ئۆزۈم دېھقان بالىسى بولغانلىقىم، مۇخبىرلىق قىلىش جەريانىدا دېھقانلار بىلەن داۋاملىق ئارىلىشىپ ئۆتكەنلىكىم ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكى، سەمىمىيلىكى، مېھماندوستلۇقى ماڭا ئايان ئىدى. يېقىندا، ماڭا تەسىر قىلغان ئىككى ئىش بۇ قارىشىمنى يەنىمۇ كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، دېھقانلارغا بولغان ھۆرمىتىمنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى ۋە ئۆزىمىز ھەققىدە ئەپسۇسلۇق ئىلكىدە ئويلىنىشىمغا سەۋەب بولدى. يېقىندا ئائىلەمدىكىلەرنى ئېلىپ، يېزىدىكى بىر دوستۇمنىڭ ئۆيىگە دەم ئېلىش ئۈچۈن باردىم. بۇ دەل ئۈرۈك پىشقان مەزگىل بولغاچقا، دوستۇم قوشنا مەھەللىدىكى تۇغقانلىرىنىڭ بىر ئۈرۈكلۈك بېغى بارلىقىنى ئېيتىپ، بىزنى شۇ يەرگە باشلاپ باردى. 65 ياشلار چامىسىدىكى پاكىز قېرىغان، مېھرىبان ئەر-ئايال ساھىبخان بىزنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. بىزنىڭ مەقسىتىمىز ئۈرۈكلۈك باغنى سەيلە قىلىش بولسىمۇ، ساھىبخانلار ئۇنىمىغىنىمىزغا قويماي ئۆيىگە باشلاپ، چاي تەييارلىدى. بىزنى ئىززەت-ئېكرام بىلەن كۈتۈۋېلىپ، گۇڭۇر-مۇڭۇر پاراڭلىشىپ، قەلبىمىزگە بىر خىل مېھىر-مۇھەببەت تۇيغۇسى بەخش ئەتتى. گەپ ئارىلىقىدا ئەر ساھىبخان: «خەلقىمىزدە، ئۆيۈڭگە ئۈچ كۈن مېھمان كىرمىسە، ئۇ يەردىن كۆچۈپ كەت دەيدىغان گەپ بار، سىلەرنىڭ ئۆيىمىزگە مېھمان بولۇپ كىرگەنلىكىڭلاردىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم» دېدى. مەن ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن قاتتىق تەسىرلەندىم. ئۈرۈكلۈك باغدىكى شەربەتلىك ئۈرۈكلەرگە ئېغىز تېگىپ چىققىنىمىزدا، ساھىبخان بىزنى باشلاپ بارغان دوستىمىز بىلەن تالاش-تارتىش قىلغىلى تۇرۇپتۇ. ئەسلىدە ئۇ ئېغىلدىكى پاقلىنىدىن بىرنى سويۇشقا تەرەددۇتلانغان ئىكەن. بىز مىڭ تەستە ساھىبخاننى توسۇۋېلىپ، ئۇنىڭغا قايتا-قايتا ئۆزرە ئېيتىپ خوشلىشىپ قايتىپ چىقتۇق. يەنە بىر كۈنى چوڭ شەھەردە ياشايدىغان بىر دوستىمىز ئاپىسىنى ئېلىپ، بىزنىڭ يۇرتقا ساياھەت قىلغىلى كەلدى. بىز دوستىمىزنىڭ بۇ مېھرىبان ئانىسىغا يۇرتىمىزنىڭ يېزىلىرىنى، باغلىرىنى كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن بىر تونۇشىمىزنىڭ يول باشلىشى بىلەن خىلۋەت كەنتتىكى بىر باغقا قاراپ يولغا چىقتۇق. قەدىمكى كارىز بويىغا جايلاشقان كۆجۈم مەھەللىدىكى بىر بۈك-باراقسان ھويلىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىغىنىمىزدا، ياش دېھقان ئەر-ئايال ئالدىمىزغا چىقىپ بىزنى تەۋەززۇ بىلەن كۈتۈۋالدى. ئايال ساھىبخان دوستىمىزنىڭ ئاپىسى بىلەن كونا تونۇشلاردەك يۈز يېقىپ كۆرۈشتى ۋە بىزنى ھويلىدىكى سالقىن باراڭ ئاستىغا سېلىنغان كۆرپىلەرگە باشلىدى. ھاۋا ئىسسىق بولغاچقا، ساھىبخان تۇتقان سوغۇق چاي تەنلىرىمىزگە ئارام بېغىشلاپ، ھاردۇقىمىزنى چىقىرىپلا قويدى. ھويلىنىڭ كەينىدىكى بىر يېرىم مو كۆلەمدىكى ئۈرۈكلۈك باغ بۇ تىرىشچان ياش دېھقاننىڭ ئەجرى بىلەن ئاجايىپ ياشناپ كەتكەن، باغدا 6-7 خىل ئۈرۈك سورتى بار ئىدى. ئۈرۈكلەر مەي باغلاپ پىشىپ كەتكەن، باغنىڭ ئىچىدىن بىر ئېرىقتا سۈزۈك ئۆستەڭ سۈيى ئېقىپ تۇرغان بولۇپ، كىشىگە ھەقىقىي سەھرا لەززىتىنى، جەننەت ھۇزۇرىنى بېغىشلايتتى. بىز خالىغان ئۈرۈكلەردىن ئۈزۈپ يەپ، ساھىبخانلار بىلەن ئۇرۇق-تۇغقانلاردەك ئازادە پاراڭلىشىپ، ئىنتايىن خۇشال