتقانلىقى، نوپۇس ئازلاپ بېرىش كرىزىسى، نىكاھسىز بالىلارنىڭ كۆپىيىپ بېرىشى، نە ئاتا، نە ئانا مېھرىگە قانمىغان ئاشۇ بالىلارنىڭ قەلبىدە مېھىر - مۇھەببەت چاڭقاقلىقىنىڭ تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىگە يەتكەنلىكى، پسىخىك نورمالسىزلىققا مۇپتىلا بولۇۋاتقانلىقى، ئۆزىمىزدە ھەممىنى ئەندىشىگە مۇپتىلا قىلىۋاتقان ئاجرىشىدىغانلارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى سەۋەبلىك نۇرغۇن ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ بارلىققا كېلىۋاتقانلىقىدەك ئاچچىق رېئاللىق ئۈستىدە ئويلىنىشقا مەجبۇر بولساق ئەجەب ئەمەس.


(ئاپتورلار: «تۇرپان گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە)

بۇ ئەسەرنى باشقىلارغا ئەۋەتىپ بېرىڭ، قوش چەكسىڭىز ئادرېس كۆچۈرىلىدۇ
      
ژۇرنىلىمىز باھاسى 7 يۈەن، قوش ئايلىق ژۇرنال، بىر يىللىق مۇشتەرى بولۇش باھاسى 42 يۈەن. ژۇرنىلىمىزنى سېتىۋالماقچى ياكى ھەر ۋاقىت مۇشتەرى بولماقچى بولسىڭىز، 24 سائەت ھەقسىز، ئالاھىدە قىزغىن مۇلازىمەت تېلېفونى: 13579800944 ، تېلېفون ئارقىلىق ژۇرنال سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، ئۈرۈمچى شەھەر ئىچى ھەقسىز ژۇرنال يەتكۈزۈش تېلېفونى: 13579800944 ژۇرنىلىمىز، توربەت توغرىسىدىكى ھەرقانداق مەسىلە ئۈستىدە مەسلىھەت سوراش تېلېفونى : 13579800944، ژۇرنىلىمىز باھاسى شىنجاڭ بويىچە ئەڭ ئەرزان، ئەگەر سېتىۋېلىپ رازى بولمىسىڭىز پۇلىڭىز قايتۇرۇلىدۇ.
تەۋسىيە ئەسەرلەر يېڭىلانغان مەزمۇنلار ئالاقىدار ئەسەرلەر
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 2-سانى مۇندەرىج...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھەققىنى بانكا كار...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 1-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 6-سانى نەشردىن ...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھا...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 5-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 4-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 لەڭمەندىن چىققان سې...
 «ئاغزى بىلەن مېڭىش»...
 نومۇس ۋە ئەقىدە
 بىز قانداق ياشاۋاتى...
 ئائىلە _ جەننەت، ئائ...
 ئەخلاقنىڭ جۇلاسى ۋە...
 دېھقانلار قاچان ھال...

تۇرۇپ باراتنىڭ تەرجىمىھ...

ھەسەنجان ئابدۇلئەھەد قى...

ئەركىن ئەبەيدۇللانىڭ تەر...

خەمىت نېغمەتنىڭ تەرجىمىھ...

يېڭى يىللىق سان نەشردىن...

2008-يىللىق 6-سان نەشردىن ...

ھەقسىز دەرسلىك، ھەقلىق «...

شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمى...

قازاق مىللىتى ۋە ئاق قۇ...

ژۇرنىلىمىز 6-سانى نەشردى...

ژۇرنىلىمىز 5-سانى نەشردىن...

ژۇرنىلىمىز 4-سانى مۇددەتت...
 تورداشلارنىڭ مۇنازىرىلىرى:
ئەسەرلەرگە قارىتا باھا، پىكىرلەر بولسا سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىگە قالدۇرۇڭ
ئەسەر، ئۇچۇر ئىزدىگۈچ
ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تور بېكىتىمىز ئىچىدىن لازىم بولغان مەزمۇننى تاپالايسىز
   
دوستانە ئەسكەرتىش نەشر ھوقۇقى تور بەتكە ئەجىر قىلغانلار تور بەت نەشر ھوقۇقى

国家级期刊 《中国民族》杂志,主管:

  国家民族事务委员会 主办:民族团结

  杂志社, 咨询电话:13579800944

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش
باش نازارەتچى:
مۇھەممەدسالىھ مەتروزى

تېخنىك، بەت ياسىغۇچى:
«جۇڭگو مىللەتلىرى»
ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى

گۈزەل سەنئەت ئىشخانىسى

Copyright © 1996 - 2013
www.Seltenet.com
All Rights Reserved
新ICP备05001492号