كەيپىياتقا چۆمۈلدۇق. ماڭار ۋاقتىمىزدا ساھىبخان ئۇنىمىغىنىمىزغا قويماي، بىر يەشىك ئۈرۈكنى ماشىنىمىزغا سېلىپ قويدى. يولدا كېلىۋاتقۇچە قەلبىمنى چوڭقۇر ھاياجان، كاللامنى تۈگىمەس ئوي ئىلكىگە ئالدى. يۇقىرىقى ئىككى ئائىلىگە قىلغان زىيارىتىم چاڭ بېسىپ كەتكەن پاكىز تۇيغۇلىرىمنى دولقۇنلىتىپ، بۇ سۆيۈملۈك دېھقانلارغا بولغان قايىللىقىم، ھۆرمىتىم، سۆيۈنۈشۈمنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى. مېنى «ئۇلار ئۈچۈن قانداقلا ياخشى ئىش قىلىپ بەرسەم ئەرزىيدىكەن» دېگەن تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويدى. بىز بۇ كىشىلەر بىلەن ئەزەلدىن تونۇشمايمىز، بۇنىڭدىن كېيىن قايتا ئۇچرىشالماسلىقىمىزمۇ مۇمكىن، ئۇلار بىلەن قىلچە پايدا-مەنپەئەت مۇناسىۋىتىمىزمۇ يوق، ھەتتا ئۇلار بىزنىڭ كىملىكىمىزنى، نېمە مەقسەتتە كەلگەنلىكىمىزنىمۇ بىلمەيدۇ. بىراق، ئۇلار بىزنى بوسۇغىسىدىن «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دەپ ئاتلىغان ھەرقانداق كىشىنى شۇنچە قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ، ئۆيىدە بارىنى مېھمانلارنىڭ ئالدىغا تۆكىدۇ، شۇنچە ئىززەت-ئېكرام، مېھرىبانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلارنىڭ قەلبىدە ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان مېھماننى ئۇلۇغلاشتىن ئىبارەت ئېسىل ئەنئەنە پارلاپ تۇرىدۇ. «مېھمانلىق ئۆيگە بەرىكەت ياغىدۇ» دەيدىغان قاراش ئۇلارنى مەڭگۈ ئىلھاملاندۇرىدۇ. مانا بۇ ئاق كۆڭۈل، سەمىمىي، جاپاكەش دېھقانلىرىمىزنىڭ ئۆڭمەس خىسلىتى، مەڭگۈ قەدىرلەشكە تېگىشلىك بولغان ئۇلۇغ پەزىلىتى. بىر قىسىم كىشىلىرىمىز شەخسىيەتچىلىك، مەنپەئەتپەرەسلىكنىڭ ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قېلىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە بۇ خىل سەمىمىيلىكنى ھەقىقەتەن قەدىرلەشكە، ئۇلۇغلاشقا، مەدھىيىلەشكە ئەرزىيدۇ. لېكىن، بىر قىسىم قارا كۆڭۈللەر ئاشۇ ئەزىز دېھقانلىرىمىزنى ھاقارەت قىلىشقا، تۈرلۈك ھىيلە-مىكىرلەر ئارقىلىق ئانى تېپىشقا، ئۇلارنىڭ بۇ پەزىلىتىنى «ئەخمەقلىق» دەپ مەسخىرە قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. بۇ خىل ئىچى زەھەر كىشىلەرگە لەنەتلەر ياغسۇنكى، تىلى تۇتۇلۇپ قالسۇنكى، مۇشۇ خىل ئېسىل «ئەخمەقلىق» مەڭگۈ ياشنىسۇن! ھازىر پەقەت دېھقانلىرىمىزدىلا ساقلىنىپ قالغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۇ خىل ئېسىل پەزىلەتلىرى ئەگەر بىزگە ئوخشاش ئەۋلادلارنىڭ ھەممىسىدە ئۆز سېھرىنى نامايان قىلغان بولسا، جەمئىيىتىمىز ئاجايىپ ئىللىقلىققا، مېھىر-مۇھەببەتكە، ئاسايىشلىققا، ئۆملۈككە تولغان بولاتتى. مىڭ ئەپسۇس، بىز ھازىر بوسۇغىمىزدىن مېھمان كىرىپ بولغۇچە، ئۇنىڭ قايسى مۇددىئا بىلەن كىرگەنلىكى ھەققىدە تەگسىز خىياللارغا پېتىپ كېتىمىز. بۇ خىياللارنىڭ يېشىمگە ماسلىشىپ، چىرايلىرىمىزنى مىڭ خىل ئۆزگەرتىپ، سۈنئىي تەكەللۇپلار بىلەن مېھماننى ئۇزىتىشقا ئالدىرايمىز. ۋادەرىخا، «مېھمان كىرگەن ئۆيگە پەرىشتە كىرىدۇ» دېگەن ئۇدۇمىمىز نەگە كەتتى؟ ئاق كۆڭۈل، سەمىمىي دېھقانلىرىمىزنىڭ مېھماندوستلۇقىدىن، سەمىمىيلىكىدىن، ئىنسانىي پەزىلىتىدىن ئۈلگە ئالايلى، ئۇلارنىڭ ئۇلۇغ «ئەخمەقلىقى»دىن ئۆگىنەيلى، بۇ خىل«ئەخمەقلىق» مەڭگۈ ياشنىسۇن!
(ئاپتور: »تۇرپان گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە)
|